查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ     تىپىكلىكى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئەدەبىياتنىڭ     تىپىكلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-04-12 17:53

ئەدەبىياتنىڭ     تىپىكلىكى

                    ئەدەبىياتنىڭ     تىپىكلىكى                                   Xg+ E eg#  
   مول مەزمۇنلۇق ئىجتىمائىي رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش ــــ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى.ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،بەدىئىي ئوبرزنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ،بەدىئىي ئوبراز چوقۇم تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرلىشى لازىم. q.sErr[zc  
  تىپ ـــ گرىكچىدىن روس تىلى ئارقىلىق كىرگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى مودىل،بۇسخا، ئۈلگە،نەمۇنە،ئۆرنەك دېگەنلىك بولۇپ،ئەدەبىياتتىكى مەنىسى رۈشەن خاسلىققا ئىگە،مەلۇم دەۋرنىڭ،مىللەتنىڭ،سىنىپنىڭ،گۇرۇھنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان،تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ماھىيەتلىك تەرىپى ۋە قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان بەدىئىي ئوبراز تىپ دەپ ئاتىلىدۇ.     تىپ(تىپىك ئوبراز دەپمۇ ئاتىلىدۇ)يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئوبرازدۇر.ئادەتتىكى ئەدەبىي ئوبرازدىكى ئالاھىدىلىك تىپتىمۇ بولىدۇ.ئەدەبىي تىپنىڭ  مەنىسى ئىجتىمائىي پەندە،ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ئېيتىلغان  تىپىك مەنىسىدىن پەرقلىنىدۇ.كېيىنكىسىدە رېئال تۇرمۇشتىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە بولغان ھەقىقى ئادەم،ھەقىقى ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛    ئەدەبىي تىپ بولسا ــ تۇرمۇش چىنلىقىغا ئاساسەن،مەركەزلەشتۈرۈش،ئومۇملاشتۇرۇش،بەدىئىي توقۇلما ئارقىلىق يارىتىلىدۇ.شۇڭا،ئۇ،‹‹ئادەتتىكى ئەمەلىي تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك،تېخىمۇ يارقىن،تېخىمۇ يىغىنچاق،تېخىمۇ تىپىك،تېخىمۇ غايىۋىي بولىدۇ ۋە شۇناق بولىشى كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تېخىمۇ ئومۇمىي خارەكتىر ئالغان بولىدۇ››.    قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغانلىقى ۋە كۆپ ساندىكى  كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىشى ئۇ ئەسەرلەرنىڭ يۈكسەك  دەرىجىدە  ئومۇملاشتۇرۇش  ئەھمىيىتىگە ئىگە  بولغان ئەدەبىي تىپ يارىتىپ،شۇ تىپلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەزى ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى ۋە مۇقەررەر قانۇنىيىتىنى چۇڭقۇر ئېچىپ بەرگەنلىكىدىندۇر.  تىپ ئەدەبىي ئەسەرلەر سۈپىتىنىڭ يوقۇرى- تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بىر بەلگە  ھېساپلىنىدۇ. قىسقىسى،ئەدەبىي تىپ ــــ يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە  بولغان ئەدەبىي ئوبرازدۇر. ئېپىك ئەسەرلەردىكى تىپ تىپىك پېرسۇناژلارنى كۆرسىتىدۇ ياكى ئۇ تىپىك خارەكتېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ,ORwMZtw{H  
     ئەدەبىيات ئىنسانلارنڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەركەز قىلىدۇ،شۇڭا تىپىك پېرسۇناژلارنى يارىتىش ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مەركىزىي مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.                 n%Rl$  
تىپىك پېرسۇناژ دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئاساسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ بۇ مەسىلە ئەدەبىيات نەزەريىسى ۋە ئېستېتىكىدا بىر مۇھىم مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى كىشىلەر ئىزدىنىپ كەلدى،شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. لېكىن ،ئومۇمەن   تىپ ـــــــــــــ خاسلىق بىلەن  ئورتاقلىقنىڭ يۈكسەك دەرەجىدىكى بىرلىكى،دەپ قارىلىپ كەلدى.بۇ قاراش ماركىسىزىمچى كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئورتاقلىقى بىلەن خاسلىقنىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان .ھەرقانداق شەيئىي خاسلىق بىلەن ئورتاقلىقنىڭ بىرلىكى (يەنى ئايرىملىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ بىرلىكى)دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداق بولسا،تىپتىن ئىبارەت بۇ خاسلىق بىلەن ئورتاقلىقنىڭ بىرلىكى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟                                   B=<Z@u  
ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:   CG0jZB#u  
تىپ مەلۇم خىلدىكى ئادەملەرنىڭ بەزى ئورتاقلىقىنى رۇشەن،جانلىق ھەمدە گەۋدىلىك خاسلىق ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەزىبىر ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن بولىدۇ.شۇڭا،تىپىك خارەكتىرنى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە بولغان ئالاھىدە خارەكتىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.                                                       !uc"|S?  
   خاسلىق دېگەندە ــ بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس ۋە رۇشەن خارەكتىر ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  ئادەملەر جەمئىيەتتە ياشايدۇ،ئۆز ئەتىراپىدىكى كىشىلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ كونكرېت  تۇرمۇش شارائىتى،سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئالغان تەربىيىسى،ھەتتا فىزىئولوگىيىلىك سۈپەتلىرى ۋە پىسخىكىلىق ئادەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئۆزىگە خاس ئىدىيىۋى ھېسيات،ھەۋەس-ئىشتىياق،تۇرمۇش ئادىتى ھەمدە تەققى-تۇرقى،سالاپەت قاتارلىقلار شەكىللىنىدۇ،مانا بۇ،شەخسلەردىكى خاسلىقتۇر.     LD gGVl  
AQباشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچۇرىغاندا،بۇنداق قىلىش ‹‹بالىسى ئاتىسىنى ئۇرغانلىق››دەيدۇ.ئۇ كەمبەغەللىكىدىن ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتقىنىدىمۇ،يەنە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي :‹‹مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم سېنىڭكىگە قارىغاندا دۆلەتمەنرەك ئىدى!سەن قانچىلىك بىر نېمىدىڭ!››دەيدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بېشىدىكى تاتۇقىنى زاڭلىق قىلغاندا،ئۇ يەنە مەنسىتمەسلىك بىلەن ‹‹سەن تېخى شۇنچىلىكمۇ بولالمايسەن ...›› دەيدۇ. مانا بۇ AQنىڭ ئەڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك،ئەڭ رۇشەن خاسلىقىدۇر.AQنىڭ AQبولىشى ئۇنىڭ مۇشۇنداق ‹‹تونۇش بولغان ناتونۇش ئادەم››گە ئوخشاش خاسلىققا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە خاسلىق ئارقىلىق شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى دېھقانلار سىنىپى ئىچىدىكى قالاق ياللانما دېھقانلارنىڭ بىر خىل ئادەتتىكى ساغلام بولمىغان  روھىي ھالىتى ئومۇملاشتۇرۇلغان؛ھەتتا ھۆكۈمران سىنىپلار ئىچىدىمۇ ئومۇمىيۈزلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر خىل ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئالدايدىغان ساغلام بولمىغان روھىي ئالاھىدىلىكى،يەنى لۇشۈن ‹‹روھىي غالىبىيەتچىلىك›› دەپ ئاتىغان ‹‹مىللىي خارەكتىر››مۇ ئومۇملاشتۇرۇلغان. مانا بۇ AQدىن ئىبارەت تىپنىڭ ئورتاقلىقىدۇر.لېكىن ئاپتۇر AQدىن ئىبارەت مۇشۇ تىپىك پېرسۇناژنى يارىتىش ئارقىلىق شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەزى ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى،جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېكىسپولاتاتىسيىگە،زۇلۇمغا ۋە روھىي جەھەتتىن زەھەرلەشكە ئۇچۇرىغانلىقىنى،بۇرژۇئا  ئىنقىلابىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بولمىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن. VSD G_:!K  
بەدىئىي تىپنىڭ ئورتاقلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.بۇنداق قاراشنىڭ قويۇلىشىدا بەزى سەۋەپلەر بولسىمۇ،لېكىن ئورتاقلىقنى تامامەن سىنىپىيلىققا باراۋەر قىلىپ قويغاندا،مەسىلە تولىمۇ ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ.چۈنكى بەدىئىي تىپتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كونكرېت ئەھۋال خېلى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىدا،بەزى بەدىئىي تىپلارنىڭ خارەكتىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزى تەۋە بولغان سىنىپنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە رۇشەن ھالدا ۋەكىللىك قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ رۇشەن خاسلىقى سىنىپىي ماھىيىتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىپ كەتكەن.ۋاھالەنكى ئەدەبەي ئەسەردە يەنە باشقا بىر خىلدىكى تىپىك پېرسۇباژلارمۇ بولىدۇكى،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىداگەۋدۈلەنگەن سىنىپىلىق شۇ پېرسۇناژ تەۋە بولغان سىنىپنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولماستىن،بەلكى پەقەت شۇ سىنىپنىڭ مەلۇم بىر تەرەپتىكى خۇسۇسىيىتى،ھەتتا مۇھىم بولمىغان  خۇسۇسىيىتى بولىشى مۈمكىن.مەسىلەن:AQنىڭ خارەكتىرى،رۇشەنكى،شۇ چاغدىكى دېھقانلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمىگەن.بەزى تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ ئورتاقلىقى ئۇنىڭ سىنىپىلىقىدىنمۇ  زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ،تېخىمۇ زور دائىردىكى مەلۇم خىلدىكى ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇرغان بولىدۇ.مەسىلەن:ھاملېت،ئوتېللو،ئوبلوموپ قاتارلىقلار،AQمۇ شۇنداق.بۇ خارەكتېرلەرگە ئۆزلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دەۋرنىڭ ۋە سىنىپنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار مەنسۇپ بولغان سىنىپقىلا خاس ئەمەس.دېمەك بەدىئىي تىپلارنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلغاندا،شەيئىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كۆپ ىىللىقىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش كېرەك.                                                     #HyE-|_ C  
تىپنىڭ خاسلىقى بىلەن ئورتاقلىنىڭ  مۇناسىۋىتى                                         g&?RQ  
تىپنىڭ خاسلىقى بىلەن ئورتاقلىقى دىئالېكتىك بىرلىكتىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇلار ئاجىرالماس بىر گەۋدە.    خاسلىق ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى،ئورتاقلىق بولسا خاسلىق ئىچىدە بولىدۇ.ئورتاقلىق خاسلىق ئارقىلىقلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايدۇ؛ئەكسىچە،خاسلىقمۇ ئورتاقلىقتىن ئايرىلالمايدۇ،ئەگەر خاسلىق ئورتاقلىقنى ئىپادىلىمىسە، بەدىئىي تىپمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ،ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىدىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ،تىپ  ـــ يازغۇچى مەلۇم سىنىپ مەيدانىدا تۇرۇپ،تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ،تىپىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ياراتقان،خاسلىق نىلەن ئورتاقلىقى بىرلىككە كەلگەن پېرسۇناژ ئوبرازىدۇر.ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس رۇشەن خاسلىقمۇ بولىدۇ،ھەم مەلۇم خىلدىكى  ئادەملەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەزى ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان پېرسۇناژ ئوبرازىنى بەدىئىي تىپ دېيىشكە بولمايدۇ. %|o2d&i  
مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بىر ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۇنىڭدىكى پېرسۇناژ ۋە مۇھىت تىپىك بولىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،چۇڭقۇر ۋە كەڭ ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە تۇرمۇشنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرەلمەتدۇ،شۇڭا ‹‹تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پېرسۇناژلارنى قايتا گەۋدۈلەندۈرۈش ››ئىنتايىن مۇھىن بىر مەسىلە. j1i<.,0g  
تىپىك مۇھىت دېگەن نېمە؟   تىپىك مۇھىت تىپىك پېرسۇناژغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،پېرسۇناژلارنى ئوراپ تۇرغان ھەمدەئۇلارنىڭ ھەركىتىگە تۈرۈتكە بولغان مۇھىت››تىن ئىبارەت.رېئال تۇرمۇشتىكى شەخسلەر ھامان مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇھىت(جۈملىدىن دەۋر،رايۇن،ھاۋا كېلىماتى قاتارلىقلارئىچىدە  ۋە تەبىئىي مۇھىت(جۈملىدىن مۇئەييەن رايۇن،ھاۋا كېلىماتى قاتارلىقلار)ئىچىدە ياشايدۇ ھەمدە ئەتىراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ئىرماش-چىرماش،مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.مۇھىت كىشىلەرنىڭ رېئار تۇرمۇشىدىكى بارلىق تاشقى شەرت-شارائىت يىغىندىسىدىن ئىبارەت.چۈنكى ئادەملەر ھامان ئىجتىمائىي شارائىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق شەرت-شارائىتلار ئىچىدە ئىجتىمائىي شەرت-شارائىت،بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى تىپىك مۇھىت،ئەلۋەتتە،ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئوبيېكتىپ مۇھىتقا قارىغاندا تېخىمۇ يىغىنچاقلىققا،تىپىككلىككە ئىگە بولىشى كېرەك.تىپىك مۇھىتمۇ تىپىك پېرسۇناژغا ئوخشاشلا كونكىرىتلاشتۇرۇش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ،ئايرىملىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ،ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ بىرلىكى،پۈتكۈل چوڭ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆۈرۈنىشى بىلەن پېرسۇناژلار ياشاۋاتقان ئالاھىدە،كونكرېت مۇھىتنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكىدىن ئىبارەت بولىشى كېرەك.بىز تىپىك مۇھىت ئىچىدىن ئەسەردە تەسۋىرلەگەن ھەر خىل پېرسۇناژلار ياشىغان كونكرېت مۇھىتنىمۇ كۆرۈۋۈلالايمىز،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ كونكرېت مۇھىت ۋە ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن دەۋرنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ۋە بەزى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز.شۇڭا( تىپىك مۇھىت ئەسەردىكى پېرسۇناژلار ياشىغان،پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاشۇ كونكرېت مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ).شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پېرسۇناژلارنىڭ ھەركىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە پېرسۇناژلار خارەكتىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان دەۋرنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.لېكىن شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى،تىپىك مۇھىت ئەسەردە ھەمىشە ئايرىمچە مۇھىت بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ،ئۇ كونكرېت بولىدۇ ھەمدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.ئوخشاشلا بىر دەۋر،بىر خىل تېمىدا يېزىلغان ئىككى خىل ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كونكرېت ئوبيېكت،ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ئورۇن ھەمدە ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت توقۇنۇشلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا،ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە تۈس ئالغان ئىككى خىل مۇھىت شەكىللەنگەن بولىدۇ.ھەتتا بىر ئەسەردە،گەرچە پېرسۇناژلار ياشاپ تۇرغان چوڭ مۇھىت ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ،لېكىن ھەر بىر پېرسۇناژنىڭ تۇرمۇش يولى ھەمدە ئۇ دۇچ كەلگەن زىدىيەت تۇقۇنۇشلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ياشىغان تىپىك مۇھىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.                                                                             T(q/$p&q  
تىپىك مۇھىت بىلەن تىپىك پېرسۇناژ(تىپىك خارەكتىر) بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ،ئۆز ئارابىر- بىرىگە تەسىر ككرسىتىدۇ.پېرسۇناژنىڭ تىپىكلىكى پەقەت تىپىك مۇھىت ئىچىدىلا ئاندىن تولۇق ئېچىلىدۇ،مۇھىتنىڭ تىپىكلىكى بولسا ،پەقەت ھەرقايسى تىپىك پېرسۇناژلار (تىپىك خارەكتىر)لار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت توقۇنۇشلىرى ئارقىلىقلا ئاندىن توغرا،چۇڭقۇر گەۋدىلىنىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنىۋېلىش ئۆچۈن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. W:V.\  
1.مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇھىت كونكرېت پېرسۇناژلارنىڭ ئىدىيىۋى ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى بەلگىلەيدۇ،پېرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.                                                                     )UN_,'H/V  
تىپىك مۇھىت تىپىك خارەكتىرنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.مۇئەييەن مۇھىت مۇئەييەن خارەكتىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.مۇئەييەن خارەكتىر  پەقەت مۇئەييەن مۇھىتتىلا  مەيدانغا چىقىدۇ.بىز لۇشۈننىڭ ‹‹بەخت تىلەش››ھېكايىسىدىكى شياڭ لىن ھەدە خارەكيېرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئۇ ياشىغان ئالاھىدە مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:شياك لىن ھەدە يېرىم فىئوداللىق ۋە يېرىم مۇستەملىكە ھالەتتىكى قالاق تاغلىق يېزىدا ۋە لۇجىن بازىرىدا ياشايتتى.ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى پېرسۇناژلار :قاپىقى يامان قېينئانىسى،ئېرىنىڭ ۋەھشىي تاغىسى،كۇڭزى-مۇڭزى مۇرىتى لۇسى بەگ ھەمدە خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىغان ليۇما قاتارلىقلار. فېئوداللىق سىياسىي ھاكىمىيەت،ئۇرۇقداشلىق ھاكىمىيىتى،ئەرلەر ھاكىمىيىتى،ئىلاھىي ھاكىمىيەت خۇددى تۆت ئارغامچىدەك ئۇنى قاتتىق چىرماپ تۇراتتى.شياڭ لىن ھەدە فېئوداللىق ئەخلاق قائىدىلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە كۆنمەي،نۇرغۇن قېتىم قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.ئەمما كۈچلۈك فېئودالىزىم كۈچلىرى ئالدىدا بۇ قارشىلىقلىرى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ بولىدۇ.گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا ،‹‹روھ››،‹‹دوزاق››قا نىسبەتەن گۇمان تۇغۇلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى يەنىلا فېئوداللىق ئەخلاق-ئەقىدىلەرنىڭ قاتمۇ-قات ئاسارىتىگە ئۇچۇراپ، ئاخىرى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.  بۇنىڭدى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،تىپىك پېرسۇناژنىڭ خارەكتىرى ئۇلار ياشىغان كونكرېت مۇھىتتا پەيدا بولىدۇ،شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ ،شۇنداقلا ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن مۇئەييەن تارىخىي دەۋر،سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايدۇ.شۇڭا يازغۇچى پېرسۇناژلارنى ئوراپ تۇرغان ھەمدە پېرسۇناژلارنىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن كونرېت مۇھىتنى تەسۋېرلەش ئارقىلىق مەلۇم دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆزلىنىشىنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك،مۇشۇنداق قىلغاندىلا،ئاندىن جانلىق ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان تىپىك پېرسۇناژلارنى ياراتقىلى بولىدۇ.                                                 VJOB+CKE  
2.تىپىك پېرسۇناژلار  خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ھەتتا مۇھىتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگۈرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.ئېنگېلس:‹‹ئادەم مۇھىتنى يارىتىدۇ،مۇھىتمۇ ئادەمنى يارىتىدۇ››دەپ كۆرسەتكەنىدى.ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇناسىۋەت،ئۇ،قارمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى،تىپىك خارەكتېر تىكىپ مۇھىتقا نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ،دېگەنلىك مۇھىت بىر تەرەپتىن،پېرسۇناژ خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە شەكىللەندۈرىدۇ،شۇنداقلا پېرسۇناژ خرەكتىرىمۇ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ھەتتا ئۇنى ئۆزگەرتىدۇ،دېگەنلىكتۇر.ئومۇمەن ئېيتقاندا،پېرسۇناژ خارەكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بەلگىلەيدۇ.بۇ،پېرسۇناژلارنىڭ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ياكى مۇھىتنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر.                                       Uj twOv|pF  
  ( تىپنىڭ خاسلىقى بىلەن ئورتاقلىقىغا تولۇقلىما):   فرانسىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى رومىن روللان ‹‹AQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى››توغرىسىدا:‹‹بۇ رېئاللىق تەسۋېرلەنگەن ھەجىۋى ئەسەر دۇنيانىڭدۇر،فرانسىيە زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىمۇ AQبولغان.AQنىڭ پەرىشان قىياپىتىنى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن››دېگەنىدى.ھىندىستان يازغۇچىسى بانناكى:‹‹AQنىڭ پەقەت نامىلا جۇڭگۇنىڭ،لېكىن AQنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى،روھىي ھالىتى،ئۆزىنىۋە باشقىلارنى مەنسىتمەسلىكى،ئۆزىگە دەشنام يەتكۈزگەن ئىشلارنى ئاسانلا قالىدىغانلىقى،ئۆزىگە تەسەللى بېرىشتىكى روھىي غالىبىيەتچىلىكى ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇل قىلىنغان خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاقتۇر.››دېگەنىدى. !;M5.Y1j&"  
{;+9A}e  

ئايزىبا 2014-04-13 20:03
   w%-S5#  
   ئەدەبىياتنىڭ تىپىكلىكى ھەققىدىكى بۇ مەزمۇن _ ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارمىڭ ببىرى ئىدى، ئەمما يېڭى دەرسلىكتە بۇ مەزمۇن بېرىلمىگەن. ناھايىتى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت!

ياسىنجان510 2014-04-13 22:14
بۇ تېمىلىرىمنى كەسىپداش ئايزىبانىڭ  مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىگە،قوللىغانلىقىغا ،ياقۇتۇرغانلىقىغا  رەھمەت.

بابۇر0725 2014-04-14 23:29
قوللىنىشچانلىقى باركەن  بولۇپمۇ كوڭيىجى ھېكايىسى،تاغام ژىيۇل قاتارلىقلاردا پايدىلانساق ئۈنۈمى بولغۇدەك

رەيھان 2014-04-18 10:12
بۇ ئەدەبىياتتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. ماتىريال كەملىك ھازىر مۇشۇنداق مۇھىم مەزمۇنلارنى تاپماق تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. سىز ئۇقۇتقۇچىلار پايدىلىنىدىغان مۇھىم مەزمۇننى يوللاپسىز.رەخمەت سىزگە.

ياسىنجان510 2014-04-18 20:57
ماتىريالنىڭ قىممىتىنى تونۇغىنىڭىزغا  كۆپ رەھمەت.

مىېھرىما 2014-04-19 12:03
ۋوي! مۇشۇنداق بەلەن يازما نەدىمۇ يۇشۇرلۇپ قالغان بولاتى.مەن بەكلا كېچىكىپ كورۈپتىمەن!سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم .رەھمەت!


查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ     تىپىكلىكى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled