مىېھرىما |
2014-04-08 23:02 |
مىېھرىما:بۇرۇت ماجراسى
بۇرۇت ماجراسى +_E96`P مەمتىمىن ھۇشۇر ^RO_B}n3 _
BUD~'Q5 ھېكايە It8m]FN >[|Y$$ a]mPc^h يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. voAen&>! ـــــ ياخشىمۇ سىز؟ سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. l9up?o
pq ـــــ رەھمەت! ـــــــ دەپ قولىنى سىقتىم.
Y;[#~3CA ـــــ رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز! «بۇ كىم بولغىيدى؟» دەپ ھەيرانلا قالدىم، كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى، ئېسىمگە كەلدى. W
n43TSs- ــــــ ھە، سىز ھېلىقى ھېكايىنىڭ... eED@Z/~6 ــــــ شۇنداق، شۇنداق. تونۇۋالدىڭىز، زېھىنىڭىزگە ئاپىرىن. سىزگە «ساراڭ» دېگەن ھېكايىنى ئاپىرىپ بەرگەن كىشى مەن بولىمەن. $IU|zda8 ــــــ كېيىم-كېچىكىڭىز، گەپ-سۆزلىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتىغۇ، تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. - ــــــ مەن سىزگە دېگەنتىمغۇ، زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان ھېلىقى چاپىنىمنى ھازىر خوتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىدۇ، يازغان ئەسىرىمىنىڭ ژۇرنالغا بېسىلغىنىنى كۆرۈپلا مانا بۇ كاستىيۇم-بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم، چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك تۇرىدىغان ئۇ نېمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق دەڭا. ئادەملەر ئۇنى ياراشقانلىقىدىن كىيىپ يۈرىدۇ دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي، چەتئەللىكلەر ھېلىغۇ شىلەپە ئىكەن، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ، «قاراڭلار، بىرئوبدان يارىشىدىكەن-ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا كىيمىگەندىمىز» دەپ شۇنىمۇ كېيىۋالىدىغانلار چىقىدۇ، سەپسالغانسىز، بەزىلەر ھازىر توي-تۆكۈنلەردىمۇ تاۋاققا پولۇنى ئازراق ئاشۇرۇپ قويۇشنىمۇ «مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولۇپ كەتتى ئاڭلىدىڭىزمۇ، ياپونلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە-كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقانلىقىنى، بازار چۆرگىلەپ يۈرگۈچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟ «ساراڭ» نىڭ ئاپتورى ئەنە شۇنداق تاغدىن-باغدىن سۆزلىگىلى تۇردى، ئۆتكەن-كەچكەنلەر نېمە دەپ قېلىۋاتىدىكىن، دەپ ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم، خۇدايا شۈكرى! ھېچكىم بىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىمىزگە دىققەت قىلماپتۇ. +W-,74A ـــــ پۇلنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ؟ ـــــ دېدىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ. F;,LY:s|Z ـــــ ھە، ھە تاپشۇرۇۋالدىم، بىكارلا ئەۋەتىپسىز، ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن قەلەم ھەقققىنىمۇ بەھۇزۇر خەجلەۋەرگەن بولسىڭىز بولاتتى، ھېكايەمنى ئوقۇپ قانچىلىك خۇش بولغانلىقىمنى دېمەمسىز، شۇخۇشاللىقىمدا يەنە بىر ھېكايە يېزىۋەتتىم، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ يازغۇچى بولۇپ قالىمەنمۇ، قانداق؟ يازغۇچى دېگەنلەرنىڭ بەزىلىرى خىيالىغا كەلگەننى توقۇپ، ئوقۇغۇچىنى يالاڭ قات يىپتا ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان نېمىلەرمىكىن، دەيمەن بۇمۇ ھېلىقى ئىزا تارتماي سۆزلەۋەرسە چاقچاقچى بولۇپ قالغاندەكلا بىر گەپ دەڭا!؟ ئۇ شۇنداق «مەنىسى چوڭقۇر» چۈشىنىكسىز گەپلەرنى قىلغىنىچە قوينىدىن بىرتۇتام ئورىگىنالنى ئېلىپ، قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. .oR_r1\y ـــــ ھېلىقى تۈكۈرۈك توغرىسىدىكى ئەسىرىڭىزمۇ نېمە؟ XK 09x1r ـــــ ئۇ گەپلەرمۇ ئېسىڭىزدىىن چىقماپتۇ، ھە! ئۇنىمۇ يېزىپ قالارمەن، بۇنىڭدىكىسى باشقا گەپ ـــــ ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭدى-دە، بىر-ئىككى قەدەم باسمايلا يەنە ئارقىغا قاراپ، 6q!smM ـــــ ھېلىقى كېلىشكىنىمىز بويىچە بۇنىمۇ ئۆز نامىڭىزدا ھەيدەۋېرىڭ! ـــــ دەپلا كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ غايىب بولدى. كوچا ئارىلاشتىن رايىم يالتيىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، يالغۇز كىشىلىك ساپايىمدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ يېڭى ھېكايىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ;:)?@IuSy «بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملاۋاتقۇدەك» دەپ ئاڭىلاپ ھەيران بولۇپ قالدىم، نوپۇس خەتلىگەننى، مەھەللىدە ساۋاتسىزلارنى، ئەخلەت پۇلى تۆلىمىگەنلەرنى تىزىملىغاننى كۆرگەن؛ مۇشۇ ياشقا كىرىپ بۇرۇت قويغانلارنى تىزىملىغاننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. توغرا، ھېلىقى بىر يىللاردا ساقال-بۇرۇتلارنى قايچىلىغاندەك ئىشلار بولۇۋېدى، يەنە شۇنداق بىر پالاكەت يۈز بەردىمۇ-يا!؟ تۇرۇپلا ئۆز-ئۆزۈمدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدىم، كوچىغا چىقسام، مەھەللىمىزنىڭ قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان كېلىۋاتقانىكەن، «نېمىلا بولسۇن بىر سوراپ باقاي» دەپ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتىم. WO=,NQO
w ـــــ ئۆمەرجان، بۇرۇتى بارلارنى تىزىملاۋاتقۇدەك، دەپ ئاڭلىدىم، راسىتمۇ؟ ئۆمەرجان توختاپ ماڭا تازا بىر قارىۋەتتى-دە: ــــــ بەلكى، سىلى قاچاننىڭياقى بۇرۇت قويىۋالغانتىڭلار؟ ــــــ دەپ ھەيران بولدى. DY~zi ـــــ بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى، قارىمامسىلەر، بىزنىڭ ھېلىقى چوڭ ئوغۇل ئەخمەتجان قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، ھالىغا باقماي بۇرۇت قويۇۋېلىپ مېنى خىجىل قىلىپ قويدى، بالا بۇرۇت قويغاندىن كېيىن ئاتا بولغان ئادەم تاپتاقىر يۈرسەك بىر قىسىما تۇرىدىكەن. -brn&1oJ ـــــ مۇنداق دەڭلا، ـــــ دەپ ئەتراپىغا قاراپ پىچىرلىدى ئۇ، y,`SLgBID ـــــ سىلىنىڭ ماۋۇ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئانچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن. ئۈچ-تۆت كۈننىڭ ئالدىدا مۇنۇ بازاردا سىلىگە ئوخشايدىغان ئېگىز بوي، شاپ بۇرۇتتىن بىرسى كۈپ-كۈندۈزدىلا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم بوغۇزلىماقچى بولغان ئوخشايدۇ، ھازىر بازار باشلىقىنىڭ ئۆزى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.ئۆمەرجان شۇنداق ئۇچۇر بېرىپلا ئۆتۈپ كەتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم، «بويۇمنىڭ ئېگىزلىكى بېشىمغا بالا بولامدۇ، قانداق؟ ئۆمەرجاننىڭ ‹سىلىنىڭ بۇرۇتۇڭلىغۇ ئانچە گۇمانلىنىپ كەتكۈدەك بۇرۇت ئەمەسكەن› دېگىنىگە قارىغاندا، خۇداغا شۈكىرى، ھېلىقى قاتىلغا بويۇم ئوخشىغان بىلەن بۇرۇتۇم ئوخشىمىغان بولسا كېرەك، ‹شاپ بۇرۇت› دېگىنى قانداق بۇرۇت بولغىيدى؟ بۇرۇنلاردا ھەۋەسكە بۇرۇت قويۇپ، بۇرۇتنىڭ ئىككى ئۇچىنى قۇلىقىغا يۆگىۋالىدىغانلار بولىدىغان دەپ ئاڭلىۋېدىم. شاپ بۇرۇت دېگىنى شۇندىقىدىن بولسا كېرەك» بۇرۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم. ھەر ھالدا مېنىڭ بۇرۇتۇم يوقنىڭ ئورنىدىكى كۆتمەك بۇرۇتلاردىن ئىدى. ئازراق خاتىرجەم بولۇپ ھويلىغا قايتىپ كىردىم، پىشايۋاندا ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئايىغىنى مايلاۋاتقان ئوغلۇمنى كۆرۈپ يەنە ئەرۋايىم ئۈركىدى. ئۇنىڭ بۇرۇتىنىڭ مۇنچىۋالا يوغانلىقىنى بىر ئۆيدە تۇرۇپ نېمىشقا بايقىمىغاندىمەن! 9mT;>mE ـــــ ئەخمەتجان، ماڭا بىر قارىغىنا! .>{.!a ــــ نېمە؟ ــــــ دەپ مەن تەرەپكە قارىدى ئۇ. خۇداغا ئامانەت! ئوغلۇمنىڭ يۇقىرىقى كالپۇكىنىڭ ئۈستىدە خۇددى كىچىكرەك بىر ياقىلىقنى بېكىتىپ قويغاندەك قويۇق، قاپقارا بىر پارچە بۇرۇت ئېسىلىپ تۇراتتى. مۇنداق بۇرۇتنى قويۇپ بېرىدىغان بولسا، تۆت كۈندىلا قۇلاققا يېتىدۇ-دە!
V_SZp8 ـــــ ئاۋۇ نېمەڭنى بۈگۈنلا يوقات! Y;L,}/[ ـــــ نېمىنى دەيسەن؟ Of*z9YI ـــــ بۇرۇتۇڭنى دەيمەن؟ wjr1?c ـــــ مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشتى، دادا؟ سېنىڭمۇ بۇرۇتۇڭ بارغۇ، ھازىر ھەممە كىشى... /puM3ZN ـــــ قۇرۇق گەپنى قوي، ھازىرلا ئىككىمىز ساتىراچخانىغا بېرىپ بۇ بالا-قازانى يوق قىلىمىز، ئاڭلىدىڭمۇ؟ مەنغۇ مەيلى، ئوغلۇمغا بۇرۇتىنى ئالغۇزۇش خۇددى ئۇنىڭغا كاللىسىنى ئالغۇزماقچى بولغاندەكلا ئېغىر كەلدى، بۇ يەرگە كەلگەندە ئاتىلىق ھوقۇقۇمنى ئايىماي ئىشلەتتىم، «ھېچ بولمىغاندا بىر رەسىمگە چۈشىۋالاي» دېگىنىگە قويماي ھەيدەپ ئاپىرىپ، كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى ياقىلىقنى ئالغۇزىۋەتتىم. ئاتا-بالا ئىككىمىز تۇمشۇقىمىزنى چوپسا سالغان بۇقىدەك پارقىرىتىپ ساتىراچنىڭ ئورۇندۇقىدىن قوپتۇق. ئەينەككە قاراپ قىلغان ئىشىمدىن مەمنۇن بولدۇم. ئىسمائىل ساتىراش بەرگەن غەللە پۇلۇمنى ئېلىپ تۇرۇپ: $YmD; ــــ توۋا دەيمەن، ئاتا – بالا ئىككىڭلارنى قوشقاندا بۈگۈن ساتىراچخانىغا كېلىپ بۇرۇتىنى ئالدۇرۇۋەتكەنلەر يىگىرمىدىن ئېشىپ كەتتى، ـــــ دەپ ماڭا قاراپ سىرلىق ھىجىيىپ قويدى. «بۇ ساتىراش ماڭا ئوخشاش تىزىملىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇرۇتىنى ئالغۇزۋەتكەنلەرنى پايلاپ يۈرەمدۇ، قانداق» دېگەن بىر گۇمان كۆڭلۈمدىن كەچتى. ئويلىغىندمدەك بولدى، كەچتە ئۆيگە كېلىپ ئەمدىلا بىر يۇتۇم چاينى ئوتلاپ تۇرۇۋېدىم، ھويلىدىن بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دېرىزىدىن قارىسام، دەرۋازا ئالدىدا قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان تۇرۇپتۇ. ئالدىراپ ئالدىغا چىقتىم. ;JK!dzi} ـــــ بۇرۇت قېنى؟ ــــــ دېدى ئۇ ئەپتىمگە قاراپ. pm*6&, ـــــ سىلىدىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ بېرىپلا چۈشۈرگۈزىۋەتتىم. s5s'$|h" ـــــ سىلى نېمانداق خۇدۇكى بار ئادەمدەك ئىش قىلىپ يۈرىدىغانسىلەر! ـــــ دېدى ئۇ تېرىككەندەك بولۇپ، QzwA*\G ـــــ بۇرۇتۇڭلىنى ئالدۇرىۋەتكىنىڭلار بازار باشلىقنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، سىلنى ئەتە ئەتىگەندە بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە بىر كەلسۇن، دەيدۇ. يېڭى كەلگەن بازار باشلىقنى ناھايىتى ئاچچىقى يامان ئادەم دەپ ئاڭلىۋېدىم، قوغداش ھەيئىتىنىڭ خەۋىرى ئارامىمنى بۇزدى... كەچلىك تامىقىمنى يەپلا ئۆزۈمنى ئورۇنغا تاشلاپ خىيالغا پاتتىم. ئايالىم قاچا-قومۇچنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، دۈگلەكلىۋالغان توشۇڭ يىپلىرى بىلەن ئۇزۇن بىگىزلىرىنى ئېلىپ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ پوپايكا توقۇشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. بىكار بولۇپ قالسىلا بۇزۇلغان، كونىرىغان يۇڭ كىيىملەرنى چۇۋۇپ، باشقىدىن توقۇش بىلەن مەلىكە بولاتتى، قولىغا بىگىز چىقىشى بىلەن ئاغزىمۇ تەڭ گەپكە تېگەتتى؛ گېپى توختاپ قالسا قولىمۇ توختاپ قالاتتى. em87`Hj^lo ـــــ ئاتا-بالا ئىكىڭلار نىمە بولدۇڭلار؟ ـــــدېدى ئۇ توقۇشنى باشلاپ. {~"&$DY2 ـــــ نېمە بوپتىمىز؟ eQ}o;vJ
N ــــ بۇرۇت قويۇپ تاراقشىپ كېتىۋېدىڭلار، بۈگۈن بېرىپ تەڭلا يوق قىلىپ كەپسىلەرغۇ؟ يۈرىكى ئاجىز بۇ خوتۇنغا راست گەپنى ئېيتقۇم كەلمەي: 8h&Ed=gi ـــــ بۇرۇت دېگەننى بىر قېتىم ئالغۇزىۋەتكەنگە يوق بولۇپ كېتىدىغان نەرسە دېۋىدىڭمۇ؟ قويغۇمىز كەلسە يەنە ئون كۈنگە قالمايلا ئۆسۈپ تەييار بولىدۇ، ـــــ دەپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم: a8#6}`|C? ـــــ پالانىچىنىڭ بالىسى بۇ يىلمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇدەك قاراڭ، پالانىچى ئىزا تارتماي ئۆزىنى مېنىڭدىن ئىككى ياش كىچىك دەپ يۈرگىدەك، پۇستانىچى يەنە ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئۇششاق گەپلىرىگە چۈشۈپ كەتتى. قۇلىقىمغا ئۇنىڭ بىرمۇ ئېغىز گېپى كىرمەيتتى. كۆزۈمگە ئۇنىڭ توختىماي مىدىرلاۋاتقان كالپۇكلىرى قانداقتۇر بىر مۇزىكىنى ئورۇنداۋاتقاندەك، قولىدىكى بىگىزلىرى بولسا شۇ مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنگىلى تۇردى. ئۆمەرجان ئېيتقان شاپ بۇرۇت نېمىدەپ ئادەم بوغۇزلىماقچى بولۇۋېدىكىنە؟ بىر بۇرۇتلۇق ئىش تېرىسا ھەممە بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايدىغان بۇ قانداق تەكشۈرۈشتۇ؟ مەنمۇ نېمىدەپ بۇرۇتۇمنى ئالمان-تالمان چۈشۈرگۈزىۋېتىپ يۈرگەندىمەن. قېرىشقاندەك ھېلىقى شاپ بۇرۇتنىڭ بويىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئېگىز بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان... شۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن تۈن يېرىمغىچە ئۇخلىيالمىدىم. سەھەرگە يېقىن دەھشەتلىك بىر چۈش كۆرۈپ قورققىنىمدىن ۋارقىرىۋەتكەن بولسام كېرەك، ئايالىم مېنى تۈرتۈپ ئويغىتىۋەتتى. uqhNi!;
ـــــ ھوي، ھوي! كۆزڭىزنى ئېچىڭ، كۆزىڭىزنى! ـــــ كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ. (W<n ـــــ نېمە بولدۇڭ؟ ـــــ دېدىم بېشىمدا ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغان ئايالىمغا. p
&nIUx" ـــــ ئۆزىڭىز نېمە بولدىڭىز؟ (f^K\7HM ـــــ مەن نېمە بوپتىمەن؟ >f [Lb|t ـــــ نېمانچە ۋارقىرايسىز؟ L6^Qn%:OTd ـــــ ھە، چۈشەكەپ ۋارقىرىغان ئوخشىمامدىمەن! ـــــ يوتقاننى قايرىۋېتىپ، كارىۋاتقا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، كۆرگەن چۈشۈمنى ئېسىمگە ئالدىم، ZiBTe,; ـــــ توۋا، ئادەم دېگەن غەلىتە نېمىلەرنى چۈشەيدۇ – ھە ! 7b,5*]oZ ـــــ نېمە چۈشەپسىز ؟ چۈشۈمدە ئىككىمىز مۇشۇ كارىۋاتتا ئولتۇرغۇدەكمىز. سەن ھە دەپ بىرنېمە توقۇۋاتقۇدەكسەن، «نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىسام : ,[To)x5o ـــــ سىزنىڭ كونا پوپايكىڭىزنى چۇۋۇغانتىم، شۇنى بالىلارغا ئەپلەپ بىرنېمە قىلىپ بېرەيمىكىن دەيمەن، دەپسەن. مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، خۇشال بولۇپ كېتىپتىمەن- دە: kKV`9&dZe ـــــ مېنىمۇ چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇپ باقساڭ بولمامدۇ ؟ ــــ دەپتۇدەكمەن، كۈلمە، راست ئاشۇنداق دەپتىمەن، سەن: IK%fX/tDyc ـــــ شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى، بىراق چۇۋۇپلا قويغاندىن كېيىن بەزى ئۈزۈلگەن، بۇزۇلغان يەرلىرىڭىز چىقىدۇ، قايتا توقۇغاندا بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كېتىسىز، ـــــ دەپسەن. مەن : -[cl]H)V ـــــ كىچىكلەپ كەتسەم تېخى ياخشى، سادىغاڭ كېتەي خوتۇن، مېنى ھازىرلا چۇۋۇپ تاڭ ئاتقۇچە بۆلەكتىن توقۇۋەتسەڭ ! ــــ دەپ يالۋۇرۇپتىمەن . سەن ماقۇل دەپ، كارىۋاتقا مېنى قىپيالىڭاچ قىلىپ سوزۇلدۇرۇپ ياتقۇزۇپ، پۇتۇمنىڭ بارماقلىرىدىن باشلاپ چۇۋۇغىلى تۇرۇپسەن. بەدىنىمنىڭ چۇۋۇلۇۋاتقان يەرلىرىدە بىرى مېنى يېنىك غىدىقلاۋاتقاندەك سېزىم ھاسىل بولۇپتۇدەك؛ قىلچە ئازاب ھېس قىلماي، ناھايىتى ھۇزۇرلىنىپ يېتىپتۇدەكمەن. چۇۋۇلۇپ كانىيىمغا كەلگەندە يىپنىڭ بىر يېرى چېگىلىپ قىلىپ بوغۇلۇپ قاپتۇدەكمەن، سەن ھەرقانچە ۋارقىرىساممۇ ئاڭلىماي يىپنى تاتىۋەرگۈدەكسەن. دەم ئالالماي، ئۆزۈمنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇپ، كۆزۈمنى ئاچسام چۈشۈم. سەن يېنىمدا ئۆرە تۇرۇپسەن. ئايالىم بۇ گەپلەر ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى. ~.;S>o[ ـــــ كۈلىدىغان نېمىسى بار، بۇ دېگەن چۈش! Ou~|Q&f' ـــــ ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئادەمنى قانداق چۇۋۇپ توقۇغىلى بولىدۇ؟… قوپۇڭا، ئورۇن-كۆرپىلەرنى يىغىۋېتەي، ــــــ دېدى ئۇ. شۇ چاغدا ئېسىمگە بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە بارىدىغان ئىشىم كەلدى-دە، ئالدىراپ كېيىندىم. S!0ocS
!t بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى يوغان ئۈستەلدە قوغداش ھەيئىتى ئۆمەرجان بىلەن يەنە بىر كېلەڭسىز سەمىرىگەن كىشى كىتىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى يېزىۋېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئۇزۇن بەندىڭدە تازىمۇ پاكار بىرئادەم ئولتۇرۇپتۇ. «مۇنداق پاكارلارنى چۇۋۇپ باشقىدىن توقۇيدىغان بولسا، ھېچنىمىلا چىقمايدىغۇ دەيمەن!» دەپ ئويلىدىم–دە: «سەل نېرىراق سۈرۈلۈڭلار، ئاغىنە» دەپ ئۇنىڭ يېنىغا قىستالدىم. بۇ بىزنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتكە يېڭىدىن تەيىنلىنىپ كەلگەن بازار باشلىقى بولىدۇ، ـــــ دەپ تونۇشتۇردى ئۆمەرجان ھېلىقى سېمىز زاتنى، 2k,!P6fgl ـــــ سىلەردىن بەزى ئىشلارنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ چاقىرتقان. بازار باشلىقى ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ: %4:tRF ـــــ قېنى،سۆزلەۋېرىڭ! ــــــ دەپ بۇيرۇق قىلدى يېنىمدا ئولتۇرغان پاكار ئاغىنىگە. پاكار ئاغىنە باياتىن بېرى ئەھۋال تونۇشتۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك، سۆزىنى داۋام قىلدى: FF:Y7wXW ـــــ تۆت-بەش كۈننىڭ ئالدىدىكى ئىشقۇ دەيمەن، ـــــ دېدى ئۇ، -G<$wh9~3 ـــــ ھە، ھە! توغرا، شۇ كۈنى يەكشەنبە ئىدى. مەن گۆش-پۆش ئالاي دەپ بازارغا چىقىۋېدىم، بىر چاغدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى، قارىسام ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن يەردە ئۈچ ياش نېمە بىر كىشىنى ئارىغا ئېلىپ دۇمبالىغىلى تۇرۇپتۇ. تاياق يېگۈچى ئۈچىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ، شارتتىدە قىلىپ يېنىدىن پىچاق چىقاردى. پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى ھەممەيلەن كۆردۇق. ئەتراپتا قىقاس-چۇقان چىقىپ كەتتى. سەي سېتىۋاتقان خوتۇنلار قورققىنىدىن چىرقىرىۋېتىشتى، شۇ ئارىدا قانداق بولدى، ئارقىدىن كەلگەن بىرى چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالدى، ئۇ يەنە بىر پىچاقنى چىقاردى، يەنە بىرەيلەن ئۇ پىچاقنىمۇ يۇلۇۋېلىپ چۆرۈۋېتىۋېدى، ئۇنىڭ قولىدا تېخىمۇ يوغان يەنە بىرپىچاق پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن بازار ئىچىدە قاچ-قاچ بولۇپ كەتتى، مەنمۇ قاچتىم، كۆرگەنلىرىم ئەنە شۇ. mOj6
4}_`" «يائاللا نېمانداق جىق پىچاق بۇ. شۇنچىۋالا پىچاقنى ئۇ ئوغرى نەرىگىمۇ ئېسپ يۈرگەن بولغىيتتى ؟!» دەپ ياقامنى تۇتتۇم . بازار باشلىقى بېشىنى كۆتۈرۈپ: k~ #F@_ ـــــ پىچاق كۆتۈرگەننىڭ تەقى-تۇرۇقى قانداقراق؟ ــــــ دەپ سورىدى. k>
I;mEV ـــــ ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ بۇرۇتلۇق، ئېگىز ئادەمدەك قىلغان. K
DP7u ـــــ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ماۋۇ يېنىڭىزدا ئولتۇرغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ >#z*gCO5, يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. پاكار ئاغىنە بېشىمدىن ئايىغىمغىچە بىر قاراپ: 7bioLE ـــــ ياق، ياق. بۇ كىشىدىنمۇ ئېگىزرەكمىكىن دەيمەن، ـــــ دېدى. «ئۇھ!» دەپ يېنىك بىر تىندىم. پاكار ئاغىنە كۆزۈمگە خېلى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى. «ئۇنى چۇۋۇمىسىمۇ بولغۇدەك» دەپ ئويلىدىم، بازار باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىدىن تازا قانائەت ھاسىل قىلمىغان بولسا كېرەك: AY['!&T ـــــ بولىدۇ، ھازىرچە قايتىپ بېرىپ ئوبدان ئويلىنىپ، شۇ كۈنى بازاردا كۆرگەنلىرىڭىزنى، ھېلىقى پىچاقچىنىڭ چىراي-شەكلىنى تەپسىلىي يېزىپ، ئەتىگىچە بىزگە ئەكېلىپ بېرەرسىز، ـــــ دېدى. پاكار ئاغىيە چىقىپ كەتتى، ئەمدى بازار باشلىقنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى. 7Wg0-{yK4 ـــــ خوش، ـــــ دېدى ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇپ، ـــــ بۇرۇتنى نېمانداق ئالدىراپلا چۈشۈرۈۋەتتىڭلار؟ ئۆمەرجاندىن بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتماقچىدىم، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان بۇ گەپنى كۈچەپ بوغۇزۇمغا يۇتۇپ، يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم، EJ P##eGx ـــــ بىزنىڭ قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ مىجەزىنى سىز بىلمەيسىز، مانا ماۋۇ ئۆمەرجان تازا ئوبدان بىلىدۇ، ـــــ دېىم، ـــــ بىرەرسى ياخشىراق بىر نەرسە سېتىۋالسا، ئوبدانراق بىر كىيىم كېيسە، ئىشقىلىپ، ئازغىنە بىر يېڭىلىق بولغىنىنى كۆرسىلا «يۇيىمىز» دەپ ئون-يىگىرمە تەڭگە خەجلەتمەي قويمايدۇ، يېقىندىن بېرى ئۇلار: «پاھ، مۇنۇ بۇرۇت سىلەرگە ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ، بۇرۇتنىڭ چېينى قاچان ئىچىمىز؟ سىلەرنى بىر ئوبدان يۇمىساق زادى بولمايدۇ» دەپ ماڭا يېپىشىۋېلىشتى. ئىش-ئوقەتنىڭ يوقىدا قاراپ تۇرۇپ بىرمۇنچە پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقماي، دەپ تۈنۈگۈن ئىسمائىل ساتىراچنىڭكىگە بېرىپ پاك-پاكىز قىردۇرۇۋەتتىم. بازار باشلىقى تاماكىسىنىڭ كۈلىنى قېقىپ، كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى. iQpKcBx ـــــ بازاردىكى ۋەقەنى ئاڭلىدىڭىز. w~>V2u_- ـــــ مېنىڭ زادى ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ، بازاردىكى ۋەقە بىلەن مېنىڭ بۇرۇتۇمنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ :`6E{yfM ـــــ بىلەمسىز! ــــــ دەپ ئۈستەلنى پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى بازار باشلىقى، ـــــ بۇرۇتى بارلارنىڭ يېنىدا چوقۇم پىچىقى بولماي قالمايدۇ، ئەجەب بۇرۇنمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس، دەل بىز بۇرۇتلۇقلارنى تىزىملايمىز دەۋاتقان چاغدا سىزنىڭ بۇرۇتىڭىزنى قىردۇرۇۋېتىش خىيالىڭىزغا كېلىپ قاپتۇ-ھە؟ ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئۆتكەن يەكشەنبە بازاردا بولغان ۋەقەنى سىز ئاددىي بىر ماجىرا دەپ قارامسىز؟ ياق، ياق، مەسىلىگە ئۇنداق يۈزە قارىغىلى بولمايدۇ. شۇ كۈنى ھېلىقى يوغان بۇرۇت بازاردىكىلەرنى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكەندە، شۇ يەرگە بىر سومكىسى چۈشۈپ قالغانىكەن. ئەكېلىپ تەكشۈرسەك، ئىچىدىن يەنە ئوتتۇز-قىرىقچە پىچاق چىقتى. T'2(sHk ـــــ ئەمسە ئۇ پىچاق ياساپ ساتىدىغان پىچاقچى ئوخشىمامدۇ؟ HgY"nrogt$ ـــــ گېپىمنى بۆلمەڭ! تۆمۈرچىنىڭ يېڭى سوققان پىچاقلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىز سىزدىن ئوبدانراق بىلىمىز. ھېلىقى بۇرۇتلۇقنىڭ سومكىسىدىن چىققان پىچاقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدن يوغان، تۇتۇلغان پىچاقلار. خوش، سىز بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ سىزچە ئۇ بۇرۇتلۇق شۇنچە پىچاقنى سېھىرگەرلىك قىلغىلى ياكى قىزىقچىلىق كۆرسەتكىلى كۆتۈرۈپ يۈرگەنمىدۇ؟ مۇشۇ تۇرغان ئورنىمىزنىڭ تارىخىدىن بەلكىم خەۋىرىڭلار يوقتۇ؟ بىر تارىخچى ئاغىنەمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە: نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا، ئىسكەندەر دېگەن بىرسى ئۆزىنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، موشۇجايغا كەلگەندە بىر توپ پىچاقچىلارغا يولۇقۇپ، ئالغا باسالماي چېكىنىپ كەتكەنىكەن. ئۇ پىچاقچىلارنىڭ ھەربىرى يېنىغا نەچچە ئوندىن پىچاقنى ئېسىۋالاتتىكەن، قارىماي ئاتقان پىچاقلىرىمۇ كېلىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەق ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سانجىلىپ ئارقىسىغا ئۇچۇرىۋېتەتتىكەن. نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا، چىڭگىزخان قاراقچىلىرى بۇ يەردىن ئۆتكەندە يەنە شۇنداق سانسىز پىچاقلار ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ غەربكە ماڭغان ئىكەن. بۈگۈنگە كەلگەندە ئارىمىزدا يەنە شۇنداق پىچاقچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇلارنى بىر پالاكەت تېرىمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ قايتىپ بېرىپ، بۇرۇتىڭىزنى قاچان قويغانلىقىڭىزنى، نېمە سەۋەبتىن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىڭىزنى، بۇرۇتلىرىڭىزنىڭ شەكلىنى، شەكلى دېگىنىم: توم بۇرۇتمۇ، بوم بۇرۇتمۇ، شاپ بۇرۇتمۇ، سىم بۇرۇتمۇ؟ ھەممىنى ئېنىق يېزىپ، ئەتىدىن قالدۇرماي بىزگە تاپشۇرۇڭ! z-nhL= بازارلىق ھۆكۈمەت ئىدارىسىدىن خۇددى بىرسى مېنى چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك بېشىم گاڭگىراپ يېنىپ چىقتىم، ئۆيگە كېلىپ قولۇممۇ ئىشقا بارمىدى، راست دېگەندەك ھېلىقى بۇرۇتلۇق سومكىسىغا ئوتتۇز-قىرىق پىچاقنى سېلىۋېلىپ نېمىشقا ئادەم قوغلاپ يۈرگەن بولغىيدى؟ ئىسكەندەر، چىڭگىزخان دېگەنلەر توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان، نەچچە يۈز يىللارنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن بۇ پادىشاھلار بىلەن بۈگۈنكى پىچاقچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان چىقىپ قالغىنى قىزىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشقا مېنىڭمۇ چېتىلىپ قالغىنىمچۇ! كەچتە قاغا پۇتى خەتلىرىم بىلەن بۇرۇتۇمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان قىسقىچە تارىخىنى يېزىشقا ئولتۇردۇم. ئايالىم بېشىمغا كېلىپ قاراپ: E7^r3#s
ـــــ بۇ بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان سىزگە زادى نېمە بولدى؟ ــــــ دېدى. tv,iCV ـــــ نېمە بوپتۇ؟ ــــــ بىردەم بېرىپ بۇرۇتىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىپ كېلىسىز، بىردەم ھۆكۈمەت ئىدارىسىگە يۈگۈرەيسىز، بۈگۈن كەچكىچە قويغان-تۇتقىنىڭىزنى بىلمەي پىرقىراپ يۈردىڭىز، مانا ئەمدى تەكشۈرۈش يېزىشقا ئولتۇرۇپسىز... RP&H9> ـــــ تەكشۈرۈش ئەمەس، ھاڭىۋاقتى!بۇرۇتۇمنىڭ تارىخىنى يېزىۋاتىمەن. 1cWUPVQ ـــــ بۇرۇتۇمنىڭ تارىخىنى؟! ئايالىم ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالدى. ئۇ چوقۇم مېنى ئالجىپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدىغۇ دەيمەن. ــــــ بۇ دېگەن سىياسەت، خوتۇن خەق ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس! ـــــ دەپ ۋارقىرىدىم ئۇنىڭغا، ـــــ ماڭ يۈگۈر، ئۆزۈڭنىڭ قازان-قومۇچۇڭنى بىل. شۇ كېچە يەنە قورقۇنىچلىق بىر چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، چىراغنى ياندۇرۇپ، كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەشكە تىرىشىپ، يەنە بىرھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئايالىم ئويغىنىپ: H;5Fs KIF ـــــ يەنە نېمە بولدىڭىز؟ ـــــــ دېدى. Q^=drNV ـــــ قارا بېسىپتۇ، قارىمامسەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكىنىمنى. ^]_[dqd ـــــ يەنە غەلىتە بىرنېمىلەرنى چۈشىگەن ئوخشىمامسىز؟ Hg | |