查看完整版本: [-- مىېھرىما:مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مىېھرىما:مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-04-06 11:10

مىېھرىما:مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى

S06Hs~>Y  
مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى k /EDc533d  
TB aVW  
مەخمۇت مۇھەممەت ;eB ~H[S/  
I12KT~z 
(ھېكايە) w5~i^x  
#'o7x'n^  
‹‹ياسىن مۇئەللىم مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋېتىپ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ تۈگەپ كېتىپتۇ، مىيتىنى پىشىن نامىزىغا ئېلىپ چىققۇدەك›› دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى ئۆز جايىدا قويۇپ ئۇدۇل مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم. يولدا ئۇچرىغانلىكى كىشلەرنىڭ ئېغىزىدا ياسىن مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى گەپلەر: ij)Cm]4(2  
}~enEZ  
_ ھەي! تەقدىر دېگەن ئاجايىپ_دە، كونىلارنىڭ ‹‹ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم››دېگىنى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن. $Lq:=7&LRn  
O2#S: ~h  
_ ياسىن مۇئەللىم ھەقىقەتەن ياخشى بىر مۇئەللىم ئىدى. hLA;Bl  
R7aXR\ R  
_ ئوقۇغۇچىلارغا ئاق-قارىنى تونىتىمەن دەپ، دەرس مۇنبىرىدە جان ئۈزگەنلەرنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم. 6F5,3&  
5#u.pu  
_ . . . y&rY0bm  
)5i* /I\  
كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ بۇ يېزىدا تۇنجى قېتىم، ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىلغان ۋاقىتلاردىكى تىتىك، پائالىيەتچان سىيماسى گەۋدىلەندى. ئۇ ئەينى يىللاردا شەھەردىكى شارائىتى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئاساسىي قاتلام مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ يېزىغا قەدەم باسقان،  مىللىي مائارىپقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى، يۈكسەك بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن30يىلدىن بىرى مېھنەتسىز ھالدا، نۇرغۇن ياش بوغۇنلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ، ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ياراتقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەخىرلىنەتتىم. #<}kISV0  
0^iJlR 2  
ياسىن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمدە، كىچىككىنە ھۇيلا ئىچى ھازىدارلار بىلەن تولغان بولۇپ، خىزمەتداشلىرىدىن بەش-ئالتىسى پايپىتەك بولۇپ، يۈگۈر-يېتىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنى سىرىغۇدەك دەرىجىدە يىغلىشى، ئاتىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغىنىغا بولغان قايغۇسى كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش ئەگىتتى، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا تۇتىۋېلىپ، بارچە ئائىلە-تاۋاباتلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ياساپ تەسەللىي بەردىم.   51/sTx 
\*9Ua/H  
مىيىت پىشىن نامىزىغا تەييار قىلىندى. مىيىت نامزىدىن كېيىن مەن، مۇئەللىمنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئەينى يىللاردا بىرىگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم نىيازئەلى تۆتىمىز جىنازىنى كۆتۈرۈپ مەسچىت ئالدىدىن ئۇدۇل يېزا بازىرىنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئالدۇق. ئارقىمىزدىن مىيىت نامىزىغا قاتناشقان 40قا يېقىن كىشى ئىز بېسىپ ئەگىشىپ مېڭىشتى. y*|L:!   
yI4DVu.  
بازارغا كەلگىنىمىزدە، ئىختىيارسىز كۆزلىرىم لەڭپۇڭچىنىڭ غالتىكى ئالدىدا لەڭپۇڭ يەپ ئولتۇرغانلارغا، ئۇيەر-بۇيەرلەردە توپ-توپ بولۇشۇپ قارتا، سىنوك ئويناۋاتقانلارغا، ئەتىيازنىڭ كىشىگە خوش ياقىدىغان ئاپتىپىدا ئاپتاپسىنغاچ پاراڭلىشۋاتقانلارغا، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە چۈشۈپ قالدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا دولىمىزدىن غىرىچ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان جىنازىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقىدا ياتقان مۇئەللىمىمىز ئاق-قارىنى تونۇتقانلار، قانداق ياشاش، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەنلەر خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتتى. نەپسىم قىسىلدى، خىيالىمدا مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمىگە كېلىشنى ئارتۇقچە ئىش ھېساپلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئەتىگىنى-ئاخشىمى قىلىۋالسىمۇ بولىدىغان قۇرۇق پاراڭ، بولمىغۇر ئويۇنلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ناكەسلەرنىڭ بىرقانچىسىنىڭ ياقىسىدىن ئالغۇم كەلدى.ئېغىر بىرنى تىنىۋالدىم، كۆزلىرىمدىن چىققان ياش تامچىلىرى كۆز ئالدىمنى غۇۋالاشتۇرۇپ مېنى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلدى. ماڭا  مۇشتەك ۋاقىتلىرىمىدا ئېغىزىمغا ئىلىم سالغان، ياسىن مۇئەللىم ئەمەس، كۆز ئالدىمدىكى قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان ئاشۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندەك بىلىنمەكتە ئىدى. HYFN?~G  
مەنبە: <<شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى>>دىن ئېلىندى

ئەكبەرنىياز 2014-04-07 03:13
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىنى كۆمىدىغان كىشىلەر توپى  ھالاك بولماي قالمايدۇ . مۇئەللىمنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان كىشىلەر ھامان بىر كۈنى دەۋىرنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولماي قالمايدۇ . fvO;lA>`  
4"z;CGE7  
مەرھۇم --مۇئەللىم ، --يىلى --ئايدا --توغۇلغان . --يىلى --ئايدا مەكتىپىمىزدە خىزمەتكە قاتناشقان . ئۇ تۆنۈگۈن تويۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي  بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا --دەرسى بېرىپ 30يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن . --گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز !!! srhFEmgN7)  
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداش ، مانا بۇ مەن ئېسىمنى بىلىپ تا ھازىر قەدەر ئەخلاق - پەزىلەتتە ، كەسىپتە ، مىتودتا ، ئەڭ مۇھىمى ئىنساپ - دىيانەتتە ئەڭ قايىل بولىدىغان ، بارلىقىنى ئەۋلاد تەربىيلەشكە ئاتىۋەتكەن بىر ئۇستازىمىزنىڭ مېيىت نامىزىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپكە ۋەكالىتەن قىلغان ۋىدالىشىش سۆزى . #A f)n(  
نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز ؟ زادى نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز ؟ چەتئەللىكلەر بىرەر ھاشارەت ياكى بىرەر ھايۋاننى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ نەچچە بەتلەپ ئىزاھات يازىدىكەن . ئەمما بىز 30يىل بارلىقىنى مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن بېغىشلىغان بىر قەدىردان ئۇستازىمىزنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن پەقەت بىر ئابزاسلا گەپ قىلدۇق . (شۇنىڭغىمۇ يۈزمىڭ شۈكرىكىم ، بەزىدە بۇنچىلىكمۇ بولمايدۇ ) gfx oJihE  
مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ، قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئالدۇق . ئەتراپىمغا قاراپ باقتىم ، قەبرىستانلىققا مېيىتنى يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن چىققان ئادەم 200گە يەتمەيتتى . (مەكتىپىمىزنىڭ ئۆزىدىلا 200گە يېقىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇنىڭ يېرىمى ئەر كىشى ئىدى ) . ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ مۇڭلۇق قىرائەتلىرىنى ئاڭلىغاچ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزنى يەرلىكىدە قويۇپ ، ئۇزاق دۇئالاردىن كىيىن قايتىپ كەلدۇق . يولدا كېتىۋاتىمەن ، كىملەرگىدۇر غەزەپلەنگۈم ، نېمىلەرنىدۇر دەۋەتكۈم بار ... (e 0_RQ  
مېھرىمانىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن ! بەكلا ئەھمىيەتلىك تېما بىلەن ئۇچراشتۇرۇپسىز ، ھارمىغايسىز !!! X1O65DMr`g  

مىېھرىما 2014-04-07 15:00
ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم سىزگە ئامەت يار بولسۇن !!!


查看完整版本: [-- مىېھرىما:مۇئەللىمنىڭ ئۆلىمى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled