نۇرلالە |
2014-04-01 17:10 |
تەربىيىۋى چۆچەك
تەربيىۋى چۆچەك #RMI&[M بۇرۇنقى زاماندا، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مايماق ئېشەك سوكال تاقا بىلەن، ئورۇق ئىنەك دىڭگىل بۇقا بىلەن، كالتە يەڭ ئۆرە ياقا بىلەن ئىكەن. ئاڭا ئەگىشىپ قوي بۆرىگە، سامسا پۆرىگە، شاھ چۆرىگە مۇھەببەت باغلىغان ئىكەن...
Q2p)7G ئاشىقلار ئېھتىراملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن چېغىدا موماي يەنە خىيالى نەۋرىلىرى بىلەن يالغۇز قالدى ۋە كۆزلىرىنى قانداقتۇر بىر نۇقتىلارغا تىكىپ تۈگىمەس چۆچەكلىرىنى باشلىۋەتتى. 46h@j>/K شۇنداق ئاسايىش زامانلار بولغان ئىكەن... شاھنىڭ ئادىل، مەرت- مەردانىلىگى پۈتۈن ئالەمگە پۇركەتكەنىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەمار جىلغىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئاياللار دۆلىتىنىڭ شاھى شاھ خاتۇن ئادىل شاھنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بوپتۇ. ئىشىق ئوتىنىڭ دەھشەتلىك تىللىرى ئۇنى يالماپ يۈتۈپتۇ. كېچىسى ئوت بولۇپ يېنىپ، كۈندۈزى سۇ بولۇپ ئېقىپتۇ. ھالبۇكى قانچە- قانچە داۋالارنى قىلىپمۇ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا تاپالماپتۇ. نەھايەت شاھلىقىنى تاشلاپ بىقارارلىق كوچىسىغا كىرىپ كۆڭۈل مەيلىنىڭ قۇشىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپتۇ... دانالار شۇنداق ئېيتىپتۇ: مۇھەببەت بىر ئوتكى ئۇنىڭ يالقۇنىدىن ئورۇق- سېمىز، شاھ- گادايلار ئوخشاشلا ئامان قالمىغان. شۇڭلاشقىمۇ ئوتنىڭ سىرتىدا كۆيمەي ئىچىدە كۆي... =6=_/q2 موماي ئۇھسىندى... ئۇنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرىدىن قىپقىزىل يالقۇنلار گويا شاقىراپ ئاقماقتا ئىدى... تاڭلار تاڭلارغا ئۇلانغان، كۈنلەر ئايلارغا يەتكەن... ئاھ، مەڭگۈلۈك ئەسلىمىگە ئايلانغان قەدىردان كۈنلەر... مېھرىبان پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھىممەتلىرى سۈپتىدە موماي قەلبىدە ساقلانماقتا ئىدى... يول بولسۇن، ئاشىقلار... ئىلاھىم ، ئاشىقلارنىڭ يوللىرىغا نۇر ئاتا قىلغاي... aj~bt-cE شۇنداق شاھ خاتۇن كېچە- كۈندۈزلەپ ئەلەتەج بىلەن ھەرەج تارتىپ مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپتۇ. ھېرىپ قالغاندا، تەشنا بولغاندا، قورقۇنچىدا قالغاندا ۋىسال ئۈمىدى ئۇنىڭ قەلبىگە ھەممىنى بېرىپتۇ... ئاسمانغا تاقاشقان تاغلارمۇ، كۆز يەتمەس دەريالارمۇ، بىپايان چۆللەرمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالماپتۇ... بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ قالغاندا، پەسىللەر ئالمىشىپ قانچىلاپ قار- يامغۇر يېغىپ، قانچىلاپ قار بورانلار چىقىپ پەلەكنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى ئۆز ئويۇنىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ بولغاندا شاھ خاتۇن دىۋانە سۈپەت شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەپتۇ... شاھنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنىڭ نىمجان تېنىنى تاشلاپ ھەسرەت ئەلەم ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنداق يىغلىغان ئىكەنكى نەچچە يىللىق قايغۇ- ھەسرەتلىرى كۆزىدىن دەريا- دەريا بولۇپ ئېقىپ، دەريالار- دەريالارغا قوشۇلۇپ دەھشەتلىك قىيانلارنى ياساپ، شاھ خاتۇن، ئادىل شاھ ۋە پۈتۈن تاجۇ- دۆلەتنى سۇغا غەرق قلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ... 'ZQWYr9R 2ئەمدى گەپنى ئاياللار دۆلىتىدىن ئاڭلايسىلەر... [ شاھسىز قالغان دۆلەتنىڭ ئىچىدە شۇ كۇنىلا قالايمىقانچىلىق يۇز بېرىشكە باشلاپتۇ. ئەزەلدىن يات جىنىسلىق ئەرلەر ھەققىدە ئويلاپ باقمىغان ئايال پۇقرالارنىڭ جۇملىدىن ئوردىنىڭ ئايال ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىشكە باشلاپتۇ.ئەسلىدە شاھ خاتۇن پۈتۈن ئىچكى سىرلىرىنى ۋە ئەرلەر ھەققىدىكى ھەمدە ئادىل شاھ توغرىسىدىكى ئىشلارنى يېقىن ئەمرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. شاھ خاتۇن يوقالغاندىن كېيىنلا ئەمىر بۇ گەپنى ھەممە يەرگە پۇر قىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئاياللار دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى دەۋرەپ تۇرغان ھاياجان بىلەن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ جاھاننىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ... ئەسلىدە ئاياللار دۆلىتىدە ئاياللاردىن باشقا يات جىنىسلا بولمىغاچقا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن باشقا پۇقرالارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇچىسىغا كىيىم كىيمەي قىپيالىڭاچ يۇرۇيدىكەن. -@IL"U6 موماينىڭ كۆزلىرىدە ئىستىھزالىق نۇر پارلىدى... چوڭقۇر ئۇھ تارتقانچە چۆچىكنى داۋاملاشتۇردى... [rreFSy#@ شۇنداق قىلىپ، سانسىزلىغان يالىڭاچ ئاياللار دۇنيانىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ... توپ- توپ بولۇپ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە بۇ ئاجايىپ- غارايىپ ۋەقەدىن ھەيران قالغان كىشىلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ قاپتۇ. ئاياللار بولسا ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئەرگە ئۆزىنى ئېتىپ ئۇزاق سەپەرلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشقا ئالدىراپتۇ... جەينامازلار سېلىقلىق پېتى، سەلىلەر تاشلاقلىق پېتى قاپتۇ. مەسچىتلەر ئادەمسىز مۇڭسىراپتۇ. پۈتكۈل ئەرلەر كوچىغا قاراپ چېپىپتۇ. بىچارە ئاياللىرى پەرەنجە ئىچىگە تېخىمۇ چىڭ ئورۇنۇپ جەينامازدىن چۈشمەي ئاللاھقا سېغىنىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ... z{BA4sn نىھايەت، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئەرلەر ئۆيلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاياللار دۆلەتىنىڭ يالىڭاچ گۈزەللىرى بىلەن ئەيىش- ئىشەرەتكە چۈشۈپ كېتىپتۇ... ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ، سىرىتقا تەلمۇرۇپ ئەرلىرىنى كۈتكەن كۆزلىرى تېشىلىپتۇ... l
SkEuN كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ... ئاياللىرىنىڭ سەۋىر تاقىتى تۈگەپتۇ... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارچە ئاياللار چۈمبەللىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، كىيىم- كېچەكلىرىدىن پۈتۈنلەي يېشىنىپ تالاغا قاراپ ئېقىپتۇ ۋە بىردەمدىلا ئاياللار دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىغا قوشۇلۇپ ئۇلاردىن ئايرىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ... شۇنىڭدىن باشلاپ ئاياللار دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەرقانداق بىر شەھەرنىڭ ئاياللىرى پۈتۈنلەي يالىڭاچ بولۇپ كېتىپتۇ... ئەكسىنچە ئەرلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەدەنلىرىنى كۆپرەك ئورايدىغان بوپتۇ... z8Q"%@ موماي ئۇھسىندى... sg'NBAo" شۇنداق قىلىپ ، ئەل ئىچىدە شەرىم ھايا تۈگەپتۇ. ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ھالال نىكاھ، توي ، ئائىلە، پەرزەنت دېگەنلەر ئاستا – ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپتۇ... ئاياللار يالىڭاچ يۈرگەنسىرى ئەرلەر ئاياللاردىن زېرىكىشكە باشلاپتۇ ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەرلەر ئەرلەرگە ئىشقى- مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان بوپتۇ... مېھرىبان پەرۋەردىگارنىڭ سەۋرى تاقىتى تۈگەپتۇ... شۇنداقتىمۇ ھەلىم ئاتا قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپتۇ... ئۇلار قۇلاق سالماپتۇ... ئاقىۋەت تەڭرىنىڭ قەھرى غەزىپى تېشىپ پەيغەمبەرگە ئۆز ئەھلىلىرى بىلەن كېچىلەپ يۇرتتىن چىقىپ كېتىشنى ئېلھام قىپتۇ ھەم ھېچكىمنىڭمۇ ئارقىغا قارىماسلىقىنى شەرت قىپتۇ... شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل قەۋىمگە ھالاكەت چاقمىقى چۈشۈرۈپتۇ. پەيغەمبەرنىڭ ئايالى شەيتان ۋەسۋەسىسى بىلەن ئارقىغا قارىغان ئىكەن. ئۇمۇ ھالاك بولغۇچىلاردىن بوپتۇ... شۇنداق قىلىپ، ئادىل شاھنىڭ سەلتەنىدىكى ئاسايىش زامانلارمۇ، ئاياللار دۆلىتنىڭ ئاجايىپ- غارايىباتلىرمۇ كەلمەسكە كەتكەن ئىكەن. {5Eyr$
|
|