查看完整版本: [-- ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەبى (قەلبىنۇر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەبى (قەلبىنۇر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قەلبىنۇر4 2014-04-01 15:36

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەبى (قەلبىنۇر)

ئۆزىمىزنى ئىزدەپ...

خەنجەرى

1

          روھ -ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى .مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ، ياشاش-ئادەمنىڭ ئۆز قىممىتىنى يارتىش ،ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلاش جەريانىدۇر . شۇڭا ھاياتلىقنى روھ يارتىش جەريانى،دەپ تەرىپلەشكىمۇ بولىدۇ . كىشلىك دۇنيادا ئادەم روھىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ . سەنئەت شەكىللىرى ، تېخنىكا تۈرلىرى ، ئىدىيۋى ئېقىملار بۇنىڭ مىسالىدۇر . ئادەم ياشاۋاتقان ماكان بوشلۇقى ئۇنىڭ روھىنىڭ بىر پۆتۈنلىكىگە تەسىر كۆرىستىدۇ .يەنى جەمئىيەت قورۇلمىسى ،تۈزۈم ، ئىدولوگىيە ساھەلىرى يارالمىشتىن كىيىنكى بىر پۆتۈن ھالتىمىزنى ۋوجۇدقا چىقىرىدۇ . شۇڭا مىللىيەت ، روھىيەت ، جەمئىيەت مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ بىر پۆتۈن سىزمىسى . بۇ ئۈچى بىزنىڭ گەۋدىمىزدە بىرىكىپ كىتىدۇ ، بۇلاردا مۇستەسنالىق مەۋجۇد ئەمەس . شەخىس روھىيتىدىكى مەلۇم كېڭەيمىچىلىك مىللىي روھتىكى كېڭەيمىچىلىكنىڭ سەۋەپكارى .مىللىي روھتىكى كېڭەيمىچىلىك ئىجابىي بولسا ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . ئەكىسچە بولسا جەمئىيەت چاقى نورمال ئايلىنىشتىن مەھرۇم .ناۋادا مىللىي روھ جۇشقۇنلۇق ، ئىنتىلىش ، ئېسىل خىسلەتكە تولغان بولسا ، بۇ خىل روھ ئىچىدە ياشىغان ئەۋلاد بۇ خىل روھنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ . مىللىي روھ چۈشكۈنلۈك سۈيى بىلەن سوغۇرۇلسا ، بۇ خىل جەمئىيەت مۇھىتىدا ياشىغان ئەۋلاد غايىسىز ، چۈشكۈن ،زەئىپ يېتىلىدۇ - دە، يۈككە ئايلىنىدۇ .
2

          مەۋجۇدىيەت قارمۇ - قارشىلىقنىڭ بىرلىكى . موشۇ نوقتېدىن ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قورۇلمىسىغا نەزەر ئاغدۇرساق ، رىئاللىقىمىزدا ھالاكەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيلا ھالاك بولۋاتقانلار بىلەن كۈن پاتقاندىن كىيىن ئاستا - ئاستا پەيدا بولۇشقا باشلىغان يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىشكە باشلىغان ئوغلانلىرىمىز تەڭلا مەۋجۇد . ئىشلىرى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك خەلق قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ، مىلىتىمىزنىڭ ئېسىل روھى خىسلىتىنى نامايەن قىلغان ئەركەكلىرىمىز ۋە خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىنىپ مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بىرىلىۋاتقاچقا ، بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىنى قالدورۇپ ، بۆگۈنكى ئۇيغۇرلاردىكى ، ئاساسلىقى زىيالىيلىرىمىزدىكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى كالتە پىكرىمنى ئوتتۇرغا تاشلىماقچىمەن :
بىرىنچسى ، مىللىي ئىنكارچىلىق خاھىشى .
          ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوزۇن مەزگىللىك بورۇقتۇملۇقتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ ، يىنىك نەپەس ئېلىپ << ئۇھ >> دىيىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ پەرقىنى ئاز تولا بايقاپ ئۆزىگە نەزەر سېلىشنى ئەمدىلا باشلىغان بىر پەيىتتە ئەختەم ئۆمەرنىڭ << يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام >> ناملىق ئوچېرىكى بىلەن باشلانغان مىللەتنىڭ ۋوجۇدىدىكى ئىللەتنى سۆكۈش خاھىشى ئەۋىج ئالدى .بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى يەنىلا خوجىلار دەۋەردىكىگە ئوخشاش چېكىدىن ئاشۇرۋېتىش بولدى . قوپالراق ئېيىتقاندا ئەسەبىيلىك . 10 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بۇ خىل گىتلىرچە قىلمىش <<چاپاقنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىپتۇ >> دىگەندەك قىسمەن ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇيغۇرنىڭ ئىجابىي ئىشى يوقكەن ، دىگۈدەك ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويدى . بارلىق ئىشلىرىمىز دىگۈدەك ئىنكار قىلىندى . بەزىلەر ھەتتا بۇنى نام قازىنىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالدى . ئاددى ئىش ھىساپلىنىدىغان ئۈگىرىنى ئىچكەندە چىقىپ كېتىدىغان كىچىككىنە ئاۋازمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى . مېنىڭچە ، ھورى كۆتىرىلىپ تۇرغان ئۈگىرىنى سۈمۈرگەندە ئازراق ئاۋازنىڭ چىقىپ كېتىشى نورمال ئىش . ئۇنى ئىت يۇندا ئىچكەندەك دەپ سېسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق .نەتىجىدە ماجالى قالمىغان ئاتنى قامچىلىغاندەك ، قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە سالغاندەك بىر ئىش بولدى .بۇ ماقالىلىەر ئادەتلىرىمىزنى يىلان قاسراق تاشلىغاندەك ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغاچقا ، خەلقتىكى ساپا پەرقى تۈپەيلى ئۆزگەرتىش رىئاكسىيە قىلدى . ئەسلىدە بۇ ماقالىلەر تۈزۈتمىسە زادى بولمايدىغان ئىللەتنى يېزىش بىلەن ئۇيغۇر روھىيتىدىكى ئالىيجاناپلىقنى تەكىتلەشنى مۇئاپىق تەڭشىسە بۇلاتتى .<< ئۈمىدنى ئۈزىدىغان دەرىجىدە قورقۇتۇش ئىنسان قەلبىدىكى ياخشىلىق تەرەپكە قوزغىلىدىغان روھنى ئۆلتۈرىدۇ .>> دىگەن << سەھھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى >> دىكى ئۈگۈتنى ئونۇتماسلىق كېرەك . ئېيتالايمىزكى ، بۇ خىل ماقالىلەر ئۇيغۇرلاردا مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلدى . بۇ نوقتىدا ئەدىپلىرىمىزگە ئېيتىدىغىنىمىز شۇكى ،يىتەكلەش ئۈچۈن يېتەكلەنگۈچىنى چۈشىنىش كېرەك . شۇندىلا مەقسەتكە ئۈنۈملۈك يەتكىلى بولىدۇ .
ئىككىنچىسى ، تەقلىدچىلىكنىڭ تەسىرى .
          1980 -يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ تەسىرى بىلەن بىزدە ياۋرۇپا دىكى ھەر خىل ئىدىيۋى ئېقىملار تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرلۇشقا باشلىدى . نەتىجىدە بۇ كۆپىنچە ئادەمگە نىسبەتەن يېڭىلىق ھىساپلانغاچ ، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئىدىيۋى ئېقىملار سېستىمىلىق ئەمەس بەلكى ئۈزۈندە شەكلىدىكى << ئاجايىپ قالتىس پىكىرلەر >> بولغاچقا ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزدىن ، تورمۇش شەكلىگىچە تەسىر كۆرىستىشكە باشلىدى . بۇ خىل ئاجايىپلىق كىشلەرگە قاپسالغان روھىنى ئەركىن قۇيىۋېتىش ئىمكانىيىتى بەخىش ئەتتى . بۇ خىل ئىدىيىلەر كىشلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئوسۇلىغا نىسبەتەن مەلۇم ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، لىكىن ئومۇمىي ھالەتتىن ئېيىتقاندا ، زىيانلىق تەرپى سالماق ئورۇن تۇتىدۇ . سەۋەب ، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشلەر دىن ، ئۆرىپ- ئادەت ، مەدەنىيەت پەرىقلىرىگە قارىماستىن ئەينەن قوبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنى شۇ قېلىپقا سېلىشقا ئورۇندى . غەرىپ پەلسەپىسىدىكى << يوقالسۇن ئاجىزلار ! >> ، << ئىرادە ئەركىنلىكى >> ، << ئەسلى مەنبە >> ..... دىگەندەك ئۇقۇملار ئاتمۇسفۇرانى قاپلىدى .نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇقۇملار ھەققىدىكى يۈزە تۇنۇشتۇرۇشلارنى ئۇقۇۋېلىپلا ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ياكى ئۆزلۈك ئەلگىكىدە تاسقىمايلا ئەينەن قوبۇل قىلىۋېلىپ ، << باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان كىشىدىنمۇ ئارتۇق كىشى بۇلامدۇ >> ( سۈرە نىسا ، 125 -ئايەت ) دىگەندەك ئەقىدىلىرىمىزنى بىر ياققا قايرىۋېتىپ ، باشقىلارغا كۆيۈنۈش ، ياخشىلىق ، ئورنىغا << تۇكۇرنىڭ قولىدىكى ھاسىنى تارتىۋالسا پۇت ئۆسۈپ چىقىدۇ .>> دەپ ، كوللېكتىۋىزىم ، ئەخلاقىي - پەزىلەت ئورنىغا << ئىرادە ئەركىنلىكى >> ... دىگەنلەرنى جار سېلىپ ۋاستىنى مەقسەت ئورنىغا دەسەتتى .شۇنداق قىلىپ ، ياخشى نىيەتلىك ئەدىپلىرىمىز ئۇيغۇرلاردىكى روھىي ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش ،جاراھەتنى ئېغىزلاندۇرۇش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىش ئەخلاقى چۈشكۈن ، سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك ياشاشنى مىزان قىلىۋالغان ئۇسۇرغاقلارغا ئارپا نېنى بولۇپ بەردى . نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ھىسىيلىقنى ، ئالىيجاناب تۇيغۇنى يوقىتۋاتقان ، ئېچىۋېتىش تەتۈر ئىستىمال قىلىنۋاتقان زاماندا بۇنداق نەرسىلەر شۆھبىسىزكى ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بىر ئىش بولىدۇ .
ئۈچىچىسى ، مۇھىتنىڭ تەسىرى .
         مۇھىت ئىنسان پىسخىكىسىغا تەسىرى ئەڭ زور ئامىل . ئۇ ئىنسان روھى ھالتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرستىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى چېكىندۈرىدۇ .ئادەم مۇھىتنىڭ بىر قىسمى . ئۇ مۇھىتتىن مەلۇم دەرىجىدە ھالقىپ كىتەلىسىمۇ، لىكىن زور دەرىجىدە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ئائىلە مۇھىتى ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىغا بولغان تەسىرى زور . ئۆزىمىزگە نەزەر ئاغدۇرساق ،ئۇيغۇرلارنىڭ تورمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، تورمۇش ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگىرش ئىنتايىن تىز بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللەتلەر ئارا ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى ، سىرىتقى مەدەنىيەت بىلەن بولغان تەسىر نەتىجىسىدە دىنىي ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى ، ئۆرىپ -ئادەت ، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقتى . تېلېۋۇزۇرنىڭ ئائىلىلەردە ئومۇملىشىش نەتىجىسىدە ، ھەر خىل بالىلار پروگراممىسى ۋە كارتۇن فىلىملەر ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلەشتە مەلۇم ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولساقمۇ ، لىكىن تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان كۆپلىگەن فىلىملەردىكى نامۇئاپىق كۆرنۈشلەر بالىلارغا ناچار تەسىر ئېلىپ كەلدى .<< ئىككى نان تاپسا بىرىدە داپ چېلىش خاھىشى >> ئائىلىلەرگە سېڭىپ كىردى . ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنى كىرزىس پاتقىقىغا پاتۇردى . ئائىلە كىرزىسى قىيامەتنىڭ بىشارىتى . بالىلارنىڭ يېشى قۇرۇمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى خىرە .
            جەمئىيىتىمىز يىمىرىلمەكتە . جەمئىيىتىمىز قورۇلماقتا . ئىدىيە جەھەتتىكى ئىككى قۇتۇپلىشىش بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا . بىر تۈكۈم ئۇيغۇرلار مىللەتنىڭ روھيتىنى ئەلالاشتۇرۇش ، مۇكەممەل روھىيەت قورۇلمىسى بەرپا قىلىش ، ئەسلى يېلتىز ئاساسىدا مەدەنىيىتىمىزنى كامىللىققا ئىرىشتۈرۈش ، پەلسەپە ئىدىيىمىزنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلماقتا . يەنە بىر تۈركۈمى پاشىغا ئوخشاش قورساق غېمىگە مەھكۇم .ماددىيلىققا بىرىلىش ياشاش مىزانى . ماددىيلىق ئالدىغا ئۆتىۋالغاندا روھىيەت ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . بۇنداق كىشىلەر لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدەك گاس -گاچا . بۇلار ئۆزى بۇلغانغان بولۇپلا قالماي ، چىۋىنغا ئوخشاش باشقىلارنىمۇ بۇلغايدۇ . بۇ خىل ياشاش ئوسۇلى ئاددى ، كاللا ئىشىلتىش تەلەپ قىلىنمايدىغان بولغاچقا ، بىر قارىماققا ھوزۇر - ھالاۋەتلىكتەك كۆرۈنىدىغان بولغاچقا كىشىلەر ئاسانلا مايىل بولۇپ ، جەمئىيەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەپ قالىدۇ - دە ، جەمئىيەت كەيپىياتى بۇلغىنىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋىج ئېلىۋاتقان ئەسلىگە قايتىش خاھىشى بۇ تۈركۈمدىكى كىشلەرگە كىلىشتۈرۈپ بىر تەستەك سالدى .
تۆتىنچىسى ، دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى .
              دىن بىر خىل ئىدولوگىيە ،شۇنداقلا ئېتىقادنىڭ ئاساسى .ئېتىقاد روھنىڭ ئومۇرۇتقىسى . ئېتىقادسىز مىللىي مەۋجۇدلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن . ئۇيغۇرلارغا ئۇخشاش مىللەت گەۋدىسى بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى ياكى يوقىلىشى ھالاكەتنىڭ بىشارىتى . سەۋەب ، دىن مىللىتىمىزنىڭ ئىدىيە - ئاڭ ، مەدەنىيەت ، ئۆرىپ - ئادەت ، ئەخلاقىي - پەزىلەتنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغىچە سىڭگەن . ئۇ بىۋاستە ھالدا كىشلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن ئىش - ئەمالىغىچە تەسىر كۆرىستىپ ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ . شۇڭا ئېيتالايمىزكى ، ئېتىقادسىز ئادەم يۈگەنسىز ئات . ئۇنىڭ ئۆز خاھىشى بۇيىچە چېپىشتىن باشقا مەقسىتى يوق . چېپىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشقىمۇ رەغدى يوق .
ئىقتىساد شامىلىنىڭ شىددەتلىك شاۋقۇن بىلەن خەلقىمىز ئارىسىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن << بىغەملەر شەھىرى >> دىكىدەك ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى ئاستۈن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى . نەتىجىدە نورغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ئېتىقادى ئىقتىسادقا ئورۇن بوشاتتى . << پۇل خۇدا ئەمەس ، خۇدادىنمۇ كەم ئەمەس .>> دىگەن قاراش نۇرغۇن شەھەر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قارشىغا ئايلاندى . مانا بۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي - پەزىلەتنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ ،پۇل تېپىشىغا تۈرتكە بولدى . ئادىللىق ، باراۋەرلىك ، سەمىمىيلىك پىرىنسىپى بىر چەتتە قالدۇرۇلدى .
مانا بۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ بىر ئامىلى بولسا ، يەنە بىر ئامىلى مائارىپنىڭ پاجىئەسى . بۇ پاجىئەنى ئۇقۇتقۇچىلاردىكى ساپا ، تۈزۈم ۋە تۈزۈلمىدىن ئىزدەش مۇمكىن . ................
3

            يوقارقىلار ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى . بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنى ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى . ئېينىشتېيىن << يىتەرسىز پەلسەپە ۋە ئىدىيە ئادەمنى دىنسىزلىققا باشلايدۇ .>> دىگەنىكەن . مەنمۇ بۇ پىكىرنى قۇۋەتلىگەچ ، كىشىلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگەللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، خالاس . قەدىمقى ئۇيغۇرلار << بىلىك بىلىڭ يا بىگىم ، بىلىك سىزگە ئاش بولۇر ، بىلىك بىلگەن ئول ئەرگە ، بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر . بىلىملىكنىڭ بىلىگە تاش قىستۇرسا قاش ( قاشتېشى ) بولۇر ، بىلىمسىزنىڭ يانىگە ،ئالتۇن قويسا تاش بولۇر .>> ( << قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما >> ، 304-بەت ) دىگىنىدەك ، بىلىم بىلىش دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى . بىلىم ئىگەللەپ ئۇنى ئىشىلتىشنى بىلمىگەن ئادەم خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى يېنىغا ئېسىۋالغان گادايدۇر . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ << بىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار >> دەپ ، بىلىم ئېلىشنىڭ ھەر بىر موسۇلمانغا پەرز ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان . دەۋرىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلىكى دەپ ئاتىلىشىمۇ بۇنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تورۇپتۇ .
تارىخ ئۆلۈك نەرسە .مىللىتىمىز تارىختا قانچىلىك شان - شۆھرەتكە ئىگە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،بىزنىڭ ئۆتمۇش جۇۋىسىدا تەرلىنىش ھەققىمىز يوق . بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندىمۇ تارىخ ماڭغان ئىزلاردا ئەمەس ، ماڭماقچى بولغان ئىزلاردا . قانداق تارىخ يارتىش ئۆز ئىلكىمىزدە . شۇ نەرسە ئايانكى ، تارىخ سۆزلىگەن سۆز بىلەن ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكەتتىن ۋوجۇدقا كېلىدۇ . بىزمۇ ئادەملەرگە باھا بارگەندە، ھەرىكىتىگە ئاساسەن باھا بېرىمىز .سەۋەب ، ھازىرغىچە ، بىرەر پاقا ياكى قۇشقاچنىڭ سۆزمەنلىكىدىن تارىخ ياراتقىنىنى ئاڭلىمىدۇق ياكى كۆرمىدۇق . سۆزمەنلىككە ئۇنۋان بىرىش توغرا كەلسىدى ، پاقا ئالدى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن بۇلاتتى . مىللىتىمىزدىكى ئىللەتنىڭ تۈزەلمەسلىكىدىكى سەۋەب ، كۆپىنچىمىزنىڭ ئىللەتنى ئېغىزدا سۆكۈپ ، ئەمەلىيەتتە ۋارىسلىق قىلغانلىقىمىزدا . ئىشىنمەنكى ، ھەر بىرىمىز ئۆز ھەرىكىتىمىزگە مەسئۇل بۇلالىساق ، چۈشكۈنلۈك كۇھىقاپقا بەنت بولغۇسى .

ماتروس 2014-07-13 11:55
، تارىخ سۆزلىگەن سۆز بىلەن ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكەتتىن ۋوجۇدقا كېلىدۇ .
بۇ گەپ ياقتى

مىېھرىما 2014-07-13 12:05
يوقارقىلار ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى . بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنى ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى . ئېينىشتېيىن << يىتەرسىز پەلسەپە ۋە ئىدىيە ئادەمنى دىنسىزلىققا باشلايدۇ .>> دىگەنىكەن . مەنمۇ بۇ پىكىرنى قۇۋەتلىگەچ ، كىشىلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگەللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، خالاس . قەدىمقى ئۇيغۇرلار << بىلىك بىلىڭ يا بىگىم ، بىلىك سىزگە ئاش بولۇر ، بىلىك بىلگەن ئول ئەرگە ، بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر . بىلىملىكنىڭ بىلىگە تاش قىستۇرسا قاش ( قاشتېشى ) بولۇر ، بىلىمسىزنىڭ يانىگە ،ئالتۇن قويسا تاش بولۇر .>>

بۇ بەكلا دانا پىكىر . ھەقىقەتەنمۇ ئەمىليەتتە شۇنداق بولۋاتدۇ.

تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

گۈلباغ 2014-08-21 00:14
مىېھرىما:يوقارقىلار ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى . بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنى ئېتىقادنىڭ س .. (2014-07-13 12:05) 

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكنىڭ سەۋەبى (قەلبىنۇر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled