查看完整版本: [-- 9يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(لېكسىكا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> 9يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(لېكسىكا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kumush 2014-04-09 21:41

9يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(لېكسىكا)

                                                9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( لېكسىكا )
(2005-يىللىق)
تۆۋەندىكىلەردىن لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
  .A<<دۇنيادا ياخشى ئادەملەرمۇ كۆپ،يامان ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس>> دېگەن جۈملىدە قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزدىن بىر جۈپ، مەنىداش سۆزدىن بىر جۈپ بار.
  B.<<بۇلاق كۆزى>>، <<ھايات يولى>>، <<تىلى ئۆتكۈر>> دېگەن بىرىكمىلەر تەركىبىدىكى <<كۆز، يول، ئۆتكۈر>> دېگەن سۆزلەر كۆچمە مەنىدە كېلىپ،شەيئىلەرنىڭ بەلگە _ خۇسۇسىيىتىنى جانلىق كۆرسىتىپ،تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرغان.
  .Cتىلىمىزدىكى شەكىلداش سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل مەنە بىلدۈرىدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى << ياش، ياز، كۈل، قارا >> دېگەن سۆزلەرنىڭ شەكلى ئوخشاش بولسىمۇ،جۈملىدە ئوخشاش بولمىغان مەنىلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
  .D<<دوستىنىڭ ئىخلاس-ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش، دىلنى رەنجىتمەسلىك، رايىنى قايتۇرماسلىق،دۈشمەنگە رەھىم قىلماسلىق>>ھەققىدىكى مەزمۇن <<دوست سۆزىنى تاشلىما، تاشلاپ بېشىڭنى قاشلىما>> دېگەن تەمسىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
(2006-يىللىق)
تۆۋەندىكىلەردىن سۆز شەكلى ۋە سۆز مەنىسىنىڭ ئىپادىلىنىش يوللىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى:
  .Aسۆز شەكلى سۆز مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.سۆز مەنىسى سۆز شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.مۇشۇنىڭغا قارىغاندا، سۆز مەنىسى بىلەن سۆز شەكلى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇقۇمدۇر.
  .B<<ھېسداشلىق باشقا كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ. ئۇ ئادەمنى مۇلايىم، ئەدەپلىك، كىشىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان قىلىپلا قالماي،بەلكى كىشىنىڭ كۆڭۈل كۆزىنى ئېچىپ،يىراقنى كۆرىدىغان قىلىدۇ>> دېگەن پارچىدا كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆزدىن ئىككىسى بار.
  .C<<يامان، خەسىس ئادەم ھەرقانداق جايدا لەنەتلىنىدۇ، سېخى، ياخشى ئادەم ھەرقانداق جايدا ئىززەت-ئىكرامدا بولىدۇ>> دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئالتە سۆز قارمۇ-قارشى مەنىدە كېلىپ،ئۈچ گۇرۇپپا جۈپ سۆزنى شەكىللەندۈرگەن.
  .Dمەنىداش سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى ئاساسەن ئوخشاش،ئەمما كونكىرىت تىل شارائىتىدا بەزىدە بىرىنىڭ ئورنىغا بىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، بەزىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

(2007- يىللىق )  
  لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (           )
A. مەنىداش سۆزلەرنى ئوخشىمىغان مەنە ئىپادىلەيدىغان بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ئەمما ، شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنا ئىپادىلەيدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بۇلىدۇ .  
B. « يۈزى چىرايلىق ، خۇلقى سەت كىشى ئىملاسى خاتا خۇش خەتكە ئوخشايدۇ . » دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ھەم لېكسىكىلىق مەنە ، ھەم گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلگەن .  
C.«ئەقىل ئوقى ئالەمنى ئالار» دېگەن جۈملىدە ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆز يوق .  
D. « ياخشى ئادەم يامانلاردىنمۇ ياخشىلىقىنى ئايىماس » دېگەن جۈملىدە لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىليەلمەيدىغان سۆز يوق دېگىلى بولمايدۇ .  
  (2009- يىللىق )
تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىلارنىڭ مەزمۇنىغا تۇلۇق ماس كىلىدىغان تۇراقلىق  ئىبارىلەر   گۇرۇپپىسى (      )  
①  « ئۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى . ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىنى ياخشى بېرىش ئۈچۈن خام خىيال ئەمەس ، ئەمەلىي تەييارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلەتتى . شۇڭا ئۇ باشقىلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ، خىلمۇخىل ئويۇنلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەندە قېتىرقىنىپ كىتاب كۆردى ، تىرىشتى ، ئىزدەندى ...»        ② ‹‹ مانا بۈگۈن ئۇ ئۆز ئەجرىنىڭ مىۋىسىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قالدى . قۇلىدا ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى ...قەلبىدە چەكسىز خۇشاللىق ۋە ئېيىتقۇسىز بىر خىل ھاياجان مەۋج ئۇراتتى . ››    ③ ‹‹ مانا ئۇ ھازىر ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بىلىم يۇرتىنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى . ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىنمۇ بەزى ساۋاقداشلىردەك بوشىشىپ قالماي ، داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەندى ، ئىزچىللىق بىلەن ماتىريال توپلىدى ....››
A. ① بۆرە كەلگۈچە پىچاق ئالماق . ② يېڭى ئېدىشنىڭ سۈيى تاتلىق . ③ ئاقىلغا ئىشارە ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز .  
B. ① تۇخۇ ئۇچسا تامغا قۇنار ، لاچىن ئۇچسا تاغقا . ② ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك . ③ چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە .  
C. ① سۇ كەلگۈچە توغان سال . ② بېشى ئاسمانغا تاقاشماق . ③ ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەيدۇ .  
D. ① پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس ، يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس . ② گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك .  ③ موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە

   (2009- يىللىق )  
لېكسىكىغا ئائىت چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (            )  
A. « دۇرۇس ھەم پاكىز كىشى دائىم خاتىرجەم ، تىنچ ياشايدۇ ، بىراۋغا يامانلىق ۋە خىيانەت قىلدىغان كىشى دائىم ساراسىمدە ياشايدۇ » دېگەن جۈملىدە ئۈچ گۇرۇپپا مەنىداش سۆز بار بۇلۇپ ، بۇنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆزلەردۇر .  
B.« بىراۋ ئۇرۇنسىز ماختىسا سەن بەك زىرەك بول ، ئۇ بىر تۈلكە ؛ ئارقاڭدىن يامان گېپىڭنى كۆپ قىلسا بەك ئەنسىرەپ كەتمە ، ئۇ بىر توخۇ » دېگەن جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆزدىن ئىككىسى بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسى ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ .  
C. « ئالمىنى سۇندى نىگارىم ئال دېدى ، ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى »دېگەن مىسرالاردا مەنىداش ، شەكىلداش ۋە قارمۇ - قارشى مەنىلىك سۆزلەر يوق .  
D. ئۇيغۇر تىلىدا سۆز شەكلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش تۇراقلىق بۇلىدۇ . سۆز شەكلى ئۆزگەرسە، سۆز مەنىسىدىمۇ  ئۆزگىرىش بۇلىدۇ  

  (2010- يىللىق )
لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى : (          )
A. « تىل بىلەن يەتكۈزۈلگەن جاراھەت قېلىچ بىلەن يەتكۈزۈلگەن جاراھەتتىن ئېغىرراقتۇر . » دېگەن جۈملىدىكى « جاراھەت» دېگەن سۆز ئاۋال كۆچمە مەنىدە ، كېيىن ئەسلى مەنىدە قوللىنىلغان .  
B. ئۇيغۇر تىلىدا شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنا بىلدۈردىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بۇلىدۇ ، ئەمما ، مەنىداش سۆزلەرنى ئۇنداق دەپ قاراشقا بولمايدۇ .  
C. « تاتلىق سۆزلۈك دۈشمەندىن ئاچچىق سۆزلۈك دوسىت ياخشى » دېگەن جۈملىدە ئىككى جۈپ قارىمۇ _ قارشى مەنىلىك سۆز بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسى جۈپ سۆز شەكلىدە كەلمىگەن .  
D. ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر لۇغەت تەركىبىنىڭ مەركىزى ھېسابلىندۇ . چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇ تىلغا نىسبەتەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇمۇمىي خەلققە بىردەك چۈشىنىشلىك بۇلىدۇ  

  (2011-يىللىق)
       ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A.تەكەببۇرلۇق ھېچ بىر ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى زىيادە قىلمايدۇ›› دېگەن جۈملىدىكى جۈپ سۆز ئىككى مەنىداش سۆزنىڭ قاتار ئېيتىلىشىدىن تۈزۈلگەن.جۈملىدە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆز يوق.
B.‹‹كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قۇلۇپى تىلدۇر ۋە ئۇل خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر›› دېگەن مىسرادىكى ‹‹قۇلۇپ،ئاچقۇچ،خەزىنە››دېگەن سۆزلەر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ،بۇ سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدۇ.
C.سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى ئارىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولىدۇ.ئە گەر بۇ خىل باغلىنىش بولمىسا ئۇنداق سۆزلەر ئارىسىدا ئەسلى مەنە ۋە كۆچمە مەنە مۇناسىۋىتىمۇ بولمايدۇ.
  D.كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئوخشىمىغان تىل شارائىتىدا ئوخشىمىغان مەنە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

(2012-يىللىق)
لېكسىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى :
A . ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدە ئەكس ئېتىشى چۈشەنچە دېيىلىدۇ . چۈشەنچە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . لېكىن بەزى سۆزلەر شەيئىلەر توغرىسىدا بىرەر چۈشەنچە،ئۇقۇمنى بىلدۈرەلمەيدۇ . يەنە بەزى چۈشەنچىلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .
B. « خامانغا سېلىنغان ئۆي بەرىكەت تاپالماس » دېگەن تۇراقلىق ئىبارە جامائەت مال-مۈلكىنى ، مەنپەئەتىنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلارنىڭ راۋاج تاپمايدىغانلىقى ، خاراپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
C . «بەگ بولساڭ ئىشىڭغا كۆڭۈل قوي ، سەۋەبى خەلق قويغا ئوخشايدۇ ، بەگ ئۇنىڭ قويچىسى قوي باققۇچى قويغا مېھرىبان بولۇشى ، كېرەك بولغىنىدەك ، ھۆكۈمدارمۇ ئاۋامغا مەسئۇل بولۇشى لازىم » دېگەن جۈملىدە شەكىلداش سۆز ، مەنىداش سۆزلەردىن باشقا كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان سۆزمۇ بار ، جۈملىدە يەنە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزدىن بىرى بار .
D . « ئادالەت بىلەن ئاۋام گۈللەيدۇ ، دۇنيا تۈزۈلىدۇ ،زۇلۇم بىلەن خەلق خارابلىشىدۇ ، دۇنيا بۇزۇلىدۇ » دېگەن جۈملىدە ئىككى گۇرۇپپا قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بار ، ئىككى سۆز ئۆزئارا مەنىداش بولۇپ كەلگەن .

(2013-يىللىق)
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. »بىز كۆرۈۋاتقان يورۇقلۇق – قوياش نۇرى بىلەن قەلب نۇرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى نامايان بولغان» دېگەن جۈملىدىكى «نۇر» دېگەن سۆز ئاۋۋال ئەسلىي مەنىدە، كېيىن كۆچمە مەنىدە كەلگەن.  جۈملىدە مەنىداش ۋە شەكىلداش سۆزلەر قوللىنىلمىغان، جۈملىدىكى بەزى سۆزلەر چۈشەنچە ئىپادىلىمەيدۇ.
B. »دوستۇڭغا سادىق بول، دوستلۇق گۈلشىنىنى گۈللىتىسەن، دۈشمەنگە پايدا يەتكۈز، دۈشمەنلىك زىيىنىنى كۆرىسەن» دېگەن جۈملىدە قارىمۇ قارىشى مەنىلىك سۆزدىن ئۈچ جۈپ قوللىنىلغان، بىر سۆز كۆچمە مەنىدە كەلگەن، جۈملىدە مەنىداش سۆز قوللىنىلمىغان. جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە.
C.سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى شۇ سۆزنىڭ بىر ئاساسىي مەنىسى ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىر قانچە مەنىلەرنى بىلدۈرۈشنى كۆرسەتسە، سۆزنىڭ كۆپ مەنىسى شۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى ئاساسىدىكى كېڭەيگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى بىلەن كۆپ مەنىسى شۇ سۆز يەككە تۇرغدا ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.
D. »بۇ جاھاندا ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن، خەلقنىڭ لەنىتىگە قالغان، جەمئىيەتنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئادەملەر بۇ دۇنيادا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئەلنىڭ بېشىغا چىقىۋالىدىكەن، ھەتتا قانۇننىمۇ مەنسىتمەيدىكەن، بۇ بەك خورىكى يوغىناپ كەتكەنلىكقۇ!؟ » دېگەن جۈمىدە مەنىداش سۆزدىن ئىككى جۈپ قوللىنىلغان، جۈملە ئاخىرىدىكى تۇراقلىق ئىبارە ئىدىيوم بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: ھەددىدىن ئاشماق، تەكەببۇرلاشماق، دېگەنلىكتۇر.

مىېھرىما 2014-04-09 21:59
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ئارزۇ228 2014-04-10 10:03
   بەك جىق كۈچ چىقىرىپسىز، ساقلىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەكرار قىلىپ بەرسام بولغىدەك، رەخمەت سىزگە.

ozqan 2014-04-11 13:12
  كۈمۈش :   ئەجرىڭىزگە كۆپ  رەھمەت ، بۇ تېمىنى ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن ...
بەك ياخشى بولدى .
بۇ ماتىريالنىڭ پايدىلىنش قىممىتى زور بوپتۇ
فونىتىكا  ھەم مورفولوگىيە ، سىنتاكىسقا ئائىت قىسمىنىمۇ  مۇشۇنداق يوللىغان بولسىڭىز بەكمۇ خوش بولغان بولاتتىم ...


رەھمەت ھارمىغايسىز ...

پاراسەت 2014-04-11 13:14
ئارزۇ228:   بەك جىق كۈچ چىقىرىپسىز، ساقلىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەكرار قىلىپ بەرسام بولغىدەك، رەخمەت سىزگە. (2014-04-10 10:03) 

رەھمەت،كۆپ جاپا چېكىپسىز،مەن ساقلىۋالدىم.

kumush 2014-04-11 19:53
  ئۆزقان فونىتىكىنى يوللاپ بولدۇم.  قالغىنىنىڭ ئازراق چالىسى بار .كېلەر ھەپتە يوللايمەن.

ئابلەھەد 2014-04-13 02:54
توردىشىمىزنىڭ ئەجىرىدىن مىننەتدار بولدۇم، ھارمىغايسىز...

ئايزىبا 2014-04-13 20:12
  كۆپ ئەجىر قىپسىز، پايدىلىنىش قىممىتى زور ئىكەن، ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىدىن تەكرار قىلغاندا ئوبدان پايدىلانما بولغىدەك. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !

بابۇر0725 2014-04-14 23:23
پايدىلىنىش قىممىتى باركەن  ھارمىغايسىز

alimjan705 2014-04-18 14:05
بولسا جاۋابىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز!!!

نۇربىيە 2014-04-24 16:28
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت

gulhan 2014-05-12 23:50
تەشەككۈر ئەزىز،ئەجرىڭىزگە.  بەكمۇ ياخشى پايدىلاندىم.


查看完整版本: [-- 9يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(لېكسىكا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled