查看完整版本: [-- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ رېتسىپى — ئەرنى ماختاش، ئايالنى ئاسراش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ رېتسىپى — ئەرنى ماختاش، ئايالنى ئاسراش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2014-04-10 13:02

ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ رېتسىپى — ئەرنى ماختاش، ئايالنى ئاسراش



ئالدىنقى ھەپتە دوستلار يىغىلىشىدا بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئەر–ئايال ئىككىيلەن ھەممىمىزنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئىككىسىلا كەسپىي ئورۇندا ئىشلەيتتى، قوشكېزەك بالىلىرى بار ئىدى، خىزمەتتىكى نەتىجىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تولىمۇ بەختلىك ياشايتتى. ئەپسۇس بىر يىل ئىلگىرى دوستۇمنىڭ يولدىشى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات سۇسلىشىشقا باشلىدى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، يولدىشى ئۇنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. يولدىشىنىڭ دېيىشىچە، دوستۇم ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدىكەن، ئۇ پۈتۈن كۈن ئىشلەپ ھېرىپ–ئېچىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە دوستۇم ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمايدىكەن، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ بارغانسېرى بىر–بىرىدىن بىزار بولۇشقا باشلاپ، ئارىسىدىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ كېتىپتۇ. بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدا دوستۇم يولدىشىغا گەپ ياندۇرۇپتۇ، يولدىشىمۇ پەقەتلا يول قويماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئاخىر نىكاھىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپتۇ.

   قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، يولدىشىنىڭمۇ، دوستۇمنىڭمۇ خاتا، دېيىشكە بولمايدۇ، پەقەت ئىككىسىلا مەسىلىنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلمىغان. نىكاھ ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىش سەنئىتى. ئەگەر يولدىشى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دوستۇمغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرگەن بولسا، شۇنداقلا دوستۇممۇ يولدىشىنى چۈشىنىپ، پات–پات ماختاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلى چۈشكۈنلەشكەن يولدىشىغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بەرگەن بولسا بەلكىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى مۇمكىن ئىدى!

   يولدىشىنى ماختاش — ئاياللار بەختلىك نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم سەنئەت. ئەرلەرنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگە كېلىدىغان، ئايالىغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل دەل «ماختاش» تىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى ماختاش ئالداش، بويسۇنۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەرلەرگە ئاتا قىلىنغان ھەقىقىي مېھرىبانلىق، ئەرلەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغان ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەدەت، شۇنداقلا ئەر–ئاياللىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېسىل دورىسىدۇر.

   ئايالنى ئاسراش ئەرنىڭ نىكاھنى مۇستەھكەملىشىدىكى بىباھا گۆھەر. دۇنيادا يولدىشىنىڭ ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئايال بولمىسا كېرەك. ئاسراش ئايالغا نىسبەتەن ئۈچ ۋاق تاماقتىنمۇ مۇھىم بولغان مەنىۋى ئوزۇق، ئۇ ئاياللار ھاياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاياللار ئۇنىڭدىن مەڭگۈ بىزار بولمايدۇ. ھەرقانداق ئەر ئايالىغا كۆيۈنۈش، ئاسراشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ قارىشى كېرەك. ئائىلىدە بىرەر ماجىرا يۈز بەرگەندە ئەر قاراملىق قىلماسلىقى، ئەگىتىپ ئۆتۈپ كېتىشنى بىلىشى لازىم. ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل سۈركىلىش بولغاندا ئەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاتلىق سۆز، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كېيىنكى ئىشلارمۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

   ئومۇمەن، ئەر ماختاشقا، ئايال ئاسراشقا موھتاج. بۇ ئىككى تەرەپ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. ئەقىللىق ئايال ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرى ۋە تاتلىق سۆزلىرى بىلەن يولدىشىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، يولدىشىنى مۇۋاپىق ماختىغاندا ئاخىرقى ھېسابتا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا ئۆزى بولىدۇ؛ ئەرنىڭ ئاسرىشى ئايال ئۈچۈن ئەڭ سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇمى، يولدىشىنىڭ كۆيۈنۈشى يۈزىنى يول–يول قورۇق بېسىپ كەتكەن ياشانغان ئايالنىمۇ ياشارتىۋېتەلەيدۇ.

ياسىنجان510 2014-04-10 23:56
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوقۇرى يازمىڭىزغا رەھمەت .تەربىيىگە ئىگە بولدۇم.

ablat0997 2014-04-11 11:00
‹‹ئەرنىڭ ئاسرىشى ئايال ئۈچۈن ئەڭ سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇمى، يولدىشىنىڭ كۆيۈنۈشى يۈزىنى يول–يول قورۇق بېسىپ كەتكەن ياشانغان ئايالنىمۇ ياشارتىۋېتەلەيدۇ.›› نىمە دىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ؟!

ئانا 2014-04-13 18:43
توعرا پىكىر بوپتۇ.

رەيھانگۇل 2014-04-13 22:46
مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ دوستىلار...

tawpek 2014-04-15 21:36
جانغا ئەسقاتىدىغان بىلىم ئەڭ ياخشى بىلىم دەپتىكەن.

مەنچە يۇقارقى تەجرىبە ساۋاق ۋە كۆرسەتمە تەربىيەلەر بىز ئۈچۈن نىيۇتۇننىڭ ھەركەت قانۇنلىرىدىن مۇھىم

تەۋپىقنىسا 2014-04-30 16:54
ablat0997:‹‹ئەرنىڭ ئاسرىشى ئايال ئۈچۈن ئەڭ سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇمى، يولدىشىنىڭ كۆيۈنۈشى يۈزىنى يول–يول قورۇق بېسىپ كەتكەن ياشانغان ئايالنىمۇ ياشارتى .. (2014-04-11 11:00) 

ناھايىتى توغرا. ئەرلەرنى ھۆرمەتلەش ــــ ئاياللارنىڭ نازاكەتلىكىدۇر.
ئەرلەرنىڭ سادىقلىقى ــــ ئائىلىنىڭ بەختىدۇر.

ھاتەھاتەم 2014-05-05 10:31
ئايالنى ئاسراش ئەرنىڭ نىكاھنى مۇستەھكەملىشىدىكى بىباھا گۆھەر. دۇنيادا يولدىشىنىڭ ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئايال بولمىسا كېرەكتەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوقۇرى يازمىڭىزغا رەھمەت .تەربىيىگە ئىگە بولدۇم     

نۇرلالە 2014-05-23 16:58
يزمىڭىزنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ،مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ ناخشىسنى ئەسلەپ قالدىم .ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

akqolpan 2014-06-09 11:02
ئەر ماختاشقا، ئايال ئاسراشقا موھتاج. بۇ ئىككى تەرەپ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. ھەقىقەتەن توغرا.  ئەر ئاياللار بۇنى ياخىشى بىلىۋالسا نۇرغۇن سەبىيلەرنى يىتىملىك كوچىسىدىن ئىللىق ئائىلىگە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ.


查看完整版本: [-- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ رېتسىپى — ئەرنى ماختاش، ئايالنى ئاسراش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled