查看完整版本: [-- مەن دادامنى بىر كاچات ئۇردۇم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مەن دادامنى بىر كاچات ئۇردۇم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2014-04-01 17:15

مەن دادامنى بىر كاچات ئۇردۇم

مەن دادامنى بىر كاچات ئۇردۇم \]g51U!'  
‹‹ھېكايە›› yMD3h$w3a  
FOteN QTj  
ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىخاننىڭ ئۈستىدە ئانا –بالا قالىغاچنىڭ شۇنداق ئەركىلىشىپ بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىشىۋاتقان كۆرنىشى مىنى ئىخىيارسىز ئۈزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى ،بالا قارلىغاچنىڭ قاناتلىرى ئەمدى يىتىلىشكە باشلىغان بولغاچقا ئانا قارلىغاچ پايپىتەك بۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتى ،تۇساتتىن يەنە بىر قارلىغاچ ئۇچۇپ ئۇللارنىڭ يېنىغا كەلدى ،بەلكىم ئاتا قارلىغاچ بولسا كېرەك ئاغزىدىن ئۇزۇقلۇقلارنى بالسىنىڭ ئاغزىغا سېلىۋاتاتتى ،مەن بۇ كۈرنۇشلەرنى كۆرۈپ قۇشلارنىڭمۇ شۇنداق بىر – بىرىگە بولغان مىھىر- مۇھەببىتنىڭ چوڭقۇرلۇقغا ھەيران قالدىم ،ئاتا قارلىغاچ بالسىنى ئۇزۇقلاندۇرۇپ بۇلۇپ ئانا قارلىغاچقا بىرنىمىلەرنى دىگەندەك ۋىچىرلاپ قۇيۇپ يەنە ئۇچۇپ كەتتى ،مىنىڭ ھىسس قىلىشىمچە ئۇ ئانا قارلىغاچقا بالسىغا ئوبدان قاراشنى تاپلاۋاتقاندەك قىلاتتى . :2V|(:^ '  
مۇشۇ كۈرنۈشلەرنى كۆرۈپ مىنىڭ كۆزۈمگە ھەسرەتلىك ئاچچىق ياشلار كىلىپ قاپلىشىپ قالدى ،چۈنكى مەن مىنى ئاشۇ ئاتا قارلىغاچقا ئوخشاش پەپىلەپ مىڭ - بىر جاپادا چوڭ قىلغان ئاتامنى بىر كاچات ئۇرغان ئىدىم ،مۇشۇ قوللارنى ئاتام كىچىك ۋاقتىمدا تۇتۇپ تۇرۇپ مېڭىشنى ئۈگەتكەن ئەمەسمىدى ،ئويلىسام بۇ ئىشلار مىنى تۇلمۇ ئازاپلايدۇ . At'M? Q@v  
بۇندىن 10 يىل بۇرۇن مەنمۇ ئاشۇ قارلىغاچ باللىرىدەك ئاتا – ئانامنىڭ ھەمرالىقىدا بىللە ياشىغان ئىدىم ،ئەپسۇس ھازىر ئۇلار يېنىمدا يوق ،قانچە ۋاقىرىساممۇ ئۇلاردىن سادا كەلمەيدۇ ،چۈنكى ئۇلار مەڭگۈ كەلمەس يەرگە كەتكەن ئىدى ،قىلغان گۇناھىم ھازىرغىچە مىنى پۇشايمان ئازابىدا قىينايدۇ ،ئاشۇ ئاتامغا بىر كاچات سالغان كۈننى مەڭگۈ يادىمدىن چىقىرالمايمەن . 3.9/mztS  
مەن تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ نەتىجە ئالالماي ئۆزەمنڭ خاھىشى بۇيىچە ،ئاتا – ئانامنىڭ قايتلاپ ئۇقۇپ باق دىگەن نەسھەتلىرىگە قۇلاق سالماستىن مەكتەپتىن چىكىنىپ چىقتىم ،بەزىدە ئاتامغا ياردەملىشىپ ئېتىزغىمۇ بېرىپ ئىشلەپ باقتىم لىكىن ئەمگەككە زادىلا كۈنەلمىدىم ،بارا – بارا ئىش خوشياقماس بۇلۇپ ئاتامغىمۇ ياردەملەشمەس بولدۇم ئانام بىچچارە ماڭا تۇلا نەسھەت قىلىپ ئاڭلىتالماس بولدى ،ئاتام بولسا ماڭا ئىغىر ئۇھ سۇنۇپ قۇيۇپ ئۆز ئىشلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئىدى . l](!2a=[  
مەن بۇ بىكارچىلىق تۇرمۇشتىنمۇ زىرىكتىم ،ئاخىرى مەھەلىدىكى بىر – نەچچە بىكار تەلەت باللار بىلەن ئارلىشىپ ھاراق سورۇنىغىمۇ داخىل بۇلۇپ ئۈلگۈردۇم ،باشتا ئىچمەي تۇرۋالدىم ،غورا – غورنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دىگەندەك ھاراقنىڭ ئاچچىق تەملىرىگىمۇ كۆنۈپ قالدىم ،دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۆيگە ئاغزىمنى بۇرۇتۇپ كىرسەم كىيىنچە دەلدەڭشىپ كىرىدىغان بولدۇم، ئاتام بولسا مىنىڭدەك يارىماس بىر ئوغۇلنىڭ بۇلۇپ قالغانلىقىدىن تۇلىمۇ پۇشايمان قىلاتتى ،ئانام بولسا دائىم نامىزىدا مىنىڭ ئۆزگۈرۈپ ياخشى بىر ئادەم بۇلۇپ ئائىلىگە ئازاراق بولسىمۇ ياردەملىشىشىمنى ،ئىمانىمنى تىلەپ توختىماي دۇئا قىلاتتى .ئەپسۇس مەن ئاتا – ئانامنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماي ئازغۇنلۇق يولىنىڭ قۇلى بۇلۇپ ياشاپ كىتىۋاتاتتىم . ArScJ\/Nwv  
شۇ تەرىقىدە ئۆيگە كۈندىلا مەس كىلدىغان بولدۇم ،تۇرمۇشنىڭ يۈكلىرى ئانامنى ھالسىرىتىپ ئېغىر ئاغرىققا دۇچار قىلىپ قويدى ،ئاتام ،ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دىسە قەتئى ئۇنىمايتى ،چۈنكى ئانام ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالنى ئوبدان بىلەتتى ،ئانامنىڭ كىسىلى بارا – بارا ئېغىرلاشقا باشلىدى ،بىر كۈنى ئانام ،ئاتام ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىرىپ ماڭا يەنە نەسھەت قىلىشقا باشلىدى . J*_^~t  
ئوغلۇم مىنىڭ كۈنۈم ئاز قالدى سەن ئەمدى ئۇ نىجىس ھاراقنى تاشلاپ ئاتاڭغا ياردەملىشىپ ئېغىرلىرىنى يىنىكلىتىپ ئاتاڭغا ياردەملىشىپ ياشىغىن ئاتاڭنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ،ئۇنىڭغا كۈيۈنگىن ،قاقشاتما ،مەن كەتكەندىن كىيىن ئىككىڭلار مىنىڭ يوقلىقىمنى چاندۇرماي ياشاڭلار ،دەپ بىر مۇنچە ۋەسياتلەرنى قالدۇرۇپ ئاتام ئىككىمىزنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ كىتىپ قالدى . Qp A$='  
شۇنداق قىلىپ ئاتام ئىككىمىز قۇلۇم- قوشنا ،ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ياردىمى بىلەن يىغا -زار ئىچىدە ئانامنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق . I_e7rE0 `  
ئاناممۇ كەتتى ،ئانامنىڭ نەسھىتى بۇيىچە مەنمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئاتامغا ياردەملىشىپ ھاراقنىڭ يېنىغا بارمىدىم ،ئاتاممۇ خوش بۇلۇپ مەندىن سۈيۈنۈپ كەتتى . )L7[;(gQ  
ئارلقىتىن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتكەندە مىنىڭ كونا كىسىلىم يەنە قوزغالدى ،دائىملا ئىچىدىغان بۇلۋالدىم ،دادام بولسا مەندىن ئەنسىرەپ ئانامنىڭ ماڭا قىلغان نەسھەتلىرىنى ئىسىمگە  سېلىپ تۇراتتى ،ئەپسۇس بۇ گەپلەر پەقەت ماڭا تەسىر قىلمايتى . k2fJ  
بىر كۈنى ئاغىنىلىرىمنىڭ چاقىرىشى بىلەن  بىر سورۇنغا داخىل بۇلۇپ مەس ھالاتتە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،ھاراقنى جىق ئىچكىنىم بىلەن ئەس – يادىم خېلى ئىسىمدە ئىدى ،يوللارنى پىيادە بېسىپ ئۆيگە كىلىپ دەرۋازىنى قالايمىقان ئۇرشقا باشلىدىم ، HH0ck(u_A*  
ئۆيدىن كىم ؟ دەپ دادامنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ،مەن ئىشىكنى ئاچە دەپ دادامغا قوپال تەگدىم ،دادام كىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ ،ماڭا كايىشقا باشلىدى ،سەن نىمىنداق ئادەم بولمايسەن ،كۈندە مۇشۇنداق غەرىق مەس يۈرسەڭ ئاناڭنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمامدۇ ؟ سەن ئاناڭنىڭ ۋەسىيىتىگە قانداق يۈز كىلەلەيسەن ؟ مۇشۇنداق ئۈزۈڭنىڭ قۇسقىنى ئۈزۇڭ يالاپ ئادىمىيلىك خىسلىتىڭنى يۇقۇتۇپ ياشاشقا قانداق ۋىجدانىڭ چىدايدۇ ، 9Z f  
دادامنىڭ نەسھەتلىرى مىنىڭ قېنىمنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى ، e z_c;  
مەن دادامغا سىنىڭ كارىڭ نىمە ؟ مەن ئىچسەم ئۈزەمگە ئىچتىم ،مەن بىلەن ئىشىڭ بولمىسۇن ،ئىچسەم ئۈزۈمنىڭ ئاغزىدا ئىچتىم سىنىڭكىدە ئەمەس . =M9R~J!  
دادامنىڭمۇ ئاچچىقى ئۆرلىگەن بولسا كېرەك ، >DbG )0|  
ئالدىمغا كىلىپ ،ھۇ ھايۋان ،ئادەم بولمايدىغان دەۋەتتى . j}K 3YfH  
دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ گەپلەر چىقىپ بولىغىچە ئاچچىقىمدا دادامنى چاڭىدە بىر كاچات سالدىم ،دادام سەنتۈرلۈپ بېرىپ پەكادا  بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، مەن بولسام ھىچ ئىش بولمىغاندەك ھوجرامغا كىرىپ ئوخلاپ قالدىم ،كاللامدا بولسا دادامغا قول سالغىنىم ئاللا بۇرۇن باشقىلارغا مۇش كۈتۈرگەندەك ئىسىمدىن كۈتۈرۈلۈپ  كەتكەن ئىدى . oB>#P-V  
ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقسام مىھىربان ئاتام ماڭا ناشتىلىق تەييار قىلىپ ئۈن – تۈنسىز ئولتۇراتى ،ئاخشامقى ئىشلاردىن بىر ئېغىزمۇ تىنىپ قويمىدى ،مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ،يەنە يولۇمغا ماڭدىم ، w`r %_o-I  
كۈنلەر مۇشۇنداق بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئۈتىۋەردى ،مەن بولسام يەنە شۇ ھاراق سورۇنىدا ،ئاتام بولسا ئائىلە ھەلەكچىلىكىدە ئىدى . }'86hnW  
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەندىن كىيىن ھاراق سورۇندا ئولتۇرسام بىر دوستۇم تېز بول داداڭ يىقىلىپ قالدى ،سىنى چاقىرىۋاتىدۇ دەپ چاقىرىپ كەلدى ،مەن دوستۇم بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،مەن ئەزەلدىن ئۆيگە ئۇنداق چاققان بېرىپ باقمىغان ئىكەنمەن . c<~DYe;;  
ئۆيگە كىرىپلا ھەيران قالدىم ئۆي  قۇلۇم – قوشنىلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى ،مىنىڭ كەلگىنىمنى كۈرۈپ دادام گەپ قىلماقچى بولغاندەك ،مىنى ئاجىز تىنى ئارقىلىق چاقىردى ،قوشنىلار ماڭا بىرخىل نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىدا قاراۋاتاتتى ،مەن ئاغزىمندىن ھاراق پۇرقىنىڭ چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاتامنىڭ يېنىغا بېرىپ قولىنى مىھربانلىق بىلەن تۇتتۇم .مەن خېلى ۋاقىتلار بۇلۇپتىكەن ئاتامنىڭ قاداق باسقان ،تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىنىڭ ئىزنالىرى قالغان قولىنى پەرزەنىتلىك مىھىرىم بىلەن تۇتۇپ باقمىغىلى ،مەن دادامغا قاراپ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدىم ،قوشنىلاردىن ئاڭلىسام دادام ئېتىزدا يىقىلىپ قېلىپ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ كىتىپتۇ ،،شۇنىڭ بىلەن كۈتە – كۈتە قىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپرىپتۇ ،ئەپسۇس دوختۇرلار ۋاقتى ئۇزۇن قالمىدى ،ياخشىسى ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كۈتىۋېلىڭلار دىگەندىن كىيىن ئۆيگە قايتۇرۇپ كەپتۇ ،مەن دادامغا ئاشۇ قوشنىللىرىمچىلىكمۇ مىھرىمنى بىرەلمگىنىمدىن بەكمۇ ئۈكۈندۈم ،ئەپسۇس قانچە قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيتى ،ئەمدى بولسىمۇ ئاتامنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پۇت – قولىنى تۇتۇپ دۇئاسىنى ئېلىشتىن باشقا يول يوق ئىدى . P #8+1iC1  
دادام يىقىلىپ ئەتىسى مىنى يېنىغا چاقىردى ،ئوغلۇم مىنىڭمۇ ئاناڭنىڭ يېنىغا باردىغان ۋاقتىم تۇشۇپ قالدى ،بۇ دۇنيادا ساڭا يەتكۈزەلمىگەن مىھىرىمنى ئەمدى ئۇ دۇنيادا يەتكۈزەي ،سەنمۇ قايتىدىن ئادەم بۇلۇپ ھەقىقى ئەركەكلىك خىسلىتىڭ بىلەن ياشاپ ئاناڭ ئىككىمىز ياشىغان مۇشۇ ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۈچۈرمەي ئەل – جامائەتلەر بىلەن ئىناق بۇلۇپ بىللە ياشا، سىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى قىيىنچىلىقلىرىڭغا ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ مەدەت بىرىپ تۇرىمىز ،ئەمدى بولسىمۇ ھاراقنىڭ قۇلى بۇلۇپ ياشاپ ئۆتمىگىن بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سەندىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۇم ،كەچۈر ئوغلۇم سەندىن بالدۇرلا ئايرىلىدىغان بولدۇم ،مەندىن رازى بول دەپلا مىنى يالغۇز تاشلاپ بۇدۇنيادىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالدى ،مەن يىغا -زارا بىلەن ئاتامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى يەنىلا ئاشۇ ۋاپادار قوشنىلىرىم ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىمنىڭ ياردىمىدە ئۈزۈتۈپ تۈگەتتىم . s 
يالغۇز ئۆيدە ئاتا – ئانامنىڭ يوقلىقى ماڭا بەكمۇ تۇيۇلدى ،ئىسسىق تاماق ،ئەتىگەندە قوپقاندا تەييار ناشتىلىقىم يوق ئىدى ،ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ ھۆدىسىدىن ئۈزەم چىقمىسام بولمايتى ،ئاتا – ئانامغا قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرىمنى ئويلىسام تۇلمۇ كىچىكەن ئىدىم ،ئەمدى ھەممىنى قايتىن باشلاشقا توغرا كىلەتتى ،چۈنكى مەنمۇ تۇرمۇش ئۈچۈن ياشايمەن ئەمەسسمۇ . N})vrB;1  
مانا ئاتام كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئۆزگۈرۈپ ياخشى ئادەم بۇلۇشقا بەل باغلاپ ھاراق سورۇنلىرىغا بارماس بولدۇم ،ھەم تويمۇ قىلىپ ئۆي – ئۇچاقلىق بولدۇم ، pHye8v4fvi  
ئاھ ئاتا مىنىڭ ئاشۇ مەسلىكتىن سىزنى بىر كاچات ئۇرغىنىمنى كەچۈرەلەسىمۇ ؟ qsN_EMgbdn  
خىياللىرىم توختىماي ئۆتكەن ئىشلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتاتتى تۇيۇقسىز قارلىغاچلارنىڭ ئەنسىز ۋىچىرلىشىپ پالاق – پۇلۇق قىلىشىدىن ئىسىمگە كىلىپ ئالدىغا قارىسام يەرگە چۈشۈپ كەتكەن قارلىغاچ بالسىنىڭ يېنىدا ئاتا قارلىغاچنىڭ پىقىراپ يۈرگىنى كۈرۈپ ھەيران قېلىپ بۇ ئاتا دىگەن ئاتالغۇنىڭ تۇلىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى سىزىپ يەتتىم . ;j[gE  
تۇيۇقسىز ئوغلۇمنىڭ يېنىمغا كىلىپ دادا بۈگۈن ئىككىمىز بۇۋام - مۇماملارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كىلەيلى دىگەن سۆزىدىن سۈيۈنۈپ ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ سۈيۈپ كەتتىم . K6)IBV;  
مانا ئوغلۇم ئىككىمىز كىتىپ بارىمىز ئالدىمىزدا دۈمچەك – دۈمچەك قەبىرىلەر تۇرماقتا يەنە ئازراق ماڭساقلا بىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بارىمىز ، #7sxb  
قەدەملىرىم ئاستا – ئاستا ئاستىلاشقا باشلىدى ......... چۈنكى ئالدىمدا تۇرغىنى مەندەك بىر ئازغۇن ئوغۇلنىڭ مىھىربان ئاتىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلىمە  قەبرىسى ئىدى ........ 0F6@aQ\y3  
O 
                                        ئاتا بۈگۈن كىلىپ قەبرەڭگە ، beT[7uVj_  
                                        كۆزلىرىمدىن تۈكۈلدى يېشىم . 33 a}M;vx  
                                        سەن ئىدىڭغۇ ئەسلىدە مىنىڭ ، Oml /;p  
                                        يۈلەنچۈگۈم ھەمدە يادىشىم . P1]F 0fR  
Qw_> l}k/  
                                        يىغلاپ قايتىپ قەبرەڭدىن يەنە ، Uxe]T  
                                        ئۆتمۇشلەرنى ئەسلىدىم بىر رەت .  ^)$T`  
                                        ئېزىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھىم ، W'E3_dj+  
                                        بۇ قەلبىمگە سالماقتا دەرىت . vDR> Q&/K  
LJ9#!r@H  
                                        ئازغۇن ئوغول ئاتاپ سىلەرگە ، Q&PEO%/D  
                                        چىن دىلىدىن ئۇقۇيدۇ دۇئا . -:Juxh  
                                        پۇشايماندا سېغىنسام يەنە ، z~1S/,Ca  
                                        پاك جىسمىڭلار كۈرۈنەر غۇۋا. k>E/)9%ep2  
o_ixdnc  
                                        ۋاقىت ئۈتۈپ تۇرمۇش قايتىلاپ ، Cs,t:ajP  
                                        تۈۋرۈك بولدۇم مەنمۇ سىلەردەك ، [W dxMU  
                                        مەندەك ئازغان بىر ئىنسان روھى ، "Gq%^^ *  
                                        ئۈچۈپ كەتسۇن يانماس چوغدەك . `{}DLaD9  

مىېھرىما 2014-04-02 22:53
بەكلا تەسىرلىك ياخشى ھېكايە ئىكەن سىزگە رەھمەت !!

قىساسكار 2014-04-05 12:39
تەسىرلەندىم

نۇرلالە 2014-04-08 11:13
رەھمەت

ئابلىكىميارى 2014-04-23 21:51
ئوقۇغۇچىلىرىم مۇشۇ ماقالىنى يېزىپ بەرسە ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز دەپ كېتىپتىمەن تېخى. ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەندە. قانداقمۇ قىلارمىز مۇشۇ بالىلاردىكى سەمىمىيەتسىزلىكنى.


查看完整版本: [-- مەن دادامنى بىر كاچات ئۇردۇم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled