قاراخان:باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟
باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟ drwxrZt روشەنگۈل ئابلىز /
8|hi2Qeu,c ھازىر بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى قاراشلار ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغان، بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغان پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى قايسى؟ FY+@fy كىتابخانىغا كىرسىڭىز بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا نەچچە خىل تىل بىلىدىغان تالانتلىق بالىلارنى تەربىيەلەش تۇنۇشتۇرۇلىدىغان كىتابلار كۆزىڭىزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ كىتابلارنى ۋاراقلىسىڭىز ئىچىدىكى ئىدىيىلەر شۇنداق ئېسىل ۋە جەلپكار. دەرھال كىتابنى سېتىۋالغۇڭىز، بالىڭىزنى شۇ كىتابلاردا دېيىلگىنى بويىچە تەربىيەلىگۈڭىز كېلىدۇ. لېكىن ئۇ كىتابلاردىكى بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟ ئۆزىمىزدىكىلەردىن بىرەرسىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكەنمۇ؟ قانچىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىدۇ؟ ئۇ ئادەمنىڭ ئاساسىي ماھارەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە قارىتىلغان كىتابمۇ؟ ياكى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە قارىتىلغان كىتابمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاشماي بولمايدۇ. ھەممىگە مەلۇم، ئەقىل باشقا نەرسە، بىلىم باشقا نەرسە. بىلىم ئەقىلگە ئايلىنالايدۇ. ئەمما بىلىمنى ئەقىلگە ئايلاندۇرالمىغان ئادەملەر جەمئىيىتىمىزدە كۈرمىڭ. ئەقىلگە ئايلىنالمىغان بىلىم كىتابقا يېزىپ قويۇلغان بىلىمدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئۆزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا، شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەتتا بەزى ئىدىيەلەر ئۆز مۇھىتىدا شۇ كىشىلەرنىڭ قانىتىغا ئايلانسا، باشقا بىر مۇھىتقا چىققاندا قانات ئەمەس، زەنجىرگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەرقانداق تەربىيە شەكىل ۋە مەزمۇندىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇ شەكىل ۋە مەزمۇن ئۇزاق مۇددەت شاللىنىش، پىششىقلىنىش ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدۇ. \naG h{)`W
]~ ئىنگلىز ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىغى ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان تېما ھەم بۇلارنى بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق. بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى كىتابنىڭ كۆپ بولغىنى بۇ بىر ياخشى ئىش. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كىتابلار تېخىمۇ كۆپ نەشر قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئۇنى قانداق ھەزىم قىلىش، قانداق قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا. ,~K4+
t_ ,
d4i0;2}+ ‹‹xxلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟›› دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟›› دېگەن كىتابنىڭ بولماسلىقى ياكى شۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلماسلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. G6"4JTWO FQMA0"(G$ ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ بىزنىڭ بالا تەربىيەلەش سېستىمىمىز زادى قانداق ئىدى؟ بىزنىڭ تارىخنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك. ئاتا – بوۋىلىرىمىز بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلىگەن؟ بىزدىكى بالا تەربىيەلەش سىستېمىلىرى قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن؟ بۇ سوئاللارغىمۇ جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك. كەپتەر بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قاغىدىن ئەمەس، كەپتەرنىڭ ئۆزىدىن ئۆگەنسە، كەپتەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى بەكمۇ ئوچۇق ۋە ئىسپاتلاش كەتمەيدىغان قانۇنىيەت. ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان كىتاب بىزدە يوق ئەمەس، بار. تەتقىقاتچى يار مۇھەممەد تاھىر توغلۇقنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى›› ناملىق كىتابى بۇ ساھەدىكى مۇھىم ئەمگەكلەرنىڭ بىرى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلارنى قانداق تەربىيەلەشتىن تارتىپ، بالا ئالىي مەكتەپكە كىرگىچە بولغان جەريانىدىكى بارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان ۋە مۇشۇ ھەقتە بىزنى قوللانما بىلەن تەمىنلەيدىغان كىتابلار ئىنتايىن زۆرۈر. TjctK [db@ Tl^)O^/
ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇلارنى بىر – بىرلەپ قېزىپ چىقىش كېرەك. ‹‹كۆچەتنى سۇندۇرساڭ قولۇڭ قۇرۇپ كېتىدۇ››، ‹‹قارلىغاچ بالىسىنى تۇتساڭ قولۇڭ تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ››، ‹‹مۈشۈك ئۆلتۈرگەن ئادەم ھەجىگە بارغاندا شور دەرياسىدىن ئۆتەلمەيدۇ››، دەيدىغان قاراشلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى، ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن يېڭى ۋە پايدىلىق قاراش ۋە ئۇسۇللارنى قېزىپ چىقىش مۇمكىنغۇ؟ ئاددىيسى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى قاچا – قۇچىلاردىن تارتىپ يېمەك – ئىچمەكلەرگىچە بالا تەربىيەلەش ھېكمەتلىرى سىڭىپ كەتكەن. قېنى، كىم مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىدىغان جوغىسى ئۆزگىچە ئاپتوۋىنى ئاتا – بوۋىلىرىمىز سۇنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئاشۇنداق ياسىغان دېسە تەن ئالماي تۇرالايدۇ؟ pl 1CEoe <|a9r: [ پالانى ۋە پۇستانىلاردا بالا تەربىيەسى ياكى ئۇلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ دېگەن مەزمۇندىكى كىتابلار بىزنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلەيدۇ. نېمىشقا بىز ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەيدۇ؟ دېگەن ماۋزۇدىكى ئاممىباپ كىتابلارنى يېزىپ، تەتقىق قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى زېمىنىمىزدىن كۆكلەپ چىققان، ئىشلەتكەن ھامان ئۈنۈم بېرىدىغان بالا تەربىيەلەش سېستىمىسى بىلەن تەربىيەلەشكە ئىنتىلمەيمىز؟ fvDcE]_%H YE@!`!`d: مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى) |