娜 |
2014-04-09 16:26 |
ئاپتور ساتتار سالىخ
ئاپتور ساتتار سالىخ 1sFTXl ئاپتور ساتتار سالىخ مەملىكەتلىك تۆگە نەسىلچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى .ئۇ 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۇنى ئۇرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ چىتەي ناھىيىسىدە تاتار چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسى مەلۇماتلىق كىشىلەردىن بولۇپ ،ئۇ ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە ئائىلىسى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ،پەنني مەكتەپكە ئۇقۇشقا بەرگەن.1942-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇنىڭ چارۋىچىلىق فاكۇلىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ،1945-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ،ئۇرۇمچى شەھەرلىك مال دۇختۇرخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ.1951-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇنىڭ چارۋىچىلىق فاكۇلىتىغا خىزمەتكەئورۇنلىشىدۇ.1961-يىلى غۇلجا شەھىرىگە يوتكىلىپ ،دىھقان چارۋىچىلىق ئىدارىسىگەخىزمەتكە ئورۇنلىشىپ 14يىل چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.1974-يىلى ئىلى چارۋىچىلىق مەكتىپىگەكىرىپ دوتسېنىت ئۇنۋانىنى ئالىدۇ .1964-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئىلىدا 44ئورۇندا تۆگە ئۇستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان .ئۇ 128تۆگە پادىسىنى كوزدىن كەچۇرۇپ 3217تۆگىنىڭ تەن تۇزىلىشىنى ئۆلچەپ ،700پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتقان .ئاساسى قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ،جاپالىق ئەمەلىي تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ ،تۆگە توغىرسىدا نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلارنى يازغان .بۇ دەرىس‹‹ شىنجاڭ تۆگىسى››ناملىق كىتاپتىن ئىلىنغان .1992-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى قان راك كېسىلى بىلەن غۇلجىدا 66يىشىدا ۋاپات بولغان . V:h-K`~/ nG;wQvc
|
|