查看完整版本: [-- پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» ... ئەسەد سۇلايمان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» ... ئەسەد سۇلايمان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2014-04-09 15:41

پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» ... ئەسەد سۇلايمان

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(26) D"1ciO8^I]  
, st4K;-  
10. پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» .......................... ئەسەد سۇلايمان. ژانىرى ـــ بايان خاراكتىرلىك ماقالە J_P2%b=C  
~q|^z[7  
ئەسەت سۇلايمان ـــ 1969-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. دوكتور، پروفسسور. ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ». «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇ پارچە ئۇنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.. +o Q@E<)H  
بۇ تېكىستتە ئاپتۇر جېئان دۇئال ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىشى ۋە ھۈنەر-كەسپ ئاتالغۇلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت تۈزۈشىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بەرگەن ھەمدە جېئان دۇئال ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى بويىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى فولكلور ئۈلگىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ ساقلىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جېئان دۇئال ئەپەندىدىكى ئالىيجاناب ھەۋەسنى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش روھىنى مەدھىيىلىگەن. k, v.U8  
1.بايان ماقالىسى دېگەن نېمە؟ 1YnDho;~  
بايان بىلەن تەسۋىر ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئادەم بىلەن ۋەقە ئاساسلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلىندىغان ماقالىلار بايان ماقالىلىرى دېيىلىدۇ. بايان ماقالىلىرىدە شەخسلەر، ۋەقەلىكلەر، مەنزىرىلەر كونكېرت، جانلىق بايان قىلىنىش ئارقىلىق رېئال تۇرمۇش جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ئىدىيە ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە بايان ماقالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بايان قىلىش بولسىمۇ ، لىكىن تەسۋىر ، مۇھاكىمە ۋە لىرىكىمۇ قۇشۇمچە قىلىنىدۇ .   )XO2DY1/&  
2.بايان ماقالىلىرىدە باياننىڭ نەچچە  ئامىللىرى  بار ؟ wp*;F#:G  
بايان ماقالىلىرىدە باياننىڭ ئالتە ئامىلى بار بولۇپ ، ئۇلار ئادەم ، ۋەقە ، ۋاقىت ، ئورۇن ، سەۋەپ ، نەتىجە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .  بايان ماقالىلىرىدە ئادەم ، ۋەقە ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بايان قىلىنىدۇ ۋە تەسۋىرلىنىدۇ . بۇلارنى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشتە كونكىرىت بولۇش ، جانلىق بولۇش ، ئوبرازلىق بولۇشتىن ئىبارەت بىر ئومۇمى تەلەپ قويۇلىدۇ .   dd4yS}yBlR  
3.ماقالىنىڭ كونكىرىت ۋە ئوبرازلىق بولۇش تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن :   PwDQ<   
1) ئادەملەر كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك . پەقەت ئادەمنى سىرىتقى كۆرۈنۈشى ، ئادىتى ، ھەركىتى ، سۆزى ۋە ئىچكى ھىسىياتىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن يازغاندا ، ئاندىن كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىشتىن ئىبارەت مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ .   o)-Qd3d%S  
2)ۋەقەلەر كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ۋەقەنى يازغاندا ، ئۇنىڭدا تەسۋىرلىنىدىغان ئادەملەر كىملەر ؟ قانداق ۋەقە ؟ قاچان ، قەيەردە يۈز بەرگەن ؟ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ، جەريانى ۋە نەتىجىسى قانداق بولغان ؟ دىگەندىن ئىبارەت ئالتە نوقتا ئېنىق سۆزلىنىشى كېرەك . مۇشۇ ئالتە ئامىل ئېنىق بولغاندىلا ۋەقە كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلغان بولىدۇ .   >Xb ]n_`  
3) مەنزىرىلەر كونكېرت، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك. پەقەت مەنزىرىنى شەكلى،ھالىتى،رەڭگىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تەپسىلىي يازغاندىلا ئاندىن مۇھىتنى كونكېرت،ئوبرازلىق يېزىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.   q(uu;l[  
باياننىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: t5e(9Yhj  
1. تەرتىپلىك بايان. ۋەقەلەر تەرەققىياتىنى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىپى، مۇئەييەن ئورۇن تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش تەرتىپلىك بايان دېيىلىدۇ. بۇ كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بۇلۇپ، ماتېريالنى ئاسان تەشكىللىگىلى، سۆز-جۈملىلىرىنى رەتلىك رەتلىك قوللانغىلى بولىدۇ.   +;>>c`{  
2.چىكىنمە بايان :ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بولغان قىسمى ياكى بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسى، زىدىيەت تۇقۇنۇشىنىڭ ھەل قىلىنىشى  بايان قىلىنىپ ، ئاندىن زىدىيەتنىڭ پەيدا بۇلىشىدىكى سەۋەب، ۋەقەنىڭ يۇز بېرىشى ۋە تەرەقىيات جەريانىنى بايان قىلىش چىكىنمە بايان بولىدۇ.   ruE.0VI @  
3.قىستۇرما بايان :قىستۇرما بايان تەرتىپلىك بايان بىلەن چىكىنمە بايانغا ئوخشاش پۈتۈن ماقالە بويىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. ئۇ پەقەت تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن قوللىنىلدىغان بايان. : wn![<`3q  
قىستۇرما باياننىڭ بەزىلىرى ئاساسىي ۋەقەلىكنى تۇلۇقلاش، بەزىلىرى شەخسلەرنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەزىلىرى ئەسەرگە قارىتا قۇشۇمچە ئىزاھ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. a<\m` Es=  
3d,|26I7f  
2'@0|k,yC  
/bbs/read.php?tid=11980 ]q? 

مىېھرىما 2014-04-09 17:10
ئەجرىڭىزگە رەھمەت . ۋاقتىڭىزنى چىقرىپ مۇشۇنداق مۇنبەرگە چىقىپ تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم . سىز بولمىسىڭىز مۇنبەر يىتىمسىراپ قالدۇ جۇمۇ

گۈلنىھال 2014-04-09 17:18
پايدىلىنىش قىممىتى بار يوللانمىڭىزغا رەھمەت .

tawpek 2014-04-13 23:03
تەشەككۇر مھرىما گۈلنىھاللار. 'v"=   
y3zP`^  
G3~`]qf  
سىلەر بولمىساڭلار تىخىمۇ يىتىمسىرايدىغان بولوپ قاپتۇ. z3Q&O$5\  
Fl-\{vOn  
تەۋپىقنىڭ ئىرەم بىغىدا بەھۇزۇر پەرۋاز قىلغايسىلەر

ئارزۇيۇم 2014-06-17 13:06
ھەممىگە تەڭ يېتىشىدىكەنسىز.ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تەۋپىقكەنسىز.

ئارزۇيۇم 2014-06-17 13:06
تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن.


查看完整版本: [-- پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» ... ئەسەد سۇلايمان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled