查看完整版本: [-- ئوبرازلىق تەپەككۈر  ۋە ئابستراكت تەپەككۈر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئوبرازلىق تەپەككۈر  ۋە ئابستراكت تەپەككۈر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-04-07 13:34

ئوبرازلىق تەپەككۈر  ۋە ئابستراكت تەپەككۈر

    ئوبرازلىق تەپەككۈر  ۋە ئابستراكت تەپەككۈر ?8Cq{  
ئوبرازلىق تەپەككۈر دېگەن نېمە؟ تۇرمۇش خام ماتىرياللىرىدىن تارتىپ ئوبرازنىڭ يارىتىلىشىغىچە بولغان جەريان يازغۇچىنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىگە مۇھتاج.يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت جەريانىدا(تۇرمۇش خام ماتىرياللىرىنى تاللاش،تەھلىل قىلقىش،ئومۇملاشتۇرۇش،پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنى تاۋلاشتىن تارتىپ تاكى ئەدەبىي ئوبراز يارىتىشقىچە) ئېلىپ بارغان بەدىئىي تەپەككۈر پائالىيىتى ئوبرازلىق تەپەككۈر دەپ ئاتىلىدۇ.     MO <3"@/,  
ماكسىم گوركىي:تەپەككۈر جەريانى ـــ بىلىش جەريانى،بەدىئىي تەپەككۈر ــــ ئوبرازلىق تەپەككۈر،دەپ ھېساپلىدى.ئادەتتە،ئەدىپ ۋە سەنئەتكارلار تەپەككۈرىنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈر دەپ ئاتىلىشى پەيلاسوپ ۋە ئالىملارنىڭ ئابستراكت تەپەككۈرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ،يازغۇچىلارنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرى ئالىملارنىڭ ئابستراكت تەپەككۈرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ھىسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتىدىغان بىر جەريان بولىدۇ.يولداش ماۋزېدۇڭ:كىشىلەرنىڭ بىلىشى ھىسسىي بىلىش باسقۇچى ۋە ئەقلىي بىلىش باسقۇچىدىن ئۆتىشى كېرەك،يەنى شەيئىلەرنىڭ ھادىسە تەرەپلىرى،ئايرىم تەرەپلىرى ۋە شەيئىلەرنىڭ تاشقى باغلىنىشىلىرىغا بولغان تۇيغۇ ۋە تەسىرات باسقۇچىدىن شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى،ئومۇمىيىتى،ئىچكى باغلىنىشىدىن ئىبارەت ئەقلىي بىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈش كېرەك،دەپ كۆرسەتكەنىدى.بۇ قانۇنىيەتكە ئوبرازلىق تەپەككۈر بىلەن ئابستراكت تەپەككۈرنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا ئەمەل قىلىشى كېرەك.يازغۇچى پەقەت تەھلىل قىلىش،ئومۇملاشتۇرش ئارقىلىقلا مول ھىسسىي ماتىرياللار ئۈسىتىدە ‹‹ناچىرىنى ئېلىپ تاشلاپ،ياخشىسىنى ئىلغىۋېلىش،ساختىسىنى ئېلىپ تاشلاپ،چىنىنى ساقلاپ قېلىش،بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈش،تاشقىرسىدىن ئىچكىرسىگە كىرىش››تەكئۆزگەرتىپ ئىجات قىلىش بىلەن ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئەقلىي بىلىش باسقۇچىغا سەكرىگەندىلا ،ئاندىن ھېس قىلغان تۇرمۇش ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مول ھېسسىي ماتىرياللارنى ئورگانىك تۈردە بىلەشتۈرۈپ،مۇئەييەن خاھىشقا ئىگە ئەدەبىي ئوبرازلارنى يارىتالايدۇ.ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە سەكرەش يازغۇچىنىڭ بەدىئىي تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا.                                                                   kd$D 3S ^{  
يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىدىغان ئوبرازلىق تەپەككۈرى تۆۋەندىكىدەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.                                                                   y {<9]'  
1.ئاپتور ئوبرازلىق تەپەككۈر جەريانىدا،ھېسسىي ماتىرياللاردىن باشتىن-ئاخىر ئايرىلمىغان ھالدا خلمۇ خىل،مول ھېسسىي ماتىرياللارنى تاۋلاپ،ئۇنى جانلىق بەدىئىي ئوبراز قىلىپ چىقىدۇ.يازغۇچى بەدىئىي ئوبراز ياراتقاندا،ھەممىدە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئالغان تەجىرىبە ۋە تەسىراتلىرىنى ،رېئال تۇرمۇشتىكى مەلۇم ئادەم ياكى ئىشلاردىن ئالغان تەسىراتىنى ئاساس قىلىدۇ؛ئوبرازلىق تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا،بىلىشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ،مۇقەررەر ھالدا بەزى يۈزەكى،ماھىيەتلىك بولمىغان،پېرسۇناژ ۋە ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەشكە ياردىمى تەگمەيدىغان ماتىرياللارنى شاللىۋېتىدۇ؛شۇنىڭدەك ئۆزى مۇھىم ۋە ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە،دەپ قارىغان ماتىرياللارنى مەركەزلەشتۈرۈپ،ئىجادىي تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن روشەن ،جانلىق بولغان بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىدۇ. 1s@+;QUib  
2.ئوبرازلىق تەپەككۈر جەريانىدا،تەسەۋۋۇر ــباغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە خىتال(فاتازىيە)گەۋدلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.ھەرقانداق يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەنگەن بولغاچقا،ئۇنىڭ پەقەت ئۆز تەجىربىسى ياكى ئۆزنى تەسىرلەندۈرگەن شەيئىلەرنىلا يېزىشى مۈمكىن ئەمەس.مەسىلەن،يازغۇچىلار ئۆلۈمنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۆلۈمنى يازالىشى مۈمكىن؛ئەۋلىيا-ئەنبىيا ياكى جىن-ئالۋاستى دېگەنلەرنى ھېچكىم كۆرمىگەن بولسىمۇ،گەرچە جەننەت ياكى دوزاقدېگەنلەرگە ھېچكىم بارمىغان بولسىمۇ،يازغۇچىلار ئۇلارنى يېزىشى مۈمكىن.لېكىن،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،يازغۇچى تەسەۋۋۇر ـــ باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ياكى خىيال ئارقىلىق ئەمەلىي تەجىربىلىرى ۋە تەسىراتلىرىنىڭ كەمچىل جايلىرىنى تولۇقلىۋېلىشى تامامەن مۈمكىن.يازغۇچى تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن پەرۋاز قىلىپ، ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان دۇنياغا ئۇچۇپ بېرىشقا تامامەن ھەقلىق.تەبىئىيكى،تەسەۋۋۇر ــ باغلاپ تەسەۋۋير قىلىش ياكى خىيالمۇ مۇقەررەر يۇسۇندا ئۇنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.ئوبرازلىق تەپەككۈردا تەسەۋۋۇر شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ،ئۇ ئەمەلىي تەجىربە ۋە تەسىراتلارنىڭ كەمچىل جايلىرىنى تولدۇرۇپلا قالماستىن،بەلكى يازغۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازنى مول،رەڭدار،كۆركەم ۋە تەسىرلىك قىلىدۇ،ھەتتا ئۇنى ئىنتايىن زور ئومۇمىيلىققا ئىگە قىلىدۇ. 2Jmz(c H%  
      ئەدەبىي ئىجادىيەت دائىم توقۇلمىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ.   بەدىئىي توقۇلما ــــ يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرلىشى،ئوبرازلىق تەپەككۈرنىڭ پائال نەتىجىسىدىن ئىبارەت. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئىجادىيەت داۋامىدا دائىم دېگۈدەك تەسەۋۋۇردن ماھىرلىق بىلەن تولۇق پايدىلىنىپ،ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى پېرسۇناژلارنى خۇددى كۆز ئالدىدا تىرىك تۇرغاندەك ھېس قىلالايدىغان ۋە قول بىلەن تۇتالايدىغاندەك دەرىجىگە كەلتۈرىدۇ.تەسەۋۋۇر ـــ باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە خىيال ئوبرازلىق تەپەككۈرنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى،پەقەت تەسەۋۋۇردىن تولۇق ۋە لايىقىدا پايدىلانغاندىلا، ئاندىن تۇرمۇش چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان بەدىئىي توقۇلمىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا،گوركىي ھەمىشە تەسەۋۋۇرنىڭ ئەدەبىي ئوبرازلارنى يارىتىشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ،تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىيات ‹‹تەسەۋۋۇر،پەرەز ۋە بەدىئىي قۇرۇلمىغا مۇھتاج››دەپ قارىغانىدى.               A;|D:;x3G  
3.ئوبرازلىق تەپەككۈر باشتىن –ئاخىر ھىسسىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.سەنئەتكار ۋە ئەدىپنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھېسياتقا بېرىلمەي،بىپەرۋالىق ياكى شەيئىدىن خالىي تۇرىدىغان پوزىتسىيىدە بولىشى مۈمكىن ئەمەس.مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشكەن نۇرغۇن يازغۇچىلار ئوبرازلىق تەپەككۈر جەريانىدا ھېسياتلىرى ئۇرغۇپ،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشتەك تەجىربىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن .مەسىلەن باجىننىڭ ‹‹ئائىلە›› ناملىق رومانى كىتاپخانلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ،بۇنى ئاپتۇرنىڭ ھەر بىر قۇر،ھەر بىر سۆزگە سىڭدۈرگەن مۇھەببىتى بىلەن نەپرىتىدىنئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.باجىن :‹‹ مەن ‹ئائىلە›نى يازغان ۋاقتىمدا،خۇددى بەزى كىشىلەر بىلەن بىللە ئازاپ چەككەندەك،ئۇلار بىلەن بىللە ئىبلىس قولىدا جان تالىشىۋاتقاندەك بولدۇم.مەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ياش ھاياتلار بىلەن بىللە كۈلۈپ شادلاندىم ھەم ئۇلار بىلەن بىللە ياش تۆكۈپ ھەسرەت چەكتىم.مەن سۆزلەرنى بىر بىرلەپ يېزىۋەردىم،گوياكى خاتىرەم قەبرىنى ئاچقاندەك بولدۇم،مەن يەنە ئەينى ۋاقىتتا قەلبىمنى ھاياجانلاندۇرغان نەرسىلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم.››دېگەنىدى.يازغۇچى ئوبرازلىق تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا،باشتىن ئاخىر ئۇنىۇڭغا ھىسسىي پائالىيەت ئارىلاشقانلىقى ھەمدە يازغۇچى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مۇھەببەت-نەپرىتىنى ئەدەبىي ئوبرازغا سىڭدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ،ئەدەبىي ئەسەر كىشىلەرنى ناھايىتى ئاسان تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ،كىشىلەرنىڭ ھېسياتنى قوزغايدۇ. v(D;PS3r 7  
بەدىئىي ئوبراز قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟ بەدىئىي ئوبرازنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:                                                                 JyOo1E.  
1.بەدىئىي ئوبراز كونكرېت،جانلىق ۋە ھېسسىي بولىدۇ. V0XvJ  
ئەدەبىيات ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ،جانلىق قىياپىتى بويىچى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.بارلىق ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم كونكرېت،جانلىق،ھېسسىي بولىدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوبيېكتىپ شەيئىلەردىكى ئەنە شۇنداق كونكرېتلىق ۋە ھېسسىيلىق چىڭ تۇتۇپ تەسۋىرلىنىدۇ.شۇڭا كوكرېت بولۇش،جانلىق بولۇش، ھېسسىي بولۇش ئوبرازنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.ئوبراز مۇشۇنداق ئاساسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاندىلا،تۇرمۇشنىڭ ئەينەن ئۆزىدەك جانلىق بولۇش بىلەن كىشىلەردە كونكرېت ۋە چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرالايدۇ.ئەگەر جانلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى يېزىلماي،پەقەت ئابستراكت ئۇقۇملارلا يېزىلىدىغان بولسا،ئۇ ئەدەبىي ئەسەر بولالمايدۇ.   تۇرمۇشتىكى رېئال شەخسلەر،كۆرۈنىشلەر،مۇھىي شارائىت ھەم ۋەقەلەر كونكرېت ،جانلىق،ھېسسىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.        كونكرېت دېگىنىمىز ـــــ  ئەسەردىكى ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىياپىتلىرى،مىجەز- خارەكتىرى،تۇرمۇش تەقدىرى،غايىسى،ياشىغان مۇھىتىقاتارلىقلارنى گويا سۈرەتكە ئوخشاش تەسۋېرلەپ،كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىش دېمەكتۇر.ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا ئىلمىي ماقالىلەر ۋە نەزەريىۋى ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ.ئالايلۇق ،يولداش ماۋزېدۇڭ ‹‹خۇنەن دېھقانلار ھەركىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكىلات››دېگەن ئەسىرىدە:‹‹جۇڭگۇدا ئەرلەر،ئادەتتە،سىستېمىلىق ئۈچ خىل ھاكىمىيەت (سىياسىيھاكىمىيەت،ئۇرۇقداشلىق ھاكىمىيىتى،ئىلاھىي ھاكىمىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ)نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدۇ... ئاياللارغا كەلسەك،ئۇلار ئەرلەر يوقۇردا ئېيتىلغان ئۈچ خىل ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇشتىن تاشقىرى،يەنە ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقى (ئەرلەر ھاكىمىيىتى)دىمۇ بولىدۇ.بۇ تۆت خىل ھاكىمىيەت ــ سىياسىي ھاكىمىيەت،ئۇرۇقداشلىق ھاكىمىيىتى،ئىلاھىي ھاكىمىيەت ۋە ئەرلار ھاكىمىيىتى پۈتۈن فىئودال ئۇرۇقداشلىق ئىدىيىسى ۋە تۈزۈمىگە ۋەكىللىك قىلىپ،جۇڭگۇ خەلقىنى خۇسۇسەن دېھقانلارنى چىرماۋالغان تازا يوغان تۆت ئارغامچا ئىدى›› دەپ كۆرسەتكەنىدى.بۇنىڭدا يولداش ماۋزېدۇڭ خۇنەن دېھقانلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان كونكرېت  ھېسسىي ماتىرياللار ئىچىدىن ئۇلارغا نىسبەتەن ئومۇمىي بولغان تۈپ ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى نەزەرىيە  جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرغان.     ئۇلۇغ يازغۇچى لۇشۈن بولسا،ئۆزىنىڭ ‹‹دۇئا-تەلەپ›› ( ‹‹بەخت›› )ناملىق ھېكايىسىدە جانلىق بولغان شياڭ لىن ھەدە ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى كونكرېت تەسۋېرلەش ئارقىلىق كونا جۇڭگۇدا ‹‹تۆت خىل ھاكىمىيەت›› نىڭ زۇلىمى ئاستىدا خانىۋەيران بولغان ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز.بىز ‹.دۇئا-تەلەپ››ناملىق ھېكايىنى ئوقۇغۇنىمىزدا ،گويا شياڭ لىن ھەدىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا پېرسۇناژلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك ،ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ۋە ئۆزىمىزنى شۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز.دېمەك،بەدىئىي ئوبراز ئابستراكت چۈشەنچە بولماستىن،بەلكى كونكرېت،ھېسسىي نەرسىدۇر.كونكرېتلىق بەدىئىي ئوبرازنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى،ئۇنىڭدا مۇشۇ خۇسۇسىيەت بولمايدىكەن ،ئۇنى بەدىئىي ئوبراز دېگىلى بولمايدۇ.                           J 9 iy  
2.بەدىئىي ئوبراز ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىدۇ.يازغۇچىلار نۇرغۇن ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىش،تەھلىل قىلىش،سېلىشتۇۇرش ۋە ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يىغىنچاقلاپ،ئومۇملاشتۇرۇپ،ئۇلارنى كونكرېت خاسلىققا ــ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بىرەر شەخسنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.بۇ شەخس تۇرمۇشتىكى ھايات كىشىلەردەك ئۆزىگە خاس تاۋۇش،تەققى-تۇرۇق،گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە،سالاپەت،خىسلەت،ۋە ئىدىيىۋى ھېسياتقا ئىەە بولىدۇ.مانا بۇ جەريان بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش جەريانى دېيىلىدۇ.بەدىئىي ئوبراز بىر تەرەپتىن كونكرېتلىققا، ھېسسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كىشىلەر ھېسياتىغا كۈچلۈك تەسىر قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن،يۈكسەك دەرىجىدىكى ئومۇملاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە  بولىدۇ.شۇڭا ئۇ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى گەۋدۈلەندۈرىدۇ.يازغۇچى تەرىپىدىن تۇرمۇش دېتاللىرى تاللىنىپ ئومۇملاشتۇرلۇش ئارقىلىق تەسۋېرلەنگەن.ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئومۇمىيلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەت ئېچىپ بېرىلگەن كىشىلىك تۇرمۇش كارتىنىسى ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان بەدىئىي ئوبرازدۇر.مەسىلەن، زۇنۇن قادىر ‹‹ماغدۇر كەتكەندە››،زوردۇن سابىر ‹‹دولان ياشلىرى›› .........  ۋە باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاش.                           Ab"@714@  
دېمەك،ئومۇملاشتۇلرۇلغان ئوبراز ــ رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان روشەن خاسلىققا ئىەە بولىدۇ.مۇنداق ئوبراز گەرچە تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپىنى تەسۋېرلىسىمۇ،لېكىن ناھاياتى كەڭ ئىجتىمائىي ماھىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. hL;(C) (  
3.بەدىئىي ئوبراز ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.ئەدەبىي ئوبرازنىڭ خۇددى تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك كونكرېت،جانلىق ۋە ھېسسىي بولۇش خۇسۇسىيىتىەە ئىگە بولۇشى،بۇ پەقەت ئوبرازنىڭ تاشقى،ھېسسىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان سۆز.ئەدەبىي ئوبراز شۇنىڭ بىلە بىللە ،يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ماتىرياللىرىنى ئۆزىنىڭ مېڭىسىدە پىششىقلاپ ئىشلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.شۇ سەۋەپتىن،ئۇ جەزمەن يازغۇچينىڭ سوبيېكتىپ ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.ئومۇمەن،ئەدەبىي ئوبراز بارلىققا كېلىش بىلەنلا،ئۇ ئوبيېكتىپ بىلەن سوبيېكيىپنىڭ بىرلىكى،يەنى يازغۇچىنى ئىدىيىۋى ھېسياتى،ئېستستىك قارىشى بىلەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنىڭ بىرلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.يازغۇچى ئەدەبىي ئوبراز يارىتىشتا ھەرگىز رېئال تۇرمۇشتىكى يۈزەكى ھادىسلەرنى ئەينەن يېزىپ چىقىشنى مەقسەت قىمايدۇ.بەلكى رېئال تۇرمۇشنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز تۈردە كونكرېت تەسۋېرلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ رېئال تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىنى،چۈشەنچىسىنى،ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتى بىلەن ئېستېتىك زوق-ھەۋىسىنى ئىپادىلەيدۇ.يازغۇچى تۇرمۇشنى قايتا ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئۆزى ياراتقان ئوبرازنى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتى بىلەن تويۇندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ باھاسىنى بېرىدۇ ۋە مۇھەببەت-نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.                                                 I\[_9  
قىسقىسى،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان ئادەمنى ــ ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى،ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ھېسياتىنى،كۈرەشلىرى ۋە ئارزۇلىرىنى ــ بىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش،تەسۋېرلەش ۋە ئىپادىلەش ئوبيېكتى قىلىدۇ.                       y)!5R3b  
ئادەم ــ بەدىئىي ئوبرازنىڭ يادىروسى،ئادەمنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن ئايرىلماسبىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىپادىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت مەزمۇنىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى.ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋېرلەنگەن خىلمۇ-خىل تۇرمۇش مەنزىرلىرى ــــ تۇرار جاي،ئۆي جاھازلىرى،كېيىم – كېچەكلەر،تەبىئەت مەنزىرلىرى ۋە ھايۋاناتلار قاتارلىقلار پەقەت ئادەملەرنىڭ خارەكتېرىنى،ئىدىيىۋى ھېسياتىنى،تۇرنۇش پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۆچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئادەم(پېرسۇناژ)ئوبرازى ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋېرلەنگەن تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ يادىروسى ھېساپلىنىدۇ.يازغۇچى سەنئەتكارلارنىڭ ئوبراز يارىتىش ۋاقتىدىكى دىققەت-ئېتىبارىمۇ ئەنە شۇ ئادەملەر ئوبرازىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ.ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن ،ئۇنداق ئەسەرلەر كېرەكسىز ماتىرياللار دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئوبرازىنى بەدىئىي ئوبرازنىڭ يادروسى دەيمىز، :G2k5xD/E  
            مەنبە:ئەدەبىيات نەزەريىسى 1\>^m  

مىېھرىما 2014-04-07 15:05
بەكلا ئەھمىيەتلىك ھەم  بىزنى  نەزىريە جەھەتتىن تەربىيەلەيدىغان ياخشى تىما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ياسىنجان !!!

ئەكبەرنىياز 2014-04-07 15:51
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى زور تېما بوپتۇ . ھارمىغايسىز !!!

گۈلنىھال 2014-04-07 16:44
‏مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبەر ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىسىز ، رەھمەت !

بابۇر0725 2014-04-08 22:36
ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىلىملەر بۇ ھارمىغايسىز

tawpek 2014-04-11 22:23
ئەدەبىيات نەزەرىيسى ھەققىدىكى نوقتىلاردا سىزنى ئۇستاز تۇتساق بولغىدەك. @&:ar  
 4/1d&Sg  
مۇمكىن بولسا مۇنبىرىمىزدىكىلرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىسى بولوىشنى كۆزدە تۇتۇپ سىزنى ئۇستازلارغا ئۇستاز بولسىكەن دىگەن ئۈمىتتە. af+IP_6 .  
&  
Hp|_6hO 2  
مۇمكىن بولسا تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرىقلەندۈرۈش ھەققىدە بىر تېما سۇنغان بولسىڭىز.

گۈلنىھال 2014-04-11 22:28
tawpek:ئەدەبىيات نەزەرىيسى ھەققىدىكى نوقتىلاردا سىزنى ئۇستاز تۇتساق بولغىدەك.مۇمكىن بولسا مۇنبىرىمىزدىكىلرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقوت .. (2014-04-11 22:23) 
%T9  sz4V  
مېنىڭچە يەنە :  ‏‏كۆپ مەنىلىك سۆز بىلەن سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى ھەققىدە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسا ، تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !

ياسىنجان510 2014-04-12 00:07
قەدىرلىك كەسىپداشلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىپ كۆرىمەن.


查看完整版本: [-- ئوبرازلىق تەپەككۈر  ۋە ئابستراكت تەپەككۈر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled