شەبنەم117 |
2014-04-01 11:58 |
پەرىشتە بالىنىڭ تەسىراتى
تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالا بار بولۇپ،ئوپراتسىيىدىن كېيىن، ئۇنىڭ دۈمبىسىدە ناھايىتى ئۇزۇن بىر تاتۇق ئىزى قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى قاتتىق ئازاپلىنىدۇ،ئۈمۈدسىزلىندۇ.شۇنداقلاخۇدا مېنى جازالاۋاتىدۇ ،دەپ ئويلاپتۇ.بىر كۈنى بالىلار يەسلىسىدىكى بىر مۇئەللىم ئۇنىڭغا: %/x%hs;d -سەن چوقۇم ئاللا ئەۋەتكەن پەرىشتە،قارا دۈمبەڭدىكى تاتۇق دەل رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ قانىتىنىڭ ئىزى ئەمەسمۇ!-دەيدۇ.بۇ بالا مۇئەللىمنىڭ گېپىنى راس دەپ قېلىپ،قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ. T{%'"mm; ئۆزىنىڭ ئىلگىرى پەرىشتە بولغانلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن ،ئۇ ئاقكۆڭۈل مېھرىبان ،كەڭ قورساق مىجەزلىك بولۇپ ئۆسىدۇ.چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇنجى بولۇپ خەير-ساخاۋەت جەمىيىئىتى قۇرىدۇ. t846:Z%[ دەرۋەقە،ئىش ئۇققاندەك بولغاندىن كېيىن،بۇ بالا پەرىشتىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە ئىشەنمەس بولىدۇ،ئەمما ئۇنىڭغا پۈتمەس -تۈگىمەس كۈچ ئاتا قىلىپ،ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن بۇ بىر جۈملەسۆزنى ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ.شۇنداقلا،كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاپ -ئوقۇبەتنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ھېس قىلىدۇ: op%?
V: ئاللا ناھايىتى ئەقىللىق سودىگەرگە ئوخشايدۇ،بىزگە بىر ئۆلۈش تالانت ھەدىيە قىلىش بىلەن بىللە شۇ تالانتقا ماس ھالدا ئۇنىڭ نەچچە ھەسسىگە باراۋەر ئازاپ-ئوقۇبەتنىمۇ بېرىدۇ.شۇڭا ھەممە ئدەمنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كەمچىللىكى بولىدۇ.بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يولۇققىنىمىزدا،ئەڭ مۇھىمى ئاللادىن رەنجىپ، ئادەملەردىن ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز ،ئەكسچە مۇۋاپىق بىر ‹‹باھانە››تېپىپ، ئۆزىمىزگە ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك.مەسلەن،بىر ئوقۇتقۇچى تۇغما ئەما بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمىشە غەمكىن يۈرۈيدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا ‹‹ھەربىر ئادەم ئاللا تەرىپىدىن چىشلەنگەن ئالمىدۇر،چۈنكى بىز بەكرەك پۇراقلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تەڭرى بىزنى بىر چىشلەم ئارتۇق يېگەن››دېگىنىگە ئوخشاش. g
$f; ھېكمەت:ئاللا ھەمىشە قىيىنچىلىقنى تاشقى كۆرۈنۈش قىلىپ، تالانت ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يوشۇرۇپ قېلىشقا ئامراق.ئەگەر سىز كۆرۈنۈشتىكى قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ يىقىلىسىڭىز،ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى پارلاق نەتىقىنى كۆرەلمەيسىز. a~-^$Fzgy ‹‹ھېكايەتتىن ھېكمەتلەر ›› ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى |
|