查看完整版本: [-- تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2014-04-10 12:52

تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر

تۇرمۇش تۈرلۈك ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا گۈزەل نەقىشلەرنى سىزىش ياكى ئۇنداق قىلالماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق. l[[`-f8j  
   ناھايىتى چىرايلىق ۋە ئەدەپ – ئەخلاقلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇنى قوغلىشىۋاتقان يىگىتلەر كۆپ ئىكەن، يىگىتلەر قىز ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىكەن. بىر كۈنى قىز ئاغرىپ قاپتۇ. يىگىتلەر بۇنى ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بىلىپ، بىر – بىرىدىن ئېسىل سوۋغاتلارنى ئېلىپ قىزنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نامرات بىر يىگىتمۇ بار ئىكەن. شۇ ئارىدا قىز دورا ئىچمەكچى بوپتۇ، بۇ چاغدا يىگىتلەر پايپېتەك بولۇپ، ئېسىل ئىچىملىكلەرنى قىزغا سۇنۇشۇپتۇ. نامرات يىگىت بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئېلىپ كەپتۇ – دە، سۇنىڭ قىزنىڭ لېۋىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئىستاكاننى قولىغا يېقىپ بېقىپ، قىزىق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن قىزغا بېرىپتۇ. بۇ ئىش قىزغا ھەقىقىي كۆيۈنۈشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ. مانا مۇشۇ كىچىككىنە ئىش نامرات يىگىتنى تاغدەك ئىشلارنى قىلالايدىغان رەقىبلىرىدىن ئۈستۈن قىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، مېھىر – مۇھەببەت دەل ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ. ]_B 
fIpS P@$<  
   ئانىمىزنىڭ بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قويساق، ئۇنىڭ نېمىشقا مۈكچىيىپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىمىز، پۇتىنى يۇيۇپ قويساق، نېمە ئۈچۈن تاپانلىرىنىڭ چاك – چاك يېرىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئاتىمىزنىڭ ئالقانلىرىنى سىلاپ باقساق، ئۇ قوللارنىڭ نېمە ئۈچۈن قاداق باسقانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇلار ھەممىمىز كۆرۈشكە تېگىشلىك، لېكىن سەل قارايدىغان گۈزەللىكلەر. ناۋادا يالغان بولسا، قېنى قايسىمىز ئانىمىزنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ، پۇت – قوللىرىنى يۇيۇپ، قايسىمىز ئاتىمىزنىڭ چاك – چاك يېرىلغان ئالقان ۋە قاداق قوللىرىنىڭ تارىخىي گۈزەللىكىنى ئاڭلىيالىدۇق؟ z@IG"D  
c(Y~5A{TXO  
   بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز قىلالايدىغان، ئەمما، قىلىشقا سەل قارايدىغان كىچىك ئىشلار. بىز ئۆزىمىزدىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ‹‹مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىدىم؟›› دەپ سوراپ باقايلى! 5KB Z-,  

ياسىنجان510 2014-04-12 00:21
خەنداننىڭ تېمىسى ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن ،گۈزەللىك دەل بىزنىڭ قەلبىمىزدە.

tawpek 2014-04-15 21:10
ياخشى تېمىكەن، ھەممىگە پۇل خەجلىمىسە بولمايدىغاندەك،  پۇل بولمىسا ۋاپادارلىق قىلغىلى بولمايدىغاندەك  تۇيغۇدا ياشاپ مۇشۇنداق ھەقسىزلىكلەر ئارقىلىقمۇ ئىرىشكىلى بولىدىغان بەخىتتتىن قۇرۇق قىلىۋاتىمىز.


查看完整版本: [-- تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled