بۇ كالتە پەم ۋەزىر ،مەن قانداق قىلىپ بۇ بىر ئۇچۇم بوغداينى ئۇيالماستىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمەن ؟ بۇنچىلىك بۇغداي پادىشاھ جانابلىرىنىڭ سۇپۇرىسىدىمۇ ئېشىپ -تىشىپ تۇرمامدۇ ؟دەپ ئويلاپتۇ -دە ،ئۆزى توپلىغان بايلىقىدىن سوۋغات تەييارلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ جاھاندا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ .ھېلىقى بۇغداي توغرىلىق ھېچنەرسە دىمەپتۇ . :[&X*bw[ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ .شاھنى ئوردا تىۋىپلىرى داۋالىغان بولسىمۇ ساقايتالماپتۇ .شۇ چاغدا ۋەزىر ھېلىقى بۇغداينى يادىغا ئېلىپ ،مەخسۇس كېشىگە ئۈگۈت قىلىپ تارتقۇزۇپتۇ ۋە ئۇستا ناۋايغا توقاچ قىلىپ ياقتۇرۇپتۇ .ئەپسۇسكى ئۇ توقاچلار تونۇردا تۇرماي قوقاسقا چۈشۈپ كۈيۈپتۇ .شۇنداق بولسىمۇ ناۋاي ئانچە كۆيۈپ كەتمىگەن بىر دانە توقاچنى ۋەزىرگە بېرىپتۇ . {m?x}, ۋەزىر توقاچنى نەزەر غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ،يەنىلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتىن ئۇيۇلۇپ كونا ساڭنىڭ ئويۇقىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ . H#y"3E پادىشاھنىڭ كىسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپتۇ .ئىلاجسىز قالغان ۋەزىر ئوردا ئەھلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن لوقمان ھەكىمنى چاقىرتىپ كېلىپ شاھنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى بوپتۇ . 4Ojw&ys@V لوقمان ھەكىم قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ يىنىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ .لوقمان ھەكىم قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ ينىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ . ^q`*!B9@ لوقمان ھەكىمنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولغان پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرتىپ : v#FUD-Z -مەن لوقمان ھەكىمنى بۇ جاھاننىڭ نەرسىسى بىلەن ئەمەس ،ئۇ جاھاننىڭ نەرسىسى بىلەن مۇكاپاتلىماقچى ،سىزدە ئۇ جاھاندىن ئەكەلگەن نەرسە بارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ . :S12=sFl$ ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكتىن ،ۋەزىر ئەمدى يۇشۇرۇپ تۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قاراپ ،بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ ، پادىشاھ ۋەزىرگە : +q$|6? -ئاشۇ توقاچنى دەرھال ئالدىمغا ھازىر قىلىڭ !،-دەپتۇ .ۋەزىر توقاچنى ئەكەلگەندىن كىيىن پادىشاھ قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرماي لوقمان ھەكىمگە تەقدىم قىپتۇ ۋە دەرھال يەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىپتۇ . 4;||g@f'[ لوقمان ھەكىم پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ .شۇ ھامان لوقمان ھەكىم ياشىرىپتۇ .تىنى كۈچ -قۇۋۋەتكە تولۇپ ،جان -جانۋەر ،گۈل -گىياھلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قانداق پايدىسى بارلىقىنى چۈشىنىدىغان بوپتۇ . ]Yex#K لوقمان ھەكىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كىيىن پادىشاھ : ]r6bJ2 -مەندەك ئەركە ئەخمەقنىڭ بۇ جاھاندا ياشىغىنىدىن ، سىزدەك دانا ئىنسانىيەتكە بەخت- سائادەت يارىتىپ ،مىڭ يىل ياشىمىقى ھەقلىق ،-دەپتۇ . : 4WbDeR شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ۋە زامانلار ئۆتۈپتۇ ،لوقمان ھەكىم ئىنسانىيەتكە بەخت -سائادەت يارىتىپ ئۈچ مىڭ بەش يۈز يىل ياشاپتۇ .ئۇ ھازىرمۇ ھايات ئىمىش . 0)!zhO_} چىش تارتىش _4$DnQ6& لوقمان ھەكىمنىڭ زامانىسىا بىر ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىپ قىلىپ ،تىۋىپلارنىڭ دورىسىمۇ كار قىلماپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتسا ،ئالدىغا لوقمان ھەكىم ئۇچراپ قاپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمگە گەپ قىلىپ بولغۇچە ، لوقمان ھەكىمنىڭ تەرىتى قىستاپ ،يولنىڭ بويىدىلا بىر دالدا يەرگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇپتۇ . چىشى ئاغرىغان ئادەم خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ،لىكىن لوقمان ھەكىم ئورنىدىن تۇرماپتۇ .ئۇ ئادەمنىڭ چىشى بەك ئاغرىپ كېتىپ چىداپ تۇرالماي لوقمان ھەكىم تەرەپكە قاراپ : GcW}<g} -چىشىم بەك ئاغرىپ كەتتى ،چىداپ تۇرالمىدىم ،تېزرەك داۋالاپ قويغان بولسىلا ،- دەپتۇ .مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىسىدى بويىچە چوڭ -كىچىك تەرەپ قىلىپ ئولتۇرغاندا گەپ قىلمايدىغان قائىدىسى بولغاچقا ،لوقمان ھەكىم گەپ قىلمايلا ئۇ ئادەمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،يىنىدىن بىر تال بۇيىنى يۇلىۋىلىپ تاشلىۋىتىپتۇ .ئۇ ئادەم بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يۈگۈرگەن پېتى بىر ئادەمنىڭ قىشىغا بېرىپ چىشىنى تارتقۇزۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن چىش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپتۇ ،چىش تارتىش ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن . dAl<'~g C:MGi7f لوقمان ھەكىمنىڭ ۋەسىيىتى wf%Ep#^6} l$_rA~Mo MPN=K|* لوقمان ھەكىم دۇنيادىكى بارلىق گۈل -گىياھ ،ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن .لوقمان ھەكىم سىرتقا چىقسا ،گۈل -گىياھلار ‹‹مەن پالانى كىسەلگە داۋا ››دىيىشىپ ،ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىكەن .ھەرقانداق جايدا ساقايمىغان كىسەللەر لوقمان ھەكىمنىڭ قولىدا ساقىيىدىكەن . D(U3zXdO كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھەكىم ئاغرىپ قاپتۇ .ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن .ئۇ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ : "IJMvTmj -ئوغلۇم ،مۇبادا ساقىيالماي قالماي قالسام .ساڭا مۇنۇ ئۈچ ۋەسىيەتنى قالدۇرىمەن .ئەمەل قىلساڭ ،زىيان كۆرمەيسەن ، بىرىنچىسى ،سىرىڭنى ئايالىڭغائېيتما ،ئىككىنچىسى ،دورغا بىلەن ئاغىنە بولما ،ئۈچىنچىسى ،كوسىدىن قەرز ئالما ،-دەپتۇ ،دەپتۇ . @|%ICG c ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي لوقمان ھەكىم ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .ئۇ ئوغۇل ئاتىسىدىن قېلىپ خېلى ئۇزاقلارغىچە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىپتۇ .كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كاللىسىغا دادامنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر سىناپ كۆرمەيمەنمۇ -دىگەن خىيالغا .BDRD~kB كەپتۇ .ئۇ يۇشۇرۇن ھالدا بىر ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ تاغارغا ساپتۇ ، قان يۇقى ھالدا ئايالىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇدە ،ئايالىغا : U] -@yx -مەن بۈگۈن بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدىم ،غەزىپىمنى باسالماي بوغۇزلىۋەتتىم .بۇ تاغاردىكى شۇنىڭ ئۆلۈكى .بۇنى دەرھال بىر يەرگە كۆمۈۋىتەيلى ،كەل، ياردەملەشكىن ،-دەپتۇ ،خوتۇنى ماقۇل بوپتۇ .ئۇلار ھېلىقى ئۆچكىنى تاغىرى بىلەنلا ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمۈۋېتىپتۇ . +gCy@_2; ئۇ خوتۇنىغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا تاپىلاپتۇ .ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوغۇل ئاتىسنىڭ ئىككىنچى ۋەسىيىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە يامۇلنىڭ بىر دورغىسى بىلە ن دوستلىشىپتۇ .ئۇلار بىرىنى بىرى بىردەم كۆرمىسە چىدىيالمايدىغان ھالغا يېتىپتۇ .ئوغۇل ئۆچىنچى ۋەسىيەتنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە ئۆزىدە پۇل يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ بىر تۇنۇش كوسا ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز ئاپتۇ . L4*fF كۈنلەر ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ئايالى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ : `+Z#*lj|@ -سەن دىگەن قاتىل !ئۆتكەندە بىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئېغىلغا كۈمۈۋەتتىڭ ،ئەمدى مېنى ئۆتۈرەي دەمسەن !-دەپ جار ساپتۇ .بۇ گەپلەرنى ئەتراپتىكى قۇلۇم - قوشنىلارئ اڭلاپتۇ ،ئاخىر بۇ گەپ سىرتقا تارقىلىپ ئامبالنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ .ئامبال دەرھال دورغىلىرىنى بۇ ئوغۇلنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە دورغىلاردىن : gdFoTcHgO| -قايسىڭ ئۇنىڭ ئۆينى بىلىسەن ؟-دەپ سورىغانىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغان ھېلىقى دورغا ئالدى بىلەن : )k] !u -مەن بىلىمەن !-دەپتۇ -دە يايىلارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ-دە ،يىگىتنى چەمبەرچاس باغلاپ ،ئامبالنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپتۇ .يىگىت يامۇلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېلىقى مىڭ تىللا بەرگەن ئادەم كۆرۈپتۇدە ،كۆزىنى يۇمۇپلا : c$ سېنىڭدە ئىككى مىڭ تىللا پۇلۇم بار ،بەرگىن ،- دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ .ئامبالمۇ گەپ سورىمايلا يىگىتىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ .ھېلىقى دورغا ئۇنى ھەربىر ئۇرغاندا :‹‹مەن گۇناھكار ››دىگەن دەپ مەجبۇرلايدىكەن ،لىكىن ئۇ يىگىت ‹‹ئامبال گۇناھكار ››دەۋېرىپتۇ ،ئاخىر ئامبال دەرغەزەپ بولۇپ : ;@YF}%!+W -ھەي قاتىل ! قاتىل تۇرۇپ سەن گۇناھكار بولماي مەن گۇناھكارمۇ ؟-دەپتۇ .شۇ چاغدا يىگىت : ],}afa!A -جانابى ئامبال سىز باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ئىشنى ئىچنىكە تەكشۈرمەي ،مېنى ئۇۋال قىلىۋاتىسىز ،ئىشنىڭ تىگى مۇنداق ئىدى ،- دەپتۇ ۋە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىدىن تارتىپ تاكى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتلەرنى سىناق قىلغانغا قەدەر سۆزلەپ بېرىپتۇ ،ئاخىردا ،- دادامنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قىممىتىگە يەتتىم ،دادام راست ئېيتقانىكەن ،دىمەك ،ئاتا-ئانىنىڭ ۋەسىيىتى ھېچقاچان زىيانلىق بولمايدكەن ،- دەپ گىپىنى تاماملاپتۇ . 1L=Qg4 H ئامبال ئۆزىنى تۇنۇۋاپتۇ .يىگىتكە يايىلارنى قۇشۇپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ ،يايىلار ھېلىقى تاغا كۆمگەن يەرنى ئاچقانىكەن ، راستىنلا بىر ئۆچكىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن مۈڭگۈزلىرى ۋە چىرىپ كەتكەن تاغار پارچىلىرى چىقىپتۇ .ئامبال يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ ،تۆھمەتخۇر خوتۇننى ،دورغىنى ۋە ھېلىقى قەرز پۇل بەرگەن نامەرتنى زىندانغا سىلىپ ،يىگىتكە نۇرغۇن مال -دۇنيا ئىنئام قىلىپ ،ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ،ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ . +IO1ipc4cE +9 p`D ;n7|.O]* لوقمان ھەكىمنىڭ باقى ئالەمگە سەپەر قىلىشى G9y12HV (06Vcqg .m]=JC5' لوقمان ھېكىم مىڭ ياشقا كىرگەن يىلى ،ئەزرائىل ئۇنىڭ قېىشغا قۇش سۈرىتىدە بولۇپ ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە : 1s}NQ3 -ئەي لوقمان ،ئاللاتائاللاھ ساڭا مىڭ يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدى ،ئەمدى بەس ، جان قۇشۇڭنى تەن قەپىسىڭدىن ئۇچۇرغايمەن ،-دەپتۇ .لوقمان ھېكىم دەپتۇكى : +x9"#0|k; -سەن ئالدىرىما ،باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ تۇر ، مەن تېخى جېنىمدىن تويغىنىم يوق ،مەن جېنىمدىن زېرىككەندە سېنى چاقىراي ،بولمىسا ،مېنى ھازىر ئاۋارە قىلما ،ئىشىم بەك ئالدىراش . -ئۇنداق بولسا گىپىڭ گەپ-ھە ،دەپ ،ئەزرائىل ئۇچۇپ كېتىپتۇ ،ئەلىسە ئاللاتائاللاھ ئەزرائىلغا :‹‹لوقماننىڭ قېنىشغا بېرىپ باق ،رازى بولسا جېنىنى ئال ،بولمىسا ،مەيلى ››دەپتىكەن . Gz[ymj)5 كۈنلەردىن كۈنلەرئۈتۈپ ،بىر كۈنى لوقمان ھېكىم بېغىدىكى دورىلىق گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىۋاتسا ،موزىيى ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋىلىپ ،بۇ گۈل -گىياھلارنى دەسسەپ -چەيلىگىلى تۇرۇپتۇ ،لوقمان ھېكىم مىڭ بىر جاپادا بۇ موزاينى تۇتىۋىلىپ ،باغلاپ قۇيۇپتۇ .ئۇ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشگە موزاي يەنە بوشىنىپ كېتىپ بايىقى ئىشنى تەكرارلىغىلى تۇرۇپتۇ .لوقمان ھېكىم ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ھالىدىن كېتىپتۇ ...بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندا ،لوقمان ھېكىم ئىختىيارسىزلا : HLoQ}oK|K ‹‹جېنىمدىن ئەجەب تويدۇردا بۇ موزاي ››دەۋىتىپتۇ .شۇ ھامان ئۇنىڭ ئالدىغا ئەزرائىل پەيدا بوپتۇ-دە، لوقمان ھېكىمنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ .بۇ چاغدا لوقمان : ,7fc41O3V -مەن چاقىرغاندا كەلمەمسەن ؟-دەپتۇ . ZP63Alt -ئەي لوقمان ،ھېلى جېنىمدىن تويدۇم دىدىڭغۇ ؟-دەپتۇ ئەزرائىل .لوقمان ھېكىم چۆچۈپ كېتىپ : +>!B(j\gx -ئوينىشىپ دەپ قويسام ،راست دىدىڭمۇ ؟-دەپتۇ .لېكىن ئەزرائىل بوش كەلمەپتۇ ،ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ .بايا كۆرۈنمەي تۇرۇپ موزاينى يىشىۋىتىپ لوقمان ھېكىمنى جېنىدىن تويدۇرغان ئەزرائىل ئىكەن . lA.;ZD! -ئۇنداقتا ،-دەپتۇ لوقمنا ،-بالا-چاقىلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ،ۋەسىيەتلىرىمنى جىكىلەپ قوياي ،ئاندىن جېنىمنى ئالساڭمۇ ئال ،-دەپتۇ .ئەزرائىل ماقۇل بوپتۇ ھەمدە مۆھلەت بەلگىلەپ كېتىپ قاپتۇ . g",w kO| دىگەن قەرەلدە ئەزرائىل كەلسە ،قىرىق بىر لوقمان قاتار ياتقۇدەك ،ئەزرائىل دەماللىقتا پەرقلەندۈرەلمەپتۇ -دە ، ئاللاتائاللاھقا مۇراجىئەت قىپتۇ : jqX@&}3@ -لوقمان قىرىق بىر بوپتۇ ،بۇلاردىن قايسسىنىڭ جېنىنى ئالاي ؟-دەپتۇ : 7dlKdKH -ھەممىسىنىڭ كۆزىگە قۇلۇڭنى تىق ،قايسسى كۆزىنى چىمچىلىقلاتسا ،شۇنىڭ جېنىنى ئال ،-دەپتۇ . i (%tHa37 ئەزرائىل شۇنداق قىپتىكەن ،لوقمان ھېكىم كۆزىنى چىمچىلىقلىىتپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ .ئامالسىزلىقتىن بۇ ئۇلۇغ ھۆكۈما بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ . o/dMm:TF ئەسلىدە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن لوقمان ھېكىم ئۆلگۈسى كەلمەي ئۆزىگە ئوخشاش قىرىق ھەيكەل ياسىغانىكەن . (!0j4' شۇنىڭدىن بۇيان خەلق ئارىسىدا : $/, BJ/9 مىڭ يىل ياشىغان لوقمان ، "^9[OgE: ئۆلۈمگە ھېيلىلەر قىلغان . 0HHui7Yy> دەردىگە تاپمىدى دەرمان ، w* بۇ دۇنيادا يوقتۇر پايان ... ^zaKO'KcV دىگەن قوشاق قالغانىكەن .شۇڭا ئادەملەر ئۆمرىگە زادى تويمايدىكەن ،زادى ئۆلگۈسى كەلمەيدىكەن . N>A{)_k3 Sg. +`xww3 VDByj "% مەنبەسى -ئويغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى *%T)\\H2 I!$jYY2
لاچىن: نىمە دېگەن قىززىق رىۋايەتلەربۇ. بىر باشتىن تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. 1- سىنى ئاڭلىغان بولساممۇ كۆپ يەرلىرى ئېسىمدىن چىقىپ .. (2014-04-10 02:40)
ozqan:گۈلنىھال : ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەممەت ، كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ...نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوقۇپ چىققىدەك ئەسەرلەرگە قانچىلىك كۆپ ئەجىر س .. (2014-04-10 19:06)