查看完整版本: [-- «پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> «پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئالىپئەر 2014-04-03 12:08

«پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟

wgb e7-{  
~T_4M  
 gh{Z=_  
«پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟ NQx`u"=  
-t:~d:  
(ئابدۇرىھىمجان ئابلىز) X?'v FC  
(")IU{>c6  
NR* s7>  
Vlk]  
S8 {Sb>  
HFr#Ql>g  
)9.i'{{ 0  
'D B4po.   
ئاپتۇر : يەكەن ناھيە ئىشقۇل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى \ nIz5J}3  
Hkcr+BQ  
RW#&f*  
«پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟ "`aNNIG&  
V8aLPJ0_  
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە «پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»ناملىق چۆچەك بار بولۇپ، بۇ چۆچەك تىلنىڭ راۋانلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن ھەممىزنى جەلىپ قىلىپ ئادەمنى سۆيۈندۈرسە، ئەڭ مۇھىمى،  ئۇنىڭدىكى ئەكىس ئەتكەن ئىدىيە تىخمۇ چۇڭقۇر ئويلىنىشلارغا دالالەت قىلىپ، ئەينى دەۋىر سىياسى تۈزۈلمىسى، قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە تىخىمۇ چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇپ، ئەسەرنىڭ فىئۇداللىق تۈزۈم ئۈسىتىدىن، شۇنداقلا فىئۇداللىق تۈزۈم ئاسارىتىدە «راست گەپ »قىلىشقىمۇ پىتىنالمايدىغان ئاۋامنىڭ ھالىدىن قىلىنغان شىكايەت ئىكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرنى پادىشاھ-ئەمەلدارلار، «ھىلىقى ئىككى ئالدامچى » ۋە ئاۋام ھەققىدە تەكرار ئويلاندۇرۇپ ھازىرقى رىئاللىققا، رېئال مەسىللەرگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىش توغرسىدا ساۋاق بىلەن تەمىنلەيدۇ .  
بۇئەسەر 19-ئەسىردىكى دانېيىلىك مەشھۇر بالىلار چۆچىكى پىرى ئاندىرسىننىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەسىرى بولۇپ 1837-يىلى يىزىلغان. بۇئەسەر ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بىرى . y?t2@f]!XK  
دەرۋەقە، يىزىلغىنىغا ئاز كەم ئىككى يۈز يىلغا يىقىنلاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھازىرغىچە بىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىمىزغا سازاۋەر بولۇپ، دەرىسلىكىمىزدىن ئورۇن ئىلىشى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، قۇرۇلما جەھەتتىكى مۇۋاپپىقىيىتلا بولۇپ قالماستىن، ئەسەردكى ئىدىيە يەنىلا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ . tP?pN]Q$,  
بۇ بالىلار چۆچىكىدە ئەخمەق پادىشاھنىڭ ئىككى ئالدامچى تەرىپىدىن ئالدىنىپ كۆرگىلى بولمايدىغان __ ئەمەلىيەتتە ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان كىيىمنى كىيىپ نامايىش مۇراسىمىغا قىپيالىڭاچ چىققانلىقىدەك كىنايە ئارقىلىق، پادىشاھ ھەم چوڭ كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ساختا، مەككار، ئەخمەق، رەزىل ماھىيىتى چۇڭقۇر پاش قىلىنغان . Auq)  
پادىشاھ ئەمەلدارلار  ئالدانغان، ھىلىقى ئىككى مەككار ئالدىغان. دىمەك، پادىشاھ-ئەمەلدارلار، ئەمەلدارلار بىلەن «رەخىت توقۇش ماھىرى» ئوتتۇرىسىدا ئالداش ئالدىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ مۇناسىۋەتتە بىر تەرەپ كەم بولسا بولمايدۇ، خۇددى ئالدانغۇچىلار بولغاچقا ئالدامچىلارغا شارائىت ھازىرلانغان، ئالدانغۇچىلار –ئالدىغۇچىلار بولغاچقىلا ئالدانغان . /``4!jU  
ئەڭ مۇھىم تەرەپ-ئالداش ئالدىنىش  ئوردىدىن ھالقىپ، پۈتۈن جەمىيەتكە تارقالغان. ئوردىدىكلەرنىڭ ئالدىنىشى–بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ پىسخكىسىدىكى «ئوڭشالماس دەرىجىدىكى ئەخمەق» بوپقالماسلىقتىن  ئىبارەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ راست سۆزلەشكە پىتىنالماسلىقىدىن بولغان . @E(_H$|E  
ئوردا –بىر مەملىكەتنىڭ بارلىق ئىشلىرنىڭ …مەركىزى. بىر پۈتۈن ئوردا ئالداندى دىمەك، بىرئەلنىڭ نادانلىق پاتقىقىغا پاتماقلىقى، ھاكىمىيەتنىڭ زاۋاللىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇنچە ئەمەلدارلار ئىچىدىن ھىچكىم رەخىت توقۇش ماھىرلىرىنىڭ ھەركىتىدىن، سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ، بۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى يۈكسەك ئىشەنچىتن ئەمەس،ئەلۋەتتە. J?yNZK$WqN  
چۆچەك ئاخىرىدا بىر بالا توساتتىن راسىت گەپ قىلىپ تاشلايدۇ ،ئارقىدىنلا پۇقرالارمۇ بۇراسىت گەپنى بىر-بىرىگە يەتكۈزىدۇ، بىراق پادىشاھ، ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزۇرالىرى يەنىلا بىلمەسكە سىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ چۆچەك خاتىمىسىدە ئاپتۇر گۆدەك بالىنىڭ «گۆدەك ئاۋازى » ئارقىلىق، بۇ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىدۇ. نىمىشقا يىڭى كىيىمنىڭ سىرىنى بىر بالا پاش قىلىدۇ ؟ بۇ نوقتىدا «يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ» دىگەندەك،  سەبىي بالا چىن، سەمىمىي، بىغۇبار بولىدۇ چىنلىقنى ھىس قىلىدۇ، نىمىنى كۆرسە شۇنى سۆزلەيدۇ، شۇنى ئىيتىدۇ، راست سۆزلەيدۇ. بۇ ھەم بىزنى ساپ نىيەتلىك، شەخسىيەتسىز قورقماس بولۇشقا، جۈرئەتلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ، ھەم بىزنى ئەسەرھەققىدە تىخمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەيدۇ. راسىت گەپ قىلىش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولۇش كىرەك . ھەتتا، بەزىدە ئىغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ . aR iD}P*V  
قائىدە بويىچە ئىيتقاندا، كىشىلەر ئالدامچىلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ،ئالدانغۇچىلارغا ھىسداشلىق قىلىدۇ .ئەسەردە بولسا ئالدامچىلار پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنى ئالدىدى. لىكىن ئۇلارغا ئادەمنىڭ ھىسداشلىقى كەلمەيلا قالماستىن بەلكى نەپرىتى قوزغىلىدۇ . بىر ئەلنىڭ باشچىسى بىر دۆلەتنىڭ يىتەكلىگۈچىلىرى بولىمىش پادىشاھ،ئەمەلدارلاردىكى نادانلىق كىشى قەلبىدىكى ھىسداشلىق تۇيغۇلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، نەپرىتىنى قوزغايدۇ، يەنە كىلىپ پادىشاھنىڭ «كىيىمگە ئامراقلىقى » تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى، دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم چاشقانسىمان ئەمەلدارلارنى- «پەقەت پۇل بايلىق توپلاش ئۈچۈنلا ئەمەلدار بولغان كىشىلەر»نى ئېسىمىزگە سىلىپ،  نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ . l17sJ!I  
يې شېىڭتاۋ ئەپەندى بۇ چۆچەكنى داۋاملاشتۇرۇپ يازغاندا : «پادىشاھ بالا راسىت سۆزلىگەندىن كىيىن مۇراسىم ئاخىرلاشقىچە يول بويى مەسخىرىگە قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ‹ كىمىكى يامان گەپ قىلىسا دەرھال ئۆلتۈرۈلسۇن› دىگەن يىڭى قانۇننى ئىلان قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلكى، كۈلكە-چاقچاق ئەركىنلىكى توغىرسىدىكى تەلىپىمۇ رەت قىلىنىدۇ، ئاخىردا پادىشاھ خەلىقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ۋەزىر، ئەسكەرلەرگىچە خەلق تەرىپىگە ئۆتىدۇ » دەپ يازىدۇ .  #E[{  
خۇلاسە كالام :كىيىمگە ئامراق پادىشاھنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق . 7*!h:rg  
بالا راسىت سۆزلىدى –جەمئىيەتكە راسىت سۆزنىڭ قىممىتىنى تونۇتتى. راسىت سۆزلەش جەھەتتە باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىپ ھەممەيلەنگە ئۆلگە بولدى، مۇستەبىت پادىشاھ زۇلمىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا پىلتە ياقتى . n9Mi?#xIp  
راسىت سۆزلۈك  كىشىلەر جەمئىيەتكە قانچىلىك مۇھىم بولسا، ھاكىمىيەتكە تىخىمۇ شۇنداق . Js`xTH'  
ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم يەتكۈزگۈچى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادىمىيلىك يوللىرىنى ئۆگەتكۈچى .پەنلەرنىڭ گۇمانىتارلىقىدىمۇ دەل مۇشۇ نوقتا كۆزدە تۇتۇلغان.  بەرھەق،«يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسى –مائارىپتا ». ئوقوغۇچىلارنى قانداق تەربىيلەش، توغىرسىدا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يىتەكچى خارەكتىرلىك قانۇن نىزاملىرى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش تۈزۈلمىلىرى بولسىمۇ، لىكىن دەرىس مۇنىبىرىدە سۆزلىگۈچى سىزبىلەن بىز، ئوقۇتۇشنىڭ  ئالدىنقى سىپىدىكى «پالۋانلار». بىزنىڭ قانداق ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشىمىز بىزنىڭ قابىلىيتىمىزگە، ئىقتىدارىمىزغا، ئەڭ مۇھىمى، ۋىجدانەن بۇرچىمىزنى قانداق تونۇشىنمىزغا باغلىق. قىنى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ راست سۆزلۈك بولۇشى، جەمئىيتمىزنىڭ ئىناق جەمئىيەت بولۇشى ئۈچۈن بىرلكتە تىرىشايلى ! [k"@n+%  
:# 1d;jx  
_[yBwh  
`Qf$]Eoft  
v6gfyGCJ  
8PWx>}X Pt  
WaU+ZgDrG  
ئاپتۇر : يەكەن ناھيە ئىشقۇل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى }gk37_}X\I  
莎车县伊什库力中学教师阿布都热依木江.阿不力孜 ^4Nk13  
联系电话:13899148022 R{s&6  
TU6e,G|t  

گۈلنىھال 2014-04-05 15:16
ياخشى تىمىكەن , رەھمەت !

مىېھرىما 2014-04-06 10:25
ناھايتى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى تىما ئىكەن سىزگە ئامەت يار بولسۇن !!! ws"{Y+L  
1&zvf4  
دىمىسىمۇ راس سۆزلەش بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل پەزىلەت دەپ قارديمەن . لىكىن بالىلاردا بۇخىل ئىللەت خېلىلا ئېغىر . كېچكىپ كىرسە سورغاندا بىزگە ئامال بار راس گەپنى قىلدىغىنى بەكلا ئاز ...

nadiraay 2014-04-08 14:04
ھەي، سۇنىڭ  بېشى  لاي، ئايىقى  لاي  بولىۋاتىدۇ. بىزمۇ  بەزىدە  راست  سوزلەپ  بولالمايمىز. ئەتە ۋىلايەتتىن تەكشۈرۈش  كېلىدىكەن. دەيمىز -يۇ، ئەمما ئۆزىمىزمۇ  شۇ  تەكشۈرۈشنىڭ  قارىسىنى  كۆرمەيمىز.

tawpek 2014-04-08 14:31
ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولوپ مۇشۇنداق ئىسىل يازمىللىرىڭىزنى سۇنغىنڭىزدىن سۆيۆندۇق. 9v\x&h  
VI xGD#m  
بولسا ئىجادىيەتلىرڭىزنى داۋاملى سۇنۇپ تۇرغايسىز. v'Y0|9c  
b 7XTOB_HO  
مۇمكىن بولسا چ چ ياكى ئۈندىار ئارقىلىق ئالاقىلاشساق مۇشۇنداق چاقىرىق كۈچىگە باي ئەسەرلىرىڭىزنى تەۋپىق ئۈنددىدار سۇپىمىز ئارقىلىق تىخىمۇ كەڭ تارقاتساقكەن دىگەن ئۈمىتتىمەن.

ئالىپئەر 2014-04-08 15:08
بىكەت باشلىقى -تەۋپىق ئەپەندى ۋە باشقا باھا يازغان تەۋپىقداشلارغا رەھمەت ئىيتىمەن . تىخى ماتىرىيال يوللاپ باقمىغان بولغاچقا تۇنجى قىتىمدىلا ياخشى باھالارنى بەرگىنىڭلار مەن ئۈچۈنمۇ بىر ئىلھام .مىنىڭ qqنۇمۇرۇم 1908981272

بابۇر0725 2014-04-08 22:24
بەكلا ياخشى  چاقىرىق  بولۇپتۇ. بىر بىرلىككتە ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىكەن بۇ

uzqak 2014-04-09 23:23
ياخشى يازمىكەن، راست ،يالغان ئارلىشىپ كەتكەن  ئىجتىمائى توپ ئارسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ راست ئېيتمىقى ئۈچۈن خېلى يۈرەك كېتىدۇ. «پادىھشاھنىڭ يېڭى كىيىمىدىكى بالا نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇنىڭ تەغدىرى قانداق بولار كەينىنى تەسەۋۇر قىلىڭ ؟» دېگەن سۇئالغا  بالىلار ئۇ بالىنى ئۇدۇل تۈرمىگە كېتىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ...

خەندان 2014-04-10 12:14
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ،تىمىلىرىڭىز ئۇزلۇپ قالمىسۇن.


查看完整版本: [-- «پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى «بالا»نەگە كەتتى ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled