خەندان |
2014-04-14 17:23 |
سىر ساقلىماق
تەربىيلىك ئاياللار چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ ، ئۆز ئېرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن ، سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ . سىرى پاش بولغان كىشى كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ ، بەلكى بالدۇر يېتىلمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش زىيانلا كەلتۈرىدۇ . سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈل ، ئاچقۇچى تىلدۇر . ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى ياخشى ساقلىمىغان ۋە كۆڭۈل ئاچقۇچى بولغان تىلنى ياخشى ساقلىمىغان كىشى شەكسىز چوڭ ئەخمەق . ھالبۇكى ، سىر ساقلىمىغانلىق شەرىئەت قانۇنىدىمۇ چوڭ گۇناھ . دېمەك ، ئەرنىڭ سىرىنى بىلىپ ، ئۇنى ياخشى ساقلىماي ، بەلكى ياتلارغا پاش قىلغۇچى ئايال ھەم ئېرىگە ، ھەم شەرىئەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ . ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلىماي ، ئىككىنچى بىر كىشىگە سۆزلەپ << سىزگىلا دېدىم ، باشقىلارغا پەقەت ئېيتماڭ >> دېگەن كىشى دۇنيادىكى ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرسىدۇر . چۈنكى ، ئۆز سىرىنى ساقلاشقا كۈچى يەتمەي سۆزلىگەن بولسا ، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى قانداق ساقلىسۇن ؟ كونىلار << كىشىلەرنىڭ 100 لېگەن ئالتۇننى ساقلاشتىن بىر ئېغىز سۆزنى ساقلاش تەس >> دېگەن ئىكەن . سىر ساقلىيالماسلىقى مەلۇم بولغان كىشىلەرگە باشقىلار ئىشەنمەيدۇ . بۇنداقلارنىڭ خەلىق ئارىسىدا ئىناۋىتىمۇ قالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۆز ئېرىنىڭ سىرلىرىنى ياخشى ساقلىمىغان ئايال ياخشى ئايال بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر . ئەگەر بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى سېزىپ << ئۇنىڭغا سىرنى بلدۈرگىلى بولمايدىكەن >> دەپ دۈشمەنلىرىدىن سىر ساقلىغاندەك ، ئۆز سىرىنى ئايالىدىن يوشۇرۇپ يۈرسە ، ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئەر _ خوتۇن بولۇپ ياشىشىدىن قانداق لەززەت ۋە راھەت بولسۇن ؟ سىر ساقلىغۇچى ئايالغا ئېرىنىڭ مۇھەببىتى كۈنسىرى ئېشىپ بارىدۇ . شۇڭا ، ئېرىنىڭ سىرىنى ياخشى ساقلاش تەربىيلىك ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇچلىرىدىن بىرى . |
|