مىېھرىما |
2014-04-10 21:40 |
ئويغات: بەخت ئىزدەش
بەخت ئىزدەش ئابدۇشۈكۈر قاسىم يېلىنمىغىن ئاللىكىملەرگە، پۈكۈلمىسۇن قەددى-قامىتىڭ. يېلىنغانچە يىراققا قاچار، كېلىۋاتقان بەخت-ئامىتىڭ. تەدبىرىڭنى ئۆزۈڭ بەلگىلەپ، تەقدىرىڭنىڭ تۆمۈرچىسى بول. چىغىر يولدىن كېڭەيگەن ئەسلى، يىراقلارغا تۇتاشقان چوڭ يول. نەزەر سالغىن يىراق-يىراققا، كۆزلىمىگىن پەقەت ئەتىنى. سوراپ باققىن بەختلىكلەردىن، تاپقانمىكىن تىلەپ بەختىنى؟ ئىجادىيىتىم
بۇ شېئىر ئۇيغاتنىڭ ئىجادىيىتى ئۇ مېنى يوللاپ بېرىڭ دەپ ھاۋالە قىلغاچقا يوللاپ قويدۇم ، باشقا تەۋپىقداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشىنىشنى سورايمەن .
|
|