查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ـــ ئىجتىمائىي تۇرمۇش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ـــ ئىجتىمائىي تۇرمۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-03-31 19:42

ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ـــ ئىجتىمائىي تۇرمۇش

ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ـــ ئىجتىمائىي تۇرمۇش kU(kU2u%9  
  ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى ـــ ئەدەبىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدىكى قائىدىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ مەسىلە.ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەريىسى ماتىريالىزىملىق ئىنكاس نەزەريىسىگە ئاساسەن،ئاڭ فورمىسى ھېساپلىنىدىغان بارلىق ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرى مەلۇم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى؛شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىردىن –بىر مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتۇر دەپ ھېساپلايدۇ.بۇ مەسىلە ئۈستىدە تارىختىن بۇيان ماتىريالىزىم بىلەن ئىدىيالىزىم ئوتتۇرسىدا كەسكىن كۈرەشلەر بولۇپ كەلدى.ئەدەبىيات-سەنئەت قانداق مەيدانغا كەلگەن؟دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ،ئالدى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.  )Oo2<:"  
ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مۇتەپپەككۈرلەر ۋە ئەدىبلەر خىلمۇ-خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدى. ئالايلۇق، گىرمانىيىلىك شائىر ۋە دراماتورگ شىللېر(1759ــ 1805)،ئەنگىلىيىلىك ئىدىيالىزىمچى پەيلاسوپ سىپېنسېر(1820ــ 1903)قاتارلىقلار‹‹ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن تاماشىنىڭ مەھسۇلى››دېگەن بىمەنە ۋە ماركىسىزمغا زىت ئىدىيالىزىملىق كۆز قاراشنى ئوتتۇغا قويدى.ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كېلىپ چىقىشى مەنبەسى ھەققىدە ئەدەبىيات-سەنئەت تەبىئەت دۇنياسىنى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى دوراشتىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشمۇ بار.بۇ‹‹دوراشتەلىماتى››نى قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن دېموكىرىت بىلەن ئارىستوتېل ئوتتۇرغا قويدى.مەسىلەن،دېمۇكىرىت سەنئەت تەبىئەتنى دوراشتىن كېلىپ چىققان،‹‹بىز ئۆمۈچۈكتىن رەخت توقۇشنى؛قارلىغاچتىن ئۆي سېلىشنى؛ئاققۇ ۋە سوپىسوپىياڭ قاتارلىق سايرىغۇچى قۇشلاردىن ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەندۇق››دەپ قارىدى.ئارىستوتىل تېخىمۇ ئىلگىرلەپ،‹‹شېئىر تەبىئەتنى ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلىك تۇرمۇشنى دوراشتىن كېلىپ چىققان،دوراش ـــ كىشىلەردە بالا چېغىدىن تارتىپ بولىدىغان تۇغما ئىقتىدار››دېدى.بۇ گەرچە ساددا ماتىريالىزىملىق قاراش بولسىمۇ،لېكىن دوراشنىڭ مۇددىئاسىنى ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن ئەمەس،بەلكى تۇغما خارەكتىر ۋە قابىلىيەتنۇقتىسىدىن چۈشەندۈردى. hw|t8 ShW  
ماركىسىزم مۇنداق دەپ ھېساپلايدۇ: ئەدەبىيات-سەنئەت بىر خىل ئىدېئولوگىيە، ئۇ،ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.يازغۇچىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىشى قانداقتۇر تۇغما تەبىئىي ئىقتىدارغا تايانغانلىقنىڭ نەتىجىسى بولماستىن،بەلكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ نەتىجىسى. /t$*W\PL@  
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەمەلىيىتى،شۇنداقلا كىشىلەر بىلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسى.ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن قارىغاندا،ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسلىدە ئەمگەك تۇرمۇش ئىھتىياجىدىن،ئەمگەكتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ،ئەمگەك تۇرمۇشى بىۋاستە ھالدا ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغانىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىلمىي ئاساستا شەرھىلەپ بېرىشتە كىشىلەرنىڭ ئەمگەڭ ئەمەلىيىتىدىن چەتنەپ كېتىشكە بولمايدۇ.ئېنگىلىس مۇنداق دېگەنىدى:‹‹پەقەت ئەمگەكنىڭ نەتىجىسىدىلا،يېڭىدىن-يېڭى ھەركەتلەرگە ماسلىشىش نەتىجىسىدىلا،شۇ يول بىلەن پەيدا بولغان مۇسكۇللارنىڭ،پەيلەرنىڭ،شۇنىڭدەك ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت داۋامىداسۆڭەكلەرنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلىشىنىڭ نەسىلدىن-نەسىلگەقېلىشى نەتىجىسىدىلا،ئۇنىڭ ئۈستىگەنەسىلدىن-نەسىلگە قالغان بۇنداق ئەپچىللىكنىڭ بارغانسېر ىيېڭى شەكىللەر بىلەن يېڭى،بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان ھەركەتلەردە ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدىلا،ئادەم قولىنىڭ تاكامولىشىشى شۇنداق يوقۇرى باسقۇچقا يەتتىكى،ئۇ،بۇ ئاساستا،گويا سېھرىي كۈچ بىلەن دېگۈدەك،رافائېلنىڭ رەسىملىرىنى،تورۋالدىسېننىڭ ھەيكەللىرىنى،فاگانىننىڭ مۇزىكىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.››تارىخىي پاكىتلارمۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئەڭ بۇرۇنقى مۇزىكا بىلەن شېئىرنىڭ كۆپۈنچە ئەمگەك جەريانىدىكى رېتىم ۋە ئاۋاز-سادالار بىلەن بىللە بارلىققا كەلگەنلىكىنى،ئۇنىڭ ئىوتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئەمگەك تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈرەشلىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى،ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئىدىيىۋىي ھېسياتىنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. /[6:LnaE  
بىز ماركىسىزمنىڭ جېنى بولغان مەۋجۇدىيات بىلەن ئاڭ،ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرسىدىكى دىئالېكتىك مۇناسىۋەتكە ئاساسلىنىپ،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى،دەپ ھېساپلايمىز ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، مەيلى ئۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىشنى ئاساس قىلغان ھېكايە،پوۋېست،رومانلار بولسۇن، مەيلى ئۇ دراما ياكى كىنو ئەسەرلىرى بولسۇن،مەيلى ئۇ لىرىك ھېسياتنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلغان شېئىرىي ئەسەر بولسۇن،مەيلى ئۇ ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەكەرنى تەسۋىرلەيدىغان رىۋايەت، ئەپسانە، چۆچەكلەربولسۇن ياكى مەخسۇس مەنزىرە سۈرەتلەنگەن تەبىئەت تەسۋىرلىرى بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىۋاستە ياكىۋاستىلىك ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى،رۇشەن ياكى تۇتۇق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى،توغرا ياكى بۇرمىلاپ ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر،ئۇ يازغۇچى،سەنئەتكارنىڭ سوبيېكتىپ تەسەۋۇرىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ مېڭىسىدە ئەكس ئېتىشىدۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈنىپ تۇرىدۇكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساسلىق ئامىل،ماركىسىزمنىڭ ماتىريالىستىك نۇقتىئىنەرىرى بويىچە ماددا بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى،دەپ قارىغىنىمىزدا،ماددىدىن ئىبارەت ئىنكاس قىلىنغۇچى بولمىسا،ئاڭدىن ئىبارەت ئىنكاس قىلغۇچىمۇبولمايدۇ.قەدىمكى،يېقىنقى،ھازىرقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىشۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن،بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى،ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان دۇنياۋىي نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل ژانىرلاردا تۈرلۈك تەرەپلەردىن ئىكس ئەتتۈرلىشى ۋە ئۆز دەۋرلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. [' ?^>jfr  
   لېكىن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسىئۈستىدە بەزىخاتا،بىرتەرەپلىمە كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.بىرخىل قاراشتىكىلەر،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى ــ ئاپتورنىڭ سوبيېكتىپ روھىي دۇنياسى،ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن خالىي تۇرىدۇ،دەپ ھېساپلىدى.مەسىلەن،بەزى بۇرژۇئازىيە ‹‹ساپ سەنئەت››نەزىريىسى تەرغىباتچىلىرى ھەمىشە مۇشۇنداق قاراشنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى.لېكىن،ئاتالمىش‹‹سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت››دېگۈچىلەرنىڭ ئىجادىيىتىدىن قارىغاندىمۇ،ئۇ ھېچقاچان ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ئەمەس،يەنىلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كەلگەن،ئۇ پەقەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقاي يول بىلەن ئەكس ئەتتۈرلىشى ،خالاس. H]VsOr  
  ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى يەنە بىر خىل خاتا قارش شۇكى،ئۇ بولسىمۇ ‹‹كىتاپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى››ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مەنبەسىدۇر،دېگەندىن ئىبارەت.بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ نەزىرىچە بۇرۇنقىلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇسىلا ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولاتتى.بۇ خىل كۆزقاراش بۇرۇنقىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئەينەك قىلىشنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى مەسىلىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتتى.ئەگەر بىرەر يازغۇچى بۇرۇنقىلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ،رېئال تۇرمۇشتىن قىلچە خەۋەر تاپمىسا،ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ھېچقانداق ياخشى ئەسەر يېزىپ چىقالىشى مۈمكىن ئەمەس.بەزى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان ھالەتتىمۇ،ئۇ ئىسىر جانسىز،ئاجىز بولغان تەقلىدىي نەرسىدىنلا ئىبارەت بولىشى مۈمكىن. /L)?> tg  
   ئەدەبىي ئىجادىيەت بىرخىل ئىجادىي ئىمگەك،ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجىربىسىگە،ھەم بەلگۈلۈك سەنئەت ئىقتىدارىغا ۋەبەدىئىي تەربىيىلىنىشكە ئىگە بولۇش كېرەك.بۇرۇنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا،ئۇنىڭدىن ئىجادىيەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغىلى،تۇرمۇشنى بىلىش،تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەلۇم ياردىمى تېگىدۇ.لېكىن،ئۆتمۈشتىكى بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ‹‹مەنبە››ئەمەس،بەلكى ‹‹ئېقىن››،ئۇلار‹‹قەدىمكىلەر ۋە چەتئىللىكلەر شۇ زامان،شۇ ماكاندا خەلق تۇرمۇشىدىن ئالغان ئەدەبىيات-سەنئەت خام ماتىرياللىرىغا ئاساسلىنىپياراتقان نەرسىلەر.››ئەگەر شۇ زامان،شۇ ماكاندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن چەتنەپ،يالغۇز بۇرۇنقىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىسىگىلا تاينىۋالىدىغان بولسا،ھەرقانداق ئۇلۇغ تالانت ئىگىسىمۇ ياخشى ئەسەر يېزىپ چىقالمايدۇ. \)uy"+ Z`  
  ئىجتىمائىي تۇرمۇش بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى،بۇ،پۈتكۈل ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىيات تارىخى ئىسپاتلىغانبىر ئوبيېكتىپ ھەقىقەت.ئىجتىمائىي تۇرمۇش گويا بىر بۇلاق بولسا،شۇ بۇلاقتىن ئېقىپ چىققان سۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بولىدۇ.ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن مەنبەسىز سۇ،يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ.خۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك:‹‹خىلمۇ خىل ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مەنبەسى زادى نەدە؟ ئىدېئولوگىيە ھېساپلىنىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ــ مەلۇم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.خەلق تۇرمۇشىدا ئەدەبىيات-سەنئەتكە خام ئەشيا بولىدىغان قېزىلما بايلىقلار ئەزەلدى مەۋجۇت،بۇلار تەبىئىي ھالەتتىكى نەرسە،خام نەرسە،لېكىن ئەڭ جانلىق،ئەڭ مول،ئەڭ تۈپ نەرسە؛بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا،بۇلارنىڭ ئالدىدا بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت چېنىپ قالىدۇ،بۇلار بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس،بىردىن بىر مەنبەسى. بۇلار بىردىن بىر مەنبە،چۈنكى مۇشۇنداق مەنبەلا بولىشى مۈمكىن،بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى مەنبەبولىشى مۈمكىن ئەمەس.››ئۆتكەن دەۋرلەردىكى مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن،ئۇلار ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋردىكى تۇرمۇشتىن ئىجادىيەت مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ،دەۋرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشقا تىرىشقان.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇكى،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى.قەدىمقى زاماننىڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ ئەسەرلىرى بولسا،بۈگۈنكى ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن ‹‹ئېقىن››ۋە ئەينەك بولىدۇ،ئۇ ھەرگىزمۇ مەنبە بولالمايدۇ.ئەگەر ‹‹ئېقىن››نى ‹‹مەنبە››نىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان بولساق،يازغۇچىلار خەلق تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،رېئال تۇرمۇشتىن يىراقلىشىپ،نۆۋەتتىكى قاينام-تاشقىنلىق ۋە ئاجايىپ زور ئۆزگۈرۈش –تەرەققىياتلار بولىۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتالمايدۇ. 9cl{hdP{  
    مەنبە:  ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات نەزەريىسى دەرسلىكى H<v c\r  

مىېھرىما 2014-03-31 22:19
ياسىنجانىڭ بۇ يازمىىسى يېزىقچىلىق دەرسىدە ياخشى دەرىس بايلىقى ئىكەن رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-03-31 22:23
ياسىنجاننىڭ تۆھپىسىگە رەھمەت ، ھارمىغايسىز !

kok-sultan 2014-04-01 02:17
نەچچە ئون يىل سۆزلىگەن بۇ دەرسنى كۆرۈپ گۈزەل ياشلىقىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

ھاتەھاتەم 2014-04-01 12:47
ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى ـــ ئەدەبىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدىكى قائىدىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈپ مەسىلە.ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەريىسى ماتىريالىزىملىق ئىنكاس نەزەريىسىگە ئاساسەن،ئاڭ فورمىسى ھېساپلىنىدىغان بارلىق ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرى مەلۇم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.تولۇك ئوتتۇرا دەرىسلىكتە بىز تۇلا سوزلىگەن.شۇ ۋاقىتلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

tawpek 2014-04-05 02:14
كۆپ تشەككۇر ياسىنجان ئاكا،  بولسا  مۇشۇنداق مۇنبەر خاسلىقىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تېمىلارنى كۆپرەك سۇنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.


查看完整版本: [-- ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ـــ ئىجتىمائىي تۇرمۇش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled