查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىقلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىقلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-04-05 23:20

ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىقلىقى

     ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىقلىقى       ]E8S`[Vn  
ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئوبراز ۋە تىپ ئارقىلىق تۇرمۇشنى بىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت.ئەدەبىيات تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئاڭ فورمىسى بولۇپ ئۇنىڭ تۈپ بەلگىسى ئوبرازدۇر.ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى جانلىق،كونكرېت ئوبراز ئارقىلىق ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ،يازغۇچىنىڭ ئىدىيە،ھېسياتىنى ئىپادىلەشتىن،يەنى ئايرىم ئوبرازلار ئارقىلىق ئومۇمىي شەيئىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.ئەدەبىي ئوبراز قانچىكى توغرا،رۇشەن،جانلىق بولسا،بۇ،ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى شۇنچىلىك تولۇق ئىپادىلەپ،كىتاپخانلارنىڭ ئىدىيە،ھېسياتىغاتەسىر قىلالايدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەربىيىۋى رولى،يازغۇچىنىڭ مۇھاكىمىسى ئارقىلىق ئەمەس،بەلكى يازغۇچى ياراتقان ئوبراز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرلىدۇ.شۇڭا،ماكسىم گوركى:‹‹بەدىئىي ئەسەر بايان قىلىپ بېرىش ئەمەس،بەلكى رېئاللىقنى ئوبراز ۋە مەنزىرە ئارقىلىق تەسۋېرلەپ بېرىش››دېگەنىدى. Hf^Tok^6@]  
‹‹ئوبراز››دېگەن بۇ ئۇقۇم ئومۇمىي چۈشەنچە بولۇپ،ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسسىي بولۇش،كونكرېت بولۇش ۋە جانلىق بولۇشتىن ئىبارەت.ئوبراز ئادەتتە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ:   بىرى ـــ كەڭ مەنىدىكى ئوبراز؛ يەنە بىرى ـــ تار مەنىدىكى ئونراز.                     ptcG:  
  كەڭ مەنىدىن ( ئىستىلىستىكا نۇقتىسىدىن)ئېيتقاندا،ئومۇمەن،تىلىمىزدىكى رۇشەن،كۆركەم،جانلىق ۋە كونرېت بولۇشتەك ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگەبولغان سۆزلەرنىمۇ ئوبرازلىق سۆز دەيمىز.لېكىن ئۇ،يالغۇز ئەدەبىي ئەسەرلەردىلا قوللىنىلىپ قالماستىن،بەلكى ئۇنى باشقا ھەرقانداق ئەسەرلەردە قوللۇنىشقىمۇ بولىدۇ.بەزى سىياسىي ،نەزەريىۋىي ئەسەرلەردە،ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىنى ئەنە شۇنداق جانلىق،كونكرېت،ئىخچام،گۈزەل تىل بىلەن بايان قىلىپ،كىتاپخانلارغا،چۇڭقۇر تەسىر ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ.مەسىلەن،يولداش ماۋزېدۇڭ ئۆزىنىڭ ‹‹ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ››ناملىق ئەسىرىدە، جۇڭگۇ جەمئىيىتىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى رېئال ئەھۋالنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەھلىل قىلغاندىن كېيىن،ئىنقىلاپ دولقۇنىنىڭ پات ئارىدا مۇقەررەر يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق تىل بىلەن جانلىق ۋە كونكرېت قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:‹‹ئۇ ــ دېڭىز ياقىسىدا تۇرۇپ يىراققا قارىغاندا،دېڭىزدىن موما ياغىچىنىڭ ئۇچى كۆرۈنگەن بىر كېمە، ئۇ ـــ ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ يىراققا قارىغاندا،شەرقتىن نۇر چېچىپ ئەمدىلا كۆتۈرلىۋاتقان بىر قۇياش، ئۇ ــ ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا قاتتىق تەۋرەۋاتقان،پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدىغان بىر قۇياش.›› [p 6#fG *  
   بۇ ئاجايىپ ئوخشىتىش،تولىمۇ جانلىق،كونكرېت ۋە يارقىن تىللار كىتاپخانلارغا ئىنقىلاپ دولقۇنىنىڭ ‹‹پات ئارىدا›› ،‹‹مۇقەررەر››يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى كونكرېت ھېس قىلدۇرىدۇ.تىلدىكى ئەنە شۇنداق تەسۋىلەش،ئوخشىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق دەيمىز،لېكىن بۇ،تىلنىڭ ئۆز خارەكتىرىگىلا قارتا  ئېيتىلغان بولۇپ،تىلدىكى بۇنداق ئوبرازلىق ئەدەبىياتنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىشتىكى پەۋقۇلئاددە شەكلى بولغان ‹‹بەدىئىي ئوبراز››بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم ئەمەس.شۇڭا ئوبرازلىق تىلنى ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي ئوبراز بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ،چۈنكى تىلنىڭ ئۆزى ئوبراز ئەمەس.                                           IQ9jTkW l  
  تار مەنىدىن،يەنى ئەدەبىياتنىڭ پەقەت رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى پەۋقۇلئاددە شەكلى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا،بەدىئىي ئوبراز ـــ كۆركەم تىل ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ ئېستېتىك غايىسىگە ئاساسەن پېرسۇناژ،ۋەقە،مەنزىرە ۋە مۇھىت قاتارلىقلارنى ئەسەردە ئومۇملاشتۇرۇپ گەۋدۈلەندۈرگەن كىشىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىدۇر.   تېخىمۇ يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بەدىئىي ئوبرازــ ئاپتورنىڭ رېئال تۇرمۇشقا ئاساسەن تاللاش،پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان جانلىق،كونكرېت ۋە ھەقىقىي بولغان تۇرنۇش مەنزىرىسىدۇر. "-tTN  
   ئەدەبىيات بىلەن ئادەتتىكى ئىجتىمائىي پەننىڭ ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە: 0'{`"QD\IW  
  يولداش ماۋرېدۇڭ ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ماقالىلىرىدەيېرىم فئوداللىق ۋە يېرىم مۇستەملىكە جۇڭگۇ جەمئىيىتىنىڭ خارەكتىرى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئاساسىي زىدىيەتلەرنى مېغىزلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ،يېزىلاردىكى پومىشچىكلار سىنىپىنىڭ دېھقانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئېكىسپولاتاتىسيىسى ۋە زۇلۇمىنى چۇڭقۇر پاش قىلغانىدى.‹‹ياشلار ھەركىتىنىڭ ۇۆنىلىشى››ۋە ‹‹خۇنەن دېھقانلار ھەركىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات››تا،شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇب بولىشىدىكى سەۋەبلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلغانىدى.لۇشۈننىڭ ‹‹AQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى››ناملىق ھېكايىسىدە يېرىم فىئىداللىق ۋە تېرىم مۇستەملىكە جۇڭگۇ جەمئىيىتىدىكى يېزىلارنىڭ ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن ھەمدە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى پاجىئە يېزىلغان.لېكىن يولداش ماۋزېدۇڭ بىلەن لۇشۈننىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈررىشتىكى ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ.يولداش ماۋزېدۇڭ ‹‹ياشلار  ھەركىتىنىڭ يۆنىلىشى››دە:‹‹شىنخەي ئىنقىلابى پەقەت بىرلا خاننى قوغلىۋەتكىنى بىلەن جۇڭگۇ يەنىلا جاھانگىرلىكنىڭ ۋە فىئودالىزىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قېلىۋەردى.ئىنقىلاپنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فىئودالىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى.››دەپ كۆرسەتكەنىدى.يەنە ‹‹خۇنەن دېھقانلار ھەركىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات›› تا:‹‹مىللىي ئىنقىلاپ يېزىلاردا زور بىر ئۆزگۈرۈشنىڭ بولۇشىغا مۇھتاج،شىنخەي ئىنقىلابى ۋاقتىدا مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش بولمىغانىدى،شۇڭا ئۇ مەغلۇب بولدى››دەپ كۆرسەتكەنىدى.بۇنىڭدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە لوگىكىكىق تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزگەن،‹‹AQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى››دا بولسا،ئوبرازلىق تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى يېرىم فىئوداللىق ۋە يېرىم مۇستەملىكە جۇڭگۇنىڭ يېزىلىرىدىن بىرى بولغان ۋېيجۇاڭ كەنتىنىڭ جانلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى كونكرېت تەسۋىرلەنگەن.بىز بۇ ھېكايىدىن AQنىڭ جاۋ بېگىمنىڭ ئېكىسپولاتاتىسيىسى ۋە زۇلۇمىغا قانداق ئۇچۇرىغانلىقىنى،فىئوداللار سىنىپى ئىدىيىسىنىڭ زەھەرلىشىگە قانداق ئۇچۇرىغانلىقىنى كونكرېت كۆرۈۋالالايمىز.بىز يەنە ئۇنىڭدىن ‹‹ئىنقىلاپ›،بورىنىنىڭ ۋېيجۇاڭنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرى ئىچىدە بىر پەس،قىسقا ۋاقىتلىق ئەنسىزلىك قوزغىغانلىقىنى،ئەجنەبىي شەيتانىنىڭ خانىقاغا بېرىپ پادىشاھنىڭ شاھانە تاختىسىنى سۇندۇرۇشتەك بىر مەيدان يالغان ئىنقىلاپ كومىدىيىسىنى كۆرىمىز.دېمەك،ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇنىڭ ناھىيە بازارلىرى ۋە يېزىلىرى خۇددى جىمجىت كۆلچەككە بىر تال تاش چۈشۈپ،سۇ يۈزىنى سەل دولقۇنلىتىپ چۆكۈپ كەتكەندەك،بىردەمدىلا يەنە جىمجىت بولۇپ قالغانىدى.‹‹ئامبال ئۆز ئورنىدا قېلىۋىرىدۇ››،‹‹چېرىكلەرگە يەنىلا ئاۋۋالقى مىڭبېشى باشچىلىق قىلىۋېرىدۇ››،ۋېيجۇاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار يەنىلا جاۋ بېگىم،بىلەن ئەجنەبىي شەياتان بولىدۇ ھەمدە ئۇلار ھەركىتىنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرگەن ھالدا AQغا تاقابىل تۇرىدۇ.نەتىجىدە ھەقىقىي تۈردە ئىنقىلاپنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشقا تېگىشلىك بولغان AQ(ئەمەلىيەتتە ئۇ تېخى ئىنقىلاپنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمىگەنىدى)باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ.دېمەك،ئەسەردە كونكرېت ۋە جانلىق پېرسۇناژلار خارەكتىرى،ۋەقەلىكلەر،كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جۇڭگۇ يېزىلىرىدىكى تۇرمۇشنىڭ جانلىق مەنزىرىسى ئېچىپ بېرىلگەن. rwRb _eIj  
   يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ ماقالىلىرى بىلەن لۇشۈننىڭ ھېكايىدە ئوخشاشلا بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ،يېرىم فىئوداللىق يېرىم مۇستەملىكە جەمئىيەتتىكى زىدىيەتلەر پاش قىلىنغان،بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇرەسسەچىلىكى تەنقىد قىلىنغان،شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ھېچقانچە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى،پەقەت‹‹شەكلىلا ئۆزگۈرۈپ مەزمۇنى ئۆزگەرمىگەن››لىكى،شۇڭا مەغلۇپ بولغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.لېكىن بۇ ئىككىسى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئىنتايىن رۇشەن ئوخشىماسلىققا ئىگە.    مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا،يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ ماقالىلىرى ئىجتىمائىي پەنگە مەنسۇپ بولۇپ،ئۇنىڭدا سىياسىي تەرەپ كۆزدە تۇتۇلغان.ئۇنىڭدا شىنخەي ئىنقىلابىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر،سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن؛‹‹AQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى››دابولسا،ئادەم مەركەز  قىلىنغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى تەسۋېرلەش ئوبيېكتى قىلىنغان.بۇنىڭدىن ئىجتىمائىي پەننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تۈرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى،ئەمما ئەدەبىياتتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش بولسا،مۇئەييەن پېرسۇناژنىڭ مۇكەممەل،ئايرىلماس نىر  پۈتۈن قىياپىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇش ئارقىلىق گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.لېكىن ئىجتىمائىي پەن بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ تۈپكى ئوخشىماشلىقى يەنىلا پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا كۆرۈلىدۇ.يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ ماقالىسىدا ئابىستراكىت پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ،ئۇقۇم،ھۆكۈم،ۋە ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق،مەسىلىلەر تارىخىي ۋە دىئالېكتىك يۇسۇندا نەزەريە جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىپ ۋە دەلىللىنىپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلغان.    لۇشۈننىڭ ھېكايىسىدە بولسا،ئوبرازلىق تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى پېرسۇناژلار،ۋەقەلىكلەر ،كۆرۈنۈشلەر بىلەن شەكىللەندۈرگەن بىر جانلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەنزىرىسى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.ئاپتورنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ۋە ئىدىيىۋى ھېسياتى بىۋاستە نەزەريە جەھەتتىن دەلىللەنگەن بولماستىن،بەلكى ئەسەردىكى پېرسۇناژلار،ۋەقەلىكلەر،كۆرۈنىشلەر ئارقىلىقتەبىئىي ھالدا ئىپادىلەپ بېرىلگەن.                                 4 Ii@_r>  
يىغىپ ئېيتقاندا،ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي پەننىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپى شۇكى:ئەدەبىياتتا يازغۇچى ئىجتىمائىي رېئال تۇرمۇشنى ئوبرازلىق تەپەككۈردىن پايدىلىنىپ كونكرېت ۋە جانلىق ئوبرازلار بىلەن شەكىللەندۈرگەن بىر مۇكەممەل تۇرنۇش مەنزىرىسى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.       |>Xw "]b;  
ئىجتىمائىي پەندە بولسا،ئابستراكتت تەپەككۈر قىلىش قوللىنىلىپ،ئۇقۇم،ھۆكۈم،ئەقلىي خۇلاسە قاتارلىق لوگىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھادىسلارنىڭ مەلۇم بىر تۈرى،ياكى بىر تەرىپىنىڭ قانۇنىيىتى ئەكس ئەتتۈرلۈپ،ياكى خۇلاسلىنىپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەدەبىياتنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت دەيمىز. e1k\:]6  
            مەنبە:ئەدەبىيات نەزەريىسى. _:tclBc8R  

ئۇيغۇر 2014-04-05 23:25
بەلەن ماتىريال بوپتۇ. رەۅمەت سىزگە

مىېھرىما 2014-04-06 10:36
كۆپ ئەجىر قىپسىز .ياخشى ماترياللارنى يوللاپ بىزگە يىڭى بىلمدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر

ئەكبەرنىياز 2014-04-07 05:08
راستىمنى ئېيتسام ، بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم . سەۋەبى ، ھەر خىل خاراكتىردىكى ماقالىلەر ئەدەبىياتنىڭ دائىرىسىگە كىرمەمدۇ ؟ ئۇ باشقا ئىجتىمائىي  پەنلەرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ؟  بۇنداق دېسەك ئانچە قاملاشماس بۇرادەرلەر !؟ مېنىڭچە بولغاندا ، ئەدەبىياتتىكى سىياسى نەزىرىيىۋى ماقالىلەر بىلەن ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى مۇشۇ ماقالىدە دېيىلگىنىدەك ئىزاھلىنىشى كېرەك ئىدى . ياكى مەن بۇ ماقالىنى خاتا چۈشىنىۋالغاندىمەنمۇ ؟ دېگەن گۇمان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم ، قەتئىي خاتا چۈشىنىۋىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس . بۇ ماقالە ئەگەر « ئەدەبىيات نەزىرىيىسى » دە بولسا چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك ئىكەن . باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداقكىن ؟ o^&; `XOd  
بۇ تېمىنى ئازادە بىر مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا تېگىشلىك ئىكەن مۇنبەرداشلار ؟!


查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىقلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled