查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2014-04-10 02:30

ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟

          ئىشخانىدا ئولتۇراتتىم . بىر  ئوقۇتقۇچى بالىلارنى ئەكىرىپ تەنقىدلەپ كەتتى. ئادەتتە بالىلارنى  بىرەر ئوقۇتقۇچى تەنقىدلىسە تەڭلا تەنبىھ بېرىشىپ بېرەتتىم .بۈگۈن مۇشۇ  «ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ ؟» دېگەن تېما ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ،ئۇ ئوقۇغۇچىنى تەنقىدلەش «پۇرسىتىدىن » مەھرۇم بولدۇم . ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ باھانىسى كۆپ ،ئۇنى نۇرغۇن قېتىم دەپ باقتۇق لېكىن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچى بولۇش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمىدۇق. ئۇنى يەنى ياخشى كۆرمىسەك ،ئۇمۇ بىزنى تاشلاپ قېچىپ كىتەرمۇ ؟ - دەپ ئەنسىرەپمۇ قالدىم. ئۇ قېچىپ كەتسە قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرەر. ئۇنىڭ بىلەن قوساق بېقىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنى ئىزدەپ دەرۋىشلىك كوچىسىدا چاپارمۇ؟ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى «ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟» ZE}m\|$  
1. ئۇ شۇنداق ياخشى كەسىپ . ھېچكىم ھەتتا دۆلەت رەئىسىمۇ «رەئىسنى ھۆرمەتلاڭلار !» دېگەن بۇيرۇقنى ئۇچۇق - ئاشكارە دېيەلمەيدۇ .لېكىن بىز «ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلاڭلار ! »دەپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيمىز! ھەممىدىن مۇھىمى «ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش» نى دەرس قىلىپ ئۆتەلەيمىز ! بەزىدە تېخى «مېنى ھۆرمەت قىلمىدىڭ ! » دەپ دەرس ۋاقتىنى ئېلىپ تىنقىدلەيمىز. بۇنداق رەسئىستىنمۇ يۇقۇرى ئىمتىيازغا ئىگە بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ q)@.f.  
2.ئاچچىقىمىز كېلىپ چېچىلىپ قالساق ، پىسخىكىلىق بوشتۇش ئوبېكتىلىرىمىز تەييار. باشلىق تەنقىدلىسە ئاچچىقىمىزنى بالىلارغا تۆكىمىز. قايسى بىر كەسىپتە بۇنداق ياخشى داۋالىنىش ئۇسۇلى بار دەيسىز. بالىلار بىزنىڭ سۆزىمىزگە ئىشىنىپ ئۆزلىرىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ بىزدىن كەچۈرۈم سوراپ كېتىدۇ. ھېچقانداق ھەق تاپشۇرمايلا داۋالىنالايدىغان بۇنداق ئىمتىياز نى ئالماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ ؟ <v5toyA  
3. ھەممىدن مۇھىمى بىز بىغۇبار بىر توپ بىلەن بىللە تۇرغاچقا كىشلىك مۇناسىۋىتىمىز ئاددى. بولۇپمۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تېخىمۇ شۇنداق . بالىلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆزىمىزنى تەربىيلەيمىز. نۇرغۇن مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەردىن خالىي ھالدا ئاددى - ساددا ياشاشقا كۆنىمىز. كىشىلەر رەزىللىكتىن قېچىپ ئاۋارە. M{nz~W80  
بىغۇبار  بىر توپنى مائارىپ مەقسىتىدىن چەتنىگەن تۈرلۈك چەكلىمە ،قېلىپلار ئىچىدە تۇنجۇقتۇرساقمۇ نۇرغۇن مەدىھيە سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازنى ئالماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ W^y F5  
4.ھەممىدىن مۇھىم ئىمتىيازنىڭ بىرى مەيلى قالماشتۇرايلى مەيلى قالماشتۇرالمايلى بىزنىڭ نامىمىز «ئۇستاز » بۇ نامنىڭ ۋەزىنىدە ئىنسان ئىنسانىلىق مۇقامىغا يەتكەن. بەزىدە  ئىنسانىلىقتىن بەك يىراقلىقىمىزنى بىلىپ تۇرساقمۇ بالىلار بىزنى يەنىلا «ئۇستاز » دەپ چاقىرىدۇ .بۇنداق كاتتا ئىنئامنى ئالماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ TF M} P  
ــــــــــ مەرزىيە مۇئەللىم مانىڭغا ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇڭە !   xRaYm  
تاتلىق باھانىلىرىم قاياققىدۇر يوقالدى. قايتۇرۇپلا بالىدىن سورۇدۇم : qrt+{5/t  
ــ ئوقۇغۇچى بولماسلىققا باھانەڭ بارمۇ؟ j l7e6#zu  
ئۇ  نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى. ;9prsvf  
ئوقۇغۇچى بولماسلىقنىڭ باھانىسىنى تاپالىساڭ ساڭا سۆزۈم يوق ! $*2uI?87}:  
ئۇ بىرھازاغىچە ھېچنىمە دىيەلمىدى . y:W$~ 
ئەتىگىچە يېزىپ كەل ! 3mBr nq]j>  
ئاندىن بىر نەرسە دىيىشەيلى! *Z{W,8h*s  
ئۇ ئەتە نېمە يازىدۇ ئېنىقسىز ! مۇھىمى مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا بولۇپمۇ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئىزچىل باھانە ئىزدەيدىغاندەك قىلىمەن. چۈنكى ياخشى كۆرۈش بىلەن نەپرەتنىڭ ،نەتىجە بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ  پاسىل چىگرىسى «سەۋەپ - باھانىلەر »نى ياستۇق قېلىپ ئۇخلايدىكەن... >.M `Fz.  
'!En,*'IS  

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-04-10 04:03
ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانە يوق .بۇ نۇرغۇن ئەل سۆيەر ،مائارىپ سۈيەر ،مىللەت سۈيەر ،ئەۋلادلار ئىشقىدا شام بۇلۇپ كۆيگەن مائارىپچىلىرىمىزنىڭ ئورتاق جاۋابى !ئۆز ئەۋلادىمىزنى ئۆزىمىز تەربىيلەشكىمۇ باھانە ئىزدەپ باش تارتساق ،بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش .

بابۇر0725 2014-04-10 08:14
ناھايىتى  ياخشى تېما يوللاپىسز  .رەھمەت سىزگە

yaxar 2014-04-10 10:59
ئۇزچاق سىڭلىم يىڭى يازمىڭىزغا تەشەككۈر، مۇنبەرداشلىرىڭىز، مەسلەكداشلىرىڭىز ۋە كەسىپداشلىرىڭىز يازمىلىرىڭىزنى سىغىنغان، تۇرمۇشنى كۈزىتىش ئۇسۇلىڭىز ئۆزگىچە، تەپەككۇرىڭىز چوڭقۇر، پىكىرلىرىڭىز ئىجادىيلىققا تويۇنغان، ئاللاقاچان ئۆزىڭىزگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بەلگىلىك ئوقۇرمەنلەر توپىنى ئۆزىڭىزگە ئەگەشتۈرگەن تۇرۇقلۇق يەنە يازماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟

مىېھرىما 2014-04-10 11:31
سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزدىن بەكلا كۆپ بىلىمنى بىلۋالغان ئىدىم . بۇ تىمىڭىزدىنمۇ بەكلا ئاجايىپ تەسىراتقا ئىگە بولدۇم رەھمەت

ozqan 2014-04-10 13:13
ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن زېرىكىشكە ، ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرمەسلىككە ھەقىقەتەنمۇ باھانىمىز يوق ... 6gV-u~j[#  
GZ,`?  
ئۇزقىزچاق : ئۆزىڭىزنىڭ باھانىسى بار-يوقلىقىغا دېئاگىنوز قويغاچ بۇ تېمىنى بەكمۇ تەبئىي ھەم قايىل قىلارلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇپسىز ...\ 5xe} ljo  
Ya{$:90 (4  
ھەقىقەتەن سىزنىڭمۇ بىزنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىمىز پەقەتلا يوقكەن ...

ۋارىس60 2014-04-10 14:22
بۇنداق ياخشى تىمىغا ئىنكاس يازماسلىققا باھانە يوق

گۈلنىھال 2014-04-10 21:53
‏ئۇزچاق مۇئەللىمنىڭ ھەربىر ئەسىرى بىزنىڭ دىل تارىمىزنى چېكىپ كېلىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرشىڭىزنى تىلەيمىز .

parixta 2014-04-11 17:27
ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتقان، جاپادىن قېچىپ، شەرەپتىن مەھرۇم قېلىۋاتقان ، مەمۇرىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇچۇرما سىتودىنىتلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، ئۆزىنىڭ شەرەپىلىك خىزمىتىدىن ۋيساۋاتقان ھۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىمىز ئۈچۈنمۇ  بۇ تۇلىمۇ ياخشى دەرسلىك بوپتۇ. UF37|+"E  

uzqak 2014-04-13 19:03
مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلھامبەخىش ئىنكاسلىرىغا رەخمەت! بۈگۈن دەرسكە بېرىپ بالىلارغا  :«ئۆزەڭلارنى دەرسخانىغا ئالغاچ كېلىڭلار ،قولۇڭلارنى ،قۇلۇقۇڭلارنى ،يۈرۈكۈڭلارنى ئېلىپ كەلسەڭلار دەرس دەرسكە ئوخشايدۇ »-دەپ قويۇپ بۇ تەلەپنى ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە قويۇشۇم كېرەككەن  دەپمۇ  ئويلاپ قالدىم... ئالدىنقى ئايدا زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغىلى بېرىپ  بىر جۈملىنى خاتىرەمگە يېزىۋالغان ئىدىم : « ھاياتنىڭ فوكۇس نۇقتىسى ـــ چىنلىق ۋە ئىخلاستا » چىنلىقتىن ئايرىلغان ھەرقانداق مۇلاھىزە ۋە تەھلىللەرنىڭ قۇرۇق گەپكەن. j'L/eps?S  
بۈگۈن «خائىن » دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى . بالىلار خەنزۇ سىنىپتىن ئۇيغۇرچە سىنىپقا يۆتكەلگەن  بالىلار بولغاچقا بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈشكە  خېلى كۈچ كەتتى. خەنزۇچە دەپ كەينىدىن ئۇيغۇرچە دەپ ئىشقىلىپ تەس... ئەسەرلەردە  كۆپ ئۇچۇرايدىغان لېكىن تۆتلا ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ ھالىمىز قالماپتۇ. تۇرۇپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  نەتىجىسىنى كۆپتۈرۈپ يوللاشمۇ « خائىنلىق»مۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدىم... ھەرقايسى ساھالەردىكى ئەھۋالنى كۆپتۈرۈپ ياكى يالغان مەلۇم قىلىدىغان جەمئىيىتىمىزنىڭ «خائىنلىرى » ئازلىسا ياكى يوقالسا جەمئىيەتنىڭ فوكۇس نۇقتىسى  ئاندىن « چىنلىق ۋە ئىخلاس» بولامدۇ قانداق؟ ... تېمىدىن چەتنەپلا كەتتىم... چىنلىق ۋە ئىخلاسقا خېلى جۈرئەت كەتكۇدەك. بىز قاخشاۋاتقان يىرگىنىۋاتقان نۇرغۇن نەتىجىلەر شۇ چىنلىق ۋە ئىخلاستىن ئايرىلغان جەرياننىڭ نەتىجىسىكەن. جەرياننى ئەخمەقلەرچە بېسىپ بولۇپ نەتىجىگە ھازا ئاچقان كۆرىنىشىمىز نېمانچە ھەجىۋى -ھە؟ ! ...

مەرىپەت0999 2014-04-14 13:20
ئۇزچاق مۇئەللىم،مەزمۇنى تېرەن،سۆزلىرى ئۆتكۈر ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇماسلىققا باھانىمىز يوق!!!!

ئالىپئەر 2014-04-15 12:24
ئۇزچاقنىڭ بۇ تىمىسىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ(بۇ تىمىن كۆرمىگگنلەرگە) شۇنداق ئوقۇپ بەرگۈم كەلدى ،چوقۇم ئوقۇپ بىرىمەن ،كەسپى ئگىنىشلەردە نەدىكى بىر نەرسىلەرنى ئۈگەنگۈچە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئۈگىنىش قىلساق،قەلىبلەردىكى چوغ يىلىنجاپ قالسا .....

رەيھان 2014-04-17 16:31
ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا ھەقىقەتەن باھانە يوق . ھازىر بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئورنى يەنىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى ئىلگىرى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بالىلىرىنى خەنزۇچە سىنىپلارغا بېرىپ ئۇلارنى خەنزۇچىدىا ئوقۇتۇپ راسا بىر ئىقتىدار ئىگىسى قىلماقچىدى بىراق، ئۇلار بېسىمدىن ئۆسەلمەي يىگىلەپ قالدى. يەنى بىر تەرەپتىن يېتىشەلمىگەنلىكتىن ئوقۇتقۇچىلىرى تاشلىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن قوش تىللىق سىنىپلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇلارغا جان كىرىپ ئەندى ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي بالىلىرىنى يۆتكەۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئانا تىلنى باشتىن ئۆگىتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا ئامال يو

ئارزۇ228 2014-04-21 16:50
     ئەسەرنىڭ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىغا قاراپ دېگەن سۆزىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى، «ئوقۇغۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ»دېيىشىڭىزنى  ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، ikd1KF+I  
    مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا ھېچقانداق باھانەم يوق.

ئابلىكىميارى 2014-04-23 21:42
ئاكتىپ پوزىتسىيىگە مۇھتاجمىز بىر، ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز!

مامۇتجان 2014-04-24 16:23
ئۇزچاق خانمنىڭ يازمىللىرى ئادەمنىڭ قەلبىنى ھەقىقىەتەن لەرزىگە سالىدۇ.

مامۇتجان 2014-04-24 16:24
مەندە نۇرغۇن سۇئال بارئىدى يوللانمايۋاتىدۇ. ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭلار.

گېرمان 2014-04-24 23:22
تېمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە تېما بولۇپتۇ ،بىز ئۆزىمىزگە مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويالىساقلا ،ھەقىقىي ئۇستازلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايمىز .

uzqak 2014-04-26 21:09
مامۇتجان مۇئەللىم قەدىمىڭىزگە مەرھابا!   «سۇئال باتتى » بۇ سۆزدىن خۇشال بولدۇم . سۇئال ئامبىرىمىز موللاشقىدەكتە ! تەۋپىق  چ چ توپى ياكى ئۈندىدارغا قوشۇلسىڭىز تەۋپىق ئۆگىتىپ قويسا بوپتىكەن....


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچى بولماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled