查看完整版本: [-- ئەدەبىياتتىن 9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( فونىتىكا ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> ئەدەبىياتتىن 9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( فونىتىكا ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kumush 2014-04-01 13:32

ئەدەبىياتتىن 9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( فونىتىكا )

           9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئاللىرى ( فونىتىكا )

(2013-يىللىق)
ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.A «بىلىم كۆڭۈلنىڭ چاڭ-توزىنىنى يۇيۇپ پاكىزلىغۇچىدۇر، يۈكسىلىپ بېشىم كۆككە يەتسۇن دېسەڭ، ئىشنى كۆزىتىپ بىلىم بىلەن ئىشلە. »دېگەن جۈملىدە تۆت سۆزدىكى <<ئا،ئە>>تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان. بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن، جۈملىدىكى بىر سۆزگە قوشۇلغان كېلىش قوشۇمچىسى ھەم ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ھەم سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قوشۇلغان،
B.«غايىۋى يۈكسەكلىككە ئىنتىلمىگەن كىشىنىڭ ئىشىنى پايدىسىز ئەمگەك دېيىش كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئاللىقانداق خام خىياللار ئىگىلىۋالغان بولىدۇ» دېگەن جۈملىدە تۆت ئورۇندىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې، ئى» تاۋۇشىغا، بىر ئورۇندىكى «ئا » تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، جۈملىدە يەنە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى بىلەن تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىمۇ كۆرۈلگەن.
.C«كىشى كۆڭلى باغقا ئوخشايدۇ، بەگ بولغۇچى بۇ باغنى ھەق-ئادالەت سۈيى بىلەن سۇغىرىپ تۇرسىلا، باغ مېۋىسى بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن، جۈملىدىكى بىر سۆزگە قوشۇلغان كېلىش قوشۇمچىسى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىگە بويسۇنمىغان ھالدا قوشۇلغان، ئەمما بۇ تىل  ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن
.Dئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىقى بوغۇمىدا «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بولسا، شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا ئەسلىدىكى يېپىق بوغۇملۇق سۆز يېپىق بوغۇم بويىچە قېلىۋەرگەندە، سۆز ئارخىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.
(2012-يىللىق)
فونىتىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.<<ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلىگەن كىشىنىڭ ئورنى يۇقىرى بولىدۇ. ئەزىزلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ.،،دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىشلىشىشى،بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، <<ئەزىزلىك>>دېگەن سۆزگە قوشۇلغان قوشۇمچە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە ئۇلانغان.
B.<<كىر باسقان كىيىمنىڭ كىرىنى سۇ بىلەن يۇسا چىقىپ كېتىدۇ،سۆز كىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشنىڭ  ھېچقانداق ئامالى يوقتۇر>> دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆزدىكى <<ئا،ئە>>تاۋۇشى <<ئې،ئى>>تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان.
C.ئاخىرى <<ق،ك،پ>>تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياقلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، سۆز ئاخىرىدىكى <<ق،ك،پ>> تاۋۇشلىرى <<غ،گ،ۋ>>تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.
D.<<يېزىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرنىيېزىۋال، ھەممىنى ئەستە ساقلايمەن دېيىش ئەخمەقلىق>>دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆزدىكى تۆت ئورۇندا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، جۈملىدىكى كېلىش قوشۇمچىلىرى سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قوشۇلغان.
  (2011-يىللىق )
  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
       A.‹‹ئىنسان قەلبى ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە تولغان.ئۇنىڭ مېھرى ئالەمنى ئىللىتىپ،كىشى ئەقلىنى لال قىلىدۇ...››دېگەن جۈملىدە ئۈچ ئورۇندا تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن،تاۋۇشلارنىڭ ئاجزلىشىش، قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.
      B.ئۇيغۇر تىلىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ‹‹ئى،ئې››لار بىلەنلا تۈزۈلگەن بارلىق سۆزلەرگە قارىتا ئېيتقاندا تەركىبىدە ‹‹ك،گ›› تاۋۇشلىرى بولسا،قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن شەكلى ئۇلىنىدۇ.
      C. ‹‹دانىشمەن ۋە ئالىملارنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ،يامان ئادەتنى يوقىتىدۇ.›› دېگەن جۈملىدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى تۆت ئورۇندا كۆرۈلگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئورۇندىكى ‹‹ئە››تاۋۇشىنىڭ بىرى ‹‹ئې›› تاۋۇشىغا،يەنە بىرى ‹‹ئى››تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.ئىككى ئورۇندىكى ‹‹ئا››تاۋۇشى‹‹ئې››تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.
       D.ئۇيغۇر تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا،سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان تەلەپپۇزدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
     (2010- يىللىق )
توۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى :(          )            
     «ئۆزۈڭنى توغرا يولغا باشلىيالمايدىغان ئۆگىنىشتىن ، ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن ئەمگەكتىن ۋاز كەچكىنىڭمۇ توغرا يولغا قاراپ ماڭغىنىڭ بولىدۇ .»
A. پارچىدا بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئا»تاۋۇشى «ئې»تاۋۇشىغا ، ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ، ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .
B   . پارچىدىكى «يولغا» دېگەن سۆزگە قۇشۇلغان قۇشۇمچە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەم تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىش قائىدىسى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قۇشۇلغان .
C  .بۇ پارچىدا تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىمۇ،قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسىمۇ كۈرۈلمىگەن،  پەقەت تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسىلا كۈرۈلگەن .
D  . پارچىدىكى سۆزلەرگە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار ئىچىدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار كۆپ ئۇچرايدۇ . ئەمما ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە قۇشۇلغان قۇشۇمچىلار يوق  
(2009- يىللىق )
بېرىلگەن جۈملىلەردىكى فونېتىكىلىق تەھلىللەردىن توغرىسى :(             )
A. «پاكلىق- كېچىدە يېقىلغان چىراققا ئوخشايدۇ ، چىراق بار ئۆيگە ئوغرى كىرەلمەيدۇ» دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا ، ئە»تاۋۇشلىرى «ئې» غا ئاجىزلاشقان . جۈملىدىكى سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋاللار كۈرۈلمىگەن .
B. «مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەقلى كامىل، كۆڭلى ساپ كىشىلەردىن بۇلۇشتۇر » دېگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ، بىر سۆزدە تاۋۇش قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن .
C. «باشقىلارغا تايىنىپ غەلىبە قىلغان ئىشنىڭ قىممىتى ، ئۆزىگە تايىنىپ ۋۇجۇتقا چىقارغان ئىشنىڭ مىننىتى بولمايدۇ» دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۈرۈلگەن ، ئىككى سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن .
D. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تۇنۇمىساڭ نېمە پايدا » دېگەن جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان ، ئۈچ سۆزدە سۇزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلاشقان ، ئىككى سۆزدە ئۈزۈك تاۋۇشلار ماسلىشىپ كەلگەن ، بىر ئۇرۇندا ئىملا خاتالىقى كۈرۈلگەن  
(2008- يىللىق )
توۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى : (             )
  «يۈرىكىمدە بىر يېقىملىق ناخشا بار ، مەن ئېيىتقان ، ئېيتىۋاتقان ، لېكىن ھېچ قانمىغان ، قانماي كەلگەن . ئېيىتقانچە ئېيىتقۇم كېلىدىغان ، كۈيدىن كۈي چىقىدىغان ئاشۇ ناخشا ھەر دائىم كۆڭلۈمنى ئۆزىگە ئەسىىر قىلىپ ، قەلبىمنى كۆيدۈرىدۇ » .
A. پارچىدا ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئې» تاۋۇشىغا ، بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .  
B. پارچىدا يەنە تاۋۇشلارنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسىمۇ بار .
C. پارچىدا تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى ئىككى ئۇرۇندا كۈرۈلگەن .
D. بۇ پارچىدىكى سۆزلەردە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋال يوق .
  (2007- يىللىق )
تۆۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى : (              )
   « مەرد ۋە ئالىيجاناپ كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن بىرى _ ئۆز دوستىنىڭ ئەيىبىنى يېپىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئورنىدا كۆرۈپ ئىش تۇتۇشتۇر .»
A. پارچىدا «ب ، د»بىلەن ئاخىزلاشقان سۆزدىن ئۈچى بۇلۇپ ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ب ، د»تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا «ت ، پ» ئېيتىلىدۇ . شۇڭا ، بۇ سۆزلەرنىڭ مۇنداق يېزىلىشى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس .
B. پارچىدا «ئا ، ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې ، ئى» تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلىشىشى تۆت ئۇرۇندا كۈرۈلگەن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سۆز تەركىبىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې» غا ،  يەنە ئوخشاش ئىككى سۆز تەركىبىدىكى «ئا» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان .
C. پارچىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا پارچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى سۆزگە قۇشۇلغان كېيىنكى قۇشۇمچە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتى بويىچە قۇشۇلغان .
D. پارچىدىكى ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگەن  
   (2006-يىللىق )
تۆۋەندە بېرىلگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى:( )
<< ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان بولغاندا، ئاندىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشقا باشلىغان بولىدۇ.ئادەمنىڭ باشقىلارغا تايىنىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاقتى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتقان ۋاقتى بولىدۇ.
     تاشقى ياردەم بەزىدە بىر خىل بەخت ھېسابلىنىشى مۈمكىن،لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ. سېنى پۇل بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان ئادەم ئەمىلىيەتتە ئەڭ ياخشى دوستۇڭ ئەمەس:سېنى ئۆزۈڭگە تايىنىپ ئۆز ئالدىڭغا ئىش كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئادەملا ھەقىقىي ئوبدان دوستۇڭدۇر.>>
A.پارچىنىڭ 1-ئابزاسىدا <<ئا>> تاۋۇشىنىڭ <<ئې،ئى>>تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلىشىش ئەھۋالى ئالتە ئورۇندا كۆرۈلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئورۇندىكى <<ئا>>تاۋۇشى<<ئى>>غا ئاجىزلاشقان.
B.پارچىنىڭ 2-ئابزاسىدىكى ئاستى سىزىلغان جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، باش جۈملىسى ئاخىرىدا كەلگەن.
C.مەزكۇر پارچىدا جەمىئىي توققۇز ئالماش بار،بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈك ئالماشتىن بەشى،شەخسلىك ئالماشتىن ئىككىسى،كۆرسىتىش ئالماشتىن بىرى،بەلگىلەش ئالماشتىن بىرى بار.
D. <<داغدام يولىغا>>دېگەن سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدىكى ئىككى سۆز يانداش باغلىنىشتا باغلانغان بولۇپ،<<يول>>دېگەن سۆز پارچىدا ئەسلى مەنىدە كەلگەن.
(2005-يىللىق)
تۆۋەندە بېرىلگەن جۈملىلەردىكى تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.<<بەزىلەر دۆلەتمەنلىكنى يېتەرلىك بايلىق ھېسابلايدۇ.>>دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار،بىر سۆزدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ئۆزارا ماسلىشىپ كەلگەن.
B.تارىخ ۋاقتىنى قەدىرلەپ،ئۆتكۈر زېھنى قابىلىيىتى،ئەقلىنىڭ ساپلىقى،پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن تۆھپە ياراتقانلارغا ھۆرمەت تونىنى كىيدۈرىدۇ.>>دېگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى،بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلگەن.
C.<<كىتاب-ئىنساننىڭ ئوتلۇق يۈرىكى،گۈزەل تىلىگى بىلەن يېزىلىدۇ.ئۇ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ.>>دېگەن جۈملىدىكى ئىككى سۆزدە <<ك>> تاۋۇشى <<گ>>غا، <<ت>>تاۋۇشى <<د>>غا نۆۋەتلەشكەن.بۇ ئەدىبىي تىل ۋە ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھادىسە.
D. <<ئەگەر كىشى ئۆز ھۈنىرىنى تاشلاپ، ئۆزىگە تونۇش بولمىغان ئىشنى باشلىسا،بۇ يولدا ئۆز مەنزىلىگە قانداقمۇ يېتەلىسۇن؟>>دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆز تەركىبىدىكى <<ئا،ئە>>تاۋۇشى<<ئى>>غا،بىر سۆز تەركىبىدىكى <<ئە>>تاۋۇشى<<ئې>>غا ئاجىزلاشقان.



tawpek 2014-04-05 02:53
ھەربر يىللىقتىن پەقەت بىردىنلا سۇئال باركەنغۇ.


داۋامىنىمۇ سۇنغايسىز.

kumush 2014-04-09 21:34
    مەن سوئاللارنى تەكرار مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ ،مەزمۇن بويىچە رەتلەپ قويغان. شۇ بىر يىلدا فونىتىكىغا ئائىت سوئالدىن بىرسىلا چىقىدۇ.

ياسىنجان510 2014-04-09 21:59
داۋامىغا تەشنامەن ،سىزنىڭ چوقۇم يوللاپ بېرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.


查看完整版本: [-- ئەدەبىياتتىن 9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( فونىتىكا ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled