查看完整版本: [-- [بوستان]: ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> [بوستان]: ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bostan 2014-04-12 16:54

[بوستان]: ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى

ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
مۇھەممەد تۇراپ
ئاياللار ئەقىللىق بولۇش كېرەك، ۋە يەنە ئەخلاقلىق، ئەستايىدىل، سەۋىرچان، قانائەتچان، مەسئۇلىيەتچان، ئەپۇچان ھەم يەنە مۇلايىم بولۇش كېرەك. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئاياللار ئالدىراخسان ۋە تەكەببۇر بولماسلىق كېرەك.
چۈنكى تۇرمۇش كۈلكىگە موھتاج. كۈلكە ـــ تۇرمۇشتىكى ھەقىقى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەر سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە ئۆزىنىڭ يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ ھەم سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.شۇنداق بولغاندىلا ئاياللار تۇرمۇشنى چۈشىنەلەيدۇ، ھەمدە تۇرمۇش ئۇلارغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە كۈلۈپ قارايدۇ ھەم سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.
بىراق بەزى ئاياللار «مەن ئەقىللىق» دەپ، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزدە باشقىلارغا يول قويماي «ئۆزۈمنىڭ توغرا» دەپ ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ، نەتىجىدە قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىڭ دىلىمۇ ئازار يەيدۇ. ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىق ـــ  باشقىلارنىڭ نەزىرىدە «ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق»، «بىلەرمەنلىك قىلغانلىق»، ئۆزىنى «كۆزكۆز قىلغانلىق» ۋە «مەنمەنچىلىك قىلغانلىق» بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا ئاياللار ئەقىللىق بولۇشتىن باشقا يەنە ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم بولۇش كېرەك. ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم بولۇش ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم ئاياللار «ئىناق ئائىلە» قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلىيالايدۇ. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەش ھەر بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ، چۈنكى ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە ۋە قۇربان بىرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇ ئىناق ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشى، ئائىلىسىدىن زارلانماسلىقى، ھەم شۇ ئائىلىسى ئۈچۈن ياخشى ياشاپ بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەم ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەقلىي قەبىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە قابىلىيىتىنى شۇ ئائىلىسى ئۈچۈن ئاتا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ ئائىلە يىمىرىلىدۇ ھەتتا نارسىدە بالىلار باشقىلارنىڭ قولىغا قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى ئوماق سەبىي بالىلارغىلا بولىدۇ.
ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئەلۋەتتە، بىراق بۇ تۈۋرۈكنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ۋە غولاپ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇ ئائىلىدىكى بىر ئايال بۇ تۈۋرۈكنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يۆلەپ تۇرۇشى كېرەك. «قول قولنى يۇسا، قول قۇپۇپ يۈزىنى يۇيار» دىگەندەك، ئائىلىمۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ پەرۋىش قىلىشى بىلەن كۆكلەيدۇ ھەم مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇڭا ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھەمدەمدە بولۇپ، بىر-بىرىنى ئۆزئارا قوللاپ ۋە جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ ئىناق ئۆتكەندە، ئاندىن ئائىلە ـــ ئائىلىگە ئوخشايدۇ، تۇرمۇش ـــ تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا مۇكەممەل ئائىلىگە ئېرىشەلەيدۇ. مۇكەممەل ئائىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراشقا توغرا كىلىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش شۇنداق بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق يېڭىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، بۇ تىرىشچانلىق توختاپ قالمىسىلا ئاندىن ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ.
    ئاياللار «ياخشى ياشايمەن» دەيدىكەن، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، ئەگرى-توقايلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرلىشى ۋە ئۆزىنى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشى كېرەك، ھەمدە ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھاياتىنى قەدىرلەپ تېخىمۇ بەختلىك ياشىشى كېرەك.
ئەگەر سىز ئەقىللىق ئايال بولسىڭىز، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۆزىڭىزنى باشقىلار تەرەپتە تۇرۇپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئەتراپلىق-ئىنچىكە ئويلاپ كۆرۈڭ، ھەم يەنە ئۆيىڭىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاتا-ئانا ۋە قېيناتا-قاينانىڭىزغا ئېيتماڭ. چۈنكى سىز «بەختلىك» بولاي دىسىڭىز، ئۇلارنىمۇ بەختلىك قىلىڭ.

ياسىنجان510 2014-04-13 16:45
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى تېما بوپتۇ.

ھاتەھاتەم 2014-04-14 15:51
ئاياللار ئەقىللىق بولۇش كېرەك، ۋە يەنە ئەخلاقلىق، ئەستايىدىل، سەۋىرچان، قانائەتچان، مەسئۇلىيەتچان، ئەپۇچان ھەم يەنە مۇلايىم بولۇش كېرەك. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئاياللار ئالدىراخسان ۋە تەكەببۇر بولماسلىق كېرەك.
توغرا ئېيتىلغان سۆز.ياخشى تېمىكەن ،ھارمىغايسىز

نۇربىيە 2014-04-18 17:16
ئاياللار ھەقىقەتەنمۇ سەۋىرچان تاقەتلىك ،يولدىشىغا ساداقەتمەن بولىشىئائىلىدە كۆيۇمچان ئانا بولغاندىلا  ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يىڭەلەيدۇ .
ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن

مىېھرىما 2014-04-19 11:56
بوستانىڭ بۇ تېمىسى راسلا قىممىتى بار يوللانما بوپتۇ.  رەھمەت!  

نوزۇگۇم 2014-06-13 12:33
ئاياللار ئۇچۇن بۇ تىما   بىر  ئوقۇش  ناھايىتى  زورۇركەن  ،رەھمەن  ئەجرىڭىزگە بارىالا.


查看完整版本: [-- [بوستان]: ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled