查看完整版本: [-- دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئوبيېكتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئوبيېكتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2014-04-09 23:28

دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئوبيېكتى

دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئوبيېكتى
دەرستىن كېيىنكى تەھلىلدە نېمىلەر تەھلىل قىلىنىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش؛ باشقىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش؛ «ئوقۇتۇش داۋامىدىكى ئۆگىنىش» ۋە «ئۆگىنىش داۋامىدىكىئوقۇتۇش» مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. گەرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزىدىغان مەسىلىلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دەرستىن كېيىنكى تەھلىلدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئاساس قىلىش كېرەك.
1) ئوقۇتۇشتىكى نەتىجىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. مەسىلەن : ئوقۇتۇش ئىدىيىسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشتىن ئالغان تەسىراتلار؛  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ۋە دەرسخانىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا قوللانغان ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش تەدبىرلىرى؛ ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى؛ دەرسخانىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك سوئال –جاۋابلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس –مۇنازىرلىرى؛ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەر ۋەھەل قىلىش ئۇسۇلى؛ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ئەڭ زور بولغان دەرسلىك ماتېرىياللىرى؛ بىر قىسىم دەرس مەزمۇنىلىرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش پىكىر... قاتارلىقلار. ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلار بويىچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ خاتىرە قالدۇرغاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە پايدىلانغىلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ.
2)ئوقۇتۇشتىكى مەغلۇبىيەتلەر ۋە سەۋەنلىكلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشدىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەر، مەسىلىنىڭ سەۋەبى، مەنبەسى ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. مەسىلەن. مەسىلىلەرنى لايىھىلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىغابوشلۇق قالدۇرۇلغانمۇ – يوق؟ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشگە پايدىلىق بولغانمۇ –يوق؟ كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق ساقلاندىمۇ –يوق ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈندىمۇ –يوق ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشى قانداق؟... دېگەندەك. دەرستىن كېيىن شۇ سائەتلىك دەرسنى ئەسلەپ، يۇقىرىقى نۇقتىلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، تەتقىق ۋە تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن ئۆرنەك تەجرىبىلەرگە ئېرىشكىلى، شۇنداقلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ يېڭى پىكىر يولىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۇشەنچىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان چۈشەنچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، دەرسخانىدا بولسا ساۋاقداشلىرىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېچىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە قارىشى ۋە چۈشەنچىسى، قىزىقارلىقجاۋابلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىغا بولغان ئۆزگىچە چۈشەنچىسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى شەيىئلەرنىڭ باشقا نۇقتىدىن كۆزىتىش ۋە قىزىقىش ئاساسىدىكى تەسىراتلىرىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان دەرس بايلىقى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممەتلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالى ۋە پىكىر – تەكلىپلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدانۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاچقا ئوقۇتقۇچىدىن ھەرخىل سوئاللارنى سورايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى سوئاللىرى ئايرىملىققا ئىگە بولسا، بەزى سوئاللىرى ئادەتتىكىچە بولىدۇ. بەزىلىرى يېڭىلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى نەق مەيداندا دەرھال جاۋاب بېرىلمەيدىغان سوئاللارنى ئۆز ۋاقتىدا خاتىرلىۋىلىپ، دەرسىتىن كېيىن ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» كېرەك. بۇنداق قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش تەپەككۇرىنى ۋە تەجرىبىسىنى بېيىتىشقا پايدىلىق  بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات سەۋىيىسىنى ئۆستۇرۇشكىمۇ پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە ئوقۇتۇشتىكى دېموكراتىك ئېڭىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە نىسبەتەن پىكىر –تەلەپلىرىنىمۇ ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

گۈلنىھال 2014-04-09 23:57
‏دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش ئادەتتە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار سەل قاراپ كېلۋاتقان مەسىلە . بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت !!!

uzqak 2014-04-10 01:20
ئالدىنقى كۈنى مەن پاراكتىكا قىلىۋاتقان مەكتەپتىكى بىر يولداش دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش ھەققىدە سۆزلەپ :« سىز بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئېرىشەلمىگەن ئۈنۈمگە ئۈچ يىل ئەستايىدىل دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىشنى يېزىپ ئېرىشىسىز » دېگەنىدى.
كۆكسانغۇن مۇئەللىمنىڭ  ئەجرىگە رەخمەت!

مىېھرىما 2014-04-10 11:41
مەن مۇشۇ نوختىغا بەكلا سەل قاراپ قالىدىكەنمە.

بۇ تىمنى ئوقۇپ ئەمدى قەتتئى سەل قارمايمەن . سىزگە رەھمەت

ozqan 2014-04-10 13:09
دەرستىن كېيىن قايسى نۇقتىلار ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ . بەزىدە مۇشۇ ئۆلچەملەرنىڭ ناھايىتى ئازلىرى ھەققىدىلا ئويلىشىمىز ، ئويلىنىشىمىز تولۇق بولمايدۇ .
ياكى ھەر سائەتلىك دەرستىن كېيىن ئويلىنىش دائىرمىز ئاددىي ھالدىكى بىر-ئىككى نۇقتىغىلا  مەركەزلىشىپ قالىدۇ . بەزىدە ھەتتا ھېچقانداق ئويلىنىش قىلمايلا  ئۇ دەرسنى ئۇنتۇپ كېتىمىز .

سىز كۆرسەتكەن نۇقتىلار بويىچە ھەر بىر دەرستىن كېيىن ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ ماڭساق ئوقۇتۇشتىكى ئىلگىرىلىشىمىز ھەقىقەتەن تېز بولغۇدەك ..

ياش ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ نۇقتىنى چوقۇم تەۋسىيە قىلىش لازىمكەن .

ئەجرىڭىزگە رەھمەت ...

پاراسەت 2014-04-11 13:01
گۈلنىھال:‏دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش ئادەتتە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار سەل قاراپ كېلۋاتقان مەسىلە . بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت !!! (2014-04-09 23:57) 

تەھلىلىڭىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن . ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆ كەسپىدە تەتقىقاتچى سەۋىيەسىنى ھازىرلاش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىملىق دەرس ۋە كەسپ ئۆگىنىشىدىن كېيىن چوقۇم چونەقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك.

ياپراخ 2014-04-14 10:27
ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن  ياخشى تېمىكەن .
رەخمەت سىزگە !

رەيھان 2014-04-17 17:00
كوكسانگۇن ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە كقپ رەخمەت، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللاپسىز. بىزمۇ ھازىر دەرسلەرگە باھا بېرىش ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى توپلىدۇق.


查看完整版本: [-- دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنىڭ ئوبيېكتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled