查看完整版本: [-- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-04-02 19:17

بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟

بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟ 3iNkoBCg  
/n,a?Ft^N)  
                 مۇھەممەد تۇراپ @x&P9M0g  
-G|a*^  
Ri*3ySyb  
    «بەخت» دېگەن سۆز كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەختنىڭ چېكى، مىزان ئۆلچەملىرى، شۇنداقلا مۇقىم بىر قېلىپى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇ ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ دائىرىسى كەڭ ۋە تۈرلىرى خىلمۇ-خىل، ھەم نىسبى بولىدۇ. پەقەت مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشىلا بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ. 5jcte< 5I_  
  بەزى ئاياللار «بەخت»نىڭ ئىچىدە تۇرۇغلۇق بەختنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي، تەڭرىدىن، ئۆزىدىن، باشقىلاردىن ۋە خىزمىتىدىن ھەتتا جەمىيەتتىن ئاغرىنىدۇ. )X+mV  
  يىغىپ ئېيتقاندا، پەرزەنت كۆرۈش، بالىلارنى ئەخلاقلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش، بالىلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىنىنى كۆرۈش ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەخت ئەمەسمۇ؟. e&<yX  
   ئاياللار توققۇز-ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق يەپ پەرزەنتلىك بولىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋىقىنىڭ ئوماق-تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ تاتلىق-چۈچۈك گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۆمرى يار بەرسە بالىلىرىنىڭ ياراملىق چوڭ بولۇپ بالىلىق بولغىنىنى، نەۋرىلىرىنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى كۆرۈدۇ، ھەمدە بالىلىرىنىڭ خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىشى ئۈچۈن نەۋرىلىرىنى باقىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇنىنى …… كۆرۈدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخت ئەمەسمۇ؟. نەۋرە باقسا بالىلىرى خاتىرجەم خىزمەت قىلىدۇ، بۇ بالىلىرىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۆزىنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. ئاياللارنىڭ يولدىشىنى ۋە بالىلىرىنى قوللىغىنى ئۆزىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۇلارنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، خىزمەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش، ھەمدە تىجارەتنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈشمۇ بىر بەخت ئەمەسمۇ؟. VyLH"cCv  
  دىمەك  ، بەختنىڭ ئۆلچەم مىزانلىرى، دائىرىسى ۋە تۈرلىرى خىلمۇ-خىل ھەم ناھايىتى كۆپ. ئەڭ ئاددىسى باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكمۇ بىر خىل بەخت، چۈنكى باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بەدىلىگە ئۆزىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت، بىراق تېخىمۇ بەختلىك ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. قىسقىسى، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان بەختنىڭ ھەممىسى ئانىلارغىلا ئەمەس، ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ. چۈنكى بۇ بەختنى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭا بۇ بەختتىن ھەممەيلەن ھوزۇرلىنىشى كېرەك. بەزى ئاياللار ئائىلىدە جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىپ، ئۆزىنى «بەختسىز» دەپ قارايدۇ. بىراق شۇنى بىلىشى كېرەككى، «جاپانىڭ تېگى راھەت». مانا بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆزدۇر. = "ts`>  
   تارىختا قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن ئانىلىرىمىز ئاچ يالىڭاچلىق، يوقسۇزلۇق، جەبرى-جاپالىق كۈنلەردە ياشاپ ئۆتكەن ھەم ئۇلار ئۆزى ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئائىلىدىكى رولىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىگە بولغان تەنقىد-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىگە ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن ھەم ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ئانىلارغا خاس خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. ئەينى زاماندىكى مانا مۇشۇنداق ئانىلىرىمىز ئۆزى ساۋاتسىز ھەم ئاددى ئانىلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا «ھەقىقى ئانىلار» ھېساپلىنىدۇ. 7*o*6,/  
   ھازىرقى جەمىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىلىملىك ئانىلارمۇ ئەنە شۇ قىيىن مەزگىللەردە ياشىغان ساۋاتسىز ئانىلاردەك ھەممىگە كۆڭۈل بۈلۈپ كېتەلمەيدۇ ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھازىر ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر دەۋرى بولغاچقا ھەممە ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئەركىنلىشىپ، جەمىيىتىمىزدىكى ياشلارلا ئەمەس بەلكى بەزى چوڭلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ۋايران بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە شۇ ئائىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا، ياشلارغا ۋە ئائىلە قۇرۇپ بولغان پەرزەنتلەرگە بېسىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىسى قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۆت كىشىگە كۆپىيىدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ئېغىرىشىۋاتقانلىقتىن پەرزەنتلەر بۇ تۆت كىشىگە تەڭ ئېتىبار بىرەلمەي قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ـــ ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى قوللىشى، بىر-بىرىنى ئاسرىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ ئىمكان قەدەر ئائىلىسىنى بۇزماسلىقى كېرەك. Ka!I`Yf  
    ئەگەر سىز غۇرۇرلۇق ئەركەك بولسىڭىز، ئايالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇنىڭغا كۈيۈنۈڭ، ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ ھەم ئائىلىڭىز ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ.  
ئەگەر سىز ھەقىقى ئايال بولسىڭىز ئائىلىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈڭ ھەم سىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ. }j5 a[L  
مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز ھەم باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلالايسىز، شۇنداقلا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىسىز. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بەختى ئەمەسمۇ؟. R6;Phdh<>  
    دىمەك بىر ئائىلىنىڭ بەختى شۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. +!t}  
   ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئىناقلىققا تولغان ئائىلىنىڭ بولۇشى تېپىلغۇسىز بەخت.  توغرا، دۇنيادا تۇغما ئەقىللىق ئادەممۇ بولمايدۇ ھەم تۇغما دۆت ئادەممۇ بولمايدۇ. بىراق مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى ئەقلىمىزنى ۋە ئەجرىمىزنى شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەم شۇ ئائىلىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن سەرىپ قىلمىساق، بىز قانداقمۇ ئاتا-ئانىغا ئوخشايمىز؟. q-$`k  
g:ErZ;[  
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى . l U]un&[N  
   y7\"[ 
^>&k]T`  

بابۇر0725 2014-04-02 23:55
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ

مىېھرىما 2014-04-05 13:07
ياخشى يازمىڭىزدىن تازا ھوزۇرلاندىم دىسە!! `\| ssC8u  
6 &U+6gb  
سىزگە رەھمەت !!!

گۈلنىھال 2014-04-05 18:01
مىېھرىما:ياخشى يازمىڭىزدىن تازا ھوزۇرلاندىم دىسە!!سىزگە رەھمەت !!! (2014-04-05 13:07) 
`yH 
خۇش بولدۇم , رەھمەت !

bostan 2014-04-14 11:55
مەن «بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟» دىگەن بۇ تىمامنى، 2014-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:55 دە خاقانىيەگە يوللىغان ئىدىم، x"gd8j]s  
بىراق بۇ تىمىنىڭ مەنبىيى: «تەرمىلەر ژورنىلى» دەپتۇ. مەن بۇ تىمىنىڭ «تەرمىلەر ژورنىلى»غا چىققىنىنى بىلمىگەنتىم. شۇڭا خەت ساندۇقۇمدىن ئىزدىسەم بۇ تىمىنى «تەرمىلەر ژورنىلى»غا يوللىماپتىمەن،  بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى. ياكى «تەرمىلەر ژورنىلى» مېنىڭ بۇ تىمامنى توردا ئۇچرۇتۇپ قېلىپ ژورنالغا باستىمىكىن، شۇڭا مەن ژورنالنى تۇلۇق كۆرۈپ قايسى سانىدىكىن ئىزدىسەم بولغىدەك. R|(q  
شۇڭا مەن يەنىلا، بۇ تىما ئارقىلىق گۈلنىھالنىڭ ماڭا ئۇچۇر يەتكۈزگىنىگە «رەھمەت»  ئېيسام بولىدىكەن.

ئارزۇيۇم 2014-06-17 11:20
گۈلنىھال،قەلەمىڭىز توختاپ قالمىغاي.سىزگە ئاپىرىن. odjT:Vr  


查看完整版本: [-- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled