ئالىپئەر |
2014-04-09 18:54 |
تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كىرەك؟
تىل ئەدەبىيات دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كىرەك؟ |w`Q$ c تىل ئەدەبىيات دەرىسى بىر مىللەتنىڭ تىل- يىزىق، ئەدەبى بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ مىللەتنىڭ مىللى مەدەنىيەت، ئەنئەنە تەربىيىسى قاتارلىقلارنى ئىلىپ بىرىشتىمۇ باشقا پەنلەر ئوينىيالمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . U\tujK1 ئاناتىل دەرىس ئۆلچىمىدە: «تىل–ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئەدەبىيات ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقىرىش لازىم. تىل-ئەدەبىيات ساپاسىنى يىتىلدۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۈگىنىشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتى ۋە ئومۈرلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى» دەپ بەلگىلەنگەن. K2pW|@~U تىل ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بۇ نىشانغا يىتىشى ھەر بىر كونكىرىت دەرىستە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق، سەرخىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. Z|$OPMLX ئۇنداقتا، تىل–ئەدەبىيات دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كىرەك؟ ]s:%joj%^ (1) دەرىسنىڭ خاراكتىرى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تاللاش كىرەك. تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تېكىست، ئوقۇپ ھوزۇرلىنىش، مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، مەخسۇس تىما، ئۇيغۇرتىلى مۇنبىرى، خەت –چەكلەر قاتارلىق شەكىللەردە تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر مەزمۇننى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. تىكىسىت ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار تەھلىلگە يىتەكلەنسە، مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇشتا شۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. يىزىقچىلىق پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش بىلەن تۇرمۇشنى كۈزىتىش، كۈزەتكەن ماتىرياللارنى رەتلەش ۋە قۇراشتۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرىنى ئۆتكەندە بولسا نەزەرىيىنى ئوقۇتۇش بىلەن بىرگە كۆپرەك مەشىقلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. U_C1GT-| شۇنىڭ ئۈچۈن دەرىسلىكنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە، قۇرۇلمىسىغا، ھەربىر ھالقىسىغا بولغان تەلەپ ئوخشىمىغاچقا، ماس ھالدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم . $"]*,=-X (2) ئوقۇتۇش نىشانىغا ئاساسەن تاللاش كىرەك. تىل ئەدەبىيات دەرسىلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىر دەرىستە چوڭ جەھەتتىن دەرىس ئۆلچىمىدىكى ئومۇمى نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا كونكىرىت نىشان بەلگىلىنىدۇ. بەزى قىسىملىرىنىڭ قوراللىق خاراكتىرى كۈچلۈك بولسا، بەزى قىسىملىرىنىڭ گۇمانىتارلىق خاراكتىرى كۈچلۈك بولىدۇ. قوراللىق خاراكتىرى كۈچلۈك قىسىملىرىغا ئەستە ساقلاش، كونكىرىت دەرىس بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساس قىلىنسا، گۇمانىتارلىق كۈچلۈك قىسىملىرىغا ھىس قىلىش، كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى تۇرمۇشقا باغلاش ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋىتىش دەرىس ئۆلچىمىنىڭ خاراكتىرىگە خىلاپ ، ئەلۋەتتە . "94qBGf (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىكى ۋە ئىندىۋىدىئال ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاش لازىم . تىل ئەدەبىيات دەرىس ئۆلچىمىدە باسقۇچ نىشانى ئىنىق بەلگىلەنگەن بولوپ ، بۇ باسقۇچ نىشانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىش ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا بەلگىلەنگەن . شۇڭا دەرىسىخانا ئوقۇتۇشىدا بىرىنجى ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى (1- 2- يىللىق) ساۋات چىقىرىش ، ئوقۇش، سۆز جۈملىلەرنى يىزىش، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئۈگىنىش تەلەپلىرى بىلەن ئىككىنچى ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى ( 3-4- يىللىق) يىزىش، ئوقۇش ، يىزىقچىلىق مەشىقى، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنۋېرسال خارەكتىرلىك ئۈگىنىش؛ ئۈچنچى ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى ( 5-6- يىللىق) ئوقۇش، يىزىقچىلىق مەشىقى، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنۋېرسال خارەكتىرلىك ئۈگىنىش؛ تۆتىنچى ئۈگىنىش باسقۇچىدىكى( 7-9- يىللىق) يىزىش، ئوقۇش، يىزىقچىلىق مەشىقى، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئۈگىنىش تەلىپى ، نىشانى ئوخشىمايدۇ. \ POQeZ بۇ ئۈگىنىش باسقۇچلىرىدىكى نىشان تەدرىجى چوڭقۇرلاش، بۇرمىسىمان ئىلگىرلەش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىكىتىلگەن بولغاچقا ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق. شۇڭا تەرتىپ بويىچە 1-2-3-4-ئۈگىنىش باسقۇچلىرى تەلىپىنى ئەستايىدىل چۈشىنىش ۋە ئىگەللەش بىلەن ماس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، شۇنداقلا ھەر بىر ئۈگىنىش باسقۇچىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىشى لازىم. I Z{DR ئەگەر مەلۇم بىر باسقۇچتا نىشانغا يىتەلمىسە، مۇقەررەر كىيىنكى نىشاندىن ئىغىز ئىچىش تەس. +yo1&b R/ شۇڭا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا جانلىق ، ئەمەلىي ، قوللىنىشچان ، ئۈنۈمدار بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. I9;,qd% (4) تەييارلانغان ئوقۇتۇش بايلىقلىرىغا ۋە ژانىر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاش لازىم. % /Y; تىل-ئەدەبىيات دەرىس بايلىقى نىشانغا يەتكۈزۈش ئوقۇتۇشىدا زۈرۈر بولغان ۋاستىلەر بولۇپ دەرىسخانا ئوقۇتۇش بايلىقى ۋە دەرىستىن سىرتقى، يەنى-دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئاسما رەسىملەر، كۆرسەتمە رەسىم، قۇرال كىتاپلار ۋە باشقا كىتاپلار، گىزىت-ژورنال، كىنو-تىلىۋىزىيە فىلىملىرى، رادىئو، ئىنتىرنت، دوكلات يىغىنى، نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى، كۈتۈپخانا، موزىي، ئىلان تاختىلىرى، تەبىئەت مەنزىرلىرى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت،يادىكارلىقلىرى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، ۋە كۈندىلىك گەپ-سۆزلىرى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنشقا ماھىر بولۇش كىرەك. دەرىس بايلىقلىرىنىڭ تۈرى ھەرخىل بولغاچقا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ماس ھالدا تاللىنىشى، شۇ دەرىس بايلىقىنى ئوقوغۇچىلار ئەڭ زور ئۈنۈمدە چۈشىنەلىشى، دەرىسلىك ئۈچۈن ھەقىقىي رەۋىشتە خىزمەت قىلدۇرالىشىغا ئىمكان يارىتىلىشى لازىم. Z1ZjQt#~+ دەرىسلىكىمىزگە ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەچكە، ھەممىسىگە ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ھىكايە ئوقۇتۇشتا قوللانغان ئۇسۇل نەسىر، چۆچەك، شىئېر ئوقۇتۇشقا ماس كەلمەيدۇ. شىئېر ئوقۇتۇشتا قوللانغان ئۇسۇل ماقال-تەمسىل، نوتۇق، ماقالىلەرنى ئوقۇتۇشقا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا دەرس بايلىقلىرى ۋە ژانىر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاش لازىم. j$Z:S~* تاللىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشى، ۋە ئۇنى دەرسخانىدا جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەرىسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ، شۇڭا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا تۇرمۇشقا يىقىنلاشتۇرۇش ئاساس قىلىنىشى، دەرىستىن ئىلگىرى ئومويۈزلۈك ياخشى تەييارلىق قىلىش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يىڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىللە دەرىسخانىدىكى ھەرخىل ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئاساسەن قوللىنىشچان قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى ئۆگىنىۋىلىش لازىم. tDIQ= 'WQ?%da n!$zO{P K#!c<Li# {IA3`y~ ئاپتۇر : يەكەن ناھيە ئىشقۇل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى S5>?jn1 e> -fI_+b
|
|