مىېھرىما |
2014-04-03 12:11 |
مىېھرىما:«ئەتەبەتۇلھەقايىق »قانداق كىتاب؟
دىداكىتىك داستان «ئەتەبەتۇلھەقايىق »(ھەقىقەتلەر بوسوغىسى )ئۇيغۇر شائىرى ئەدىپ ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى (1110-،1180-يىللىرى)نىڭ مۇھىم ئەسىرى بولۇپ،تەخمىنەن 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ،13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان .راۋايەتلەرگە قارىغاندا ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بولسىمۇ ،لىكىن مۇشۇنىڭدىن باشقىلىرى ساقلىنىپ قالمىغان ،مۇئەللىپ قاراخانىيلار سۇلالىسى (998-1211-يىللىرى )دەۋرىدىكى مەدەنيەتنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى ۋەكىلىدۇر .ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك »نىڭ ئىزى بويچە يېزىلغان ،پۈتۈن ئەسەر 14باب ،484مىسرادىن تەركىب تاپقان،ئۇنڭغا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ،ھەممىسى بولۇپ 512 مىسرا بولىدۇ .ئەسەر ئارۇز ۋەزىنىنىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يۈكسەك ماھارەت بىلەن قەشقەر تىلىدا يېزىلغان ،ئەسەرنىڭ ئومومىي ئىددىيسىدىن قارىغاندا ،ئۇنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنيەت ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ . v+U(
#" شائىر بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىى ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرىىنى ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلغان ،ئۇ ئىلىم -مەرىپەتكە ،بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە ،مەردلىك ،ئادىللىق ،كەمتەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھيىە ئوقۇيدۇ . 8:;_MBt بىلىمسىزلىك ،جاھىللىق ،ئاچكۆزلۈك ،تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ ۋە بۇ ئىللەتلەرنى جەمىئەتنى چىرىكلىشىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئاساسى سەۋەب دەپ قارايدۇ .ئۇ ئىسلام روھىنى ئاساس قىلىپ ،كىشىلەرنى باشقىلارغا كەڭ ،ئۆزىگە قاتتىق بولۇشقا ،ئارازلىقنى تۈگىتىشكە ۋە ئىناقلقنى ئەلا بىلىشكە دەۋەت قىلىدۇ .ئۇ ،مۇشۇنداق بولسا ،كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ياخشىلىققا مايىل بولۇپ ،جاھان تىنىچ بولىدۇ ،دەپ قارايدۇ .مۇئەللىپنىڭ بۇ قاراشلىرى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئېيىتقاندا ئاكتىپ ۋە ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قىممەتلىك مەدەنىي مىراسى بولغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق »«قۇتادغۇ بىلىك »ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى »دىن كېيىنكى مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . z"*X/T ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادا ئۈچ خىل قول يازما نۇسخىسى بار :بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن سەمەرقەنىد نۇسخىسى ؛ئىككىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇقۇر پاراللېىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئىستانبۇل نۇسخىسى :ئۈچىنچىسى يالغۇز ئەرەب يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن ئىستانبۇل نۇسخىسى .1980-يىلى «ئەتەبەتۇلھەقايىق »نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى ،خەنزۇچە تەرجىمىە نۇسخىسى 1981-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى .بۇ بۇ كىتاپنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، +]uW|owxo s|rlpd4y *cxmQ U^vQr
%ha 7)$U>|=
hLFf مەنبە:«ئىسلار مەدىنىيتىگە دائىر بىلىملەر »ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى |
|