گۈلنىھال |
2014-04-02 10:20 |
گۈلنىھال :ئەللىك كىتاپ
ئەللىك كىتاپ FY^Nn )i[Vq|n Fzt
?M ئابدۇرېھىم ئابلەتخان v3X
M-+Z4 )78T+7Kq :E~rve' "ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى"نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى، "شەرق قىزاردى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ .PR+_a-X >{:hadUH |K-` ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن. hKWWN`;b ! R(VOHFvW6 ~) w4Tq PRTjXq6)5 بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قىزىمنىڭ مەكتىۋىدىن ئاتا-ئانىلارغا جىددى يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىش-كۈشلەرنى تاشلاپ باردىم. يىغىنغا چاقىرىلغانلار ئانا تىل سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ئىدى. يىغىن باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ قېتىملىق ئانا تىل سىنىپىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۇشاقەت ۋە خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى بايان قىلدى. 73Jm
بۇ جەرياندىكى خەتەرلەرنى" ئۆزلىرىلا بىلمەيلا..." " ھەممە گەپنى بۇ يەردە دىگىلى بولمايدۇ...." دىگەندەك مىللى مەمۇرلاردىكى مودا ئىبارىلەر بىلەن پۇراتتى. ھەمدە ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ بايان قىلدى.ئاخىرىدا ئانا تىل سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ قوش تىل سىنىپىدىكى بالىلارغا قارىغاندا ساۋات چىقىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېلان قىلدى.بۇنىڭدىكى سەۋەپلەرگە، بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تىرىشمايۋاتقانلىقىنى، ئانا تىل دەۋاسى بولغان بىلەن ئەمىليىتىنىڭ يوقلىقىنى..... ئوتتۇرىغا قويدى.چۈنكى بىر قېتىم ئائىلە تاپشۇرىقىنى ئەللىك تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئەللىك نەپىرى ئىشلىمەپتۇ. ( پەقەت بىر قېتىم شۇنداق بوپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىنىپتىكى 15٪ ئوقۇغۇچى تېكىستلەرنى تېخىچە ھەجىلەپ ئوقۇيدىكەن.بۇ جەرياندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئانا تىل سىنىپىنىڭ بالىلىرىغا "كۆڭۈل بۆلۈپ" ئانا تىل مۇئەللىمىنى ئالماشتۇرۇپتۇ. ھازىر ئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىش ئالدىدا ئۈچۈنچى قېتىم ئانا تىل مۇئەللىمىنى ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىنىپتۇ.يەنە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇمچە پاراڭلىرىدىن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار كېيىنكى ئوقۇش يىلىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئانا تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەللىك پارچە كىتاپ زاكاز قىپتۇ. ناۋادا يەتمەي قالسا بۇ يىلقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپلىرىنى يىغىۋالىدىكەن.دىمەك يۇقۇرىغا پەقەت ئەللىك نەپەر ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىندى دەيدىكەن.قالغان ئەھۋاللارنى توغرا چۈشەندىم. ئەمما مۇشۇ ئەللىك كىتاپ مېنى نەچچە كۈنگىچە ئويلاندۇردى. Q1?*+] ھىكايەت؛ emnT;kJ> ئالدىنقى مەۋسۈم ئوقۇش باشلاش ئالدىدا ئانا تىل سىنىپى ۋە قوش تىل سىنىپى دىگەن ئىككى خىل تاللاش ئاساسىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندىكەن دەپ ئاڭلىدىم. ماڭا بۇ يېقىنقى يىللار مابەينىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغارلىق بىلىندى.بىراق مەن قىزىمنى تىزىملاتقىلى بارغاندا تىزىملىغۇچى مەندىن قايسى سىنىپتا ئوقۇتىدىغانلىقىمنى سورىمىدى. مەن ئەسكەرتكەندىن كېيىن شۇ بويىچە تىزىملىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ كەينىمدىنلا كەلگەن يەنە بىر ئانىمۇ ئانا تىل سىنىپىنى تاللىدى. چەتتە قاراپ تۇرغان بىر مۇئەللىمچاق (تونۇشى ئوخشايدۇ) ئىتتىك كېلىپ ئۇ ئانا بىلەن پاراڭلاشتى. قۇلىقىمغا مۇئەللىمچاقنىڭ "....ئوبدان ئويلىنىپ تىزىملاتسىلا....دىققەت قىلماي بولمايدۇ..." دىگەندەك تولىمۇ خەۋپسىرىگەن ئاھاڭدىكى سۆزلىرى كىرىپ قالدى.... `V\?YS} ئاڭىسام كېيىنچە نۇرغۇن ئانا-ئانىلار ئانا تىل سىنىپىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقتىن بالىسىنى ئانا تىل سىنىپىغا يۆتكىمەكچى بوپتۇ. بىراق مۇمكىن بولماپتۇ.شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئانا تىل سىنىپىغا تىزىملانغان بالا يۈزدىن ئېشىپ ئىككى سىنىپ بوپتۇ.گەپ قېچىپ كەتتى. ئەمدى ئاۋۇ ئەللىك پارچە كىتاپ مەسىلىسىگە قايتايلى.ئۇلار ئانا تىل سىنىپلىرىنىڭ غولداپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان قوش تىل سىنىپىنىڭ ئۈنۈمىنى ماختاپ ئېيتقان دوكلاتىدىنمۇ ئەنسىرەپتۇ.دىمەك ئۇلار ئانا تىل سىنىپىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا قارىغاندا ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئاتلىنىپتۇ. +>vKI8g*RH دىمەك 2014-يىلى 9-ئايدىمۇ بۇ مەسىلە يەنە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىكەن.ئانا تىلىدا تەربىيلىنىش ھوقوقى ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ يېزىلغان ئىدى.بۇ قانداق تۇرمۇش ؟ بۇلار قانداق تۇتامسىز مەخلۇق ؟ 5h6o} ئومومى جوڭگو خەلقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى بىلەن يېڭى بىر دەۋر يارىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئۇشبۇ دەملەردە ماۋۇ يالغان مەلۇماتچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى كۆرۈڭ.ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى باشلاندى. ئۆلۈك يەيدىغان ئىت، ئۆلگىچە تاشلىماپتۇ دەيدىغان بىر گەپ بار. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى قاچانغىچە ساقلاپ قويماقچى ؟نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانا نىمە ئۈچۈن ئانا تىل سىنىپىنى جاھىللارچە تاللايدۇ ؟ ھەتتا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىسىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەيدۇ ؟سەۋەپ ئاددى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمايدۇ. خەنزۇچىنى ھەرقانچە بىلسىمۇ ئىختىساسلىق خادىم ھىساپلانمايدۇ.مىللى تەۋەلىكىنى ۋە تەپەككۈرنى قۇربان قىلىدۇ. W [K.|8ho شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى دەسمايىسى بولغان ئانا تىل ۋە مىللى كىملىك مۇھىتىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ . u YT$$'S مەكتەپلىرىمىزدە سىرىتتىن تەكلىپ قىلغان نۇرغۇن خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى مىللى بالىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەت قىلىدۇ ئەمەس، بەلكى جېنىنى باقىدۇ. ئۇلار مىللىلارنىڭ ئادىتى ۋە قىزىقىشى توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ. بۇ مائارىپ مېتودىغا لايىقما ؟بىزنىڭ پىداگوگىكىدا ئوقۇغان بالىلار يۇۋاش بولۇش ئۈچۈن مەجۈن يەپ يۈرۈيدۇ. ئۇلاردا يەسلىدە خەنزۇ تىلىدىن دەرس ئۆتكۈدەك سەۋىيە يوقما ؟ناۋادا يوق دىسەڭ، نەچچە ئون يىللىق مائارىپىڭنى چېكەڭگە تاڭساڭ بولمامدۇ ؟ناۋادا سەۋىيەسى بار دىسەڭ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشالماسلىقىدا زادى قانداق سەۋەپ بار ؟بىرلا سەۋەپ بار. ئۇ سەۋەپنى سەن بىلەن ئىككىمىز ئىچىمىزدە بىلىمىز. ئوچۇق دىيەلمەيمىز.
R( FQ+h پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىك يادروسى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرىۋاتىدۇ. C=r2fc~w
مەنمۇ ھەممە ئىش چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. دەپ ئويلىغانتىم. +W*~=*h| بىراق، بۇنىڭغا ئوخشاش سۈزۈك سۇنى لېيىتىدىغان بۇزغۇنچىلار قاچانغىچە تىمىسقىلار ؟ yivu|q دۆلەتنىڭ مىللى سىياسىتى قاچانغىچە نەيراڭۋازلارنىڭ شىكار قىلىدىغان مەيدانىغا ئايلىنىپ تۇرار ؟ e:9EP, ھىكايەت؛ "ya
xHd ئۆتكەن يىلدىكى سايلامدا كەنت باشلىقلىقىغا بىردىن-بىر نامزات بولۇپ سايلىنىپ قالدىم. بۇ ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىش بولدى. Wa<<"x$ بىراق ئىشنىڭ تەرەقىياتى مىسلىسىز جىددىيلىشىپ كەتتى. شەھەر-يېزىدىن تارتىپ كەنتكىچە، يېزىلىق ھۆكۈمەتتە تۇققانلىرى بارلاردىن تارتىپ دىبولارغىچە جىددى تېلىفۇن ۋە زىيارەت ئالاقىسى كۈچەيدى. سايلام يەنە بىر رەت ئۆتكۈزۈلدى.يەنىلا ئىش ئەپلەشمىدى. ئاخىرى سايلام كومىتىتى سايلام ساندۇقىنى ئېلىپ قاچتى.سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا بەزىلەر يىغلىدى. بەزى ياشلار كېچىچە ھاراق ئىچتى.پۇقرالار شەھەرگە كوللىكتىپ ئەرزگە قاترىدى. توختىماي قاترىدى. `;G شۇ كۈنلەردە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى مېنى چاقىرىپ پەقەت ئون مىنۇت كۆرۈشمەكچى بولدى.مەن مەھەلىمىزگە ئېسىپ قويغان " سايلام قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالايلى!" دىگەن پىلاكاتنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ شەھەرگە چىقتىم.باشلىق دىگەندەك ئون مىنۇت سۆزلىدى. ئېيتىشىچە سايلام قانۇنلۇق بولغان. شۇڭا پىتنە-پاسات تېرىغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىپ توختىتىشىم كېرەككەن. HN{c)DIm] مەن ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن "ئىككىمىز يالغۇز بولغاندىن كېيىن كۆڭۈلدىكىنى دەۋالاي. بەلكىم كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ياردىمى بولار" دەپ تۈزۈت قىلدىم.ئاندىن توپتوغرا سەكسەن مىنۇت تىللىدىم. ئاساسى قاتلامدا ياشىغان تۆت-بەش يىل جەريانىدا كۆرگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئاغزىمنى بۇزۇپ تازا تىللىدىم. بەدىنىمدە بىر تېمىم سېرىق سۇ قالمىغاندەك تولۇق تىللىۋالدىم.باشلىقمۇ سەۋر قىلدى. ئېھتىمال ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالدى بولغاي. خوشلاشقىچە ئۇلار يەنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولدى. مەندە ئۇلار ئەسكەرتمىسىمۇ ئومومىلىقنى قوغداش مەيدانى بار ئىدى. ئەمىليەتتىمۇ خەلقنىڭ رايىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ قالماي دەپ ئەرز ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدىم.كېيىن ئاقسۇغا كەتتىم. كەينىمدىن بىر قىسىم ئاھالىلار كەنت ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئەسلىدىكى كەنت باشلىقىنى ئىشخانىدىن سۆرەپ چىقىرىپتۇ. شەھەر-يېزا رەھبەرلىرى، ج،خ لار بۇ غەۋغانى تەستە بېسىپتۇ. UDg's ئاقسۇدىن قايتىپ كېلىپ بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ " خۇداغا شۈكرى " دىدىم. چۈنكى بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە قومۇلدا بولماي قاپتىمەن. بولغان بولسام پۇرسەتپەرەسلەر تەرىپىدىن " بۆلگۈچىلىك مەخسىتىدە ئاممىنى كۈشكۈرتكەن" دىگەن جىنايەت ئارتىلىپ قالاتتى. ئەمەل-مۇكاپات تاماسىدىكىلەرنىڭ پاقىسىمۇ قاناتتى. rXX>I;`& ئىيۇل ئايلىرىدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلاردا ئومومىلىقنى، مۇقۇملىقنى ساقلىدۇق ھەم ساقلىدىم. ھەرقانداق ئىشنىڭ چوقۇم تۈزىلىدىغانلىقىدەك چەكسىز ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنگىچە بەلكىم يەنىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقلىشىم مۇمكىن. بۇنداق ئىشەنچ مەندىلا ئەمەس، بەلكى مەن تونۇيدىغان ۋە بىلىدىغان ھەر-بىر ئۇيغۇردا يېتەرلىك بار. p1Zb&:+ چۈنكى بىز تارىختىكى ھەربىر قالايمىقانچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بىردىن-بىر توپ. شۇڭا مۇقۇملىقنى سۆيۈش بىزنىڭ بىردىن-بىر تاللىشىمىز. Z,38eQpM ئۇنداقتا مۇقۇملىقنى قوغدىغۇچى شەرىپىگە بىزدەك ئىدارە قىلىنغۈچىلار بەكرەك لايىقمۇ ياكى ئىدارە قىلغۇچىلارمۇ ؟چىن مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مانا بىز لايىق.بىراق بۈگۈن زور ئۈمۈتكە تولغان كۈنلەردە ماۋۇ ئەللىك كىتاپ مەسىلىسى نېرۋامنى سەل قىززىتىپ قويدى. شۇ مىنۇتلاردا سەۋر ھەم چىدام بىلەن ئومومىلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىم بىكارغا كېتىۋاتقاندەك بىلىندى.ئومومى خەلق ئەتىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئىسلاھات قەدىمىنى بېسىۋاتقان بۇنداق مىنۇتلاردا بىزنىڭ كەلگۈسى سالاھىيىتىمىزنىڭ يەنىلا ئېنىق بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سەۋر قاچامدىن بىر تېمىم سۇ تېشىپ كەتتى. : OY~Q3
@ ھەي نادان، ھەممە بالا قوش تىلدا ئوقۇسا جاھان تۈزۈلۈپ كېتەرمۇ ؟ !=,4tg` ياكى ھەممە بالا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇسا جاھان بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ ؟ EbQLMLD% شوتاڭ(خەنزۇچە مەكتەپ)دا ئوقۇغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى بىلەمسەن ؟! 'kZ,:.v ئانا تىلدا ئوقۇغان ئابدىغوپۇر داموللىنى بىلەمسەن ؟! my.EvN بىلىسەن. %X{Eupi
FA ئۇنداقتا مەسىلىنى يەنە نىمىشقا كەسكىنلەشتۈرىسەن ؟! &v{Ehkr* ھەلقۇمغا تىرەپ قويۇلغان پۇرسەت ۋە خەتەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيۋاتقان مائارىپ ۋە ئىدىلوگىيە ساھىسىدىكى بىر توپ ئاق ياقىلىق مەسئۇلىيەتسىزلەرگە ئېچىنماي بولمايدۇ.ئاساسى قانۇندىن ئاپتونومىيە قانۇنىغىچە، جەمىيەتتىكى ھەق-ناھەق مەسىلىلەردىن دۆلەتنىڭ مۇقىملىغىغىچە بولغان بۇ مۇساپىلەر ئارىسىدا، خەلق يەنە قانچىلىك زەرداپلارنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلىنار ؟شەك-شۇبھىسىز ئېيتىشقا بولدۇكى، بۈگۈنكى جوڭگو پۇقرالىرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر بولۇشقا ھەممىدىن مۇناسىپ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەملەر بولۇشقا تېخىمۇ مۇناسىپ. ]k0
jmE چۈنكى ئۇلار دۆلەتنىڭ نوپوزى ئۈچۈن قان-ياشلىق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. غۇرۇرى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى قايرىپ قويۇپ ئومومىلىق ۋە مۇقۇملۇق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. du3f'=q6| كەڭ خەلق مۇقۇملۇقنى ھەر كۈنى تىلغا ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت مۇقۇملۇقنىڭ ھاياتى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ. 0s#72}n تېخى تۆنۆگۈنلا ھەر-بىر ئۇيغۇر مىلتىق ھەتتا ئاپتوماتقىچە قوراللانغان دەۋرمۇ بولغان ئىدى.ئۇ چاغلاردا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەن ئىدى. دۆلەتمۇ نامرات ئىدى.نىمە ئۈچۈن ئۇلار بۆلگۈنچۈلۈك يولىغا مېڭىپ زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانمىدى ؟چۈنكى ھەق-ناھەق مەسىلىسى ئوچۇق-ئاشكارە ئىدى.ئۇنداقتا بۈگۈنكىدەك جىددى ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتنى كىم ياراتتى ؟ كىم رىجىسورلۇق قىلدى ؟قېرىنداش مىللەتلەر ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا لايىق بۇ مىللەتنى كىم پەسلەشتۈردى ؟ tMIYVHGy بىر قىسىم تېرورچىلار دەپ تۇرايلى. `FP?9R6Y تېرورچىلار قەيەردىن پەيدا بولدى ؟ ly
[LF1t ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى سەۋەپلەر توغرىسىدا كىم ئويلىنىپ باقتى ؟ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا كىمنىڭ ئاۋازى يوغان بولسا، كىم ئەڭ كۆپ شوئار توۋلىسا شۇ "ئىنقىلاۋى يولداش" سانىلاتتى.ئەجەبا بۈگۈنمۇ مۇقۇملۇق توغرىسىدا كۆپرەك ۋاقىرىغاننى ياخشى يولداش ھىساپلامدۇق ؟ ?Ec9rM\ze مۇقۇملۇق ئۈچۈن ھەر بىر پۇقرا ئۆز مەنپەئەتى بىلەن بەدەل تۆلەشكە رازى. ئۇنداقتا ئەشۇ مۇقۇملۇقچىلارمۇ بەدەل تۆلەۋاتامدۇ ؟ ياكى سودا قىلىپ پايدا ئېلىۋاتامدۇ ؟ 'Wo
nz<{' كەلگۈسى بۇنىڭغا ھەققانى جاۋاپنى ھامىنى بېرىدۇ.ھازىر رايونىمىزدا ئىدىلوگىيە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تىپىك مەسىلە.بۇ مەسىلىنى تىپىكلەشتۈرۈپ قويغىنى دەل بىر قىسىم بىيروكاتلاردىكى ئىدىلوگىيە زوراۋانلىقى. s[1ao"sZ^ گېتلېر دەھشەتلىك باستۇرۇش بىلەن بەنى ئىسرائىلنى يوقاتماقچى بولدى. بەنى ئىسرائىل يوقالدىمۇ ؟ ياق يوقالمىدى. بۈگۈن تېخىمۇ گۈللىنىپ ئىبراي تىلى جاھاننى قاپلىدى. d"$8-_K ئورۇس كومىنىستلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللى كىملىكنى ۋە دىننى يوقاتماقچى بولدى. ئىسلام بىلەن مىللىيەت يوقالدىمۇ ؟ ياق يوقالمىدى. بۈگۈن تېخىمۇ گۈللىنىپ ئەسلىدىكى كومىنىستلارنىڭ ھەيكەللىرى ئورنىغا ئۇلار ئۆلتۈرگەن مىللى قەھرىمانلارنىڭ ھەيكەللىرى تىكلەندى. ^E
!
v D پەقەت ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق بەدىلىگە ئىدىلوگىيە تارقىتىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى .ماقۇل، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەشۇ تەدبىرىنى قوللىنىپ باقامدۇق ؟ |.IH4
K
قوللانساق بولىدۇ. |m19fg3u بىراق چاتاق يېرى، ھەر ۋاقىت، ھەر زامان، يىتىمنىڭ يەتتە ئاتىسىدەك پەيدا بولىدىغان دۈشمەن.شۇڭا ئوپكىمىزنى بېسىۋالايلى. "}]`64? بىزدە قارا خەلىققە قىلالايدىغان قاتتىق تەدبىر جىق بولغان بىلەن ھەر تەرەپتىن كېلىدىغان قۇدرەتلىك دۈشمەنلەرگە قارشى تەدبىر تېخى يېتىلگىنى يوق. ئىدىلوگىيە دىموكىراتىيەدىن قورقىدۇ. دىموكىراتىيە ئىدىلوگىيەنىڭ دۈشمىنى. دېموكىراتىك مۇھىتتا ئىدىلوگىيە ئاينىمايدۇ. o<2GtF1"o دىكتاتورا ئىدىلوگىيە ئۈچۈن سۇ-ھاۋادىنمۇ مۇھىم. دىكتاتورا قانچە كۈچەيگەنچە ئىدىلوگىيە شۇنچىلىك باراقسان ۋە مۇستەھكەم ئاينىيدۇ. بۇ فورمۇلىنى رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالاتىغا نەزەر سېلىپ باقساقلا ھېس قىلالايمىز. MfTLa)Rz مەركەزدىن تەلەپ قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىجابىلىقلار، بىر قىسىم ئاشقۇن سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن سەلبىلىككە ئايلىنىپ قالماقتا. 4 23zX6 بۇلارنىڭ سەلبى نەتىجىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا بېرىپ تاقالماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى ئۆسمىلەرگە ئايلانماقتا. ھەر مىللەت ئارىسىدىكى مىللى رادىكاللار تەرىپىدىن تۇتقا قىلىنىپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى دەخلىگە ئۇچرىماقتا. ZTC>Ufu2! جوڭگو ئارزۇسى-جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى . @0`A!5h?u ئۇنداقتا بىزمۇ جوڭگولۇقمۇ ؟ QWmE:F[M~ دىمەك بىزنىڭ ئارزۇيىمىزمۇ جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. E(qYCafC ئانا تىلچىلارنىڭ ئارزۇسىمۇ جوڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. ,RP-)j"Wff سەن ئانا تىلدا ئوقۇتۇشتەك بارماقچە ئارزۇسىنىمۇ قاندۇرالمىساڭ، قاندۇرىدىغان ئادەمنى ئىزدىسۇنمۇ ؟....... MsB>3 تارىختىن بۇيان جوڭگودىكى مىللى مۇناسىۋەتلەر ئۇنۋېرسال تەرەپلەردىن تىركىشىش ۋە ئۆتۈشۈش ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە كەلدى.بۇ جەرياندا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تەغدىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا توغرا ياكى ناتوغرا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. H$6RDMU دەرھەقىقەت، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىشكە ھەتتاكى ئۇلارنىڭ پايپاق-پىتەكلىرىگە قەدەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىشلار كۈرمىڭ بولۇپ ئۆتتى.يەنە سوراپ باقاي، |1tKQ0jg ئەشۇ ئۇرۇنۇشلاردىن قايسىسى ئەمەلگە ئاشتى ؟! .soCU8i3 قايسىلىرى بۇ زىمىندىكى مەڭگۈلۈك تىنىچلىققا ئاساس بولالىدى ؟! Xz]l#w4Pp ھەممىسى "ئوتتۇز يىللىق يامۇل قالدى. ئامبال قالمىدى." دىگەن تەمسىلدىكىدەكلا بولدى.بىرنىمە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەيدىغان ئورۇننىڭ بىر پىراپپىسيورى بار ئىكەن. ئۇ شىنجاڭدىكى ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن.بۇ يولداش ھاراق-شاراپ ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچىكى توغرىسىدا بىزدەك قىرىق يىل ئىسلام مۇھىتىدا ياشىغان ئادەملەرمۇ بىلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىدىكەن. .[={Yx0!I يەنە بىر قىزىقارلىق گەپمۇ باركەن. "ياغلىق پالانچى مىللەتنىڭ، دوپپا ئۇيغۇرنىڭ....." h*%p
%t< | |