查看完整版本: [-- قاراخان:جالالىدىن بەھرامنىڭ «قاچقۇن» ناملىق پوۋىستى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> قاراخان:جالالىدىن بەھرامنىڭ «قاچقۇن» ناملىق پوۋىستى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-03-31 13:14

قاراخان:جالالىدىن بەھرامنىڭ «قاچقۇن» ناملىق پوۋىستى

قاچقۇن ~yvOR`2Gg  
uM^eoh_  
جالالدىن بەھرام CK+GD "Z$  
9O+> 
(پوۋېىست ) Hi 1@  
! Bv"S0  
vNhi5EU  
Y70[Nz  
_ئىسىم -فامىلەڭ نېمە ؟ )-_]y|/D:r  
_ ئامان قادىر . @k!J}O K  
_كېيىنكى ئۆزگەرىتكەن ئىسىم -فامىلەڭچۇ ؟ R`wL%I!?f  
_ئامان دۆلەتوف . hZE" 8%\q  
_نىمە جىنايەت بىلەن قولغا ئىلىندىڭ ؟ kgX"LQh;[G  
-چەت ئەلگە قىچىش جىنايىتى بىلەن . Dk!;s8}*c  
_ ئېمىق سۆزلە ! R#ABda9  
باش سوتچىنىڭ سوئال سورقى باشلىنىش بىلەن  ئوچۇق سوت مەيدانى بىردىنلا جىم-جىتلىققا چوكتى ، مىڭلىغان كۆزلەر ئاماننىڭ خۇددى  دەرەخ قوۋزىقدەك تىلىم -تىلىم  تاتۇقلار گىرەلەشكەن يۈزگە  ، كەڭ قاشلىرنىڭ تېگىدىكى  روشەن يېنىپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرگە . ئاماننىڭ ھەر بىر سۆزى گويا  قوغۇشۇندەك كىشلەر قەلبىگە قۇيۇلماقتا ئىدى . G[}$s7@k  
ئامان جىنايىتىنىى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كىيىن  ،باش سوتچى تەپتىشنىڭ ئەيىبلەپ  ئۆتىدىغانلىغنى ئىلان قىلدى ،ئەيىپنامە قويلۇشقا باشلىغاندا ، سوت مەيدانىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن  ئورۇن ئالغان ، رەتلىك كىيىنگەن ، چېكە چاچلىرى ئاقارغان ، ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ھەسەن پۈتۈن بەدىنى قۇلاققا ئايلانغاندەك بىرلىپ ئاڭلايتتى ، سوت مەيدانىنىڭ ئەڭ چەت  ۋە ئارقا تەرپىدە ، كىشلەرنىڭ كۆزگە چىلىقمايدىغان يەردە  ئەرەنچە كىيىنگەن بىر قىز  ئېڭەك تىرەپ ئۈنسىز يىغلاپ ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۆزگە خوپ كەلمىگەن ئەرەنچە كىيمىمۇ  كونا ۋە مەينەت بولۇپ  گەج ۋە لايدا بۇلغانغان ئىدى . ئۇ دانا-دانا ياش تامچىلىرى ئېسلىپ  تۇرغان كىرپىكلىرنى قاقماي ، قىزرىپ كەتكەن كۆزلىردە  سوت مەيدانىغا قارايتتى . j@xerY  
_مەزكۈر-دېدى ئەيىپلىگۈچى سۆزنىڭ ئاخىردا _ چەت ئەلگە قىچىشنى ئۇزاقتىن بىرى پىلانلاپ كەلگەن بولۇپ  چەت ئەلدىكى سۆيگىنى بىلەن  خەت -ئالاقە قىلشىپ تۇرغان . لىكىن ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى «X X»  ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق  ئۆلۈم ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كىيىن تۇتۇلغان ، ئەممە ئوقۇتقۇچى شېرىنئاينىڭ (بۇ يەرگە كەلگەندە ئەيىپلىگۈچى شېرىنئاينىڭ  بۇزۇق ئۇنسۇر قالپىغى بارلىغنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى )ياردىمى بىلەن بىر كىچدە  ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈپ چەت ئەلگە قاچقان . *;Q IAd  
ھەسەن مۇدىر ئېغىر خۇرسىنىش بىلەن  بېشنى ئىرغىتتى ، ئەرەنچە كىيىنگەن قىزمۇ بېشنى چايقىغانچە «توھمەت....»دەپ پىچىرلىدى ، باش سوتچى ئاقلىغۇچنىڭ ئاقلاپ  ئۆتىدىغانلىغىنى ئېلان قىلغاندا ، مەيدان ئىچى «مەمتىمىن ئەپەندى » دېگەن پىچىرلاشلار بىلەن تولدى . ئېگىز بوي  ، بۇغداي ئۆڭلۈك ، نىپىز لەۋلىردىن ھەمىشە تەبەسسۇم  كەتمەيدىان مەمتىمىن ئەپەندى  ئورنىدىن تۇردى ! Wgx Gx`Y)  
_سوتچى ، زاسداتېل ، تەپتىش ۋە كۆپچىلىك  يولداشلار _ دېدى  ئۇ مەيدان ئىچگە تەكشى نەزەر تاشلاپ ،_ تۈنۈگۈن خەلىق سوت مەھكىمسىدىن  ئۇيۇشتۇرغان ئوچۇق سوت يىغنىدا  تەپتىش مەھكىمسىدىن  جاۋاپكار ئاماننىڭ  ئەيىپ نامىسنى ئوتتۇرغا قويدى . مەن «جۇڭخۇا خەلىلىق جۇمھۇريىتى  جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ يىگىرمە ئالتىچى ماددىسىدىكى  كونكېرىت بەلگىلمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ، جاۋاپكار ئامان قادىرنىڭ  چەت ئەلگە قىچىش دېلوسى ئۈستىدە  ، ئەملى پاكىتنى تۇتقا قىلىپ ، دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ ، قانۇن نىزاملاردا كۆرسىتىلگەن  پىرىنسىپ -بەلگىلمە ئۆلچەمگە  تەتبىقلاپ «بىرىنچىدىن  قانۇنغا سادىق بولۇش ،  ئىككىنچىدىن   خەلىق   مەنپەتىگە سادىق بولۇش ،ئۇچىنچىدىن  ئەينەن پاكىتقا سادىق بولۇش ....»تىن  ئىبارەت يىتەكچى ھېسياتىم بىلەن ئاقلاش  پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويمەن . 9qUc{ydt  
مەمتىمىن ئەپەندى ئامانننىڭ جاراھەت ئىزى  قاپلاپ كەتكەن مەسۇم چىرايغا  قارغاندا ، ئۇنىڭ قەلبىنى بىر ئىغىر تاش بىسۋالغاندەك بولدى ..... DQ '=$z  
R?)M#^"W  
l<5@a (  
qPEtMvL #  
: +Na8\d  
: GVyY]qBU  
,/?7sHK-0  
دۆلەتۇفنىڭ غەزپى . rI/;L 
LA!2!60R  
=<,>dBs}\  
\"L ;Ct 8  
?8ZOiY(  
K]~! =j)v  
+c7e[hz  
......ئورمان ئىدارىسنىڭ باشلىغى دۆلەتوف بېغدىكى  ساپسېرىق ياپراقلار ئارسىدا قەت كۆتۈرۈپ تۈرغان  ھەشەمەتلىك ئويدە قوللىرنى  ئارقىسغا  قىلىپ  ئايلانما دېرىزە ئالدىدا تۇراتتى  ،  ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى  ئارزۇ -ئىستەكلىرى ، كۆڭۈل شاتلىقلىرى خۇددى  دەرەخلەر تۇۋگە شىلدىرلاپ  تۆكلىۋاتقان كۈز خازانلىردەك  قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتمەكتە ئىدى !  ئۇ خىرە  چاڭ ئىچدىكى  خۇرۇم زاۋۇتىنىڭ  تۇرخۇنلىرغا  ۋە ئۇنىڭ  چاقماق قەنىتتەك  ئۆيلىرگە ،كەڭ يىيلىپ ياتقان  پىچانلىقىغا  قاراپ ئۇھ تارتاتتى . o|Q:am'H  
دەرۋەقە دولەتۇف تۇز يىگەن يىردىن ئايرىلىپ ، يات ئەللەرگە كىتىش ئالدىدا ئۆز بايلىغىدىن  ، پاقىراپ ئاۋاز يىنىپ تۇرغان تاختايلىق ئۆيدىن لاپاسلىق قورۇسى ھاۋا رەڭ رىشاتكىلق  بېغدىن  ، ئىغىلدا مورشىۋاتقان نەسىللىك كالىلار ،گۆش ، قىمىزلاردىن رىشتىسنى ئۈزەلمىگەنلىكتىنمۇ ئەمەس ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بولۇپ بىر-ئىككى كۈندىن بىرى  كۆڭلى -كۆكسى كۆتۈرۈلمەي ئېغىر خياللار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى ..... XZh1/b^DMN  
دۆلەتوف ئۆزنىڭ چىرغىنى ياندۇرۇپ  ،تاپقان دۇنياسىغا ئىگدارچىلىق قىلىپ ، ئاتا نامنى ئۆچۈرمەيدىغان  ،ئائىلە نەسەبىنى داۋام ئىتىدىغان ، ئاتا نەسلىنى قۇررۇتمايدىغان  ئوق يىلتىزنىڭ يەنى «ئوغلىى»نىڭ يوقلىغىغا ئېچناتتى ، ئۇ قىزنىڭ ھامان بىر كۈنى  ياتلىق قىلنىپ ، قانداقتۇر بىر  ھارامزادىنىڭ «تەييارغا ھەييار بولدىغانلىغنى »ئويلىسا ، جاپا مۇشاققەتتە تاپقان دۇنياسىىگە ئوت قويۋەتكۈسى كىلەتتى ...ئەلۋەتتە قىزى __نەۋرە  ، نەۋرە ئەمەس ياتنىڭ بالسى  ئۆز ئۇ چاغدا دۆۋلەتوفتىن  نەمۇنىشان قالسۇن !..... شۇڭا ئۇ يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا  سىڭلىسىنىڭ كىچىك ئوغلى ناماننى بىقۋالغان ئىدى . Z 
دۆلەتوف ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولغاچقا ، قىزى بىلەن ئاماننىڭ  بىر- بىرگە كۆڭۈل رىشتىسىنى باغلاش  ئۆچۈن چەككەن  رىيازىتى ئاز ئەمەس  . ئۇ ھەر كۈنى خىزمەتتىن قايتىپ كېلىپ ، ئاتتىن چۈشە -چۈشمەيلا «ئامان  ،گۈلجامال مەن سىلەرگە  نىمە ئىلىپ كەلدىم؟»دىيتتى  «كىتاپ-ژورنال ...»دەپ چۇقۇرشاتتى باللار ،كېچىلىرى «ئىتتىپاق » ژورنىلغا بىسىلغان  يېڭى ھىكايلەرنى «ئەلف-لەيلى »«چاھار دەرۋىش»قىسلىرى ئوقۇلاتتى  ، يىللار ئۆتتى ئامان بىلەن گۈلجامالنىڭ  بىر چاغلاردىكدەك  دەپتەر -قەلەم تالشىپ سوقۇشىدىغان  ، ئەرزىمەس ئىشلارغا قېيدىشىدىغان «ئىت-مۈشۈك» ۋاقىتلىرى ئۆتۈپ كەتتى ،قىرقىپ قويغاندەك تەڭ چوڭ بولۋاتقان بىر جۈپ ئۆسمۈرنىڭ پاك يۈرگىگە سىرلىق بىر ئېقىن  ھارارەت بەرمەكتە ئىدى ..... UF_?T.Rl^  
ئامان بىلەن گۈلجامال گۈل تۈۋلىردە  ،سۇ بويلىردا ،راۋاق پەلەمپەيلەردە  يالغۇچ ئۆچۇرۈتۈپ قالغان دۆلەتوف  قىن-قىنغا پاتماي  ،بىشى كۆككە يەتكەندەك  ،قارمتۇق چىرايغا  خۇپ ياراشقان مويلاۋلىرنى سىلاتتى  ۋە ھىمرىپ قويۇپ  مىيغىدە كۈلۈمسىرەيتتى .... «ئىنشائاللا  ھەرنېمە  بولسا  ئەجرىم چېچەك بەردى »دەپ ئۆزدىن -ئۆزى مەمنۇن بولاتتى ...... hSl6 X3W  
بىر خوشاللىققا بىر كۈشەندە جور بولغاندەك  ،دۆلەتوفنىڭ چەتلەگە مېىڭىش  خېتى  چىققاندىن كېيىن  ،ئاماننىڭ مىجەزدىكى ئۆزگىرىش  دۆلەتوفنى  چىۋىن يېۋالغاندەك  كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويدى  ، ئۇ گۈلجامالنىڭ يۇمران  ھېس -تۇيغۇلىرى  ،شېرىن سۆزلىرى ئوماق تەلپۈنۈشلەرى قىسقىسى  ، نازۇ كەرەشمە ئىلتىپاتلىرغا  ئاددىلا قارايدىغان .... تۈپ -تۈزلا جاۋاپ بىردىغان ،كۆزلىرنى ئىلىپ قېچىپ  ئۆزنى قاچۇردەىغان بولۇپ قالغان ئىدى  .ھەتتا دۆلەتوفنىڭ  ھەپتە بۇرۇن ئامانغا «ئوغلۇم سۈرتىڭنى ئۆچ نوسخا قىلىپ  ئانكىت توشقۇزۇپ  پاسپوتقا ئالدۇرۇپ بولدۇم ...» دېگەن سۆزلىرنى ئاڭالاپ تۇرۇپ  ، ئامان چىراينىمۇ ئىچىپ قويمىدى .... 0mt lM(  
دۆلەتوف راۋاق ئىچدە تاقىلدىتىپ  ئالدى -ئارقىغا ماڭدىى ، قوللىرنى  ئۇۋلاپ  بارماق ئۈگلىرنى قارسىلدىتاتتى ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى سەكپارە قىلۋەتكەن خىياللار  بىلەن قىزى گۈلجامالنىڭ ئالدىدا  تۇرغانلىقنىمۇ  كۆرمىدى . +#;t.&\80N  
__دادا !.....  1{fu  
دۆلەتوف ئوڭ قولدا جەينىكىنى تۇتۇپ  ، سول قول بارماقلىردا قوشۇمىسنى چىمدىغانچە  بىر ھازا گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى-دە ، قىياپىتىنى بۇزماي تۇرۇپ سوردى : U"qR6  
_ ئامانلار قىنى ؟ .RazjXAY  
__ئۇ..ئۇ ، باغچىغا بارغاندۇق مەھەللىدىكى  دوسلىرى بىلەن ..................قىز يىغلىۋەتتى . 5WlBe c@  
دۆلەتوف  ، ئاماننىڭ مەھەللىدىكىى  دوسلىرغا ئۆچ ئىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىردە <ئاشۇ ئۇششاق شۇملار> ئاماننى <ۋاللەي><گاراتكا> دىگەندەك ئويۇنلارغا قىزىقتۇرۇپ  ، تۇغۇلغان مەھەللىسدىن  ئۈمۈد رىشتىسىنى ئۈزەلمەسلىك ، ھەتتا پۇتۇن مىھرى-مۇھاببىتىنى  ، كونا مەھەللە ،كونا دوسىت  ،كونا ئائىلگە باغلىنىپ قالدۇ ، ئۇنداقتا مېنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىم  ، ئۈمۈت-ئارزۇلىرىم سۇ ئۇستىدىكى كۆپۈ ككە  ئايلىنىپ ھەممىسى بەربات بولدۇ  ........شۇڭا ئۇ مەھەللىدىكى  دوسلىرى دىگەن سۆزنى  ئاڭلىشى بىلەنلا سەپرايى ئۆرلەپ كەتتى : MD4RSl 
_ماڭ تۇرغان توكۇرنى چاقىر ،_ دېدى دۆلەتوف ئاچچىقى بىلەن  ، ئۇنىڭ غەزپى تاشقان بولسا كېرەك «تۇرغان»دەپ چاقىرىپ كەلگەن خىزمەتچىسنىڭ  مېيىپ پۇتىنىمۇ چىشلەپ تارىتتى ، تۇرغان ئەسلىدە ئۇزۇن يىللىق خىزمەتچى  بولۇپ  ، بىر يىلى قىشتا خاڭدىن كۆمۈر ئەكىرۋېتىپ  سول پۇتى ئۈششۈپ كەتكەنلىكتىن  ، ئۇنىڭ تىزنىڭ يۇقۇرسىدىن  كېسىپ تاشلانغان ئىدى  شۇنىڭدىن بېرى ئۇ قولتۇق تايغىنى  قولتۇغىغا قىستۇرۇپ قويۇپ ، ساق ئادەمدەن چاققانراق ئىشلەيتتى .  ~ERA  
_دۆلەتوف ئاكا ،خىزمەت !_ ئېگىز قامەتلىك تۇرغان  راۋاق پەلەمپىيدە قول قويۇشتۇرۇپ تۇراتتى . )yl;i  
« چىلان تورۇقنى»نى ئېگەرلە ! .!`y(N0hc  
__خوش .... uo TTHj7cq  
hZwbYvu  
Ly kB2]T  
t/vw%|AS  
WV8vDv1jt  
)c 
Hob n{E  
ئادەم ئەلنى ئەمەس _ يەرنى سېغنىدۇ . EyDH -}Y  
P+Q}bTb8  
0s72BcP  
3EA+tG4KnO  
\LYNrL~?J  
?m\? #  
SH5a&OVZhn  
ئاماننى ئۆز ئۆيدە تاپالمىغان دولەتوف  چىلان تورۇقنى رەھىمسىز قامچىلاپ  دەريا يوللىرنى ،پىرىستانلارنى ، ئىش قىلىپ ئامان دوسلىرى بىلەن  ئويناپ  -كۈلۈپ چوڭ بولغان - چىغلىق ، ساي قۇيۇلۇشلىرى ،زەيومكى ،ۋاڭ قادىرنىڭ باغلىرغىچە  ئىزدەپ گۇگۇم بىلەن تەڭ بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ  ،قارا تەرگە چومگەن چىلان تورۇقنىى يېتلەپ  ھويلىغا  كىرىپ كەلدى  ، ئۇ ئامان بىلەن گۈلجامالنىڭ باغ ئىچدە  بىر-بىرنى قوغلىشىپ يۈرگەنلىگىنى كۆرگەندىن كېينلا  يېنىككىنە تىن ئالدى . l_i&8*=Px  
تاماقىتىن كىيىن دۆلەتوف  ئامان بىلەن سوھبەتلەشتى ، ئۇ ئاماننىۇ كەگۈسى ئەستىقبالى  _ چەت ئەل پايتەخىتلىردە گۈلجامال  بىلەن  ئوقۇيدىغانلىغى  ، چەت ئەلدىكى باغچا ، كىنوخانا ، رېستۇرانلار  ،  كىنو -  تىياتىرلار ، ئاممىۋى  تۇرمۇش مەئىشەتلىرى - ئومۇمەن ئۇنىڭ گۈزەل پارلاق ھاياتى  ئەڭ ئىنچىكە دەلىللەر  بىلەن  كۆرسىتىپ بېرىلدى ، دۆۋلەتوف ئاماننىڭ سەمىمى چىراينى ، كۆرگەندىن كېيىن  بىردىنلا قولنى يېيىپ جانلىنىپ كەتتى : 4 3s8a  
_  شۇنداق ئوغلۇم مەن سىنى نېمە ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن  شۇ دېمەتلىك قىلدىم  ، دەپ  باقە ياكى مەن سىنى  يەرگە قارتىدىغان  ، دىل ئازار بېردىغان  ئىشلارنى قىلدىممۇ؟ مېنى گۈلجامامالنى داغدا قويمىغىن  ، سىلەر بىر بېغىشتا چۈشكەن  بىر جۈپ غۇنچە  بولۇپ قالدىڭلا  ،ھىم بولۇپمۇ گۈلجامال _....دۆلەتوف ئۆي ئىچدە توختىماي ماڭاتتى  ،__ ئۇ ...ئۇ ھەرگىز سەندىن ئايرىلىپ باقمىغان ! سەنمۇ شۇنداق  ، ماقۇل دە  ، بۇ شۇنداقتۇ ؟! DR(/|?k+  
ئامان بېشنى لىڭىشتتى  ، دۆلەتوف خوشاللىغدا  چانقىنى قورۇق باسقان كۆزلىردىن  ياش چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئۆزمۇ تۇيمايلا قالدى . oqa8v6yG'  
_ توغرا ، ئوغلۇم  ، ئەنە ئۆزۈڭمۇ قايىل ، مەنغۇ يېشىمنى ياشدىم ، لىكىن گۈلجامال ..... D$fWeG{f  
تاشقىرقى ئويدە ئاڭلاپ ، ئاڭلاپ ئولتۇرغان گۈلجامال مول-مول يىغلىماقتا ئىدى ، ئۇ دادىسىنىڭ سۆزلىرى ئاياقلاشماستىنلا ئۇچقاندەك ئويگە كىردى - دە ، دۆلەتوفنى ئۇن-تۇنسىز  كىلىپ  قۇچاقلىۋالدى . Ya29t 98Pk  
.....كۆز ئاسمىنى چاراقلىغان  لەئەل -ياقۇتلار  بىلەن تولغان ئىدى  ! ئامان  باغدىكى راۋاق پەلەمپەيدە «مارجان» ئىسىملىك  ئېتنى قۇچاقلىغانچە  خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى ، مارجانمۇ ئاماننىڭ يۈرەك دەردىنى چۈشەنگەندەك ، بويۇنلىرنى سۈركەپ ، ئۆزنىڭ قۇندۇزدەك قارا ، پاخما يالتىراق تۈكرى بىلەن  ئاماننىڭ بەدىنىنى  ئىسسىتاتتى . 2v`Q;%7O  
تۈن قاراڭغۇلۇقتا ھەمرا بولغان ئامان  مارجاننى قۇچاقلىغىنىچە دۆلەتوفنىڭ  ھېلىلا قىلغان سۆزلىرىنى تەكرارلايتتى  راستىنلا ئۇ گۈلجامالدىن  ئايرىلىپ چىديالارمۇ ؟  خۇددى ئەتيازنىڭ تۇنجى ئەلچىسى __ سېرىقچېچەك گۈلدەك  نازۇك قوڭۇر چاچلىق ، چوڭ كۆزلىرى داۋملىق كۈلۈپ تۇردىغان  ، ھەر قاراشلىردا بىر خىل سىرلىق تەبەسسۇم بىلەن  كۆڭلىنى مەھلىيا قىلىپ  ، ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئارقىلىق  كۆزلىرنى يۈشۈرغان  شوخ تەبىئەتلىك  قىزغا كۆزى قىيارمۇ !؟ ... "Ky&x$dje  
بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ، ئۇ ئەمدىلا  سەككىز ياشقا كىرىپ  بىرىنجى سىنىپتا ئوقۋاتقان ۋاقتىدا  ، بۇ ئۆيگە كەلدى  گۈلجامال  بىلەن تالشىپ - يالشىپ  ، ئىككى- ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى ، دەم ئېلىىش  كۈنلىرنىڭ بىرنىمۇ  بوشقا ئۆتكۈزمەي ، دەريا بويلىرغا باراتتى ، سۇ چۆملەتتى .....باغچىلاردا يۇمشاق چىملىقلار  ، بۈك ئاكاتسىيەلەر ئارسىدا  سەيلە -تاماششا قىلشاتتى  ، لېكىن دۆلەتوف ئامان بىلەن  مەكتەپكە بېرىشتا  تەڭ چىقىپ قايتاشىدا بىللە كېلىشنى تاپلايتتى ، ئامان  ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتى ، گۈلجامال «سىتالىن » مەكتىپىنىڭ چەتئەل تىل سىنپىدا ئوقۇيتتى  ، شۇڭا ئۇلار «ۋاڭ قادىر» نىڭ بېغىغا كەلگەندە  ئايرىلىپ ، قايسىسى بالدۇر قايىتسا  باغچىدىكى بەلگىلەپ قويغان  ۋە ئۆزلىرمۇ كۆنۈپ كەتكەن  شادا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلاتتى  ، ئۇلار يولدا قوغلىشىپ سۇ چېچىشىپ ، چىرايلىردا كۈلگە ، مەڭزىلىردا قىزىللىق  ،پىشانلىردا تەر  ، كۆزلىردە يالقۇن چاقنىغان  ھالدا  قول تۇتۇشۇپ ھويلىغا كىرىپ كېلشەتتى - دە، دۆلەتوفقا سالام بېرشەتتى .... B4eV$~<  
بىر قىشلىقى ئامان مەكتىۋىدە  دوسلىرى بىلەن ئويناپ قىلىپ  بەكمۇ كەچ ياندى ، ئۇ گۈلجامالنى  «بەلكىم كەتكەندۇ » دەپ ئويلىغان ئىدى  ، لېكىن  يول باغچا ئىچدە بولغاچ  ، كېتىۋىېىپ بىر قىزنىڭ  پەلتۇسىنىڭ يېڭگە  قولنى چىڭ تىقىپ  مۈگدەپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆردى ، ئۇ يېقىن بىرىپ گۈلجامالنى تونىدى . sf Zb$T J  
__گۈلجامال !....  NArr2o2  
__ئامان ! ..... گۈلجامال يىغلىۋەتتى ،_  قارغىنا قوللۇرۇم مۇزلاپ كەتتى . قولۇمنى ئىسسىتىپ قوي . T-y5U},  
ئامان تۈگمىلرنى يىشىپ ، سۇغۇر جۇۋسىنى ئاچتى ، گۈلجامال ئۇنىڭ قولتۇقلىرغا قوللىرنى  تىقىپ  قۇچاقلىغىنىچە :«ئۇھ...ئەجەپ ئىسسىق»دىېدى-دە  سوغۇق يۈزلىرنى ئاماننىڭ يۈزلىرگە يېقىپ  كۆزلىرىدىكى ياشلىرى بىلەن ئىلجايغانىدى.....ئۇنداق ئىشلار كۆپ تەكرارلادى ، بىر قېتىم گۈلجامال  قەستەنلىكمۇ ياكى تاسادىپىيمۇ ، ئىش قىلىپ ئاماننى  قەھرىتان سوغۇقتا  ساقلاتتى ، كوچىلاردا قىشلىق كىيىملىرگە پۈركىنىپ  ، ئۆيلىرگە ئالدىرشىپ كېتۋاتقان كىشلەرمۇ  شالاڭلاشتى ، ئامان تۈگۈلۈپ ، ئىككى موك بوپ قالدى ، تۇيدۇرماي كەلگەن گۈلجامال  ئۇنى ئارقىدىن  قۇچاقلىۋالدى . +c tJV>  
ئامان مېنى ساقلىدىڭما ؟....مېنىمۇ راستىنلا ؟.....ۋاي-ۋۇي قوللىرىڭ كاچكۇلغا تىققاندەك بوپ كېتىپتۇ . دومسىيۋالساڭ تېخمۇ ئوماق بوپ كېتىدىكەنسەن ، بولدى ئالايمىغنا ئەمدى ............... U"535 
گۈجامال شارپىسنى ئېلىپ  ئاماننىڭ يۈزنى يۆگىدى تىۋىت ئەستەرلىك پەلتۇسىنىڭ يالتىراق تۈگمىلىرنى  بىر -بىرلەپ يېشىپ ، ئاماننىڭ قوللىرنى قوينىغا تىقتى ... xm0(U0 >  
__ قانداق ، ئىسسىقمىكەن ....نىمگە گەپ قىلمايسەن ؟  ۋىييەي توۋا ...ماۋۇنىڭ قىزرىپ كەتكىنىنى .... 3'!*/UnU  
ھېس - تۇيغۇلىرى  - بەدىنى ، ھوسنىگە ئوخشاشلا  بىخ ئۇرۇپ يېتلىۋاتقان بۇ قىز  گەرچە ئانانغا گەپ قىلۋاتقان بولسىمۇ  ، لېكىن باش باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى  مايسىلارغا جان كىرگۈزۈپ ، كۆچەت تومۇرلىرغا سۇ ماڭدۇرغاندەك ، ئاماننىڭ قوللىرى  قوينىغا كىرشى بىلەن  يۇمران ۋۇجۇدىنى  يېنىك تىترەك قاپلاپ  شېرىن ۋە لەزىز بىر ئېقىن  يۈرگىگە تارقىلىپ  ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدىن مەس بولغانىدى . V)c.AX5  
___ساڭلا نىمە بولدى ؟.....__قىز ئاماننىڭ قوللىرىرىغا قاردى __ قوللىرىڭ تىترەۋاتىدۇ.... "h:#'y$V  
__بۇ....بۇ.... قولۇم توڭلىمدى ...__ ئامان ھىجايدى . (s,u9vj=>L  
__ساراڭ ....... AWDy_11Nm  
ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرنىڭ مەنە بىلەن تولغان كۆزلىرىگە  قارغانچە بىردىنلا قاقالاپ كۈلدى -دە ، قاردىلا پۇمداقلىشىپ كەتتى ، ئۇلار قېلىن قاردا  خۇددى بىر ئادەمدەك  يۇملىنا - يۇملىنا ، ھىرىپ ھالدىن كېتىشتى ، ئامان بىلەن گۈلجامال كۆك ئاسمانغا قاراپ قانچىلىك  ۋاقىت يېتىشتى ، ئۆزلىرمۇ بىلمەيدۇ  ، بىر چاغلاردا گۈلجامالنىڭ  « بىر ،ئىككى . ئۈچ....» دەپ پەلەيلىك بارماقلىرنى پۈكۈپ ، ئەمدىلا چىقۋاتقان يۇلتۇزلارنى  ساناۋاتقانلىغىنى كۆرگەن ئامان  بىردىنلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى ..... \t]_UNGyW  
.... ياز ئايلىرى ئاماننىڭ يۈرگىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغانىىدى . ئۇلار مەھەللىسدىكى دوسلىرى بىلەن  ئېدىرلارغا چىقاتتى ، سېغىز چىقىرشاتتتى ، رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەرنى تېرىتتى ، كىپنەكلەرنى قوغلىشاتتى ، بولۇپمۇ تەتىل ۋاقىتلىرى  دۆلەتوف ئۇنى يايالاقلارغا ئاچىقاتتتى ، قاتمۇقات كۆكۇچ تۇمان ئىچدىكى  ياپيېشىل تاغلار ، قارغاي ،قېيىن ،ئارچىلار  بىلەن قاراڭغۇلاشقان  قاپتاللار ، خىلمۇ خىل رەڭ ئالغان ياۋا مېۋلەر ...... ئۇلار ياۋا تاش ئالمىلارنى  مارجان قىلىپ  بويۇنلىرغا ئېسشاتتى .مالىنا ،قۇلۇپنىكنىڭ  قىپقىزىل سۈينى  بىر-بىرنىڭ يۈزلىرگە سۇۋشاتتى  ، تاشتىن -تاشقا سەكرەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۋاتقان  زۇمرەت سۇلاردا ئوينىشاتتى ، مەخمەلدەك تاغ باغرىلىردا  قوغلىشىپ ،دومىلشىپ  ،قۇياشنىڭ قاچانلاردا  ئاقۋاش تاغلار چوقسىغا باش قويغانلىغىنى  سەزمەي قېلشاتتى .... بىر چاغلاردىلا  تۇرغاننىڭ قولنى كاناي قېلىپ «ئا....مان ! گۈل...جامال!....» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىلا  قارغايلار ئارسىدىن پىلدىرلىشىپ  يۈگۈرشۈپ كېلشەتتى . Uy<n7*H  
ئامان تۇرغاننى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى ، ئاخشاملىرى ئۇنىڭ كىچىك ھوجۇرسىدىن چىقمايتتى . ئۇ «تۇرغان ئاكا ئاتلىرىڭنى سۇغۇرۇپ كېلەيمۇ؟..» «بۇ قىتىم ئاتلىرىڭنى مەن سۇغۇرۇپ كىلەيچۇ ؟...»دەپ پات-پاتلا  ئۇنىڭدىن سورايتتى ، تۇرغان : «ھە پاخمىۋاش تىزلىرىڭغا تامغا بىسۋالارسەن ....»دىيتتى  چۈنكى بىر قېتىم ئات ئېتىۋېتىپ  ، ئاماننىڭ تىزى يېرلىپ تارتۇق بوپ قالغانىدى  تۇرغان  دۆلەتوفتىن  تىل ئىشىتمىگەن بولسىمۇ  يەنلا ئۇنىڭغا بولەكچىلا ئامراق ئىدى ، ئۇ بىر كۈنى ئاماننىڭ قاپقارا  دولقۇنسىمان چاچلىرغا ، تۇخۇمدەك پاك چىرايغا  ،قاڭشارلىق بۇرنىغا  ، قاپقارا يۇمشاق قاشلىرغا قاراپ «ئېھ...پاخمىۋاش  سەندىكى بۇ چىراينى قىزلارغا بەرسە  نېمە..._دېدى -دە  ، ئاماننىڭ گۈلجامال تاراپ  قويغان چېچىنى  چوڭ ئالقانلىردا  چۇۋىۋىتىپ _ ماشتاق- ماشتاق تۇرغىنى تۈزۈك....»دېگەن ئىدى . ئامان : «تۇرغان ئاكا ئۆيلەنسەڭ بولمامدۇ ؟» دەپ بىر قىرتىم سورغىندا  ، تۇرغان : « ھەي.......ئۇكا سەن كىچىك  ، تېخى چۈشەنمەيسەن  ، ئەمدى ئويلەنسەم تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولمايدۇ ...»دېدى . z{nd4qOsD  
ئامان كەلگەن يىللىرى دۆلەتوف تۇرغاننى ئۆيلەپ قويۇش ئۈچۈن  لايىق تاپقانلىغىنى ئېيىتقاندا  ، تۇرغان خىلى ئۇزۇنغىچە ئۇنمىدى ، دۆلەتوف ئۇنى مەجبۇرلاۋەرگەندىن  كېيىن ، ئاخىرى مەھەللىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىى  چېتىدىكى  قارغۇ خوتۇننىڭ يالغۇز قىزنى  ئالدىغانلىغىنى ئېيتتى ......خەيرىيەت تۇرغان ئۇ قىز بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ قىز تۇنجى  تۇغتىدا  ئۆلۈپ كەتتى ، شۇنىڭدىن بېرى ئۇ يالغۇز ياشاپ كېلۋاتىدۇ ..... oO9 yI^  
«شۇنداق ، ئۇكا ،__ دېگەنىدى  تۇرغان شۇ چاغدا ئامانغا  ،__  تۇنجې قىتىم يۈرەككە  داغ سالغان كۆڭۈل  ېشتىسىنى ئۈزمەك تەس ...يۈرەكتىكى بۇ داغ  بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆڭۈللەرنى سىغدۇرالمايدۇ....» P,)\#([vc  
....ئاي ئورغىقى  تىك كۆتۈرلۈپ ، سوغۇق شامال ئېسسىپ ، ئاخىرقى كۈنلىرنى  ياشاۋاتقان ياپراقلارنى  ئاماننىڭ ئاغ ئاستىغا تاشلايتتى ..... مارجان ئاماننىڭ قۇچىغىدا ئۇخلاپ قالغاندەك  جىمجىت ئىدى  . قاياقلاردىندۇر  ھارۋىكەش  ناخشىسى كىلەتتى ... y'_2|5!Qs  
n9Ktn}  
كۆچ ، كۆچ دەيدۇ ، كۆچ دەيدۇ . >2mV {i&  
كۆچۈپ كۆرمىگەن ئەللەر . [0H]L{yV  
ئۆز شەھرىڭگە يېتەمدۇ ، WfYC` e7q  
بېرىپ كۆرمىگەن يەرلەر . kyL]4:@W`  
f\~A72-  
ئامان يۈزنى مارجاننىڭ بوينىغا يېقىپ يىغلىۋەتتى ، ئۇ ياش قاپلاۋاتقان كۆزلىردە  تۇرغاننىڭ ئۆينىڭ چىرغىنىڭ غۇۋا يېنىپ تۇرغانلىغىنى  كۆردى-دە ، كۆيۇشۈپ كەتكەن تىزلىرنى ئارانلا كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئۆيگە ماڭدى . =QhK|C!$A  
__ كال ، ئامان  ، ئۇخلىماپسەنغۇ ؟__ گۈلجامالدىن ئەھۋالنى بىلگەن تۇرغان  ، ئاماننىڭ ياش يۇقى تۇرغان كۆزلىرگە قاراپ  قويدى -دە  ،_ دۆلەتوف  نېملەرنى دېيىشتىڭلار ؟ قېنى  سەنچە قانداق قىلماقچىسەن ؟ V eLGxc  
تۇرغاننىڭ  بۇ سۇئالنى ئىككى تاشنىڭ ئارسىدا  ئېزلىۋاتقان  ئامان ئۈچۈن  يەنە  بىر تۇگمەن تېشنى ئارتىپ قويغاندەك بولدى . Z L'krV  
_ ھىم ، ماقۇلە _ دېدى تۇرغان سىناق نەزىرى بىلەن قاراپ ،_  قىياس قىلشىمچە گۈلجامالدىن  كېچەلمەيسەن _دە ، چۈنكى تۇنجى قېتىم يۈرگىڭگە قول سالغان گۈزەل  ھەي.... دۆلەتوف ئاكام بوش ئادەم ئەمەس ، ئەمدىلا ئونيەتتىگە قەدەم قويدۇڭ ، كىتاپلار بىلەن  بېشىڭنى  ئايلاندۇرۋەتتى ،_ دېدى . ئامان «ياق...» دېگەندەك بېشنى ئېغىتتى . [E0.4FLT!  
_ ئەمسە گەپنىڭ راستىنى دىسەم ، كەتمەي دېسەڭ  گۈلجامالغا  ، كېتەي دېسەك تۇغۇلغان يەرگە چىدمايسەن  ، شۇنداقمۇ !؟... @"n]v)[4  
ئامان ئۇن سېلىپ  يىغلاپ تۇرغاننىڭ  بوينىغا ئېسىلدى  : #,;Q|)AD:e  
_  تۇرغان  ئاكا  ، ئويناپ كۈلۈپ چوڭ بولغان يەرلەرگە  ئاتا -ئانا  قېرىنداشلىرىمغا  ، ئەل -ئاغىنىلىرىمگە قانداقمۇ چىدايمەن !؟... (f    
شۇنداق ، ئىنىم ، سەن ئەقكىللىق بالا  كىندىك قان تۆكۈلگەن يەردىنمۇ ئارتۇق  يەنە قانداق  مۆجىزات بولسۇن ! ئىنسان تۇغلۇشى بىلەن  كىندىك قېنى  يەرگە تۆكۈلدۇ ...  تۆكۈلگەن قان قان ئەمەس  ، ئادەمنىڭ مېھرى بولۇپ  ئۇ يەرگە سىڭدۇ ...يەرگە سىڭگەن قان بىلەن  ئادەمنىڭ مېھرى يەرگە  باغلىندۇ !.... شۇنداق ، ئىنىم  ئادەم بالسى ئەلنى ئەمەس يەرنى سېغنىدۇ !..... QW2SFpE  
< mp_[-c  
0lS=-am  
)F4BVPI  
=}2k+v-B  
كۆڭۈلسىز ئاق كېچلەر vAfYONU  
FMz>p1s|dK  
[!U! Z'i  
Cps' l  
دۆلەتوفنىڭ ئازادە قورۇسىى ئەتە ئۆتكۈزلىدىغان خوشلىشى مەرىكىسگە تەييارلىق قىلۋاتقانلار بىلەن تولغان ئىدى ، ئوچاقلار كولىنىپ قويلار سويلۇپ ، سەۋزىلەر قەلەم قىلنىۋاتاتتى ، دۆلەتوفنىڭ ئايالى بۈۋىسارە خېنىم ئالدىراشچىلىق بىلەن ئىشلىرنى جاي-جايدا ئورۇنلاشتۇرۋاتاتتى كەچ بولغاندا دۆلەتوف تەييارلىقلارنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ خاتىرجەم بولغاندەك بۇرتىنى سىلاپ قويدى . LQJC]*b1  
_ ئەتىكى مەركىگە قورۇ -جاينى ئالدىغان كىشمۇ كەلمەكچى ، ھە راسىت باغاقلار تارقىتىلىپ بولدىمۇ ؟ _ سوردى دۆلەتوف ئايالىدىن . )jm!^m  
ۋىييەي ! تېخى بۇ ئش ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپتۇ ئەمەسمۇ ،_ دېدى بۇۋسارە پېشانىسگە ئۇرۇپ _ ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟ K1zH\wH  
دۆلەتوف بۇۋسارەگە بىر مۇنچە تاپا - تەنە قىلغاندىن كىيىن ، ئامان بىلەن گۈلجامالنى چاقىرىپ چىقتى . N V`=T?1[5  
_ قېنى باللىرىم ، بۇ كېچە ئۇخلىمساڭلا ئۇخلىماي ، باغاقلارنى تارقىتىڭلا ، ئامانللا سەن قولۇڭغا تاياق ئىلۋال ، مەھەللىنىڭ ئىتلىرى يامان ، گۇمجامال سەن قولچىراقنى ئۇنتۇما ، تېز بولۇڭلا . 7x.] 9J  
_ ئامان بىلەن گۈلجامال «مارجان»نى ئەگەشتۈرۈپ باغاقلارنى تارقىتىپ بولغاندا يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى . =m U 
كۈز ئايلىرنىڭ ئايدىڭ كېچلىرى تولمۇ گۈزەل ھەم سىرلىق بولدۇ بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئاق كېچلەر كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ ، قاراڭغۇ ، سالقىن كوچلاردا ئامان بىلەن گۈلجامال بەكمۇ ئاستا كېتىپ باراتتى ، ئاماننىڭ ئۇچسىدا يېڭلدا تىكتۈرۈپ بەرگەن چاقماق كۈلرەڭ كاستۇم ، ئاق شىم ، ئايغىدا ئاق شىبلىت بار ئىدى ، گۈلجامالنىڭ ھەرە چىشى ئاق ساراپىنى كېلىشكەن ئۇزۇن ،ئۇزۇن ئاق پۇتلىرغا كىيۋالغان ئاق لودىشكىسى تولمۇ ياراشقان ئىدى «مارجان» تۈكلىرنى يالتىرتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈگرەيتتى ، ئەركىلەيتتى . J/\^3rCB  
بۇ كېچدە گەپنىڭ ھەممىسىنى گۈلجامال دېگدەك قىلدى . #-kx$(''V  
ئاماننىڭ بولسا چىرايى غەمكىن بولۇپ ، تۇرغاننىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى قەلبىنى ئۆرتەپ كۆيدۈرەتتى ، لېكىن گۈلجامالغا چەت ئەل پايتەخىتلىرى ، بىلىم يۇرۇتلىرى ، قىرىم ساناتورېيلىرى ، كاۋكاز تاغ تۇمانلىرى ، ئىسسىق بۇلاقلار ...................توغرىسدا دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرنىڭ ھەممىسىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەيتتى ...... rvPmd%nk-  
_ ئاھ ئامان بىز نېمدېگەن بەخىتلىك ، ئويلىسام ھەقىقى بەخىت كىتاپلاردا ئەمەس ، بىزدىلا ئىكەن ! .... ئەگەر مەن بىر يازغۇچى بولغان بولسام كىشلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ، ساراڭ قىلىپ قويغۇدەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان بولاتتىم ...... vxXrVPU3  
_ شۇنداق ، ئەڭ ئاۋال مەن ساراڭ بولدىغاندەك تۇرمەن .... 2cko GafG{  
_ ھا .....ھا ......ھا ...... _ گۈلجامال كېچىكى تۈننى چاڭ كەلتۈرۈپ قاقاقلاپ كۈلدى _ مەن سېنى ساراڭ قىلىپ قويسام ، ئۆزۈم نىمە بولارمەن !_ گۈلجامال بىردىنلا قەسدمىنى توختىتىپ ئامانغا يېقىنلاشتى ،_ ئامان ،_ ئۇ بەكمۇ شېرىن ۋە ئاستا شىۋىرلىدى ، _ سەن بۈگۈن نېمانچىۋالا ھەسرەتلىكسەن ؟!.... J['i  
__ ئۇھ ، گۈلجامال ،_ ئۇ گۈلجامالنىڭ مۈرلىرنى ئەلەم بىلەن قۇچاقلىدى سەن تۇتيا بىلگەن ، بىز كۆرمىگەن ئاشۇ يات يەرلەردە بىزگە قانداق بەخىت قۇچاق ئاچار !..... سەن بىلەن بىرگە ئۆسكەن مۇشۇ ئانا تۇپراقنى سېغىنغاندا ، ھىدلىرى بۇرنىمىزغا پۇرغاندا ، يەنە قايتا كۆرگىلى بولارمۇ ؟ ...ياق ،ياق ھەتتا كۆزمىزگە سۈرۈتكىلى بىر سىقىم توپسىغا قەلەندەر بولمىز !!.... x, #?  
_ ئۇلارنى ئۇنتۇ ! ... %+L3Xk]m'  
__ ياق ، گۈلى ، بۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس ۋاقتى كەلگەندە تۇپراق مۇھاببىتتى ئادەمنى ساراڭ قىلىپ ، ئەقىلدىن ئازدۇردۇ .... j0A9;AP;;C  
ئۇلار ئاي پېتىپ ، كۆچىلار قاراڭغۇلاشقاندا ھەر قايسىسى ئۆز ئۆيلىرگە سوغۇققىنا خوشلىشىپ كىرىپ كىتىشتى ، لىكىن ئامان كىيىملىرنىمۇ سالماي كارۋاتقا يانپاشلاندى ، ئۇنىڭ كۆزگە ئۇيقۇ كىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى ....«كېتىش كېرەك ، ھەتتا ئۆيگىمۇ بارماسلىق كېرەك....» دەپ پىچىرلايتتى ئۇ .... 0134mw%jk  
5XinZ~  
دەپىنە قىلغان تۇنجى مۇھاببەت d1u6*&@lf  
قۇشلار يات يەرلەرگە ئۇچۇپ كېتىدۇ ، !z"nJC  
سوغۇقنىڭ شەپىسى كەلگندە ئۇڭا . h8:5[;e  
باھارسىز قەھرىتان قىش بولسا مەڭگۈ ، &'W ~~ir  
شۇندىمۇ يۇرتۇم سۆيۈملۈك ماڭا ...  t`'5|  
_PGS"O?j  
ناخشا ئاۋازى دەريا ئېقىنلىرغا قوشلۇپ ئۇزاق -ئۇزاقلارغا تارقالماقتا ...بېلىق تورلىرى بېسىلغان قۇلۋاقتىكى ئامان ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بار ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتماقتا ...كۈز ئاپتىپى دەريانىڭ ئۇششاق ئۆركەشلىرنى ئەينەك پارچىلىردەك يالتىرتاتتى . *&$2us0%%  
بىردىنلا ئۇلار ئالدىدىكى يىراق قىرغاققا بىر توپ ئالا يېشىل كىيىنگەن باللارنىڭ چۇقۇرشۇپ ، قىرغاق ياقلاپ يۈگۈرۈپ كېلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قېلىشتى . J6g:.jsK!  
_ قارا ئامان ، دېدى ئاماننىڭ يىقىن ئاغىنىسى ھاجىئەكبەر يىراق ئېقىننى كۆرسىتىپ ،_ دەريادا قىزىل بىر نەرسە ئېقىپ كېلۋاتىدۇ ، كۆردۇڭمۇ ؟ yrFl,/8&G  
_ كۆردۇم قانداق قىلمىز ؟ RBV*e9P%  
_ قېنى ئەمسە سەكرەمدۇق ؟ سىلەر قۇلۋاقنى قىرغاققا يانداڭلار . #EIcP=1m4  
_ ئامان بىلەن ھاجىئەكبەر غۇلاچ تاشلاپ دولقۇنلارنى تېز ئۈزۈپ كېتىشتى ، قىزىل نەرسە ئاقماي ، بىر چۆكۈپ بىر چىقىپ توختاپ قالدى . ;6{{hc4  
_ ئامان ، لۆجىگە دىققەت قىل ، ئۇ لۆجىگە ئىلنىپ قالغان ئوخشايدۇ ، _ ۋاقىردى ھاجىئەكبەر ئامانغا يانداش كېلىپ . t^8|t(Lq  
قىرغاق ياقلاپ كېلۋاتقانلارغا ئېنىق كۆرنىشكە باشلىدى . ئۇلار چىرايلىق ياسانغان بىر توپ قىزلار ئىدى . ئامان قىزىل نەرسىنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭ قىزلارنىڭ باش كىيمى ئىكەنلىگىنى بىلگەن ھاجىئەكبەر :« ۋاي ئاناڭنى » دەپ تۈكۈرۋەتتى ، ئامان ئۇششاق شېغىللىق قىرغاققا چىقتى ، قىزلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كېلىشتى ، ئامان قىزلاغا قاراپ ئورنىدا قېتىپلا قالدى !... ئۇنىڭ ئالدىدا دەريا ۋادىسنىڭ ئۈزۈلمەس سەلكىن شاماللىردا چاچلىرى توزۇپ تۇرغان گۈلجامال تۇراتتى !... ئۇنىڭ چىرايى تاترىپ كەتكەن بولۇپ ، بەرنا سېماسى يېنىك تىترەۋاتاتتى .... ئامان باشقا قىزلارنىمۇ توندى ، ئەسلىدە گۈلجامال ئائىلسى بىلەن چەت ئەلگە مىڭىش ھارپا كۈنى مەھەللىسدىكى بىللە ئۆسكەن دوسلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى خاتىرە ئۈچۈن دەريا بويغا ئوينىغىكى كەلگەن ئىدى ، ئۇلار دەريا بويلاپ ئويناپ يۈرگەندە گۈجامالنىڭ ياغلىقىنى شامال ئۇچۇرۇپ دەرياغا چۈشۈرۋەتكەن ئىدى . aHBM9%gV  
__ ئامان !.... .'=-@W*  
__........................ Fz^5cxmw  
ئالابالداق مايكىسى ، ئىسپوڭتچىلا كۇسىردىن سۇ ساقىپ بۈدۈر چاچلىرى قاش - قۇلاقلىرنى تەرتىپسىز يېپۋالغان ئامان ياغلىقنى گۈلجامالغا سۇندى _ دە ، قىرغاق ياقلاپ دەرياغا مېڭىپ ، دەرياغا قىڭغىيتىپ يىقىلغان قارياغاچقا ئولتۇردى ، قىزلار ئىككىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ توقايلىققا كىرىپ كېىشتى ، ھاجىئەكبەر ئاماننىڭ بېلىق قاسراقلىرى چاپلىشىپ ، بېلىق پۇراپ تۇرغان كىيمىنى ئەكېلىپ ، ئامانغا كۆزنى قىقسىپ قويۇپ كېتىپ قالدى . -'RD%_  
ئامان بىلەن گۈلجامال قېلىن ۋە ئېگىز ئوتلارنى دەسسەپ دەريانىڭ بەش تارام بولۇپ ئاقدىغان بۈك ئورمان ۋە قارىقاتلار قاپلاپ كەتكەن ئارال بويدىكى قورام تاشتا يانمۇ -يان ئولتۇرشاتتى ، ئاماننىڭ ياش يۈرگىنى تەقدىر يەنە بىر قېتىم سىناپ رەھىمسىز ئىسكەنجىلىردە قاتتىق سىقۋاتاتتى ، گۈلجامالنىڭ گۈزەل رۇخسارى سەل يادغان ، قوڭۇر چاچلىرى ھېلمۇ يۇمران بوينى ، يۇملاق مۈرلىرنى يىپىپ تۇراتتى ، چوڭ قارا كۆزلىرى مەيۇس بىر ھالەتتە يەرگە باقاتتى . /[UuHU5*R  
__ بىز يەنە كۆرۈشتۇق !__ دېدى گۈلجامال سۇغا قاراپ ، بۇ توققۇز كۈن ماڭا توققۇز يىل بوپ تۇيۇلدى يۈرەكلىرىم ھەرە كۆنكىدەك بولۇپ كەتتى ...ئاھ.... ئامان باغرىمنىڭ نەقەدەر سۇنۇقلىغىنى بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى ، بىر ئۆمۈر داغدا قويدۇڭ...._ قىز بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى . E rnGX#@v  
_ ئاھ خۇدا ، ئامان دەريا قىرغاقلىرغا قاراپ ئېغىر ئۇھ ئۇردى ،_ گۈلى ميىنىڭ گۈلۈم !!.... مېنىڭ قەلبىمنى ، ئۇنىڭ پىنھان قاتلىرغا سىڭگەن گۈزەل خاتىرلەر نى ، بىز ئارزۇ قىلغان شېرىن چۈشلەرنى ، مەڭگۈ ئەستىن كۆتۈرۈلمەس ئەھدۇ -ۋاپالارنى ۋەيران قىلدۇق ، شۇنداق بىز ئىككىمىز ۋەيران قىلدۇق ....سەن كېتسەن !!... مەن ساڭا قانداق چىداي ....ئىلاجىم...... يوق ! h#]LXs  
_ ئامان ،_ قىز بىردىنلا ئامانغا ئۆزنى تاشلاپ ئۇن سېلىپى يېغلىۋەتتى ،_ ئەمدى مەن ھاياتىمدا بىرۇنى سېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەلمەيمەن ....سەن ....سەن.... ھەممىنى....ھەممىنى...ئەكەتتىڭ . 89a`WV@}  
_ گۈلى ، گۈلجامال ، بۇ نېمە دىگەن دەھشەتلىك تەقدىر ......  VpWpC&  
بۇ شۇم تەقدىر بىزنىڭ پېشانىمىزگە پۈتۈلگەنمۇ ؟ ئەمدى سېنى سېغىنسان گۈلگە قارايمۇ ؟! سۇ بويلىردا قالغان ئىزلىرىڭغا قارايمۇ ؟... سەندىن ماڭا باغچىدىكى شادا ئورۇندۇق قالدىمۇ ؟ ئەمدى ھەر كۈنى شۇنى يوقلايمۇ ؟ ! .... 0m'tPFQ|  
_ ئامان ! ئامان ! ..... گۈلجامال ئاماننىڭ بىلەكلىردىن . مۇرلىردىن سىلكىشلەيتتى ،_ مېنى غازاڭدەك قۇرۇتتۇڭ !.. گۈلدەك توزۇتتۇڭ !...ئۆچمەس چاڭقاق تەشنالىقىمنى ئەبەدى دەپىنە قىلۋەتتىڭ !.... ئەمدى مەن سېنى قۇمدىنمۇ تاپالمايمەن !... ~0Xx]   
قۇياش دەرياغا پاتماقتا ئىدى ، شەپەقتىن قاندەك قىزارغان سۇ يالتىراپ كۆزنى چاقاتتى ، سۇغا كىرىپ كېتۋاتقان قۇياش مەركىزدە بىر قۇلۋاق دەريانى كېسىپ كېتۋاتتى .... ئارقىسىغا قايتىپ پالاق ئۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىز ، قۇلۋاقنىڭ يەنە بىر ئۇچدا بېشنى باس تۈگمىلىرگە يىقىپ گارمۇن چېلۋاتقان يىگىت خۇددى قىزىل نۇر ئىلكىدە تاۋلىنىپ تۇرغان ھەيكەلدەك كۆرنەتتى ، گارمۇننىڭ مۇڭلۇق ساداسى ، قىز يۈرەكلىرنى تىترەتكەن ناخشا ئاۋازى دەرىتلىك قەلىبلەرنى كۆيلىگەندەك ھەسرەتلىك ئىدى . +*KDtqZjk  
ئۆردەك كۆللەردە بولۇر ، Oy~X@A  
لاچىن چۆللەردە بولۇر . `sJv?  
ياش چېغىڭدا كىمنى سۆيسەڭ ، >@L^^ -r  
كۆڭلۈڭ شۇنىڭدا بولۇڭ . 21.N + H'  
بىر ئۆمۈر ۋىدالىشدىغان ئىككى ياش ، ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش مىنۇتلىردا كۆز ياشلىرنى ئانا دەريا ئېقىنلىرغا قوشماقتا ئىدى ، بىراق تاغ چوقلىرى سۇس نامان ئىچدە ئېرگەن بولۇپ ،شەپەق قىزارغان ئاسماندا بىنەپشە رەڭ پارچە بۇلۇتلار مۇئەللەق ئېسلىپ تۇراتتى _ گۈلجامال ! Wup%.yT~Ds  
گۈلجامال ياش بىلەن قىزارغان كۆزلىرنى لاپپىدە ئاچتى -دە ، ئارقىسدا تۇرغان دوستى ئاسىلتاشنى كۆردى . s&Ml1 A:  
_ قىزلارنىڭ ھەممىسى ھارۋىغا چىقىپ بولدى ، ئۇلار ساڭا ساقلاپ قالدى تېز بارغىن _ ئاسىلتاش يۈگۈررۇپ كېتىپ قالدى . v#Y9O6g]T  
يۈرگى دەريا سۈيلىردەك ئىقىپ تۈگىگەن گۈلجامال ئامانغا ئۇزاق تەلمۈرۈپ قاردى . il >XV>  
_ خوش ! ... ئاماننىڭ ئاۋازى بوغلۇپ كۆزنى ياش قاپلىۋالدى ...._ خوش گۈلجامال !... HLp'^  
_ ئامان !....... SoJ'y6  
پاك سەمىمى مۇھاببەت شەربىتىدە سۇغۇرۇلغان ئىككى ياش يۈرەك ، داغدا قالغان ھاياتىدا تۇنجى قېتىم كۆز ياشلىرنى ، ئاتەش تىنىقلىرنى بىر -بىرگە قوشتى .... $Y31Y A  
ئاماندىن كۆز ئۈزۈلمىگەن گۈلجامال ئارقىچە بىر نەچچە قەدەم ئالدى ،لېكىن ئۇ «ئامان ! ...» دېدى-دە ئوت -چۆپلەرگە پۇتلىشىپ يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى .... o? {rPFR  
ئامان دەريا بويدا يالغۇز قالدى .... ئۇ گۈلجامالنىڭ ئوت باسقان چىغىر يوللا بىلەن گاھ ئارقىسغا قاراپ ، گاھ دەرەخ غوللىرنى قۇچاقلاپ توقايلىقلار ئارا قىزىل ياغلىقى كۆزدىن يۈتكەنگە قەدەر قاراپ تۇردى ! ئۇنىڭ قارسى غايىپ بولغاندىن كېيىن يۈرگىدە چىدغۇسىز ئاچچىق ئاغرىقنى ھېس قىلدى -دە تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يىغلىۋەتتى ..... @F%_{6h  
_ ئاھ تۇنجى مۇھاببەت تۇگدى !!!..... Z=\wI:TY1  
ئاردىن بىر ئاي ئۆتۈپ ، ئامان ئۈرۇمچىگە ئوقۇشقا ماڭدى ..... @&LtIN#  
;fnE"}  
مەنبە:«جالالىدىن بەھرام پوۋىستلىرىدىن تاللانما» }m0hq+p^  

مىېھرىما 2014-03-31 14:51
مەن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن ياخشى پوۋىسىتكەن سىزگە رەھمەت  . *&b~cyC  
(fc /"B-  
ئوبدان ھوزۇر ئالدىم

بابۇر0725 2014-04-01 23:29
قاراخانغا تەشەككۈر  نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي


查看完整版本: [-- قاراخان:جالالىدىن بەھرامنىڭ «قاچقۇن» ناملىق پوۋىستى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled