查看完整版本: [-- تاللىشى بولمىغان تاش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> تاللىشى بولمىغان تاش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-04-12 14:32

تاللىشى بولمىغان تاش

   ^GS\(egt  
                             تاللىشى بولمىغان تاش kZ PL$ \/A  
@t;726  
    تاغ چوققىسىدا ئىككى  پارچە تاش بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك شامال ۋە ئاپتاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،  تۇرمۇشى زېرىكىشلىك ۋە مەنىسىز ئۆتىدىكەن. h#c7v !g  
   بىر كۈنى بىر تاش يەنە بىر تاشتىن سوراپتۇ: "LSzF_mK  
   _ سەن بىر ئۆمۈر بۇ يەردە قېلىشنى خالامسەن؟ سەن قانداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىسەن؟ 1w,34*-}  
   _ تېنىمدىن پولات - تۆمۈر تاۋلىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن تەڭداشسىز ئۆتكۈر شەمشەر قۇيۇلۇپ، جەڭگاھلاردا زەپەر قۇچقان، يەر - جاھاننى تىترەتكەن بىر مەزگىللىك قايناق ھاياتىم بولسىكەن دەيمەن، _ دەپتۇ ئۇ ۋە    قايتۇرۇپ سوراپتۇ:_ سەنچۇ؟ .wmqaLd%  
   _ مەن شېغىل بولۇپ شەھەر باغچىسىغا ياتقۇزۇلسام دەيمەن. شۇنداق بولغاندا ياشانغانلار ئۇ يەردە سەيلە قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرالايدۇ، يەنە ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايمەن. مۇشۇنداق ھايات ئىللىق، كۆڭۈلگە ياقىدۇ، _ دەپتۇ يەنە بىر تاش. T:Ovh.$  
   لېكىن، ئۇلار تاغدا ئىزچىل غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئىلاجىسىز ئاھ ئۇرۇپتۇ. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن تاغقا بىر كان ئاچقۇچى  كېلىپ، بۇ ئىككى تاشنىڭ بىرىنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ ھەمدە ئۇ تاشنى ئېلىپ كېتىپ ئۇنىڭدىن شەمشەر سوقماقچى بوپتۇ. لېكىن بۇ تاش شېغىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. CUHT5J*sY  
   _ خاتالاشتىڭىز، مېنىڭ شەمشەر بولغۇم يوق. مەن شېغىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەنە ئاۋۇ تاش شەمشەر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، _ دەپ ۋارقىراپتۇ ئۇ تاش. aj,o 
    شەمشەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان تاشمۇ تەڭلا ۋارقىراپتۇ، لېكىن كان ئاچقۇچى ئۇلارغا قاراپ بېقىپ، يەنىلا شېغىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېلىقى تاشنى ئېلىپ كېتىپتۇ. P -nhG  
    باشقا تاللاش قالمىغانىدى، شېغىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان تاش ئاخىرىدا ئوچاقتا تاۋلىنىپ شەمشەر بولۇپ چىقىپتۇ. /%s:aO  
    ئۇزاق ئۆتمەي كەلكۈن كەپتۇ. شەمشەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان تاش كەلكۈن سۈيىدە ئېقىپ كىچىك ئېقىنلارغا، دەريالارغا قوشۇلۇپ دېڭىزغا قاراپ يول ئاپتۇ. دەريا سۈيىدە توختاۋسىز چايقالغان بۇ تاش بارا - بارا سىلىقلىشىپتۇ. FUlhEH  
   ئوخشاشلا، تاللاش پۇرسىتى يوق، شەمشەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان  ھېلىقى تاش ئاخىرىدا شېغىلغا ئايلىنىپ باغچە يولىغا ياتقۇزۇلۇپتۇ. يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر گېنىرال شەمشەرنى ئېسىپ باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، بۇ ئىككى تاش باغچىدا يەنە  يۈز كۆرۈشۈپتۇ. kY!zBk  
    _  سەن ھازىرقى تۇرمۇشۇڭنى ياقتۇرامسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ شەمشەر. ?Pp*BB,*y  
    _ مەن ھازىرقى جىملىقنى ياقتۇرىمەن، سەنچۇ؟ _ دەپتۇ شېغىل. 2%L`b"9}V  
    _ مەنمۇ ھازىرقى قايناق ھېسسىياتنى ياخشى كۆرىمەن، _ دەپتۇ شەمشەر. l_yF;5|?z  
    ئۇلار غايىسى بىلەن قارىمۇ قارشى يولدا مېڭىپ، ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى تېپىشتى. شەمشەر بولۇپ قۇيۇلۇپ چىققان ھېلىقى تاش بولسا بىر پارچە ئېسىل تۆمۈر رودىسى ئىكەن. شېغىلغا ئايلانغان تاش بولسا ئەسلىدىنلا شېغىل تاشلارنىڭ ئېسىل سورتى بولغان ھېقىق ئىكەن. ناۋادا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى غايىسىدە چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا، مەڭگۈ چىقىىش يولى تاپالمىغان بولاتتى.  ئۇلاردا باشقىچە تاللاش يولى قالمىغاندا، مەقسەتسىزلا باشقىچە ھاياتلىققا ئىگە بولۇپ قالدى. 4xr^4\ lk  
يى شۆ مۇنداق دېگەنىدى : «كۆپ ھاللاردا تاللاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن كىشىلەر دائىم توغرا يولغا مېڭىپ قالىدۇ.» شۇڭا بىزدە تاللاش يولى قالمىغاندا تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىشىمىز ھاجەتسىز. چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدرىمىزنى بىلەلمەيمىز، باشقىچە تاللاش بولمىغان تاللاش دەل بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى قېزىپ  چىىقدىغان تاللاش بولۇپ، ئۇ بىزنى توغرا يۆنۈلۈشكە ئاتلاندۇرالىشى مۈمكىن. ruvfp_:  
;Tp9)UP)  
[ «تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 2013 - يىللىق 5 - سانىدىن ئېلىندى. ] 2/fol TR7  

ياسىنجان510 2014-04-13 16:47
ياخشى ماتىريال تاللاپسىز ،تەربىيىۋى قىممىتى يوقۇرى ئىكەن رەھمەت.

خەندان 2014-04-14 16:47
توغرا ،تۇرمۇشمۇ شۇنداق رەھمەت سىزگە .

خەندان 2014-04-14 16:47
توغرا ،تۇرمۇشمۇ شۇنداق رەھمەت سىزگە .

مەرىپەت0999 2014-04-15 10:36
ئايزىبا،ھىكمەتلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم،سىزگە رەھمەت!!!


查看完整版本: [-- تاللىشى بولمىغان تاش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled