dahai |
2014-04-03 16:14 |
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش >jg"y NekPl/4 قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالىدە ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،ياسىلىش يوللىرى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، نۇتۇق جەريانىدىكى قوللىنىلىشى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، ئۇلارنىڭ باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقى ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەر ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. K_CE.8G&{ ibQN
p Iz ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئىستىلىستىكىلق يول، سۆز ياساش، ئۇيغۇر تىلى DjveMs$d v0'`K 5M جەمئىيەت ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى شەيئىلەر، يېڭى ئۇقۇملار داۋاملىق تۈردە مەيدانغا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسە ھېسابلىنىدىغان تىل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ راۋاجلىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە سۆز ياساش، قېرىنداش تىللاردىن ۋە چەت تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش يوللىرى بىلەن يېڭى شەيئىلەرنى ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ لوغەت تەركىبىنى بېيىتىدۇ ھەم تولۇقلايدۇ. لوغەت تەركىبىنى بېيىشتىش ھەم تولوقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل ئۆز ئانا تىلىنى ئاساس قىلىش، ئۆز تىلىنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يوللار بىلەن سۆز ياساشنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت ۋە مۇقىم پىرىنسىپ قىلىشتۇر. PuGc{kt I&|J +B?# ئۇيغۇر تىلى تۈركى تىللار ئائىلىسىدىكى مۇھىم بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزىدە بار بولغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ياسىدى.ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كىشىلەر سۆز ياساشتا تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇپ يېڭى سۆزھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت تار مەنىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرنى ياسىلىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىدى. 2mfKy9QxO .%T.sQ سۆز ياساش ئۇسۇلى – سۆزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان، يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئۇسۇلدۇر. شۇڭلاشقا، ئۇ نېمىنى خام ماتىرىيال قىلىپ تۇرۇپ، قايسى ئۇسۇلدا سۆز ياساشنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. مانا بۇ سۆز ياساش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى ھېسابلىنىدۇ.سۆز ياساش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقى مۇددىئاسى نوقتىسىدىن قارىغاندا بىز ئۇيغۇر تىلىغا بۇرۇندىن تازا ئېتىبار بېرىپ كېتەلمىگەن يەنە بىر خىل سۆز ياساش ئۇسۇلىنى كىرگۈزسەك ئارتۇقچە بولماس دەپ ئويلايمىز. ئۇ بولسىمۇ ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى ھازىرغىچە مەملىكىتىمىزدە يېزىلغان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالە، ياكى ئەسەرلەردە سېستىمىلىق تۈردە تەتقىق قىلىنىپ باقمىدى. ھازىر ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەرلەردە ياسالما سۆز ياكى بىرىككەن سۆز دېيىلىۋاتقان بەزى سۆزلەر قارىماققا شەكىل جەھەتتە مورفولوگىيىلىك ياكى سىنتاكسىسلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ئوخشاپ كەتسىمۇ ئەمما مەنە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئۇلار مەلۇم ۋاستىنىڭ ياردىمىدە شەكىللەنگەن بېرىككەندىن كېيىن شۇ سۆزنىڭ ئۆزىدە مۇئەييەن ئىستىلىستىلىق مەنە بېرەلەيدىغان ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان سۆزلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلىش ۋە باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. Zsx\GeE%:
K%RjWX=H ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى دېگىنىمىزدە ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرنىڭ ياردىمىدە يېڭى سۆز ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى نەزەردە تۇتىمىز. ئىستىلىستىكىلىق شەكىل بولسا بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشىتىش، مۇبالىغە، تەكرارلاش، سېلىقلاشتۇرۇش دېگەندەك . تۆۋەندە بىز ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساشتا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. U6yZKK qB8R4wCf 1. ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلى /O&{fo 0m
7_#g4$L ئوخشىتىش ئىستىلىستىكىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە بەدىئىي ئەدەبىياتتىلا كەڭ تۈردە قوللىنىپ قالماستىن بەلكى سۆز ياساشتىمۇ كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ. b,):&M~p r`5svY ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى بارغانسېرى بېيىتىش، تاكاممۇللاشتۇرۇش، ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. مۇئەييەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ھاسىل قىلغاندا ئۇلارنى ئادەتتىكى يول بىلەن بىرىكتۈرۈپ قوللىنىپلا قالماستىن بەلكى ئوبرازلىق يوللار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى جانلىق تۈردە ئىپادىلەشكە زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئالايلۇق، قەدىمدىن تارتىپلا مەيلى ئادەملەرگە ئات قويسۇن ياكى شەيئىلەرگە نام قويسۇن ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ۋاستىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى دەۋرلەردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇ خىل ۋاستىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. \ICc?8oL ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ۋەكىللىك ئوخشىشتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، ئېنىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، تەكرار ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر دەپ تۆت تۈرگە ئايرىش مۇمكىن . تۆۋەندە بىز بۇ شەكىللەر ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز. c-q=Ct Dwuao`~Xm 1)ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر A#KfG1K> $s"{C"4q ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر بىر شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە، ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككىنچى بىر شەيئىنى ئاتاش يولى بىلەن ياسىلىدۇ. بۇنىڭدا ئوخشىغۇچى شەيئى ئوخشالغۇچى شەيئى ئورنىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن: «يىتىم ئوغلاق»، «لاتاغىلاپ» «نانقېپى»، «بۇغا تاپان» «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆزلەرنى ئالساق، بۇ سۆزلەر تۈزۈلۈش شەكلى جەھەتتىن ئانالىتىك يول بىلەن ياسالغان بىر قىسىم سۆزلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى ۋە ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆز – ئارا بىرىكىپ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىدىن باشقا مەنە ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇئەييەن شەيئى ، خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. مەسىلەن: «لاتاغىلاپ» سۆزىنى ئالساق، بۇ «لاتىدىن ياسالغان غىلاپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەستىن بەلكى «ئىش خوشياقمايدىغان، ھۇرۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆزنى ئالساق ، ئۇ «مەيدانى يوق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى «لاتا غىلاپ » سۆزى بىلەن «ھۇرۇن، بىكار تەلەت» سۆزلىرى، «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆز بىلەن «تۇراقسىز، مەيدانى يوق» سۆزلىرى ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئوخشالغۇچى كۆرۈنمەيدۇ، ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر شۇ شەيئى ۋە شۇ خۇسۇسىيەتنىڭ ئورنىدا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بۇ سۆزلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئەسلى شەيئى ۋە ئەسلى ئالاھىدىلىكنى چۈشىنەلەيدۇ. :oO
?A E2u9>m4_J ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىشىنىڭ مەسھۇلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى بىر شەيئىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر شەيئىگە نام قويۇش ياكى بىر خىل خۇسۇسىيەت ئارقىلىق ئىككىنچى بىر خىل خۇسۇسىيەتنى جانلىق ئىپادىلەش جەرياندا ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: «يەر يولۋىسى»، «يىلان باغرى» دېگەن سۆزلەرنى ئالساق، بۇنىڭدىكى يەر يولۋىسى» بىر خىل ھاشارەت بولۇپ، ئاساسلىقى كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى ۋە يۇمران مايسىلىرىنى يەيدۇ، كېۋەزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. دېمەك بۇ يەردە بۇ سۆز يولۋاسنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئالاىدىلىكى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. «يىلان باغرى» دېگەن سۆز بولسا «تولغىماچ، ئەگرى – بۈگرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، يىلاننىڭ بەدىنىنى تولغاپ ماڭغان ۋاقتىدىكى ھالىتىگە ئوخشىتىپ ياسالغان. jSd[ M~,N~ N1 ۋەكىللىك ئوخشىتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. L. DD <tto8Y
j (1) قايسى خۇسۇسىيەتنىڭ قايسى خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئارقىلىق ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر. z[+Sb; H?cJ'Q,5 مەسىلەن: ”يۇمىلاق تاۋۇز» ، «يىتىم ئوغلاق» ، «لاتا غىلاپ»، «يېلان باغرى» «قەغەز يولۋاس » ، «قۇلاق موللىسى»، «گەپ خالتىسى» قاتارلىقلار بۇ مىساللاردا مەلۇم خۇسۇسىيەتلەر ۋە ئالاھىدىلىكلەر يەنە بىر خىل خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇلغان. مەسىلەن: «قەغەز يولۋاس» ، «ساختا ھەيۋە »گە، «لاتا غىلاپ»، «بوشاڭلىق» قا ۋەكىللىك قىلىدۇ. t+Au6/Dx? }BI|M_q.1~ (2) قايسى شەيئىنىڭ قايسى شەيئىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئارقىلىق ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر.مەسىلەن: قاغا تۇمشۇق، ئاتقۇلاق (ئۆسۈملۈك)، تاختا مۈشۈك، تۆگە تاپان ( ئۆسۈملۈك)، شېكەر سۈيى (قوغۇن) قاتارلىقلار بۇنىڭدا ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا بىۋاستە ۋەكىللىك قىلىدۇ. FW)VyVFmk /X;/}fk
ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەردە بىر شەيئىي ياكى خۇسۇسىيەت يەنە بىر شەيئى ياكى خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلسىمۇ كۆپىنچىسى شۇ تىلنىڭ لوغەت تەركىبىگە كىرىپ ئۆزلەشكەن، كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، بەزى ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرنى كونكىرتلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەچكە كۆپىنچىلىرىنىڭ تاشقى قۇرۇلۇش شەكىلىدىن كەينىگە يۇشۇرۇنغان يېڭى مەنىسىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. تىلىمىزدا بىز يۇقىردا كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە كېرىدۇ. مەسىلەن: توشقانقۇلاق (ئۆسۈملۈك)، ئاشقازان، قۇزىقۇلاق(پالەك)، پەتەكبۇرۇن (بىناكارلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب)، ئاسمانتاپان (يېقىلغاندا ئىككى پۇتى ئاسمانغا بولۇپ قېلىش ھالىتى)، ئۇچار تەخسە، ئالەم كېمىسى، ئۇماچ قورساق، كىرپىۋاش (ئۆسۈملۈك) قاتارلىقلار. oe<DP7e dCpDA a3 2) يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر zvK'j"Wq= ;cfPS يۇشۇرۇن ئوخشىتىش – ئېنىق ئوخشىتىشقا قارىغاندا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن، چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىش شەكلىدۇر. بۇ خىل شەكىلدە ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى يۇشۇرۇن بولىدۇ. DIw9ov>k 6u>]-K5 بۇ خىل شەكىلدە ياسالغان سۆزلەر بىر قەدەر ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانالتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ياكى بىرىككەن سۆزلەرنى تەشكىل قىلغان تۈپ سۆزلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. ماھىيەتتە بولسا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، بەلكى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئېنىق شەرھلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مەسلەن: «كەكە ساقال» ، «كەتمەن قوڭغۇز» ، «قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق چاپان» سۆزلىرىنى ئالساق، قارىماققا بۇ سۆزلەرنىڭ شەكلى «ئالتۇن ئۈزۈك»، «لاتا قونچاق»، «يېپەك يىپ» دېگەن ئانالتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئالدىنقى سۆزلەردىكى تەركىبلەرنىڭ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەت، كېيىنكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، «كەكە ساقال» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «كەكىگە ئوخشايدىغان ساقال»؛ «كەتمەنقوڭغۇز» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «كەتمەنگە ئوخشايدىغان قوڭغۇز»؛ «قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق چاپان» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «قارلىغاچنىڭ قۇيرۇققا ئوخشايدىغان چاپان» مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىنكىلىرى بولسا «ئالتۇن ئۈزۈك» ئالتۇنغا ئوخشايدىغان ئۈزۈك بولماستىن ئالتۇندىن ياسالغان ئۈزۈك؛ «لاتا قونچاق» لاتىغا ئوخشايدىغان قونچاق بولماستىن لاتىدىن ياسالغان قونچاق؛ «يېپەك يىپ» يېپەككە ئوخشايدىغان يىپ بولماستىن، يېپەكتىن ياسالغان يىپ دېگەن باغلىنىشتا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەت بولمايدۇ.
>!Dp'6 7~Z(dTdSG يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرنى ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. Jq?Fi'2F% Ey=ymf.} (1) ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيەت جەھەتتىكى باغلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان سۆزلەر. مەسىلەن: قەغەز ياڭاق، تۆمۈر تىكەن، تۇلۇقچا قوڭغۇز، شىكەر قۇمۇش ، قىسقۇچ پاقا، غۇنچە بوي، شەيتان ئەينەك، قەغەز يولۋاس قاتارلىقلار . بۇلاردىن «قەغەز ياڭاق » دېگەن سۆزنى ئالساق، بۇ خىل ئوخشىتىش قەغەزنىڭ «نىپىزلىكىدىن» ئىبارەت مۇشۇ خۇسۇسىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. «شېكەر قۇمۇش» دېسەك بۇ شەكىل جەھەتتىن شېكەردەك ئۇششاق ياكى كېپەكسىمان قومۇش بولماستىن پەقەت «تاتلىق» لىقىتىن ئىبارەت مۇشۇ خۇسۇسىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ . Y'5(exW ~>N63I6 (2) ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى شەكىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ئارقىلىق ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر: mz+UkA' Oxa8u e? مەسلەن: چۆچۈرە قۇلاق، پالتاچىش، چاڭگا ساقال، ئورغاق ئاي، شادا پاچاق، باداڭ قورساق، قوشۇق يۈز قاتارلىقلار. , | |