مىېھرىما |
2014-04-02 22:43 |
مىېھرىما:بىزگە قانداق ئەۋلادلار كېرەك؟(يالقۇن رۇزى)
بىزگە قانداق ئەۋلادلار كېرەك ؟ g|3bM JM/\n4ea: « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلەتەربىيىسى » ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن @uV]7d"z( كېيىنكى ئويلار }xBO; ,66(*\xT يالقۇن رۇزى )h0>e9z>Y \P":V >cmz JS yN `&oya G;wh).jG5 بىز ھازىرغىچە خېلى كۆپ تېمىلار ھەققىدەناھايىتى ھاياجان بىلەن پىكىر قىلدۇق. « بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟»، « بىزگەقانداق ئانىلار كېرەك؟ »، « بىزگە قانداق ئارتىسلار كېرەك؟ »، « بىزگە قانداق زىيالىيلار كېرەك ؟ » ... بۇنداق ساناپ كەلسەك، بۇ تېما چەكسىز داۋاملىشى مۇمكىن،بىراق، مەن بۇ قېتىم نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلەتەربىيىسى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، « بىزگە قانداق ئەۋلادلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق ئادەملەر كېرەك؟ »، « بىزگە قانداق ئادەم بولۇش يولى كېرەك؟ » دېگەن مەسلىگە قاراتقاندىلا، ئاندىن بىزگە ھەقىقىي لازىملىق بولغان ياراملىق ئانا،ياراملىق ئانا، ياراملىق شەھەر باشلىغى، ياراملىق دوختۇر، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى قاتارلىق كەلگۈسىنىڭ ھەققىي قۇرغۇچىلىرىغا ئىگە بولىدىكەنمىز دېگەن پىكىرگەكەلدىم. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىز كىچىكىدن باشلاپ ئېسىل خاراكتېرلىك، ئەقىدىلىك،ئۈمىدۋار، جاسارەتلىك ياشاش روھىغا باي، غۇرۇرلۇق، نۇمۇسلۇق ئادەم بولۇپ چىقمىسا،ئۇلار قۇرامىغا يېتىپ مەلۇم ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقاندا، بىر ئۆي بېشىغا كىيىلگەندەئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا دەۋربۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۈيۈك ئىشلارنى قىلىپ، تىللاردا داستان بولغان تۆھپىكار ئەزىمەتلەر كىچىكىدىلا تەربىيە تاپقانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك زور قۇدرەتكەئىگە بولۇشنىڭ ئاساسىنى قۇرالىغان.
9SA %' بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، ھەممە ئاتا-ئاناپەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپادار، ئىقتىدارلىق، داڭلىق ئادەملەردىن بولۇپ جەمئىيەتكە ۋەئائىلىسىگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، زىيانداش ئادەم بولۇپ قالماي، ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ھالال، پاك ياشىيالايدىغان، ئەلگەزىيان سالمايدىغان، ياخشى تەبىئەتلىك ئادەم بولسا، ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ يۈزى يۇرۇق بولىدۇ. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى» دە پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز بولۇشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسلار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بولۇپمۇئائىلىدىكى ئەر-ئاياللارنى پاكلىقى ۋە ساداقىتى ۋە ئۇنىڭ ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان رولى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىشكەئەرزىيدۇ. ئاپتۇرنىڭ ناپاك ئانىدىن ئەلگە ئاپەت بولىدىغان پەرزەنت دۇنياغا كېلىدۇ،پاك ئانىدىن ئىنسانىيەتنى نىجاتلىققا يېتەكلەيدىغان ئۇلۇغ ئىنسانلار تۇغۇلىدۇ،دېگەن نوقتىدا كەلتۈرگەن تىپىك تارىخىي مىساللىرى ھەقىقەتەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەتەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ئۇلۇغ ئانىلار ئۇلۇغ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ چىقىدۇ،يارامسىز، زىيانداش، زەئىپ بالىلارنى تەربىيلىگەن ئانا ئۇلۇغلۇققا مۇناسىپ ئەمەس،بەلكى جىنايەتكار ھېسابلىنىدۇ. SD%3B!cpX Y?K?*`Pkc1 EFI!b60mc ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە تەقدىرى ئەۋلادلارنىڭ قولىدا، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشى يەنە شۇ ئەۋلادلارنىڭ قولىدا. ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يارامىسزبولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن نالە قىلماقتا. ھازىرقى بەزى ياشلاردا ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەت ئېڭى يوق، ئەقىدە-ئېتىقاد يوق. يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن زەئىپ، تۇتۇرۇقسىز، قورقۇنچاق، ئۈمىدسىز، بەزىلىرىنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق ئەمەس، مەيدانى يوق، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ لىڭشىپ تۇرغان. بەزىلەردە ۋاپا،ساداقەت يوق، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى بەزىلەردە ئەقەللىي بىر ئادىمىيلىك تۇيغۇ،ئادىمىيلىك ئىقتىدار ھازىر بولمىغان، بۇنداق بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە؟ ئۇلارنىڭ بىلىمسىز، نادان بولغانلىقى، ئەقىلسىز بولغانلىقى ياكى نامرات بولغانلىقىمۇ ؟ ياق! بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇلارنىڭ خاراكتېرى زەئىپ، تۇتۇرۇقسىز،تەبىئەتسىز ئادەم بولۇپ تەربىيلەنگەنلىكىدە. {0fQE@5@ 7 u Q +]d Ny`SE\B+/ « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى » دەئاساسىي مەۋقەنى پەرزەنتلەرنى ئەقىدىلىك، خاراكتېرى يۈكسەك، تەبىئەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا قاراتقان. بىز شۇنى بىلىمىزكى،، ئەگەر « دۇنيانى قەھرىمانلار ياراتقان » دېگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان بولساق، ئۇ قەھرىمانلار دەل يۈكسەك خاراكتېرلىك، ئەقىدىلىك ئەزىمەتلەر ئىدى. ئەگەر بىز دۇنياغا ئوت ياققان،ئىنسانىيەتكە، دۆلەتكە، مىللەتكە ئېغىر ھاقارەتلەرنى كەلتۈرگەن، مىڭلىغان،مىليونلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ قانغا غەرق بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان نەرسە شۇنائەھلىلەر بىلىمىسز، ئەقىلسىز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى خاراكتېرسىز، ئەقىدىسىز،تەبىئەتسىز نامەرد مەخلۇقلاردىن بولغانلىقى ئىدى. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەتنى ھالاكەتتىن قوغداپ قالىدىغان كىشلەر بار دېيىلسە، ئۇلار دەل ئېسىل خاراكتېرلىك كىشلەر بولىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئاپەت كېلىش توغرا كەلسە، نادان كىشىلەردىن ئەمەس، خاراكتېرسىز ئادەملەردىن قورقۇش كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ئارىسىداخاراكتېرسىز ئادەملەر قانچىلىك كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈلپەت شۇنچىلىك ئېغىرلىتىدۇ. خاراكتېرلىك ئەزىمەتلەر كۆپ بولغان مىللەت ھەرقانداق مۇشكۈللەكلەردىمۇ قەددىنى پۇكمەيدۇ. چۈنكى، ياخشى خاراكتېرلىك كىشلەر ئۆزى مەنسۇپ بولغان جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىدۇر، دېگەن ھېكمەت بار، خاراكتېرىسىز ئادەملەر گەرچە ھەرقانچە ئالىم بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلاردىن مىللەتكە ئاپەت كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا،پەرزەنت تەربىيىسدە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە بېرىدىغان تەلىم-تەربىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىك، ياخشى تەبىئەتلىك ئادەم بولۇشىغا قارىتىشى كېرەك.« يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى » دە خاراكتېر تەربىيىسىنىڭ ئۈلگىلىرى ۋەئۇسۇللىرى ناھايىتى كونكرېت ۋە كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن. *M`,# KX!/n`
2u k[ پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيلىنىش ھوقۇقى، ئىنسانىي قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ھوقۇقى ھەقىقىي يوسۇندا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.ئادەم بالىسى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئېرىشىش لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم بەھرىمەنلىك مال-دۇنيا ئەمەس، ھوقۇق- ئىمتىيازمۇ ئەمەس. دۇنيانىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتىمۇ ئەمەس،بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئادىمىيلىك ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ھاياتىدىن نىشان قالدۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەنمۇ، مال-دۇنيابىلەنمۇ، ھوقۇق-ئىمتىياز بىلەنمۇ بۇ مەقسەتنىڭ ئورۇندىلىشى ناتايىن. چۈنكى، بەزى ئادەملەر ئوقۇپ، شۇ دەسمايىسىگە تايىنىپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرسا، بەزى ئادەملەرئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇمايمۇ، ئەمەل-مەنسەپ تۇتمايمۇ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ كېتەلەيدۇ، بەزى ئوقۇغان ئادەملەرمۇ، ئەمەل-مەنسەپ ئىگىلىرىمۇ، بايلارمۇ ئىنسانىي ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالماي، قۇرۇق قول كېلىپ، قۇرۇق قول دۇنيادىن كېتىشى مۇمكىن، ھايات دېگەن بۇ تېپىلغۇسىز، قايتا كەلمەيدىغان ۋە كەينىگە قەتئىي يانمايدىغان پۇرسەت. شۇڭا، ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنىڭ قىممىتى ھەم ئېرىشكىنى،ھەم بۇ دۇنياغا نېمىلەرنى كەلگەنلىكىدە. بەزى ئالىملار ئادەمنىڭ قىممىتىنى نېمىلەرگە ئېرىشكەنلىكى تەرەپتىن ئەمەس، نېمىلەرنى قالدۇرغانلىقى بىلەن ئۆلچەيمىزدېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېرىشىش ھەم بېرىش ئارقىلىق ئاندىن ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى رېئاللىشىدۇ. ئېرشمەي تۇرۇپ نېمىگە ئاساسەن ھاياتقا بىر نەرسە بېرەلەيدۇ؟ +5R8mbD! ##mBOdx بەزى ئادەملەر ئەپلەپ- سەپلەپ ئۈچ ۋاخ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئائىلىسىنىمۇ، بالا-چاقا،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ خۇرسەن قىلالماي بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. ئۆزىگە ئاتا قىلغان تېگىشلىك رىزقىدىن بەھرىمەن بولغۇدەك ئىقتىدارى بولمايدۇ، بەزىلەر بۇ دۇنيادىن ھارام يول بىلەن باشقىلارنىڭ خۇنى بەدىلىگە كۆپ ماددىي بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بەزىلەر بۇ دۇنياغا كۆپ نەرسە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۇنياغا يۈك بولمايدۇ. بىز ھەممە ئادەمنىڭ تۆھپىكار، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ كېتىشىنىمۇ ئۈمىدقىلمايمىز. بۇمۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تەڭپۇڭلۇقغا ئۇيغۇن ئەمەس. يارمۇھەممەت ئەپەندى بۇ نۇقتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسانىي قىممەت ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھلەپ: « بىلىش، تەربىيلىنىش ۋە بىلدۈرۈش ھوقۇقى پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى، ئەگەر پەرزەنتلەر تەربىيلىنىش،بىلىش، بىلدۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ قالسا، باشقا بارلىق بەھرىمەنلىك ھوقۇقلىرىدىن ھەم مەھرۇم بولىدۇ » دېگەن يەكۈننى چىقارغان. n^qwE wXdt\@Qr 9MQwc ھەقىقەتەن ئىنسان بىلگۈچى ھەم بىلدۈرگۈچى، بۇئۇنىڭ ئالدىدىكى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىنىدىغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، بىلىش ئارقىلىق ئادەم شۇنچە ئۇلۇغۋارلىققا ئېرىشىدۇ، بىلىش ئارقىلىق ھەم قۇدرەتلىك بولىدۇ. بىلىش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.ئەگەر بىلىشتىن مەھرۇم بولسا، ئادىمىيلىك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەختىمۇ، بەختىسزلىكنىمۇ، ھەقنىمۇ، ناھەقنىمۇ، ياخشىنىمۇ، ياماننىمۇ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. بۇ دۇنيا ئۇنداق ئادەمنىڭ ئالدىدا ناھايىتى تار ۋە خۇنۇك كۆرۈنىدۇ، يولمۇ تار، مەنزىلمۇ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئادەم قانچىلىك نەرسىنى كۆپ بىلسەشۇنچىلىك قۇدرەتلىك بولىدۇ. دۇنيا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تېخىمۇ يورۇيدۇ، يوللىرى راۋان، ئىستىقبالىمۇ پارلاق بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىزگە ئۆزىنى قاراڭغۇلۇققا پاتۇرغان، كۆزى پەردىلەنگەن پەرزەنتلەر ئەمەس، بەلكى نەزەر دائىرىسى كەڭ، يۈكسەك ئاڭغا ئىگە، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى يورۇتالىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالىغان، ھاياتقا ھەم تەلەپچانلىق بىلەن قەدەم قويالايدىغان پەرزەنتلەر كېرەك. "_BWUY A+\rGVNH'S HuSE6an قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنىۋى تەلىم-تەربىيە تەشەببۇسلىرىداپەرزەنتلەرنى شۇكۈر-قانائەتلىك قىلىپ تەربىيلەشكە كۆپرەك ئىشتىراك قىلىنغانىدى،يەنە بىر تەرەپتىن، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش روھىخاتا، ئازغۇن، بۇرمىلانغان چۈشەنچىلەر بىلەن چۈشەپ قويۇلغانىدى، شۇڭىمۇ ئۇزاق ئەسىردىن بويان، بۇ ھالاكەت ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئازاد قىلالماي، قانائەت-قۇيرۇقى بوغقۇچلىنىپ كەلدى. « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى » دە بۇ مەسلىگەدىققەتنى مەركەزلەشتۈرۇپ، بۇ تېمىنى ئەسلي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كۆز-قاراش بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ نۇقتىدا ئىنسان تەبىئىتى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى، قانائەتسىزلىك بىلەن قانائەتنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭمۇ ناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ بەرگەن. يەنى، شەخسىي مەنپەئەت ۋە تۇرمۇشتا قانائەتچان بولۇش، نەپسانىيەتچى، قارا نىيەت بولماسلىق، ھاياتقا بولغان تەلەپچانلىقتا، ئالغا ئىنتىلىشتە، ئۇنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالىغا تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە، بىلىمدە، ئەخلاق-پەزىلەتتە قانائەتسىز بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرەققىياتقا كېلىشى قانائەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبىئىتىدىكى قانائەتسىزلىكتىن بارلىققا كەلدى. مەڭگۇ قانائەت قىلماسلىق، مەڭگۈئالغا ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى. بۇ تەبىئىيلىك ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.ئەگەر ئىنسانلاردا بۇنداق قانائەتسىزلىك بولمىغاندا، ئىپتىدائىي تاش قوراللاردەۋرىدىن ھازىرقى زامانىۋى دۇنياغا قانداق كېلەلەيتتى؟! قەدىمكىلەرنىڭ «ئۆلمەيدىغاندەك مېھنەت قىل، ھېلى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئىبادەت قىل » دېگەن ھېكمىتىمۇ قانائەت بىلەن قانائەتسىزلىكنىڭ دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىخچام ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا، بىزگە ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولغان، مەيدانى مۇستەھكەم،ئىرادىلىك، تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان،ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتكىمۇ مەسئۇل بولالايدىغان، جەمئىيەتتىكى بۇلغىنىشلارنى سۈزۈلدۈرۈش ئۈچۈن جۈرئەتلىك بولغان قۇرغۇچىلار كېرەككى، ھاقارەت ئالدىدىمۇ، خۇرلۇق ۋە مەھرۇملۇق ئالدىدىمۇ، نادانلىق ۋە نامراتلىققىمۇ، ئۆزى قولدىن بېرىپ قويغان قىممەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنمۇ پەرۋا قىلماي كۆزىگەماسكا تارتىپ ئۆتۈۋىرىدىغان تىرىك ئۆلۈك پەرزەنتلەر كېرەك ئەمەس. Rf=-
Q
% 81I9xqvSd~ 8 r0;054 « بۇ دۇنيا مەنپەئەت دۇنياسى، بەھرىمەنلىك دۇنياسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دۇنياسى، بىز پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ دۇنيا داستىخىنىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك رىزقىنى تېپىپ يېيەلەيدىغان بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى قولىغا بېرەيلى» ». بۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قويغان قەتئىي تەلىپى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەرزەنتلەرنى بۇ دۇنيادا بەختلىك قىلىدىغان، ئۆزىنى ھەقىقىي ئادىمىيلىك مەرتىۋىسىگە يەتكۈزەلەيدىغان تۆت مۇھىم تۆۋرۈكنى تىكلەپ بەرگەن. بىرى،ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش؛ ئىككىنچىسى، ياخشى خاراكتېرلىك، ئەقىدىلىك بولۇش؛ئۈچىنچىسى، ئەقىللىق بولۇش؛ تۆتىنچىىسى، پەزىلەتلىك بولۇش. بۇ تۆت ئامىل مۇجەسسەملەنگەندە،ئاندىن پەرزەنتلەر ھەقىقىي مەنىدىكى قۇدرەتلىك ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئۇچۇربەرگەن. بىراق، ئاتا-ئانىلار شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭبىز كۈتكەن ئىقتىدارى پەقەت ئەتراپلىق، كۆڭۈل قويۇپ، مەقسەتلىك، نىشانلىق ئىلمىي تەربىيلىشىمىزئارقىلىق يېتىلىدۇ. مۇنتىزىم تەربيىگە ئىگە بولالمىغان پەرزەنتلەر ئائىلسگە،جەمئىيەتكە يۈك بولۇش ۋە ئەلگە زىيانداش بولۇشتىن باشقا نېمىنى بېرەلىسۇن؟! #&K}w0}k Nh4&3"g| )U}`x }:, نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھازىرقى پەرزەنتلەرنىڭ يارامسىزلىقىدىن ئاغرىنماقتا. ئەگەر ئاغرىنىش توغرا كەلسە ئۆزىمىزدىن ئاغرىنايلى،ئەگەر بولمىسا يارمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى » دېگەن كىتابى بىلەن « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى » دېگەن كىتابىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقساق، بىز بالىلارغا نېمىلەرنى بەرگەن، ئۇلارنى نېمىلەردىن مەھرۇم قىلغانلىقىمىزغا،پەرزەنتلىرىمىزدىن ئاغرىنىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوقلۇقىغا قايىل بولماي قالمايمىز. بىزدە شۇنداق بىر ئومۇمىي كېسەللىك باركى، ئۆزىمىزگە ئەڭ لازىملىق نەرسىنىڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن قەدرىگەيەتمەيمىز. RWJyd=
>4=7t&h Te^_gdf پەرزەنت تەربىيىسىدە شۇنداق بىر قانۇنىيەتلىك باغلىنىش باركى، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق ھالەتتە كۆرۈشنى خالايدىكەنمىز،ئۆزىمىزگە شۇنداق بولۇش تەلىپىنى قويۇشىمىز كېرەك. ئۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى بەرمەي، ئۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتسەك دۇرۇس بولامدۇ؟!يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا، بۇ دۇنيا خۇددى تېرىلغۇ يەرگەئوخشىشىدۇ، بىز نېمە تېرىغان بولساق، پەقەت شۇنداق ھۇسۇل ئالىمىز. ئۇرۇن چاچماي تۇرۇپ ھۇسۇل ئېلىشنى ئۈمىدىدە بولۇش ئەخىمانىلىق بولمامدۇ؟ ياراملىق پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ياراملىق ئاتا-ئانىلار بولۇشى كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ياراملىق ئاتا-ئانا قىلىپ، پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەتراپلىق تەربىيلىنىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. بەزى ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقاندا، بىزئاتا-ئانىلاردىنمۇ ئاغرىنالمايمىز، چۈنكى سىلەرمۇ ئاتا-ئاناڭلار تەرىپىدىن تەلەپكەلايىق، ئەتراپلىق تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس، بۇنداق يېتەرسىزلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق. مەن بىر كىشىگە بىر چاغدا « ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلسام، ئۇ « بىزنىمۇ ئاتا-ئانىمىز كىتاب ئوقۇماي تەربىيلەپتىكەنغۇ...» دېگەن جاۋابنى بەردى. مەن ئۇنىڭغا « ھايۋانمۇ كىتاب ئوقۇماي بالىنى ئۆز تەبىئىتىگە يارىشا يېتەكلىيەلەيدۇ !» دەپ قىزىرىشىپ قالغانىدىم. بىزنىڭ باللىرىمىز ئادەم، بۇلارنى بېقىشنى بىلىپ، تەربىيلەشنى بىلمىسەك بولمايدۇ. شۇقانۇنىيەتنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، « ھايۋان بالىىسى تۇياقتىن سەمرىيدۇ، ئادەم بالىسى قۇلاقتىن ». بىزگە تۇياقتىن سەمرىگەن بالىلار ئەمەس، بەلكى قۇلاقتىن سەمرىگەن بالىلار كېرەك. !(j G{a_\'7
|
|