查看完整版本: [-- تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-04-12 17:55

تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى

  تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى t ZF G`'/  
   1) تىپىكلەشتۈرۈش دېگەن نېمە ؟ ^V>sNR  
يازغۇچى رېئال تۇرمۇشتىكى ھادىسلارنى ۋە باشلانغۇچ تۇرمۇش ماتىرياللىرىنى پىششىقلاش،ئومۇملاشتۇرۇش،يىغىنچاقلاش،بەدىئىي تۇقۇلما ئۇسۇلى بىلەن قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تۈكسەك ئومۇمىيلىققا ۋە تىپىكلىككە ئىگە بولغان بەدىئىي ئوبرازغا ئايلاندۇرىدۇ،بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ھەقىقى تۈردە ئەكس ئەتتۈرىدۇ.     ‹‹ بۇنداق ناچىرىنى ئېلىپ تاشلاپ،ياخشىسىنى ئىلغىۋېلىش، ساقتىسىنى ئېلىپ تاشلاپ،چىنىنى ساقلاپ قېلىش،بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈش،تاشقىرسىدىن ئىچكىرسىگە كىرىش›› جەريانى ،تۇرشتىكى  ئايرىم شەيئىلەرنى تۇتۇپ،ئومۇملاشتۇرۇش،يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئۇنى كۈچەيتىپ،تولۇقلاپ،گەۋدۈلەندۈرۈپ،ئومۇمىيلىق خارەكتىر بىلەن ۋەكىللىك خارەكتىرنى ئىپادىلەش جەريانى تىپىكلەشتۈرۈش  دەپ ئاتىلىدۇ.  تىپىكلەشتۈرۈش جەريانى،ئەمەلىيەتتە،ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى تەرەپنى،يەنى( خاسلاشتۇرۇش )بىلەن (ئومۇملاشتۇرۇش)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.                                                                                 >mh:OJH45  
1.خاسلاشتۇرۇش:     تىپ خاسلىق بىلەن ئورتاقلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىكى،خاسلىق ئارقىلىق ئورتاقلىقنى،ئايرىمىلىق ئارقىلىق ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەش كېرەك.شۇڭا،خاسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم،تىپىكلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن خاسلاشتۇرۇش زۆرۈر.   مەسىلەن،AQتۈكسەك دەرىجىدە خاسلاشتۇرۇلغان تىپىك پېرسۇناژ بولۇپ،ئۇنىڭ ئىدىيىسى،خارەكتېرى،تىلى،سىرىتقى قىياپىتى،ھەركىتى تامامەن ئالاھىدە،ھەتتا بېشىغا بىر كىچىك شاپاق دوپپا كىيگۈزۈپ قويۇلىدىغانلا  بولسا،ئۇ AQبولماي قالىدۇ،شۇڭا لۇشۈنمۇ‹‹پەقەت بېشىغا بىر كىچىك شاپاق دوپپا كىيگۈزۈپ قويۇلىدىغان بولسا،ئۇ AQبولماي قالغان بولاتتى،ئېسىمدە قېلىشىچە،مەن ئۇنىڭغا كىگىز تۇماق كىيگۈزۈپ قويغانىدىم.بۇ بىر خىل قارا،يېرىم دۈگلەك شەكىلدىكى نەرسە ئىدى.ئۇنىڭ گىۋىكى بىر سۇڭدىن ئارتۇقراق ئۈستىگە قايرىلىپ باشقا كىيىلەتتى››دېگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىنى بولىدۇكى،AQلۇشۈننىڭ قەلبىدە ئاھىدە،مۇقىملاشقان ئوبراز ۋە خارەكتىر بولۇپ،ھەتتا باش كىيمىنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايتتى،يازغۇچى پەقەت خاسلىقنى كۈچ چىقىرىپ يازغاندىلا،ياخشى يازغاندىلا،ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بەدىئىي  تىپنى يارىتىدۇ.                 }4ta#T Ea  
2.ئومۇملاشتۇرۇش :  خاسلاشتۇرۇش تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ بىرلا جەھەتتىكى تەلىپى،شۇڭا ئۇ تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە يەنە ئومۇملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.                 "1`c^  
ئومۇملاشتۇرۇش دېگىنىمىز ــــ ئوخشاش تۈردىكى شەخسلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھادىسلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ،رۇشەن،كونكرېت پېرسۇناژ ۋۇجۇدىغا مەركەزلەشتۈرۈپ،بۇ ئارقىلىق پېرسۇناژنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىپ،پېرسۇناژ ئوبرازىنى تېخىمۇ تىپىكلىككە،تېخىمۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇش ماھىيەتنى ھادىسە ئىچىدە گەۋدۈلەندۈرىدۇ،ھادىسلەر ئارقىلىق ماھىيەتنى ئىپادىلەيدۇ،ئايرىمىلىق ئارقىلىق ئومۇمىيلىقنى ئىپادىلەيدۇ. لېف تولىستوي ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىسى ئۈستىدە توختالغاندا:‹‹مېنىڭچە،ئەگەر مەلۇم بىر ھەقىقىي ئادەم بىۋاستە يېزىلىدىغان بولسا،ئۇ ھالدايېزىپ چىقىلغىنى ھەرگىزمۇ تىپ بولمايدۇ ـــ ئۇنىڭ نەتىجىسى ئايرىمچە،ئالاھىدە،قىلچىمۇ مەززىسى يوق مەلۇم خىلدىكى نەرسە بولۇپ قالىدۇ.بىز  دەل مەلۇم ئادەمدىن ئۇنىڭ ئاساسلىق،ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك ھەمدەئۇنى ئۆزىمىز كۈزەتكەن باشقا بەزى ئادەملەرنىڭ ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تولۇقلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا،ئۇ تىپ بولالايدۇ.ئوخشاش خىلدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنى كۈزەتكەندىلا،ئاندىن مۇئەييەن بىر تىپنى ياراتقىلى بولىدۇ››دېگەنىدى.مانا بۇ، يازغۇچىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى كونكرېت جەريانىدۇر. قىسقىسى،يازغۇچى ياراتقان بەدىئىي تىپنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشتىكى شەخسلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى،ئومۇملاشتۇرلىشى،يەنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى،بارغانسېرى ماھىيەتلىك بولۇشى ۋە بارغانسېرى رۇشەنلىشىپ بارغان خاسلاشتۇرلىشىدۇر.                                                                     /t ,ujTK  
                           2)تىپىكلەشتۈرۈش   ئۇسۇللىرى                               6P+8{ ?V&  
  تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ تىپىلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى جەھەتتىكى تەجىربىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئۇسۇلنى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ۋە كەڭ تۈادە قوللىنىپ كۆرۈنەرلىك ياخشى تىپلارنى يارىتىشقا بولىدىغان ئۇسۇل دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ:                             W^al`lg+y  
(1)نۇرغۇنلىغان،خىلمۇخىل تۇرمۇش ماتىرياللىرىنى كەڭ تۈردە يىغىنچاقلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا تىپ يارىتىش،يەنى مەلۇم تىپتىكى خىلمۇخىل ئادەملەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىرلا ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇپ،لۇشۈن ئېيتقاندەك ‹‹ھەر خىل ئادەملەردىن پايدىلىنىپ،بىرنى يۇغۇرۇپ چىقىش››ئۇسۇلىدۇر.لۇشۈن ئەسەرلىرىدىكى تىپىك ئوبرازلارنىڭ كۆپۈنچىسى،جۈملىدىنAQۋە شياڭ لىن قاتارلىق تىپىك ئوبرازلار ئەنە شۇنداق يارىتىلغان. zD2B hta y  
(2)تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئەسلى نۇسخىسى(پروتوتىپى)نى ئاساس قىلغان ھالدا،تۇرمۇشتىكى باشقا خام ماتىرياللارنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىپ،ئۇلارنى يۇغۇرۇپ بەدىئىي تىپ يارىتىش ئۇسۇلى.بۇنىڭدا تۇرمۇشتىكى ئەسلى نۇسخا ئاساس قىلىنىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماي،يازغۇچىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشى،تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە بەدىئىي توقۇلما قىلىشىغىمۇ بولىدۇ.يەنى يازغۇچى ھەقىقى ئادەم،ھەقىقى ئىش-ۋەقە بىلەن چەكلىنىپ قالماي،ناچىرىنى چىقىرىۋېتىپ،ياخشىسىنى ئىلغىۋېلىش،قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق،ئاخىرىدا يەنە بەزى ئوخشاش تىپتىكى شەىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە يىغىنچاقلاپ،پۈتۈنلەي يېڭىچە تىپ يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.مەسىلەن:‹‹پولات قانداق تاۋلاندى›› ناملىق روماندىكى پاۋىل كورچاگىن ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى،ئاساسەن،روماننىڭ ئاپتورى نىكولاي ئوستروۋىسكىينىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان،لېكىن يازغۇچى بۇ رومانىنى يېزىش جەريانىدا،پاۋىل كورچاگىننىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى،زىت ئىدىيىلەرگە نىسبەتەن كېلىشتۈرۈپ بولمايدىغان كۈرەش روھىنى،شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ تولۇق گەۋدۈلەندۈرۈش ئۈچۈن،ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى بىر قاتار خام ماتىرياللارنى تەھلىل قىلىش، تاللاش،قوبۇل قىلىش،ھەزىم قىلىش ئارقىلىق بەدىئىي توقۇلما قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ،پاۋىل بىلەن تۆنەنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توقۇپ چىققان،بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەسۋېرلەش ئارقىلىق،شۇ چاغدىكى مۇرەككەپ سىنىپىي مۇناسىۋەتنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ،پاۋىلنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى گەۋدۈلەندۈرگە. [nYwJ  
(3)تۇرمۇشتا كەم ئۇچۇرايدىغان،تېخى بىخ ھالىتىدە تۇرىۋاتقان،لېكىن ئىستىقبالى پارلاق،قۇدۇرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان يېڭى شەيئىلەرنى بەدىئىي جەھەتتىن يوقۇرى كۆتۈرۈپ،رۇشەن،گەۋدىلىك بەدىئىي تىپ يارىتىش ئۇسۇلى.بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق يازغۇچى شۇ چاغدىكى ئاز ئۇچيرايدىغان،بىخ ھالىتەدە تۇرغان يېڭى شەيئىلەرگە ئاساسەن،بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق تىپىك ئوبراز يارىتىپ،رېئاللىق تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ،كەلگۈسى جەمئىيەت تۇرمۇشىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ.مەسىلەم:ماكسىم گوركىينىڭ داڭلىق رومانى ‹‹ئانا›› مۇشۇ ئۇسۇلدا مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان رومانلارنىڭ بىرى.بۇ رومان1906-يىلى يېزىلغان.بۇ روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۇيغۇنىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىللىك سىياسىي كۈرەشلىرى 1905-يىل ئىنقىلاپتىن ئىلگىرىكى روسىيىدە ئاز ئۇچرايدىغان يېڭى شەيئى ئىدى. گوركىي ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋە كېلەچەك ئىستىقبالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تونوپ يېتىپ،قەتئىيلىك بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ،نىلۇۋنا  ۋە پاۋىلغا ئوخشاش ئىنقىلاپچىلارنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتتى.كېيىنكى ئىنقىلاپ جەريانىدا نەچچە مىڭلىغانپاۋىل ۋە نىلوۋنالار بارلىققا كېلىپ،گوركىي تەسەۋۋۇرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. #!9aTp).AL  
  ئومۇمەن ئېيتقاندا،تىپىكلەشتۈرۈشتە مەيلى قايسى ئۇسۇل قوللىنىلسۇن،ھەممىسىدە تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پېرسۇناد ئوبرازىنى يارىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.                             y] M/oH  
دېمەك،خاسلاشتۇرۇش ــــ ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بىرەر شەخسكە خاس،شەخىي،خۇسۇسىي.بىر شەخسنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاس خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ.                                                                             "hpK8vQ  
ئومۇملاشتۇرۇش بولسا ــــ ئوخشاش تۈردىكى شەخسلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھادىسلەرنى ئومۇملاشرۇرۇپ،رۇشەن،كونرېت پېرسۇناژ ۋۇجۇدىغا مەركەزلەشتۈرۈپ،بۇ ئارقىلىق پېرسۇناژنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىپ،پېرسۇناد ئوبرازىنى تېخىمۇ تىپىكىلىككە،تېخىمۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. 0.|tKetHq  
z26zl[.  

ئايزىبا 2014-04-13 20:06
g|e^}voRM  
   بۇ مەزمۇننى چۇشۇرىۋالدىم، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !


查看完整版本: [-- تىپىكلەشتۈرۈشنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled