查看完整版本: [-- گۈلنىھال :‏مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> گۈلنىھال :‏مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-04-09 20:27

گۈلنىھال :‏مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ...

   9C,gJp}P  
                                  مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ... @H$am  
#aC&!Rei{  
cJq {;~   
                                               زۆھرەگۈل بارات ym6Emf]  
j -o  
B^dMYFelJ  
« مۇئەللىم گويا بىر باغۋەن ، ئۇ ئۆز ئەجىر- مېھنىتى بىلەن باغىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ، ئۇنى تەملىك مېۋە بېرىدىغان ياراملىق كۆچەتكە ئايلاندۇرىدۇ. » Ja*,ht(5  
« مۇئەللىم گوياكى شام . ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا ئۆزىنىڭ نۇرلىرىنى چېچىپ ، قاراڭغۇلۇقنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ . » 1@~%LV  
« مۇئەللىم ئۇلۇغ ئىنسان ، ئۇنىڭغا توققۇز قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشىكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. » '!Va9m*w7  
يۇقىرىقىلار سىزدەك ۋە مەندەك مۇئەللىملەر ئۈچۈن بېرىلگەن باھالاردۇر. بۇ باھالارنى سىز ۋە مەن ئوقۇتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار بەرگەن . ئۇنداقتا ، سىز ۋىجدانىڭىز بىلەن جاۋاب بېرىپ بېقىڭ : %1;Y`>  
مۇئەللىم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ناملارغا لايىق ئىش قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بېرىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك ھەمدە چاڭقىغاندا بېرىلگەن سۇدەك بېرەلىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا پايانسىز دەشت- چۆلدە ئۇسسۇزلۇق ، ئاچلىق ، ھارغىنلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كارۋانغا يىراقتىن كۆرۈنگەن دەرەخلىك مەھەللە بەرگەن خۇشاللىقتەك خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ ؟ }.|a0N 5  
سىز تىل - ئەدەبىيات دەرسى مۇئەللىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دەرسنىڭ « ئۆلچىمى » ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا بېرىلگەن : « قوراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىقىنىڭ بىرلىكى - تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ  ئاساسىي ئالاھىدىلىكى » دېگەن ئىزاھاتنى بەلكىم كۆرگەنسىز . تەجرىبىسى بار ، كەسىپتە پىشقان مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە سائەتلەپ لېكسىيمۇ سۆزلىگەن . سىز بۇنى ئەمەلىيىتىڭىزدە قانچىلىك كۆرسىتەلىدىڭىز ؟ w\d1  
بۇ دەرسنىڭ قوراللىق خاراكتېرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلارشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز ھېس قىلدىڭىز . ئەمما ، ئوقۇش ،يېزىش جەھەتتە توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ، ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان بىرەر پارچە شېئىرنىمۇ ئوقۇيالماي ، گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ھېقىقداپ كېتىۋاتقان ، بىر پارچە ئەسەر تۇرماق ، سىز ئېيتىپ بەرگەن ئادەتتىكى جۈملىلەرنىمۇ توغرا ، جايىدا يازالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭىزدە ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يىل مۇقەددەم دىيارىمىزدا ياشاپ ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقى ۋە ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، دۈشمەننىڭ قولىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، يېڭى دەۋىر مائارىپچىلىرىغا  « پىر » قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيدىغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىسقىغىنا ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ئاتۇش خەلقىنى ساۋاتلىق قىلىپ چىققانلىقى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنداق دېسەم ، سىز بەلكىم بۇ قاچان ، ئۇ قاچان ؟ دەرسىز . ئەمما ، بۇ دەۋىر بىلەن ئۇ دەۋرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگنىدە ، ھازىرقى دەۋرىمىزنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ساناشقا بارماقلىرىمىز يېتىشمەيدۇ . لېكىن ، ئوقۇغۇچىلرىمىز  يەنىلا شۇنداق ھالەتتە ئوقۇش پۈتكۈزۋاتىدۇ. S?v;+3TG  
ئېنىقكى ، بۇ بالىلار جەمئىيەتكە چىقىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ساۋاتسىزلارغا ئايلىنىدۇ . خەلقئارادا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەمنى ساۋاتسىز دەپ ئېلان قىلغان يەردە، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆز ئانا تىل - يېزىقىدا ئىسمىنى يازالمايۋاتقان بۇ بالىلار ئۈچۈن قانداق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتىدىن ئويلاشسۇنمۇ ؟ L~|_)4  
بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ ، بەلكىم « ئاشۇرۋېتىپتۇ » دەرسىز . لېكىن ، بۇنداق بالىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئەمەس، سىنىپ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت . ئەگەر بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇپ ھېسابلىساق بۇ سان قانچىلىك بولار ؟ بۇنى يىللارغا كۆپەيتىپ ھېسابلىساقچۇ ؟ 25xt*30M  
بۇ بالىلار بۇ سەۋىيە ، بۇ تەپەككۇر بىلەن قالغان بىلىملەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ ؟ « ئۆلچەم » دە بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر خاراكتېرىنىڭ گۇمانىتارلىقى ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن . بۇ يەردىكى گۇمانىتارلىق دېگەن سۆزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ، ئەدەبىياتتا بۇ خىل روھنىڭ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولغانلىقى بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز . }236{)DuN  
« سەنمۇ ھەق ، مەنمۇ ھەق » دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ روھانىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەنسۇ ئەللاجىنىڭ ئىنساننى سۆيۈشى ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش روھىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىتىش ھەرىكىتى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى ئەلشىر نەۋائىي دەۋرىگىچە شەكىللىنىشى ، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىسڭىز كېرەك . W-RshZ\  
بۇ يەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، مېنىڭچە ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ شەخسىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى سۆيۈشتە ماھىيەتتە شۇ شەخىسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ۋەتەننى ، ئۆز مىللىتىنى ( مىللىتىنىڭ تىلى ، تارىخى ، مەدەنىيتى ) نى سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بۇ خىل روھنى سىڭدۈرۈشكە قانچىلىك ئەجىر قىلدىڭىز ؟ i}:^ 
پارتىيمىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ، پارتىيلىك يولداشلارنىڭ ئامان قېلىپ ، ئىنقىلاپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىپ ، دۈشمەن جادۇسىدا توغرالغان لىيۇ خۇلەننىڭ ئۇلۇغۋار كۆرەش روھىنى سۆزلىگىنىڭىزدە ؛ دۈشمەننىڭ زۇلىمىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ ، جەڭگە قاتناشقان ، كېيىن مىللى غورۇر ، ئار - نومۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان سولۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قاچاق ، كېيىن شۇ گۇناھى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغان نۇزۇگۇمدەك قىزلىرىمىزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، پۇل ، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ شرىن خىيالىنى سۈرۈۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە بىر تال چىۋىق ئۇرالدىڭىزمۇ ؟ قەھىرىمانلىق توغرىسىدىكى مەزۇنلارنى سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ، ئوخشاشلا دۈشمەنگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپ ، تاغقا قاپسىلىپ قېلىپ ، ئاخىر ئامالسىز ھالەتتە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ ، ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تاشلىغان مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش پەلسەپەسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بالىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىۋاتقان غورۇر دەرۋازىسىنى چېكەلىدڭىزمۇ ؟ ![%:X)?  
« يەتتە تال برىليانىت » دېگەن تېكىستتە ، ئاغىرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىسنىڭ تەشنالىقىنى بېسىش ئۈچۈن ، سۇغا ماڭغان قىزچاقنىڭ سۇنى تېپىشى ۋە باشقىلارنىڭ تەشنالىقىنى ئۆزىدىنمۇ ئەلا بىلگىنى ئۈچۈن يەتتە تال بىرىليانتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ؛ كېسەل ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن ، دورا ئۆسۈملۈكىگە ماڭغان ئوغۇلىنىڭ خىلمۇ خىل توسالغۇ ، قىينچىلقلارنى يېڭىپ ، ئاخىر بۇ دورىنى ئەكىلىپ ، دادسىنىڭ كېسلىنى شىپا تاپتۇرغانلىقى بايان قىلنغان « ۋاپادار ئوغۇل » چۆچىكىنى ئېيتىپ ، ئاتا - ئانىسىغا پۇل جېدىلى قىلىپ ، تورخانا ، يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كۆنۈپ قېلىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن ، ئىنسانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئاتا- ئانىسنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ Rwmr[g  
ئوغۇزخان تۇلپارلىرىنىڭ كىشىنىشنى ، تۇمارىسنىڭ ئوتلۇق خىتابىنى ، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئاققىنىنى ، چەكسىز قۇم بارخانىلىرى ئارسىدا تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تۆگىلەرنىڭ كولدۇرمىلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ، ئانا تارىمنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىتالىدىڭىزمۇ ؟ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ھېس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ ؟ kf",/?s2Z  
قىسقىسى ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ، دۆلەت ، مىللەت ، جەمئىيەت ، ئائىلە ئۈچۈن قانداق ئادەم كېرەكلىكىنى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قانداق ياشىسا ئادەمدەك  ياشىغان بولدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالىغان ، ھەسەل ھەرىسى كەبىي گۈل شىرنىلىرىدىن تەنگە ، روھقا شىپا بولدىان ساپ ھەسەل ئىشلەپچىرالىغان بولسىڭىز ، ئۆز رولىڭىزنى چۈشەنگەن ، ئۆز قىممىتىڭىزنى ياراتقان بولىسىز . ve/|"RB  
2;ogkPv'  
مەنبە : تور ژورلىنىدىن ئىلىندى ... 0 s%{m<  

ياسىنجان510 2014-04-09 22:05
ئەھمىيەتلىك يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت. زۆرۈر ۋە قىممەتلىك تەسىراتقا ئېرىشتىم.

سەئىدىيە 2014-04-10 00:53
ياخشى ماتىريال ئىكەن . رەھمەت.

خەندان 2014-04-14 16:30
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

tawpek 2014-04-14 22:46
ھەقىقەتەن ئىسىل يوللانمىكەن، شۇنچە تىرىشىمىز تىرىشچانلىقلىرىمىز ئىزچىللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. sv?Lk4_  
Va m4/6  
تىرىشايلى دىگەن دەۋىتىمگە خىزمەتداشلىرىمنىڭ : R k).D 6  
)`.' QW  
شۇنچە تىرىشساڭمۇ ھەممىسى كەتمەن كۆتۆرۆپ ئىتىزلىققا كىتىدۇ، 500 بالىدىن 5 بالا تولوق ئوتتورغا ئۆرلەپ ئوقوسا       دىگەن ئاھلىرىدىن مەنمۇ سۆزدىن توختاپ قالىمەن. (>Tq  
f' 
بەلكىم ھەرنىمىلەرنى دەپ ئۇلارنى قايىلمۇ قىلارمىز.   لىكىن كىممۇ ئۆز ئەجرىنىڭ مىۋە بىرىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ؟


查看完整版本: [-- گۈلنىھال :‏مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled