kumush |
2014-04-14 16:11 |
9يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(مورفولوگىيە)
9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( مورفولوگىيە ) (2013-يىللىق) ئۇيغۇر تىلىدىكى مورفولوگىيەلىك چۈشەنچىلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان بىر گۇرۇپپا:. ①.Aسۆز تۈركۈملىرى سۆزلەنرىڭ كېكسىكىلىق مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن تۈرگەرگە بۆلۈنۈشى بولغاچقا، تىلىمىزدىكى لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلاتمايدىغان ياكى جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان سۆزلەرنى سۆز تۈركۈملىرىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. » ②ئىشەنچ- ئېتىقاد ئادەمنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، ئۇ ئادەمنى تۈرلۈك بالايىئاپەتتىن قوغداپ قالىدىغان مۇستەھكەم يېپىنچا»دېگەن جۈملىدە ياسالما سۆزدىن تۆتى بولۇپ، ئۇلاردىن ئىككىسى ئىسىم، ئىككىسى سۈپەتكە تەۋە. جۈملىدە يەنە جۈپ سۆزمۇ ، بىرىككەن سۆزمۇ قوللىنىلغان. » ①.Bبىز تار يول بىلەن لەمپىلىك پەشتاققا قاراپ ماڭدۇق. سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ قىپقىزىل گۈللەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ، كىچىكرەك ئورۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇردۇق» دېگەن جۈملىدە بەش سۈپۈەت بولۇپ، ئۇلردىن بىرى ياسالما سۈپەتتۇر. جۈملىدىكى سۈپەتلەر ئەسلىي دەرىجىدە، ئاشۇرما دەرىجىدە ۋە سېلىشتۇرما دەرىجىدە كەلگەن. » ②دانالار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىنى مۇنداقلا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئىشتا غايىسىنى چىقىش قىلىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئالماشلار ئۆزلۈك ئالمىشى ، كۆرسىتىش ئالمىشى، شەخسلىك ئالمىشى ۋە سوئال ئالمىشىدۇر. جۈملىدىكى ئۆزلۈك ئالمىشى 2- شەخس ، كۆپلۈك ، ھۆرمەت تۈرىدە كەلگەن. » ①.Cبۈگۈنكى پائالىيەت سائەت سەككىزلەردە باشلاندى. مەكتىپىمىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار بەشتىن-ئالتىدىن بۆلۈنۈپ جەمئىي ئون گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. ئۈمىد بىلەن ئىككىمىز بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق» دېگەن جۈملىدە ساناق ساندىن ئۈچى ، تەقسىم ساندىن بىرى، كەسىر ساندىن بىرى، ئالماش ساندىن بىرى قوللىنىغان. جۈملىدىكى مىقدار قوللىنىش دائىرىسىدىن خاس مىقدار ، باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىشىدىن شەيئىي مىقداىدۇر. »②ۋال-ۋۇل چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يامغۇر شار-شۇر يېغىش بىلەنلا سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ بېسىقتى» دېگەن جۈملىدە ھالەت تەقلىدىدىن بىرى، ئاۋاز تەقلىدىدىن ئىككىسى بار، جۈملىدىكى بىر ياسالما سۆز تەقلىد سۆزدىن ياسالغان. جۈملىدە يەنە شەخسسىز پېئىلدىن رەۋىشداش بىلەن ئىسىمداشمۇ بار. » ①.Dھەمىشە باشقىلارنىڭ پىكرى بىلەنلا ئىش قىلىدىغانلار ھەرگىزمۇ ئالدىغا ماڭالمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا قەتئىي ئىرادە كەمچىل» دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشىدىن بىرى، ئورۇن رەۋىشىدىن بىرى، دەرىجە رەۋىشىدىن ئىككىسى قوللىنىلغان. جۈملىدىكى شەخسلىك پېئىل بولۇشسىز شەكىلدە ، كېلىدىغان زاماندا، بايان رايىدا كەلگەن. »②سەمىمىيەت گەرچە دوستلۇقنى كۈچەيتسىمۇ، ئەمما ئۇنى دىل ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەشكە دىققەت قىل» دېگەن جۈملىدە بەش يارىدەمچى سۆز بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يۈكلىمە، بىرى تىركەلمە، ئۈچى باغلىغۇچىدۇر، بۇ باغلىغۇچىلاردىن بىر بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچىغا تەۋە. (2012-يىللىق) سۆز تۈركۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىلىرىنىڭ تولۇق گۇرۇپپىلانغىنى : A . ① سۆزلەرنىڭ تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈشى ۋە ئۇلارنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسيىتى مورفولوگىيەنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى ، شۇڭا سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ، تۈرلىنىشى ۋە سۆز مەنىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلساق ،بۇ مورفولوگىيەگە تەۋە بولىدۇ . ② « بىلىملىك كۆزلىگەن تىلەككە يېتەر ، بىلىمسىز يول ئىزدەپ ئارماندا كېتەر » دېگەن جۈملىدە بەش ياسالما سۆز بولۇپ ، بۇلاردىن ئۈچىنىڭ تومۇرى پېئىل ، ئىككىسىنىڭ تومۇرى ئىسىم ، ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىككىسىگە سۆزياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئارقىمۇ ئارقا قوشۇلغان . B . ① ئۆزىنىڭ ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتىدىغان ئادەم ئۆزىنى ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا ئۇرمايدۇ »دېگەن جۈملىدىكى ئالماشلار مەنىسىدىن ئۆزلۈك ئالمىشى ، بەلگىلەش ئالمىشى ۋە بولۇشسىزلىق ئالمىشىدۇر . جۈملىدە شەخسسىز پېئىلدىن سۈپەتداش بار . ② « سىنىپىمىزدىكى كىچىك قىرائەتخانىغا ئوقۇغۇچىلار تۆتتىن -بەشتىن كىتاب تەقدىم قىلىشتى . ھازىرغىچە جەمئىي 65پارچە كىتاب يىغىلدى ، ئەمەت بىلەن ئىككىمىز بۇ كىتابلارنىڭ ئون نەچچە پارچىسىنى ئوقۇپ بولدۇق » دېگەن جۈملىدەتەقسىم سان ، ساناق سان ، كىشىلىك سان ۋە مۆلچەر سانلار بار . جۈملىدىكى مىقدارلاركېلىش مەنبەسىدىن خاس مىقدار ، باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىشىدىن شەيئى مىقداردۇر . C . ① « جاپا بىلەن ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن كىشىنىڭ ھەققىنى يۈز تىللا بىلەنمۇ ئادا قىلالمايسەن »دېگەن جۈملىدە ياردەمچى سۆزدىن ئۈچى بولۇپ ، ئۇلار تىركەلمە ۋە يۈكلىمىگە تەۋە .جۈملىدە بىر تىركەلمە سان- مىقدار بىرىكمىسى بىلەن بىرىكىپ ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن . ② « ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ، كۈننىڭ يالتىراپ تۇرغان نۇرى ئاستىدا قىزىل ، سارغۇچ ، ئاپئاق گۈللەر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا » دېگەن جۈملىدە ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتتىن ئىككىسى ، ئەسلى دەرىجىدىكى سۈپەتتىن بىرى ، كېمەيتمە دەرىجىدىكى سۈپەتتىن بىرى بار . بۇ سۈپەتلەردىن بىرى خەۋەر ۋەزىپىسىدە ، قالغانلىرى ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن . D . ① ئۆزىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرىنىڭ يوقلىقى ، جۈملىنىڭ ھەممە بۆلىكى بولالايدىغانلىقى ۋە جۈملىدە ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ كېلەلەيدىغانلىقى ئالماش بىلەن سانلارغا ئورتاق گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتتۇر . ② « دۈشمەنگە ھەرگىز بىخود بولما ، ئۇنىڭغا قەتئىي يېقىنلاشما ، نېرى تۇر ، سەن ئۇنى بىخودلاشتۇرۇپ ، تۇيۇقسىز زەربە بەر » دېگەن جۈملىدە ئورۇن رەۋىشىدىن بىرى ، ھالەت رەۋىشىدىن بىرى ، دەرىجە رەۋىشىدىن ئىككىسى بولۇپ ، جۈملىدىكى شەخسلىك پېئىللار بۇيرۇق رايىدا كېلىدىغان زاماندا كەلگەن . (2011-يىللىق) مورفولوگىيە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىلىرى تولۇق گۇۇرۇپپىلانغىنى: ①سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەي،مەلۇم گرامماتىكىلىق مەنە قوشىدىغان قوشۇمچە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە دېيىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ھەممىسى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. ② ‹‹ياخشىلار بىلەن سۆھبەتتە بولساڭ ئىشلىرىڭ ياخشىلىقتىن روناق تاپار ››دېگەن جۈملىدە سۈپەتتىن ئىككىسى بار بولۇپ،ھەر ئىككى سۈپەت ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلغان. ③ ‹‹باشقىلارنىڭ ئەيىبىگە نەزەر سېلىپ،ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئىبرەت ئال››دېگەن جۈملىدە ئۈچ ئالماش بولۇپ،ئۇلارنىڭ بىرى بەلگىلەش ئالمىشى،بىرى شەخس ئالمىشى، يەنە بىرى ئۆزلۈك ئالمىشىدۇر. ④ ئاۋال بىلىپ،ئاندىن سۆزلە،ئاۋال تېپىپ ،ئاندىن خەجلە››دېگەن بۇ جۈملىدە جەمئىي سەككىز سۆز بار بولۇپ ،بۇلاردىن تۆتى پېئىل،بۇ پېئىللارنىڭ ئىككىسى شەخسلىك پېئىل،ئىككىسى شەخسسىز پېئىلدۇر،بۇنىڭدىن باشقا،يەنە تۆت رەۋىش بار بولۇپ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىت رەۋىشىدۇر. ⑤ ‹‹راستچىللىقنىڭ شېرىن ئىكەنلىكىنى تېتىمىغان ياكى تېتىشنى خالىمىغان كىشى ئۇنى سۆيمەيدۇ›› دېگەن جۈملىدە ياسالما سۆزدىن ئىككىسى بار بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى ياردەمچى سۆزدىن ياسالغان. ⑥‹‹بىلىمىم كۆپەيسۇن دېسەڭ كۆپ كىتاب كۆر››دېگەن جۈملىدىكى ئىككى ئىسىمنىڭ بىرىگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئارقىمۇئارقا ئۇلانغان. A.①③⑥ B.①③④ C.②③⑤ D.③⑤⑥ (2010- يىللىق ) سۆزلەرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپپلانغىنى ( ) ①بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ھەر بىر سۆز ئۆز مەنىسىنى يۇقىتىپ ، بىر ئورتاق مەنىنى بىلدۈرىدۇ .ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە بىرىكمىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ②« ئارسلان يىرىتقۇچلىقى ، ئادەم ئەقىل - پاراسىتى بىلەن، ئەدەپ- ئەخلاقى بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ »دېگەن جۈملىدە تۈپ سۆزدىن تۆتى ، ياسالما سۆزدىن ئۈچى ، ياردەمچى سۆزدىن ئىككىسى بار . ③« ئەدەپلىك كىشى خىسلەتلىك تىۋىپقا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش كۆڭۈلدىكى غەمنى قوغلايدۇ » دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئېنىقلىغۇچىلارنىڭ ئىككىسى سۈپەتتىن ، بىرى ئىسىمدىن كەلگەن . شەخىسلىك پىئېلدىن ئىككىسى ، شەخىسسىز پىئېلدىن بىرى بار ، ياردەمچى سۆزلەردىن تىركەلمە قوللىنىلغان . ④« تۆنۆگۈن ئۇلار تېز مېڭىپ ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى » دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشى ، ھالەت رەۋىشى ، ئۇرۇن رەۋىشلىرىدىن بىردىن بار ، جۈملىدىكى ئالماشلار بىر تۈرگە تەۋە ، جۈملىدە ياردەمچى پىئېلدىن بىرى بار . ⑤« كېسەل پاتمانلاپ كېرىپ مىسقاللاپ چىقىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى رەۋىشلەر مىقداردىن ياسالغان . جۈملىدە شەخسسىز پىئېللاردىن ئىسىمداش بار . ⑥« مەن1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، مەكتىپىمىز 1958- يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ھازىر 1380 نەپەر ئوقۇغۇچى ، 31 سىنىپ بار . مەكتەپ كۆلىمى 70مودەك كىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ياتاقتا ياتىدۇ ، ھەر يىلى يۈزلەپ – يۈزلەپ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ماڭىدۇ ، بۇلتۇر بەشەيلەن بېيجىڭغا ئوقۇشقا ماڭدى ، ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ ئاكام » دېگەن جۈملىدە ساناق سان، مۆلچەر سان ، تەرتىپ سان ، كەسىر سان،تەخسىم سان ، رەۋىش سان ، كىشلىك سان ، ئالماش سانلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغان . A.①③④ B.③⑤⑥ C. ①②⑤ D.②④⑥ (2009- يىللىق ) سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى ( ) ①« كىشىگە ياخشىلىق قىل يامانلىق قىلما » دېگەن جۈمىلىدە سۈپەتتىن ياسالغان ئىسىمدىن ئىككىسى بار . ②« ئەگرى ئىش كىشىگە غەم - ئەلەم كەلتۈرەر » دېگەن جۈملىدە تۈپ سۈپەتتىن بىرى ، جۈپ سۈپەتتىن بىرى بۇلۇپ، ھەر ئىككى سۈپەت ئەسلى دەرىجىدە كەلگەن . ③« كەنجى ، مۆمىنجان قاتارلىق ئالتەيلەن ئىككىدىن – ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ ، بىرىنجى قېتىملىق ۋەزىپىنى يېرىم كۈندە %90 ئۇرۇنلاپ ، سائەت بەشلەردە مەشرەپكە ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلدى » دېگەن جۈملىدە كىشلىك ساندىن بىرى ، تەخسىم ساندىن ئىككىسى ، تەرتىپ ساندىن بىرى ، كەسىر ساندىن ئىككىسى ، ئالماش ساندىن بىرى بار . ④«كىمكى ئۆزىنى ماختىسا بۇ ئەخمەخلىقتۇر » دېگەن جۈملىدە سۇئال ئالماشتىن بىرى كۆرسىتىش ئالماشتىن بىرى ۋە ئۆزلۈك ئالماشتىن بىرى بار . ⑤«ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، ئارقىسىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتى » دېگەن جۈملىدە رەۋىشتىن ئۈچى بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى تەقلىد سۆزدىن ياسالغان رەۋىشتۇر . ⑥« ئۇ توپ ئويناۋېتىپ يىقلىپ كەتتى » دېگەن جۈملىدىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل پېئىللاردۇر . A.①③⑥ B.②③⑤ C.②④⑥ D.①④⑤ (2008- يىللىق ) 3. تۆۋەندىكىلەردىن مورفولوگىيە ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا ھۆكۈملەرنىڭ تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى:( ) ①« كەمچىلىك ۋە خاتالىقنى تۇنۇغان كشى بەختلىك كىشىدۇر » دېگەن جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن سۆزنىڭ بىرى ياسالما سۈپەت ، يەنە بىرى سۈپەتداش . بۇ جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى تۈپ ئىسىمدىن ،تولدۇرغۇچىسى ياسالما ئىسىمدىن كەلگەن . ②« ھەممەيلەنگە ئايانكى ، باشقىلارنى چۈشىنىش ئاسان ، ئەمما ئۆزىنى چۈشىنىش تولىمۇ تەس ، دوستۇم ، چۈشىنىش — قاراڭغۇلۇقتىكى ماياكتەك باشقىلارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ » دېگەن پارچىدا جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن بىردىن بار ، ئاستى سىزىلغان جۈملىنىڭ خەۋىرى قوشما پېئىلدىن تۈزۈلگەن . ③« مەشئەلچىلەر 29- نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولېمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىقى 985گرام كېلىدىغان مەشئەلنى كۆتۈرۈپ ، ھەر 200 مېتىر ئارىلىقتا بىر قېتىم ئالمىشىپ يۈگۈرىدۇ» دېگەن جۈملىدە خاس مىقداردىن تۆتى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچى شەيئى مىقدارى ، بىرى ھەركەت مىقدارىدۇر . كۆچمە مەنىدە كەلگەن مىقداردىن ئىككىسى بار . ④پىئىللارنىڭ مەجبۇرى دەرىجىسى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پىئىل ئۈزەكلەرىگە « –دۇر ، -دۈر ، -تۇر ، -تۈر » قۇشۇمچىلىرنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ . ⑤« بېرىلىپ ئاڭلىسا ئەل يېپىشىدۇ ، تۇلا سۆزلىسە خەلق قېچىشىدۇ » دېگەن ماقالدا بىر گۇرۇپپا مەنىداش سۆز بار . قارمۇ - قارشى مەنىدە كەلگەن بىر گۇرۇپپا سۆز خەۋەر رايىدا كەلگەن . ⑥« ئۆمۈرنىڭ بۈگۈن – ئەتىسى مەلۇم ئەمەس ، ھەتتا بۈگۈن كەچكىچە نېمە بۇلىدۇ ، بۇمۇ ئېنىق ئەمەس » دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشىدىن تۆتى بار . ياردەمچى سۆزدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىرى كۈچەيىتكۈچى باغلىغۇچى ، يەنە بىرى يۈكلىمە . A.②③⑥ B.①⑤⑥ C.②④⑤ D.①④⑤ (2007- يىللىق ) سۆزنىڭ گراماتكىلىق خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى ( ) ①« تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ سىرلىقلىقىدا ئىپادىلىندۇ » دېگەن جۈملىدە سۈپەتتىن ياسالغان ئىسىم ئىگە ، ئىسىمدىن ياسالغان پىئېل خەۋەر بولغان . بىر سۆزگە ئوخشاش بىر قۇشۇمچە ئارقىمۇئارقا ئۇلۇنۇپ ئىسىمدىن سۈپەت ، سۈپەتتىن يەنە ئىسىم ياسالغان . ②« دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچاق كىشى ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ يۇرىدىغان ئادەم » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسىمۇ ، خەۋىرىمۇ ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە تەۋە بۇلۇپ ، « دۇنيادىكى » دېگەن سۆز جۈملىدە ئۇرۇن ھالىتى بولغان . ③« قەلبىنى گۈزەل سۈپەت ۋە خۇلۇقلار بىلەن بېزىمىگەن ئادەم ھەر قانچە چىرايلىق كىيىنسىمۇ بەرىبىر گۈزەل بۇلالمايدۇ » دېگەن جۈملىدىكى « قەلبىنى » دېگەن سۆز جۈملىنىڭ خەۋىرى بىلەن باشقۇرۇش باغلىنىشىتا كېلىپ تولدۇرغۇچى بولغان . ④« تۇنجى قېتىم زەربە يىگىنىڭدە سەۋرچان بول » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى ئالماش بۇلۇپ ، جۈملىدە شەخىسسىز پىئېل ئۇرۇن كېلىشتە كىلىپ ھالەت بولغان . ⑤« غەيۋەت قۇلاقتىن كىرىپ ئېغىزدىن تارقىلدۇ » دېگەن جۈملىدە ئىسىمدىن ئۈچى ، پىئېلدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ھەر ئىككىلا پىئېلنى جۈملىنىڭ خەۋىرى بولغان دېگىلى بولمايدۇ . ⑥« ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل .» دېگەن جۈمىلىدە سۈپەتمۇ ، رەۋىشمۇ ھالەت بولغان . A.①③⑥ B.②④⑤ C.①④⑤ D.④⑤⑥ (2006- يىللىق ) تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى سۆزلەرنىڭ گراماتكىلىق خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى خاتا گۇرۇپلانغىنى ( ) A « ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ھۆسنىدە ئەمەس » دېگەن جۈملىدە بىر ئىسىم ئېنىقلىغۇچى ، بىر ئىسىم خەۋەر . سۈپەتتىن ياسالغان يەنە بىر ئىسىم ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن . B.« ئۇ تۈنگۈنكى مۇسابىقىدە مەقسەتلىك ھالدا ئارقىغا چېكىنىپ يان تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.» دېگەن جۈملىدە بىر ھالەت رەۋىشى ، بىر مەقسەت رەۋىشى، ئىككى ئورۇن رەۋىشى،بىر ۋاقىت رەۋىشى ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن. C.« ئوقۇتقۇچى قىپقىزىل قېنىدىن ئاپپاق سۈت ئايرىپ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئېزىز ئانا » دېگەن جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن تۆت سۆز بولۇپ،ئىككىسى ئاشۇرما دەرىجىدە كەلگەن.ئەسلى دەرىجىدە كەلگەن ئىككى سۈپەتنىڭ بىرى ياسالما سۈپەتتۇر. D.« تىنچلىق،ئىناقلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ تىرىشقاندىلا، ھاياتتا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ .» دېگەن جۈمىلىدە بىر رەۋىشداش بىلەن بىر سۈپەتداش بىرىكىپ ھالەت ۋەزىپىسىنى،بىر رەۋىشداش خەۋەر ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . (2005- يىللىق ) سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىلىرى تۇلۇق گۇرۇپلانغىنى ( ) ①« ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قەھرىتان قىش قۇچىقىدا تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان يېپيېڭى باھارنى ئويغاتتى » دېگەن جۈملىدە ئەسلى دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن ئىككىسى،ئەركىلەتمە دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن بىرسى،ئاشۇرما دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتىن بىرسى بار. ②« تىلەيمەنا تىلەيمەن ياخشى تىلەك سىلەرگە،سىلەر كۆكتە مەن پەستە خامان تېپىپ يانساممۇ » دېگەن مىسرالاردا ئورۇن رەۋىشىدىن بىرسى،شەخسلىك ئالمىشىدىن ئىككىسى،شەخسىز پېئىلدىن بىرسى،شەخسلىك پېئىلدىن ئۈچى،تۈپ ئىسىمدىن ئىككىسى بار. ③« تۈنۈگۈن ئۇلار تېز مېڭىپ،بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى» دېگەن جۈملىدە بىر ۋاقىت رەۋىشى،بىر ھالەت رەۋىشى،بىر ئورۇن رەۋىشى بار. ④« كىمدۇر بىرى بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى » دېگەن جۈملىدە ئۈچ ئالماش بۇلۇپ ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سوئال ئالمىشى،كۆرسىتىش ئالماش ۋە شەخسلىك ئالماشتىن ئىبارەت. ⑤« تەخمىنەن 300ئىشچى 40 كۈن جاپالىق ئىشلەپ،1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنىڭ 3\2قىسمىنى غەلبىلىك تاماملىدى» دېگەن جۈملىدە ساناق سان، تەرتىپ سان، كەسىر سان، مۆلچەر سانلاردىن بىردىن بولۇپ، ھەممىسى جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلىكى بولۇپ كەلگەن. ⑥« تەۋرىنىپ تۇرىدىغان روھتا مۇكەممەللىك بولمايدۇ» ،« دۇنيا ئۆزىدىكى خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەر بىلەن گۈزەلدۇر»دېگەن ھەر ئىككى جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەردە ھەم گىرامماتىكىلىق ھەم لېكسىكىلىق مەنە بار،دىگىلى بولمايدۇ ⑦رەۋىشلەر ئۆزىگە خاس گىرامماتىكىلىق كاتىگورىيىگە ئىگە . ئۇلار ئىسىم ۋە سۈپەتكە خاس قوشۇمچىلار بىلەن سېستىمىلىق ھالدا تۈرلىنىپ، ھەر خىل گىرامماتىكىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. A.①③⑤⑥ B.②③⑤⑥ C.①③④⑦ D. ②③⑥⑦
|
|