tawpek |
2014-04-13 21:30 |
كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز ... زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(27) #f24a?n| >pLJ ,
Z 11. كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز ......................... زۇلپىقار بارات ئۆزباش ژانىرى ـــ مۇھاكىمە ماقالىسى 1b3k|s4 G6zFQ\&f زۇلپىقار بارات ئۆز باش ــ 1976-يىلى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. جەمئىيەتشۇناس. ئۇنىڭ «سەرخوش ئېنگىلىز تىلى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. بۇ پارچە ئۇنىڭ «رېئاللىق ۋە كىملىك›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. jDb\4QyC مىللىي كىيىم-كېچەك مىللەتنىڭ مۇھىم بىر مەدەنىيەت بەلگىسى،ئۇ كىشىلەرنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئۇچۇر بەرگۈچى سىمۋول.ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكى كىيىشنى قوغلىشىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا،زامانىۋىلىشىشنىڭ بەلگىسى ئەمەس،بەلكى ئۆز كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتىنى كەمسىتىشنىڭ،ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ياتلىشىشنىڭ ئىپادىسى.بۇ مىللىي مەۋجۇلۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا،تولىمۇ خەتەرلىك بولغان بىر خىل روھىي ھالەتتۇر.ياۋرۇپاچە كىيىنىشكە ھېرىسمەنلىك غەربپەرەسلىك خاھىشىنىڭ زامانىۋىلىق نىقابى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ;!S5P( مۇھاكىمە ماقالىسسى دېگەن نېمە؟ VtI`Qcjc مۇھاكىمە ماقالىسى - مۇھاكىمە قىلىشىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلغان ماقالە تۈرى بۇلۇپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بىلەن قائىدە سۆزلەشنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي ىۇلاسە شەكلى ئارقىلىق رېئاللىق بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغان، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، خاراكتىرى، خۇسۇسىيىتى شەرھىيلەنگەن، ئاپتۇرنىڭ بەلگىلىك كۆز-قاراش، تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ماقالىلەردىن ئىبارەت. 4bA^Gq مۇھاكىمە ماقالىسى بايانىي ماقالىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بايانىي ماقالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولسا، مۇھاكىمە ماقالىسىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يېتەكچىلىك رول ئويناپ، ئاپتۇرنىڭ نېمىنى تەشەببۇس قىلىپ، نېمىنى قوللايدىغانلىقى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلىدۇ. 0l[52eZ/ مۇھاكىمە ماقالىسى چۈشەندۈرۈش ماقالىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىدە ئوبىكىت تۇنۇشتۇرۇشقا ئىتبار بېرىلىدۇ. ئادەتتە ئاپتۇرنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە تەشەببۇسى ئىپادىلەنمەيدۇ. مۇھاكىمە ماقالىسى بولسا ئوبىكىتقا نىسبەتەن ئاپتۇرنىڭ پوزىتسىيسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ]dNNw`1\V چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنىڭ رولى - نىشانلىغان تېمىنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش. .cJoNl'q مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ رولى - چوڭقۇر مۇلاھىزە ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىش. =hvPq@C% ھەر قانداق مۇھاكىمە ماقالىسىدە نۇقتئىنەزەر، دەلىل، ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولىدۇ. x6R M)rr 1.نۇقتىئىنەزەرـ ئاپتۇرنىڭ مۇھاكىمە قىلىندىغان مەسلە ھەققىدىكى ئاساسى كۆز- قارىشى ۋە تەشەببۇسى بۇلۇپ، مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.ئىسپاتلاش جەريانىدا نۇقتىئىنەزەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. دەلىل ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ئەنە شۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەر قانداق مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ بىر مەركىزى نۇقتىئىنەزىرى بولىدۇ. مۇرەككەپرەك مۇھاكىمە ماقالىسىدە مەركىزى نۇقتىئىنەزەردىن باشقا يەنە تارماق نۇقتىئىنەزەرمۇ بولىدۇ. 7ihcjyXB مەركىزى نۇقتىئىنەزەر ئاپتۇرنىڭ ماقالىدە بايان قىلغان ئاسالىق كۆز-قارىشى ۋە تەشەببۇسى بۇلۇپ، ئۇ پۈتۈن ماقالىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدۇر. تارماق نۇقتىئىنەزەر مەركىزى نۇقتىئىنەزەر قوماندانلىقىدىكى نۇقتىئىنەزەر بۇلۇپ مەركىزى نۇقتىئىىەزەرگە نىسبەتەن تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. UU>+ b: 2. دەلىل ( ئاساس ) - نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات ۋە ئاساس. دەلىل ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى پاكىتلىق دەلىل، يەنە بىرى نەزەرىيۋى دەلىل. 63l&
ihj پاكىتلىق دەلىل - قەدىمكى ۋە ھازىرقى، جۇڭگۇنىڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ پاكىتلىرى بۇلۇپ، ئۇ ھەم كونكېرت ھەم يىغىنچاقلانغان بولىدۇ. بۇ خىل دەلىل يەنە ئېنىق، توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. |E?r+] نەزەرىيۋى دەلىل - يىمىرىلمەس قائىدە داۋلىلار، « قەدىمكى ئاقىل-دانىشمەنلەر»، نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى، كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ مېغىزلىق ھۆكۈملىرى، كىشلەر بىردەك ئىتراپ قىلغان ئاساسىي قائىدىلەر، ئىلمىي ئەسەرلەردىكى ئېنىقلىمىلار، مىزان ھېسانلىنىدىغان ھېكمەتلىك سۆز ۋە ماقال-تەمسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ZtO$kK%q; 3.ئىسپاتلاش - دەلىل ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاش دېمەكتۇر. بۇ ماقالىنىڭ يەكۈن قىسمى بۇلۇپ، بۇ قىسمىدا ئاپتۇر ئۆز كۆز-قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن نىمە قىلىش، قانداق قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. 4t(/F`
|
|