查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچى -ئۇ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئوقۇغۇچى -ئۇ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sahar8 2014-04-08 12:03

ئوقۇغۇچى -ئۇ...

ئوقۇغۇچى -ئۇ... u=/CRjot  
MqA`yvQm  
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتەپتە بەزى كەسىپداشلارنىڭ ياكى ئۇنداق ،ياكى مۇنداق گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.«پالانى يىللىق پالانى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىدىن خۇيمۇ زېرىكتىم جۇمۇ »،«پۇكۇنىنىڭ سىنىپىغا كىرسەم باللىرىنىڭ بېزەڭلىكىدىن ھۆ بولۇپ كېتىمەن »،«موشۇ ئوقۇغۇچى دېگەنما كۆزۈمگە دۆ كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى»...دىگەندەك.بۇنداق چاغلاردا بەزىدە موۋاپىق مەسلىھەتلەرنى بەرسەممۇ،بەزىدە گەپ قىلىشقا ئامالسىز قالىمەن. T,OwM\`.X{  
مېنىڭ ئۇلارغا مۇنۇلارنى دېگىم بار: b (I2m  
-سەن ئوقۇتۇش مۈنبىرى ئۈستىدە قايناپ-سۇغۇلۇپ،تەرلەپ –پېشىپ سۆزلەپ قۇرسىقىڭدىكى ئۇلۇغ ھېكىمەتلىرىڭنى شۇ پېتى ئوقۇغۇچىللىرىڭنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپ قويماقچى بولغىنىڭدا ،بىر-بىرىگە قەغەز تاشلىشىپ ،ياكى ئالدىدىكى قىزچاقنىڭ چېچىنى تارتىپ ئويناۋاتقان ئالاقانات  بالىنى كۆرگەندە ئاچچىقىڭدا ئۇنى سىرتقا تاشلىۋەتكىڭ كەلدىمۇ؟ياكى «زادى مەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن » دەپ ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟ ~E^,=4  
-سەن ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۈن كېچىچە ئىشلەپ ياكى قاتار چاي ،زىياپەت دىگەندەك باھانىسى جىق ئولتۇرۇشلاردا ھوشۇڭنى يوقاتقىچە ئويناپ ،ئەتىسى روھسىز ھالدا سىنىپقا كىرىپ كەلگەن چېغىڭدا ،بەزى كەپسىزلەرنىڭ پەرۋاسىز قوغلىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ ،قوللىرىڭ ئاچچىقىڭدا تىتىرەپ كەتتىمۇ؟ۋەياكى «بالىلار مېنىڭ مۇشۇ روھسىز ئەپتىمگە قاراپ نىمە دەپ ئويلاۋاتقاندۇ» دىگەننى ئېسىڭگە كەلتۈردىڭمۇ؟ 3QOUU,Dt$  
  -سەن ئەتە تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر كىلىدۇ دەپ بالىلارنى پارتىلادا لىق ئولتۇغۇزۇش ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ تۇرغان چېغىڭدا ،بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كېچىچە كىسەل ئازاۋى بىلەن ئارام تاپالمىغان دادىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن دەپ كىچىكىپ قېلىپ ،مىڭبىر تەشۋىشلەر بىلەن يۈزىدە ماڭغاندەك مېڭىپ ،ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئالدىڭغا كەلسە ئادەمنى يەيدىغان ئالىيىشىڭ ،جاندىن ئۆتىدىغان ئاچچىق تىللىرىڭ بىلەن كۈتىۋالدىڭمۇ؟ياكى «بالام ،نىمە بولدىڭ؟»دەپ بېشىنى ئىللىق سېلىدىڭمۇ؟ =FT98H2*|  
   ئەي قەدىرلىك كەسىپدىشىم ،ئالدىڭدىكى بولسا ئوقۇغۇچى ،خۇددى سەن ھەر دائىم پەپىلەيدىغان يۈرەك پارەڭگە ئوخشاش بالا،ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ كۆز گۈھىرى ،كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدى،نام-نىشانى ،شۇڭا سەن ئوقۇغۇچىلىرىڭنى چۈشەن،ئۇلارنىڭ زادى نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلا. o!r8{L  
   ئوقۇغۇچى-ئوسېنىڭ سىرداش ھەمرايىڭ،سەن بىلەن مۇڭداش ،ھالداش بولدىغان،ھايات مۇساپەڭدە سېنى مۈگىدەك ئويلاردىن سەگىتىپ تۇرىدىغان. OLj\ -w^  
     ئوقۇغۇچى –ئۇ سېنىڭ سادىق ئەسكىرىڭ،بۇيرىقىنى بىجانىدىل ئورۇنلايدىغان،سېنى ئەۋلىيا بىلىپ چوقىنىدىغان،سېنى ياراتقۇچىدەك ئۇلۇغ بىلىدىغان. L~^*u_U]  
     ئوقۇغۇچى –ئۇ سېنىڭ مۇنبەت ئېتىزىڭ،سەن تېرىماقچى بولغان ئۇرۇقلارنى بىخلاندۇرىدىغان ،سېنى چەكسىز ئۆمىد –ئىشەنچلەرگە تولدۇرىدىغان،ئېسىل بىخلىرى،ئاينىغان نوتىللىرى ،شەربەت مېۋىللىرى بىلەن سېنى قانائەت ،بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمۈلدىردىغان . y9|K|xO[  
ئوقۇغۇچى –ئۇ روھلاندۇرغۇچى دورا،ئۆمىدلىك،تەلەپچان كۆزلىرى،سېھىرلىك سۆزلىرى،تاتلىق ھېسلىرى ئارقىلىق سېنىڭ كۈل بېسىپ قېلىۋاتقان ئەقىل چوغۇڭنى پۈدەپ تۇرىدىغان. OW(&s,|6x  
  ئوقۇغۇچى –ئۇ چۈچۈمەل تېتىتقۇ،بەزىدە غۇژژىدە ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈپ نېرۋىللىرىڭنى جىددىلەشتۈردىغان،ۋە بەزىدە شوخ ،ئوماق،بىغۇبار قىلىقلىرى بىلەن قەلبىڭنى چەكسىز ھاياجانلاندۇرىدىغان. Pu>N_^  C  
      ئوقۇغۇچى –ئۇ لوپا ئەينەك،قاراپ تۇرغان كۆزىدىن ،ساڭا قىلغان سۆزىدىن تارازىدىكى ھەقىقى ماسساڭنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان.   te4= S  

مىېھرىما 2014-04-08 22:21
بارلىق مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچلار بىر كۆرۈپ قويسا بولغىدەك . بۇ مەسلىدىن ھىچكىم مەن خالى دەپ ئېيتالمايدۇ . I3Z?xsa@Z  
RU7+$Z0K  
شەخسەن بەزدە خىزمەت بېسىمى ۋە باشقا........لار سەۋەپلقك بىزمۇ بۇ مەسلىنى سادىر قىلىپ قالمىز . EQ,`6UT>  
pI-Qq%Nwt  
بۇ تىمىڭىزدىن مەن چوڭقۇر تەسىر ئالدىم رەھمەت . *@W B aN+  
?Iag-g9#=m  
مەن چوقۇم دىققەت قىلىمەن

ياسىنجان510 2014-04-12 00:16
ئەھمىيەتلىك تېما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2014-04-12 22:48
نەچچە ئوقوپ نىمە يىزىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم دىسە. 8mO_dQ  
EWWCh0 {  
يازغانلىرىڭىز ئوقوتقۇچىلىق ئەمەلىيتىمىزگە تولىمۇ يىقىن بوپتۇ. -:Q"aeC5  
%mOQIXr1s  
لىكىن نىمىشقىكىن مەنمۇ سىزدەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ ئەمەلىيتىمدە ئىشلەتكىنىمدە خىزمەتداشلىرىمغا نىسبەتەن بىر سۈنئىيلىك قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىپ قىلىۋاتقانلىرىم غەلىتە ئىشتەك تۇيۇلۇپ بەزىدە ئۆزۆممۇ قورۇنۇپ قالىمەن. Q{ { =  
d^"|ESQEU  

قاراخان 2014-04-12 23:41
دەرس ئۆتىۋاتقان سىنىپلىرىمىزدا تەربىيە پەقەت يۇقمايدىغان ئوقۇغۇچىلار يوق دېگىلى بولمايدۇ، ھەممىنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويۇشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، بەزىدە ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ شۇنچىلىك بىئارام بولىمەن.


查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچى -ئۇ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled