مىېھرىما |
2014-04-05 13:26 |
مىېھرىما: ئوقۇتقۇچىنى يوقىتامدۇق!؟
q]&.#&h ئوقۇتقۇچىنى يوقىتامدۇق!؟ De
*7OC فىلىيەتون d~tuk4F (بىرئوقۇتقۇچىنىڭ تەھەددى ئارىلاش سۆزلىرى) 2R-A@UE2 `<\}FS`' 6x{ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم– ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن ئەي تۇغما تالانتلىقلار! ئەقلى زىيادە دانىشلار!؛ _=6 rE ئوقۇتقۇچىلار ئورنىنى نوپۇزىنى ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويايلى!. بۇنداق دىسەم (سەن ئوقۇتقۇچى ھەممىنى باشقۇرسۇن دىمەكچىمۇ؟)دەپ تەتۈرلۈك قىلماڭلار!. چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچىلار داۋامسىز ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە سۆھبەتكە بارساق ، ئۇلار بىزنىڭ مىڭ ئېغىز نەسىھەت قىلىپ كاپشىغىنىغا كەلمەيدۇ. لىكىن ئازراق ھۆكۈمەت ھەركىتى بولسا كىلىدۇ. شۇڭا شۇنداق دەۋاتىمەن. باشقا غەرىزىم يوق. ئەلۋەتتە ھەممە يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس. ئايرىم ئورۇنلاردىكى ،ئايرىم ساندىكى نادان كىشىلەر (مەكتەپ باللىرىمىزنى دىنسىز قىلىدۇ) دەپ مەكتەپكە ئەۋەتكىلى ئۇنىماي باللىرىنىڭ داۋامسىز بولۇشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. باشقا يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن دەل بۇنداق يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بەكرەك قىينىلىدىغان گەپكەن. بىراق بەزىلەر داۋامسىزلىقنى ھەل قىلىشنى ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بەزىلەرنى سۆھبەتتە ھەل قىلالىغان بىلەن بەزىلەرنى ھەل قىلالماي قىينالماقتا.. شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى بۇنداق قىينىغىچە يوقىتىپلا قۇتۇلۇڭلار بولدى. بىلىمەن ئەمىلىيەتتىمۇ سىلەرئاشكارا ھالدا(ئوقۇتقۇچىنى يوقىتايلى!)دىمىگەن بىلەن لىكىن . ھەر قايسىڭلارنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى قىلغان ئەتكىنىڭلار ھەمدە ، ئۇيغۇر پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر. .ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلە، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىگەن ئەل گۈللىنەر. ئەكسىچە قىيناپ ئازاپلىغان ئەل خاراپلىشار»" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، يەنى شۇ كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" ئۇستازىڭغا ئەقىدە قىلىپ ئۇلۇغلا. تەربىيەسىنى ئاڭلاپ ،قوللاپ قۇۋەتلە. دەل شۇنىڭدىلا بىلىم چوقىسىغا چىقالايسەن! بەختىڭنى تاپالايسەن! دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشەنمەي، نەچچە يىللاردىن بىرى ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ تاغدەك جاپالىرى بىلەن بىللە ھېچبىر ئەھمىيەتسىز ، ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىمىگەن. «ئىككى ئاساسەن»نىڭ ئارخىپلىرىنى «تىكىپ سۆكۈپ»يازدۇرۇش ئىشى بىلەن نەچچە ئوقۇتقۇچىنى ساراڭ قىلىپ، يەنە نەچچىلەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقىتسىز قېرىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغىنىڭلار، يەنە شۇنداقلا ئىلىم-پەن ئارقىلىق، بىرقىسىم كىسەللىك ۋە ساۋادى تىز چىقىدىغان زىھنى ئوچۇق بولۇش، تىز بىلىم ئىگەللەش قاتارلىقلار....ئىرسىيەتكە ۋە شۇبالا ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى ، مەكتەپكە تولۇق كىلىشى ،شۇبالىنىڭ قىزىقىشى قاتارلىقلارغا باغلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان تۇرسىمۇ، بىز قىسىم ئاڭسىز ئاتا-ئانىلارغا، جەمىيەت ھەركىتى قوزغاپ، داۋامنى ياخشىلاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا، «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇرتوقۇمنى» دىگەندەك، «زادى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتەمدۇ؟ تاپشۇرۇق تەكشۈرەمدۇ؟ قايسى بىرسىنى قىلىدۇ؟! قايسى ۋاقىتتاسۆھبەت قىلىدۇ؟!»دەيدىغان گەپ يوق (سۆھبەت ئارقىلىق داۋامنى ياخشىلىماپسەن!؟ دەپ، زادى سەۋەپ نەدە !؟ دىمەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە مىڭ يۈئەنلەپ مائا شىنى تۇتۇپ قان يىغلاتقىنىڭلار، ئانا سۈتىدىن ھالال ئىش ھەققىنى قىرقىپ ئاران كىتىۋاتقان ئائىلىسىنى قاخشاتقىنىڭلار دەل ئوقۇتقۇچىنى يوقىتىشنىڭ ئالامىتى بولماي نىمە ؟! _hf4A8ak ... خاتا دىدىممۇيە ؟! ؟ . مەن شۇتاپتا، بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ ھەممىگە يامان بولۇپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.!..... D,l,`jv* كىچىكىمدە ئاتام ئۇستازىمغا "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەلىگۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، دادام يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ئوقۇتقۇچى بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا، چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىممىكەن تاڭ! ؟.... خەپ دادا! توۋادەيمەن! ؟ 4\t1mocCSN ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن (سەن ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىنى ئۇتالماپسەن)دەپ مۇنبەردىن ئايرىساق قانداق بولار! ؟ ...توغرا سىلەرنىڭچە شۇنداق قىلساق..دانىشلارچە ئىش قىلغان بولىمىز.جەمىيىتىمىز تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىكىن بەخىتلىك بولالايدۇ.!؟ 4wzlJ19E(
18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قاتتىق تەربىيە قىلسا نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟!... توغرا.! Id'RL2Kq*& ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىڭىز توغرا بولامۇ؟. 0Y=![tO8 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ (تەن جازاسى بېرىشكە بولماس) قىلىۋەتتىڭلار!، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ پېتىنالماس بولدۇق. _:n b&B ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ. 2009يىلى ئەتراپىدا قەشقەر شەھەرلىك 25-ئوتىرا مەكتەپتە بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىسغا پىچاق تىقىۋەتسىمۇ، بارچە گۇنا يەنە شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىغا ئارتىلغان ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىغا تۇتقان ئاتالمىش ھۆرمەتلىگەن مۇئامىلىمىزنىڭ ھاسىلاتى.!.....تەشۋىقاتلاردا «ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلايلى!» دەپ بەكمۇ داۋراڭ سالىمىز.قېنى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟ سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟ ! ؟ v<\A% تۆۋەندىكى مەكتەپتىكى دىئالوگلار؛ C8N{l:1f] - تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟ PHg48Y"Nd - مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ شۇڭا ئىشلىمىدىم.... XALI - تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟ >>[/UFC)n - مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ. .... C`rLj5E% - مەكتەپكە نىمىشقا كەلمەيسەن؟ @4~=CV%j - مۇئەللىم پۇل بولمىسا ئاچ قالىدىغان گەپ، شۇڭا كىپەز تىرىپ پۇل تاپتىم،......-شوگۇڭ ئىشلەپ پۇل تاپتىم.......-ئانار ئۈزدۇق.......- ئۈزۈم ئۈزدۈق......-ئاتا-ئانام ئېتىزغا ئىشلىگىلى كەتكەن شۇڭا بالا باقتىم..........ھەلەپ ئىتىپ كالا باقتىم.....مەكتەپكە بارسام نىمە پايدىسى بار؟ مەلىمىزدىكى نەچچە ئوقىغان بالىلار خىزمىتى يوق يۈرمەمدۇ ئەنە!.... بۇ مەكتەپتەئوقۇيمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن بالدۇراق بىرەر ھۈنەر كەسىپنىڭ پىشىنى تۇتقان ياخشى.!................... LL^q1)o يۇقارقى دىئالوگلار ، ئوقۇتۇشتا قوللانغان ،ئوقۇتقۇچىنىلام باسىدىغان ، ئوقۇغۇچىنى ئازىلاپ ، ئوقۇتقۇچىنى خارلايدىغان ، تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىنغان ، بىرتەرەپلىمە قائىدە تۈزۈملىرىمىزنىڭ ھاسىلاتى!....قاراپ بېقىڭلار! تەكشۈرۈپ بېقىڭلار!. ئاشۇ تەرەققى قىلغان ئىلغار ، قۇدرەتلىك ئەللەرنىڭ ھەرقاندىقى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى، ئالىملارنى، ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالا تەربىيەلەلەش ، جەھەتتە ئالاھىدە ھەق ھوقۇقلىرى بولىدۇ. بىزگە ئوخشاش ناچار ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن خارلانمايدۇ. 4:3rc7_
1 شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟ ۋەياكى..ئەل-ۋەتەن خەلقى ئۈچۈنمىدۇ؟..نىمىشقا ئويلانمايسىلەر؟يولداش دىڭشاۋپىڭ«مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمۈدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمۈدى ئوقۇتقۇچىلاردا» دىگەنتى دەپ بىرتەرەپلىمە ھالدا ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇنداق ئانى تېپىپ ، چىڭ تۇتماقچىمۇ يا؟! . سىلىنىڭ توغرا ؟! بالىنى شۇنداق سىلاپ سىپاپ ئازىلاپ چوڭ قىلسا ياراملىق ئادەم بولىدۇ! ؟ ?)Nj c&G ئەي ئوقۇتقۇچىنى يامان كۆرۈدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن ئەي تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىللىرى! ئوقۇتقۇچىلار ھۆرمەت تېپىپ ، تۇرمۇشى خاتىرجەم بولۇپ قالسا، بەخىتسىز بولۇپ قالىسىلەر ! ئەڭ ياخشىسى ئوقۇتۇچى ئۇستازلاردىن بولۇپمۇ قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولساڭلار، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلۇڭلار بولدى!. چۈنكى ئۇلار «سېسىق توققۇزىنچى» ئەمەسمۇ!؟...دەل شۇندىلا بەختىڭلارنى تاپالايسىلەر!؟...... راست! مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئوقۇتقۇچىلارنى «سېسىق توققۇزىنچى»دەپ لەقەم قويۇپ تىللاپ خارلىغاچقا، مەدەنىلىشىپ بەك تەرەققى قىلغان ئەمەسمىدۇق!؟....... (w( (تەھرىر :ئۇيغۇربىز) &hHW3Q(1 =d
2 r6%v <%}QDO8\i ئۇيغۇر مائارپىغا نەزەر $yDWu"R8 مەنبەسى :http://www.akademiye.org/ug/?p=209 >%p{38 ئالىم، پىسخولوگ جىك ھونتېر (ئامېرىكا) M}:=zcZ l uJx"W مۇقەددىمە 65z" ')a(.f مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن. NC&DF | |