tursun |
2014-04-10 15:40 |
دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...!...بۇژغۇن
دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...!
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
ئادەملەرنىڭ خۇي-پەيلى يامان، دەيمەن شۇڭا،ئېست...!ۋاي ئېست...! ۋاپا،ئىنساپ،مۇھەببەت نەدە؟ دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...! پەرزەنتلەردە بولمىسا ئىنساپ، ۋىجدان-غۇرۇر بولمىسا ھەم ساپ. تۈزەلمىسە ،كەتسەڭ كاپىلداپ، دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...! ئاتىلارمۇ يۈرسە سوكۇلداپ، ئانىلىرىمىز تېخى پوكۇلداپ. بالىلارغا نەدىكىن ئاپتاپ...؟ دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...! بالىلىرى ئۆيگە كىرمىسە، ئۆز ۋاقتىدا تاماق يىمىسە. گەپ قىلسا كۆز-قاپاق يېمىرسە.. دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...! ئايرىلمىسۇن بالا يېنىڭدىن، بالا دېگەن ئەزىز جىنىڭدىن. قانماي ئۆتسە ئېللىق مېھرىڭدىن... دەيمەن شۇڭا،ئېست...ۋاي ئېست...! 2014-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|