查看完整版本: [--
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بىرقانچە مەسىلە
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر
->
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بىرقانچە مەسىلە
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ھاتەھاتەم
2014-04-08 19:35
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بىرقانچە مەسىلە
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بىرقانچە مەسىلە
xlJ8n+
\قوش تىل ئوقۇتىشى يولغا قۇيۇلغان بۈگۈنكى كۈندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. چۈنكى ھازىر مەكتەپلەردە ئانا تىلى دەرسىدىن باشقا پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا سوزلىگەچكە، باشلانغۇچ 1-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ساۋادى چىقمايدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر.بۇرۇن ئانا تىلى بىلەن كۆپ ئۇچۇرشىدىغان شارائىت بولغاچقا ، باللىرىمىزنىڭ ساۋادى چىقماسلىقتىن غەم يېمەيتۇق .ھازىر ئەھۋال ئوخشۇمايدۇ.يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ باشقا پەنلەردە يېتىشەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئائىلەردىمۇ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ.شۇڭا،ئوقۇغۇچلىرىمىزدا ئاددى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋال ئېغىر.شۇنىڭ بىلەن بىر جۈملە سۆزىمىزنىڭ ئىچىدە بىر ئىككىسى ئۇيغۇرچە بولسا قالغانلىرى خەنزۇ تىلىدىكى سۆزلەر. ئاددى جۈملىلەرنىمۇ توغرا يازالمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. بۇنداق دېىيىشىم خەنزۇچە ئۈگەنمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس.بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تىل توغرىسىدىكى جۈملىسىنى ئوقۇپ باقايلى«تىل- ئەدەبىيات بىزنىڭ ئانا تىلىمىز.» مۇشۇنداق جۈملىلەرنىڭ تۈزىلىشى تاسادىپىلىق ئەمەس. شۇڭا بىز مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىپ ،تىلىمىزنىڭ ساپلىغىنى ساقلايلى.بۇ مۇشكۈل ۋەزىيپە .ئانا تىلىمىزنى ساپلىغى بىلەن كېيىنكى ئاۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىيپە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىيپىسى،جۈملىدىن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىلىرىنىڭ زېممىسىگە يۈكلەندى. بىر مىللەتنىڭ مىللەت بۇلۇپ تۇرىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى تىلدۇر .شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن شۇ مىللەت خەلقى ئۆز تىلىنى سۆيىشى،قەدىرلىشى لازىم.بۇ تەربىيىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا سىڭدۈرۈش يەنىلا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك توۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن.1 . تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر قىلش، پىكىر قىلىش، ئالاقىلىشىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قورالى؛ جەمىئىيەت تەشكىل قىلىشنىڭ، مىللىي بىرلىكنىڭ مەنىۋىي ئاساسى، تەرەققىياتقا قەدەم بېسىشنىڭ داغدام يولى؛بىلىم ئىگىلەشتىكى ئالتۇن ئاچقۇچ؛ پەن- مائارىپ ئارقىلىق قۇدىرەت تېپىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغانئەڭگۈشتەر.شۇڭا بىز 21- ئەسىردە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورون ئالالايمىز دەيدىكەنمىز، چوقوم، ، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ئوقوتۇشنى چىڭ تۇتىشىمىز، ھەر بىر دەرس مەزمۇنىدىكى چۈشىنىكسىز سۆز- جۈملىلەرنى ئوقوغۇچىلارغا ۋاقتى- ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىشىمىز، يالغۇز راۋان، چىرايلىق يېزىشنىلا ئەمەس، مۇھىمى، تېز، توغرا، راۋان، مەنىسىگە يېتىپ سەنئەتلىك ھالدا ئوقوش ۋە سۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم. بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دەرىسخانە ئوقۇتىشىدا تېكىسىت ئوقۇتىشىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىش كېرەك.ئوقۇغۇچلارغا تېكىسىت ئىچىدىكى چۈشىنىكسىز سوزلەرنى تېپىپ چىقىش تاپشۇرقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچلارنىڭ تېكىسىتنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا يېتەكلەش،ھەم شۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى لېكسىكىلىق مەنىسى ۋە ئەسەردىكى مەنىسىنى چۈشۈنىشكە يېتەكلەش ،ئەستە ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.. 2 تىل بىزنى ئوقوغۇچىلارغا بىلىم دۇردانىلىرىنى، زامانغا لايىقلاشقان يېڭى چۈشەنچىلەرنى توغرا، جانلىق، چۈشۈنىشلىك، ئىلمىي يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئوقوغۇچىلاردىكى توغرا ئوقۇيالماسلىق، توغرا يازالماسلىق، توغرا چۈشىنەلمەسلىك، ئۆگەنگەننى ئەستە ساقلىيالماسلىق، توغرا ئانالىز قىلالماسلىق، توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، ئىجادىي مەسىلىلەرنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماسلىق، تەبىئىي پەن ئەسەرلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالماسلىق تىل نامراتلىقىدىن كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى سۇ بوچېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان «تىل- ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا» ناملىق ماقالىسىدە تىل- ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئىلمىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ، «ماتېماتىكا ئۆگۈنىشنىڭ ئاچقۇچى تىل- ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگۈنىشتە» دەپ كۆرسەتكەن.دىمەك ،ئوقۇغۇچلارنىڭ توغرا،راۋان ،چۈشىنىشلىك،ھېسسىياتلىق ئوقۇيالىشى ئۈچۈن ،شۇنداقلا تەبىي پەن مەسىللىرىنى توغرا چۈشىنىپ ،توغرا يېشەلىشى ئۈچۈن ،ئالدى بىلەن شۇ سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى چۈشىنىشى كېرەك،چۇشىنىش-توغرا،راۋان ، سەنئەتلىك ئوقۇشنىڭ ئاساسى.مۇشۇ ئاساس ھازىرلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىغى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ.تىل بايلىغى ئوقۇغۇچلارنىڭ تەپەككۈرىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئانالىز قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، ئىجادىي پىكىر قىلىش قابىليىتىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇڭا، دەرسخانە ئوقۇتىشىدا سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى چۇشڭنىشكە يېتەكلەشتىن باشقا شۇ سۆزلەردىن پايدىلنىپ ،ھەرخىل شەكىلدىكى جۈملە تۈزەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ،جۈملىلەردە كۆرۈلگەن نۇقسانلارنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى تىل بايلىقى كۆپ مەشىقتىن كېلىدۇ.3.سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىك مەنىسىنى چۈشىنىش ئاساسىداتوغرا ،راۋان ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ھېسسىياتلىق،سەنئەتلىك ئوقۇش ئۆتكىلىدىن ئۆتۇش مۇھىم ھالقىلاردىن بىرى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توۋەندىكى بىرقانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.⑴تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ژانىر ئالاھىدلىكى بويىچە ئوقۇشقا يېتەكلەش.نەسرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ،شېرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش يەنە بېرىپ ياش-ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تىل ۋە ئۇنىڭ مەنە ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ يازغۇچىنىڭ مۇددىئاسىنى، ئىديىسىنى چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس .شۇنداقلا تىل غەزىنىمىزنى بېىيىتىپ،يېڭى –يېڭى سۆزلەر بىلەن ئۇچۇرىشىپ ، ئۇنى تىل بايلىقىمىزغا ئايلاندۇرىشىمىزغا پايدىسىز.بىز ئوقۇغان ھەر بىر ئەسەردىن يېڭى –يېڭى ئاتالغۇلار بىلەن ئۇچرىشىمىز،ھەم شۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى بىلەن تۇنىشىمىز.بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ ھېسسىياتلىق ئوقۇشنى بىرلەشتۈرسەك،تىل بايلىغىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە شۇ ئەسەردىكى ئېستېتىك قىممەتنىڭ نېملىكىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇيۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ. نەسرىي ئەسەرلەر بىلەن شېئىرىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇل .شېئىرلاردىن ھۇزۇرلىنىش،مەنە قاتلىمىغا شۇڭغۇش ئۈچۈن چۇقۇم تىل-يېزىق ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇبولۇپمۇ شائىر شېئىر يازغاندا ئىديە ۋە ھېسسياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىل-يېزىققا مۇھتاج بولىدۇ؛ ئوقۇرمەن شېئىرنى ئوقۇش ئۈچۈن ئاۋال تىل-يېزىق بىلەن دوقۇرۇشىدۇ.شۇڭا،شېردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىل-يېزىقنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.شېئىرلارنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدلىكىنى چىقىش قىلىپ ئوقۇتقاندا ،نەسرىي ئەسەرلەر بىلەن بولغان پەرقىنى تېخىمۇ ئېنىق پەرىقلەندۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن،شېئىرلاردىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن كۆچمە مەنىسىنى پەرىقلەندۈرۈپ ئىگەللەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تىل بايلىغىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.قوش تىل مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچلىرىمىزدا ئاددى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىىغان ئەھۋال بەك ئېغىر .مۇشۇنداك ئەھۋاللارنى تۈگۈتۈپ راۋان ئوقۇيالايدىغان،مەنىسىنى چۈشۈنەلەيدىغان، شېئىر بوشلۇغۇغىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، شېئىردىن ھوزۇرلىنىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.بۇ تەبىي ھالدا ئوقۇغۇچلىرىمىزنىڭ تىل قابىليىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردۇ.⑵ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدلىكى بويىچە ئوقۇشقا يېتەكلەش.ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەدەبىي 、ئەسەرلەردىن زوقلىنىشى دائىم پەقەت ھېسسىي سەزگۈ بىلەنلا توختاپ قالىدۇ.بىلىم سەۋيىسى چەكلىك بولغانلىقتىن،ئەدەبىي ئەسەر ھەققىدىكى تەسراتى كوپ تەرەپلەردە ئانچە ئىنچىكە ۋە توغرا بولماي قىلىشى مۇمكىن.يازغۇچىنىڭ ماھارىتى، ئەسەرنىڭ تىلى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى دېگەنلەر ئۈستىدە ئانچە ئويلانمايدۇ. شۇڭا،كۆپ ھاللاردا ئەسەر ئوقۇغاندا پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ئالاھىدلىكىگە ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇغۇچلىرىمىزنىڭ ئەسەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى،ئۇلارنىڭ تىل قابىليىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدلىكى بويىچە ئوقۇشنى ئۆگىتىش ماھىيەتتە ئوقۇغۇچلارنىڭ تىل قابىليىتىنىڭ ئۆسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.⑶ھەربىر جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولىبويىچە ئوقۇشقا يېتەكلەش.(بۇ مەسىلە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان)يېزىقتا تىنىش بەكگىلەرنىڭ رولى ئنتايىن مۇھىم. بۇ ھەممىمىزگە ئايان .بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچلارنىڭ قانداق ئاھۋالدا قانداق سۆزنى ئشلىتىش،نېمە دېيىش،سورالغان سۇئاللارغا قانداق جاۋاپلارنى بېرىش قابىليىتىنى يۇقىرى كوترىدۇ.4.ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى چوڭقۇر پىكىرلىك، لىرىكىلىكى قايناك،جىلۋىدار جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇشنى كۇندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بىز ئوقۇغۇچلارغا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىش قابىليىتىنى يېتىلدۈدۈش ۋە ئادىمىيلىك يۇلىنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ تىل قابىليىتىنىڭ يۇقىرى كۆترىشىگە پايدىلىق ئۇسۇللارنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك.بۇ ئۇسۇل ئۇلارنىڭ تىل قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە يېزىقچىلىق قابىليىتىنىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.ئوقۇغۇچلار يېزىقچىلىق مەشقىدە يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ.بۇ دەل ئۇلارنىڭ تىل گادايلىغىنىڭ سەۋەبى .يۇقۇردا يىلغا ئالغان ئۇسۇل بۇخىل ئاجىزلىققا نىسبەتەب شىپالىق يامغۇردەك پايدىلىق بولىدۇ.
مىېھرىما
2014-04-08 22:06
بىز ئوقۇغۇچلارغا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىش قابىليىتىنى يېتىلدۈدۈش ۋە ئادىمىيلىك يۇلىنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ تىل قابىليىتىنىڭ يۇقىرى كۆترىشىگە پايدىلىق ئۇسۇللارنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك.بۇ ئۇسۇل ئۇلارنىڭ تىل قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە يېزىقچىلىق قابىليىتىنىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
_wMc7`6F
T$
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى باركەن . مەنمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك
ياسىنجان510
2014-04-08 22:27
دېمەك بىزنىڭ ئانا تىلىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا چەكلىمىگە ئۇچىرىدى دېگەن سۆز.بۇنى كىم ئويلىشىدىكىن،ھېچ چۈشىنەلمەيلا قالدىم.
بابۇر0725
2014-04-10 22:05
قوللىنىشچانلىقى بەكلا يۇقىرىكەن
ھاتەھاتەم
2014-04-11 09:35
ئويلۇغانلىرىمنى يېزىپ باققان.سىلەرگە كۆپ رەخمەت.
uzqak
2014-04-11 10:56
ياخشى يېزىپسىز. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى كۈچەپلا قالماي ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئورتاق تىرىشساق ياخشى بولاتتى. ئىشخانىدا سىنىپتا خەنزۇ تىلىدا بالىلارنى تەنقىدلەش ئېغىر... بالىلارنى قارىتىپ قويۇپ ئىككى ئوقۇتقۇچى خەنزۇچە سۆزلىشىشكە چۈشۈپ كەتسە .... يەنىلا مەسلىنى ئۆزۈمدىن ئىزدەي.يىقىندا بىر ھەپتە تىل -ئەدەبىيات دەرس باھالاشقا قاتنىشىپ قالدىم...
}6U`/"RfcO
دەرسنى ئاڭلاپ باھالاپ بولۇپ تۆۋەندىكىدەك سۇئاللارنى ماتىرېيالغا يېزىپ قويدۇم.
PubO|Mf
1.مەقسەت دەرس ئۆتۈشمۇ ياكى دەرسنى تۆگۈتىشمۇ؟ ئوقۇتقۇچى نېمىگە ئالدىرايسىز؟
NeG$;z7
سەۋەبى: سۆز چۈشەندۈرۈشتىكى يۈزەكىلىك، سۆز مەنىسىنى تېكست مەزمونى بىلەن بىرلەشتۈرمەي ماۋۇ سۆزىنىڭ مەنىسى ماۋۇ دەپلا قۇيۇش ،بەزى يەكۈنلەرنىڭ قانداق چىقىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي ھەيرانۇ ھەس بولدۇم .خۇددى تلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا دەرسخانىدىكى خۇلاسە بىر يەردىن ئۇچۇپ كەلگەندەكلا تەسىر بېرىدىغان ھالەتكە ھەيران بولدۇم.
],!7S"{97
2. تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بىرىنچى سائاتىدە نېمە قىلىش كېرەك؟ بىرىنچى سائەتنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىغا نېمە دەپ يېزىلىشى كېرەك؟
?^y!}(
تولۇقسىزنىڭ دەرسىدە ئەسەرنىڭ ژانىرى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلار ، يېڭى سۆز ، ئابزاس بۆلەكلەر ، تېكىستە نىمە سۆزلەنگەن دېگەندەك مەزمونلار سۆزلىنىپ ئىككىنچى سائەتتتە تېكىستى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىشكە ئاساس يارتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس بېرىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىق نىسپىتىگە ھۆرمەت قىلىنمايدىغان سۆزلەرنى ئاغزىغا كەلگەنچە چۈشەندۈرىدىغان. كېڭەيتىشكە تېگىشلىك جۈملىلەر تاشلىنىپ قىلىپ ئۇششاق پارىچلانغان سۇئاللارنىڭ يامرىشى بىلەن ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى ، يازغۇچىنىڭ يېزىش مەقسىتى ، پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم - سۆز جۈملىلەردىن مۇستەسنا قۇرۇق ھاياجانلىنىشقا يول قويۇپ ئۆتىۋاتقىنىمىزدىن سەل بىئارام بولدۇم. بولۇپمۇ مۇھىم سۆز ۋە جۈملىنى قانداق تۇتۇش ، قانداق كېڭەيتىش مەسلىسىدە كەمتۈكلۈك بار...
mA{G: d
3. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى شۇ بىر سائەتلىك دەرستە نېمىلەرنى يازدۇرۇشى كېرەك؟ بالا قول سالمىسىمۇ يازمىسىمۇ ،ئوقۇمۇسىمۇ تىل - ئەدەبىيات خارەكتىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولامدۇ؟
w+^z{3>
بالىلارنى قولنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ قاتتىق ئوتقۇزۇپ قويۇپ ، ھەتتا مەشىق دەپتەر تۇتۇش ئادىتىنىمۇ ئويلاشمىساق بولارمۇ؟
ھاتەھاتەم
2014-04-11 11:30
ئۇزچاق سڭزگە كۆپ رەخمەت.
پاراسەت
2014-04-11 13:20
بابۇر0725
:
قوللىنىشچانلىقى بەكلا يۇقىرىكەن
(2014-04-10 22:05)
;q3"XLV(T[
ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئەڭ ئاخىرقى قاراشلىرىڭىز ناھايىتى ئەمەلىي بوپتۇ.ھازىر بىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىز تىل ئوقۇتۇشىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ!
uzqak
2014-04-11 13:48
4. ئۆتكەن دەرسنىڭ تۇرمۇش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ تىل - ئەدەبىيات كىتابتىكىلا نەرسىمۇ؟
Hxw 7Q?F
تىل - ئەدەبىياتنىڭ گۇمەنتارلىقىنى تۇرمۇشقا باغلاش بالىلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە باغلاش ئارقىلىق ھەل قىلاتتۇق، لېكىن تېكىست بىلەن ماسلاشتۇرمايلا مەجبۇرىي ئاساستىكى گۇمانتارلىقنى سىڭدۈرۈشتىن ئارتۇق ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمىسا كېرەك. بالىلرانى تەھلىل قىلىش ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنيا ئېھتىياجىنى قېزىش دەرخانىمىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىدى. مەن دەرس باھالاشقا بارغان مەكتەپتىكى بالىلارمۇ كۆچمە نوپۇستىكى بالىلار ئىكەن . ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئادىتىنى ياخشىلاشقا نۇرغۇن كۈچ كەتكۈدەك. «سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ » ماۋزوسىدىكى تۇرمۇشقا ئىنتايىن يىقىن بىر دەرستە كۆچمە نوپۇستىكى بالىلارنىڭ ئۆز تەغدىرىنىڭ خوجايىنى بولۇش ھەققىدە ھېچنىمە دېيىلمىگەنلىكىگىمۇ سەل بىئارام بولدۇم. ئەلۋەتتە بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ھەممىسى كەمچىلىك بولمايدۇ. بۇ قېتىم نۇرغۇن مەھسۇلاتقا ئىگە بولدۇم. ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ دەرسلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلاندىم. قىسقىسى: ھەر بىر سائەتلىك دەرس بىر مەسئولىيەت . ئۇ مەسئولىيەت كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇرنى ئائىلە بىلەن بىرلىكتە تۇغۇدۇ ...
tawpek
2014-04-13 16:28
ئاپىرىن قىرىندىشىم، ئوقوپ شۇنداق پايدىلىق بىر بىلىملەرگە يولوققىنىمدىن سۆيۆندۆم،
#cZ<[K q6
Q`ALyp,9b
ئالدىنقى ئايدا مائارىپ ئىدارىسى ئوقوتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن ناھيىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 1-،2-يىللىق سىنىپتىكى بالىلاردىن ساۋات چىقىرىشتىن ئىمتاھان ئالغانتىم، 30 بالىلىق بىر سىنىپتىن ساۋاتسىز قالغان 29 بالىنى كۆرۆپ ئەقلىم ھەيرانقالدى.
HqZ3]
uxKj7!(#
يانا بىر ھەپتە ئوتتورا مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانتىم، نۇرغۇن ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىللىرىمىزنىڭ قوراللىق ۋە گۇمانتارلىق خاراكتىرلىرىنى گەۋدىلەندۈرىشى ياخشى بولماسلىق، ئاپتۇر تونوشتۇرۇشلاردا دەرىسلىك كىتابتىكىنىلا دەپ ئۆتۆپ كىتىش، ھەتتا ئابدۇرىھىم ئۆتكۆردەك، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىندەك ئالىملىرىمىزنىمۇ ئۆز چۈشەنچىسى بويچە ئىككى ئىغىز چۈشەندۈرەلمەسلىك،
Kz>Bw;R(
aYBc )LCd
ھەتتا ئازراقلا تەكلىپ بەرسە دەرھال ئۆزىنى ئىلىپ قىچىپ كەسپىنى چىشلەپ تارتىشلاردىن ئادەتتىكى بىر ئوقوتقۇچى بولوش سۈپىتىم بىلەنمۇ ھەيران قىلىپ كەسپىمنىڭ باغۋەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بولسىمۇ دەپ بىرىپ خوشلاشقانتىم.
DMc H, _(
FD+y?U F
mk'$ |2O
شۇ بىر سىنىپقا ئەدەبىيات دەرىس بەرگەن ئوقوتقۇچىنىڭ قانداقلىقى شۇ سىنىپ ئوقوغۇچىللىرىنىڭ پۈتۈن ئىنتىزام ۋە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايمەن، ئۇ سىنىپ مەسئۇلىنىڭلا ئىشى ئەمەس.
查看完整版本: [--
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا بىرقانچە مەسىلە
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled