查看完整版本: [-- لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كامالىدىن 2014-03-31 03:28

لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

. ھەپتە  2013 -يىلى   9-ئاينىڭ  22 - كۈنى   تولۇق 1-يىللىق سىنپلارغا  1سائەت ئۆتۈلىدۇ                98os4}r  
دەرس ماۋزۇسى:         لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە TK;*:K8oe  
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۈگىنىش نىشانى، %Y` @>P'  
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نوقتا $3sS&i<  
ئاتالغۇ ۋە قائىدىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئەستە تۇتۇش ۋە چۈشىنىش  مۇھىم Q- %Q7n'c  
ئەسلى ۋە كۆچمە مەنا، بىر مەنىلىك، كۆپ مەنىلىك،شەكىلداش،قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر ھەققىدىكى ئاتالغۇ قائىدىلەرنى چۈشىنىش gaC^<\J  
    ھەل قىلىش ئۇسسۇلى:  مىسالدىن قائىدىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ H\2+cAFN#  
    قىيىن نوقتا lu(<(t,Lbs  
    نەزىرىيەنى مىسال ئەمىلىيىتىدىن پەرىقلەندۈرۈپ چۈشىنىش u|7d_3 ::  
ھەل قىلىش:كۆپلەپ مىسال ئېلىشقا يېتەكلەش ،مىسالنى چۈشەندۈرۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ 0!rU,74I=  
                ھېسىيات،پوزىتسىيە،قىممەت قارىشى (KHTgZ6  
   ئاناتىلنى سۆيۈش،ئانا تىلنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش AyKaazm]9  
ماھارەت ئىقتىدار نىشانى })Rmu."\  
.1سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنسىنى،شەكىلداش سۆزلەرنىڭ شەكىلداشلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كۆپ مەنىلىك ،كۆچمە مەنىلىكسۆزلەرنى بىر بىرىدىن  پەرقلەندۈرەلەيدىغان بۇ ھەقتىكى نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان ئىقتىدارىغا ئاساس سېلىنىدۇ. :*e0Z2=  
     ئوقۇتۇش جەريانى(تەييارلىق سىناق) /!UuGm   
.1    لېكسىكا قانداق مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ؟ ئۇ قانداق پەن؟ئۇ نېمىنى تەتقىق قىلىدۇ؟ 0,(U_+ n  
.2    سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن كۆچمە مەنىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ fM_aDSRa!H  
دەرىسكە باشلاپ كىرىش: jcN84AaRFI  
     ئوقۇتقۇچى:بىز بۈگۈن ئويۇن ئوينايمىز ،مەن بىر سۆز دەيمەن سىلەر ئۇنىڭغا مەنىسى ئوخشايدىغان سۆزلەرنى تاپىسىلەر،ئىككىنچى قەدەمدە ساۋاقداشلار ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ بىرسى دىگەن سۆزگە ئونىڭ قارشى مەنىسىدىكى سۆزنى دەيدۇ .كىم خاتا قىلىپ سالسا يۇمۇر دەپ بېرىدۇ.(يۇقارقى ئويۇندىن كېيىن تەھلىل سۇئاللىرى بېرىلىدۇ.قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر قانداق بولىدىكەن؟مەنىداش سۆزلەرنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى سۇئاللارنى تەھلىل قىلىش،قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قوغۇزۇش ئاساسىدا دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.) S)z jfJR  
   ئوقۇتقۇچى: مەنىداش سۆز دېگەن نېمە؟ 7C ABM  
سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى دېگەن نېمە؟ مىسال. tsU.c"^n  
ئوقۇغۇچى:مەلۇم بىر سۆزنىڭ ئەسلىدىكى سۆزىگە خاس لېكسىكىلىق مەنىسى سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى دېيىلىدۇ. مەسىلەن:     ئېگىز تاغ، گۈزەل يېزا , Z#t-?  
     «سال» سۆزىنى ئەسلىدە «ساندۇققا سال»، «قازانغا سال» دەپ ئىشلىتىمىز. ھازىر ئۇنى يەنە «يولغا سال»، «قۇلاق سال»، «بەس سال»، «نەزەر سال»، «تەرتىپكە سال»، «ئاھاڭغا سال»، «مەبلەغ سال» دېگەندەك نۇرغۇن مەنىلەردە قوللىنىمىز.   U n2xZ[4  
سۆزنىڭ ئەسلىي مەنە ياكى كۆچمە مەنىدە كەلگەنلىكى يەككە سۆزدە ئىپادىلەنمەيدۇ، پەقەت جۈملە ئىچىدە كەلگەندىلا بىلىنىدۇ، سۆز بىرىكمىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. =lS~2C  
مەسىلەن: «قۇشنىڭ قانىتى»  دېسەك، بۇ يەردىكى «قانات» سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىدە كەلگەن. «ئىشىكنىڭ قانىتى»، «ئايروپىلان قانىتى»، «ئات ــ ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى»، «قانىتىمدىن ئايرىلدىم»، «قانات يايدۇرۇلدى»، «قانات ئاستىغا ئالدى» قاتارلىق سۆزلەر ئەسلىي مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسىدە كەلگەن. 6 EE7<&  
   سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى شەيئىلەرنىڭ ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىرىنى جانلىق ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغاچقا، شېئىرلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. IO`.]iG  
   ئوقۇتقۇچى:بىر مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. ]~87 v  
   ئوقۇغۇچى:ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدە بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىر مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. 0X `Qt[  
    مەسىلەن:قەشقەر، پېرسوناژ، سىنئالغۇ... s9~W( Wi  
     ئۇيغۇر تىلىدا بىر مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئۇلارغا خاس ئىسىملار، پەن- تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەر كىرىدۇ. LCRreIIgZ  
     ئوقۇتقۇچى: كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. U{RW=sYB~9  
بىر ئاساسىي مەنە ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىر قانچە مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. #DwTm~V0"  
مەسىلەن: «ئاچ، سال، تاش، ئىسسىق، سوغۇق، ئاچچىق، تاتلىق، ئوچۇق» دېگەنگە ئوخشاش. $91c9z;f^  
    كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئەسلىي مەنىدە ۋە كۆچمە مەنىدە كېلەلەيدۇ. مەسىلەن: NM/?jF@j*  
    ئوچۇق ـــ ئىشىك ئوچۇق (ئەسلىي مەنىسى)، ھاۋا ئوچۇق، كۆزى ئوچۇق، قولى ئوچۇق، ئاغزى ئوچۇق (كۆچمە مەنىلىرى) X(?.*m@+TB  
ئوقۇتقۇچى:مەنىداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. &iR>:=ks N  
ئوقۇغۇچى:شەكلى ھەر خىل، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاش ياكى بىر- بىرىگە يېقىن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ?2% d;tW  
مەسىلەن:«ئۇلۇغ، بۈيۈك، يۈكسەك؛ يۈز، ھۆسن، چىراي، جامال، رۇخسار، بەت؛ تېتىك، جانلىق، جۇشقۇن» قاتارلىقلار. K!5QFO4  
      مەنىداش سۆزلەر مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولسىمۇ، جۈملە ئىچىدە قوللانغاندا بەزى پەرقلەر بولىدۇ. يەنى بەزى مەنىداش سۆزلەرنى جۈملىدە ئالماشتۇرۇپ قوللانسىمۇ بولىدۇ، بەزى جۈملىلەردە ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. jB:$+k|~.  
    ئوقۇتقۇچى: شەكىلداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ 3)T'&HKQ  
    ئوقۇغۇچى:تىلىمىزدىكى يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن يېزىلىشى تامامەن ئوخشاش، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىلىرى تامامەن ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن: rF2`4j&!  
ياش ـــ (ئىسىم) كۆزنىڭ يېشى، ياش ـــ (سۈپەت) ياش بالا، يۈز ـــ  (ئىسىم) ئادەمنىڭ يۈزى، يۈز  ـــ (سان) يۈز يىل. wW1aG  
   دېمەك:تەلەپپۇزى، يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاشمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. yN5g]U. Q  
    شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنە بىلدۈرىدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، شەكىلداش سۆزلەر شەكلى ئوخشاش، مەنىلىرى باشقا- باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت.  VljAAt  
ئوقۇتقۇچى:. قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. D*o_IrG_(  
   ئوقۇغۇچى:ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن قارىمۇ قارشى، بىر- بىرىگە زىت ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: |[CsLn;  
    ياخشى - يامان، قىش - ياز، پايدا- زىيان، ھەق-ناھەق، ئاق- قارا، كېچە- كۈندۈز، قىز- ئوغۇل، شەرق- غەرب، ئاز- كۆپ... lt|\$Iy(  
    قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بولۇش ئۈچۈن بىر سۆزگە قارشى ياكى زىت مەنىلىك يەنە بىر سۆز بولۇشى كېرەك. 4!i`9w$$"  
     دېمەك:مەنىلىرى ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى بولغان سۆزلەر قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. w0)V3  
      تىلىمىزدىكى قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر بىر- بىرىگە زىت سانسىز شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، شەكىللىرى، ھەرىكەتلىرى، ھالەتلىرى، ۋاقتى ۋە ئورنى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈپ، روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. 9AD`,]b  
ئوقۇتقۇچى:تىلىمىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ N Ea :  
   ئوقۇغۇچى:ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر مەنىسى ۋە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئىدىيوم، ماقال- تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 3xxQL,FV  
    ئوقۇتقۇچى:ئىدىيوم دېگەن نېمە؟ مىسال. 2qo=ud  
    ئوقۇغۇچى:ئىدىيوم ئوخشىتىش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ، مۇنداق ئىدىيوملار شۇ سۆزلەرنىڭ يەككە تۇرغان چاغدىكى مەنىسىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۈرىدۇ. mp!KPw08':  
    تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلىي مەنىلىرىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۈرگەن تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئىدىيوم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: t 9&xk?%{  
«ئاغزى قولىقىغا يەتمەك» دېگەن ئىدىيوم ھەرگىز ئاغزى يوغىناپ قولىقىغا يەتكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. S_/9eI~X  
    ئوقۇتقۇچى: ماقال- تەمسىل دېگەن نېمە؟ مىسال. 9u n]}7^  
    ئوقۇغۇچى:تىلىمىزدىكى تۈزۈلۈشى پۇختا، چوڭقۇر مەنىلىك، ئۈلگە، نەسىھەت، ئىبرەت خاراكتېرىدىكى تۇراقلىق جۈملىلەر ماقال- تەمسىل دەپ ئاتىلىدۇ. &)JQ6J_|\  
ماقال- تەمسىل ئاتا- بوۋىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن، ئۈلگە، نەسىھەت، تەنبىھ، ئىبرەت خاراكتېرىدىكى جۈملىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇن دائىرىسى كەڭ. ئۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىم جەۋھەرلىرى دېيىشكە بولىدۇ. f uQbDb&  
ئوقۇتقۇچى:ماقال تەمسىللەرنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى قەيەردە؟ X1&Ug ^  
   ئوقۇغۇچى:ماقال بىلەن تەمسىل بىر- بىرىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، ئادەتتە بىرىنىڭ ئورنىدا يەنە بىرى ئاجرىتىلماي قوللىنىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەرقى بار. GmP)"@O](;  
ماقالدا خەلقنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا يەكۈنلەنگەن ئوي- پىكىرلىرى ئۇدۇللا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: }IO 
«بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يېڭەر»، «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس»، «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» ۋە باشقىلار. c[\ :^w^I6  
تەمسىلدە بولسا ئوي- پىكىرلەر ئۇدۇل ئەمەس، بەلكى باشقا شەيئىلەرنىڭ خىلمۇ خىل خۇسۇسىيەتلىرى ۋاسىتە قىلىنىپ، ئەگىتمە يول بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: KY 34Sc  
«گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن». بۇ تەمسىلدە گۆش، ياغ بىلەن پىياز ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇسىيەت ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەمسىل قىلىنغان. o`5p "v r  
     ئوقۇتقۇچى:ھېكمەتلىك سۆز دېگەن نېمە؟ مىسال. QA>(}u\+  
     ئوقۇغۇچى:ھېكمەتلىك سۆز «ئەقلىيە سۆزلەر»، «تەپەككۇر جەۋھەرلىرى»، «تەپەكۇر ئۇچقۇنلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل ھېكمەت، چوڭقۇر پىكىر- چۈشەنچە جىلۋە قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئېغىزدىن ئېغىزغا، كىتابتىن كىتابقا ئەينەن كۆچۈرۈپ، تۇراقلىق شەكىل بىلەن ئىشلىتىدۇ. oJa6)+b(3  
مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆزىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە پەلسەپىۋى پىكىر ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق جۈملىلەر ھېكمەتلىك سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: OzY55  
مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ. Go~bQ2*'(/  
                                                          ــــ ماۋزېدۇڭ (Cjnf a 2  
قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. u>c\J|K_V  
                                                   ــــ مەھمۇد كاشغەرى L[ l ?}\  
ئۆز تارىخىدىن شۆھرەت نامايەندىلىرى بىلەن نەپرەت ئوبيېكتلىرىنى بايقاپ تۇرمىغان مىللەت خامۇش مىللەتتۇر. t`NZ_w /  
                                          ـــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن A{\#.nC/z  
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر. T=r-6e N  
                                                   ـــ يۈكنەكى v{{Cj83S+  
بىز ئۆمۈر بويى قەرزدار بولغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر زات بار، ئۇ بولسىمۇ ئانا. N]n]7(e+0C  
                                           ـــ ن. ئا. ئوستروۋېسكى tP; &$y.8  
-6 كۆنۈكمە: ئەدەبىي كىتابلاردىن قىسقا بىر ئابزاسنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ. (جاۋابى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلدى.) ?^Sk17G  
-7 كۆنۈكمە: ئۆز يۇرتىڭىزدىكى يەرلىك شېۋە سۆزلىرىدىن 10 نى يېزىپ كېلىڭ. (جاۋابى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلدى.) _&S?uz m  
-8 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەردە چۈشەنچىلەرنىڭ قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭ. O%)@> 5#S  
قەلب، سەلتەنەت، دەريا، گۈلدەستە، سوۋغا، تاپشۇرۇق، پائالىيەت، ساپ، ئويلاش، سالام، ساغلام .qVz rS  
جاۋاب: «گۈلدەستە» دېگەن سۆزدە چۈشەنچە ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، قالغانلىرىدا بىر سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. 0_yE74i  
-9 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئەسلىي مەنە ۋە كۆچمە مەنە بويىچە تۈزۈلگەن ئىككى خىل جۈملە تۈزۈڭ. 1);$#Dlt k  
كۈن، قىل، سىر، ئىللىق | \Nj  
جاۋاب: 1) كۈن: كۈن تۇتۇلۇپ، ھاۋا بۇزۇلدى. (ئەسلىي مەنە) HZMs],GX  
كۈن: مېنىڭ ئوچۇق كۈنلىرىم تۈگىدى. (كۆچمە مەنە) $q*kD#;mh  
2) قىل: ئاشقا قىل چۈشۈپ كەتتى. (ئەسلىي مەنە) x4v@Kk/  
قىل: يوق يەردىن قىل ئىزدەپ نېمە قىلىسەن؟ (كۆچمە مەنە) 0P`wh=")  
3) سىر: مەن بازاردىن كۆك سىر سېتىۋالدىم. (ئەسلىي مەنە) &d`T~fl|  
سىر: بۇ ئىشنى ھەر خىل سىر بىلەن سىرلاپ، قانداق كۆرسەتمەكچىسەن؟ (كۆچمە مەنە) 5zJkPki  
4) ئىللىق: ئىللىق باھار ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرەتتى(ئەسلىي مەنە) GF~^-5  
ئىللىق: ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قويمايتتى. (كۆچمە مەنە) !f_GR Pj'  
10- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى تېپىپ يېزىڭ. J*6I@_{/ U  
مەززىلىك، ئاتاقلىق، كۆپ، سەزگۈر، يۈرەك Sp)KtMV  
جاۋاب: مەززىلىك: تاتلىق، لەززەتلىك، تەملىك، شېرىن 1!8*mk_R{  
ئاتاقلىق: داڭلىق، مەشھۇر، شۆھرەتلىك، نامدار Wm:3_C +j  
كۆپ: جىق، مول، نۇرغۇن، ئاۋۇن، سانسىز، ئاز بولمىغان Ff>Y<7CQ v  
سەزگۈر: ھوشيار، ئەقىللىق، زېرەك، تاپقۇر 7UHqiA`L  
يۈرەك: قەلب، كۆڭۈل، دىل Orh5d 7+S  
-11 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى شېئىرلاردىكى ئاستى سىزىلغان شەكىلداش سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ. {N5g52MN  
1)) دەۋېرىش بەك ئۇيات «بىلمەيمەن، ۋاي- تاڭ»، y NV$IN%  
بىلىمنى ھەر قاچان دىلىڭغا چىڭ تاڭ. R,Zuy( g  
تىرىشقىن ئىجتىھات بىلەن، بىزنى كۈتىدۇ، rShi"Yw  
ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن ئاشۇ گۈزەل تاڭ. vzi= [ A  
2) )ئايرىماي يۈرۈپسەن «ئا»نى «ئە» دەپ،  >o.u,  
غەپلەتتە ھەددىڭدىن ئېشىپ، بەك ئەدەپ. #PXl*~PrQ/  
ئالىمەن دېسەڭ ئەل قەلبىدىن ئورۇن، 6/4OFvL1  
نومۇس قىل، ئۆزلەشتۈر ئەخلاق ۋە ئەدەپ. p00\C  
جاۋاب: (1) بىرىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ــ «بىلمەيمەن، قانداقكىن» دېگەن مەنىدە. ئىككىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ــ «باغلار، چىگ، ئورا» دېگەن مەنىدە. تۆتىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ـــ ئەسلىي مەنىدە «سەھەر، يورۇقلۇقنىڭ يېتىپ كېلىشى» بولۇپ، كۆچمە مەنىدە «كەلگۈسى، كېلەچەك» دېگەن مەنىدە كەلگەن. !LIWoa[ F.  
2)) بىرىنچى مىسرادىكى «‹ئە› دەپ» - ‹ئە› تاۋۇشى دەپ» دېگەن مەنىدە. ئىككىنچى مىسرادىكى «ئەدەپ» ــ «كۈچەپ» دېگەن مەنىدە. تۆتىنچى مىسرادىكى «ئە – دەپ » ــ «پەزىلەت» دېگەن مەنىدە كەلگەن. d0-}Xl  
-12 كۆنۈكمە: قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ماقالدىن بەشتىن يېزىپ كېلىڭ. D VSYH{U4  
جاۋاب: (ئۈلگە): يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن تۇرسا چىشلىشەر. تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت يەر. Y}1|/6eJ  
-13 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى ئىدىيوملارنىڭ ئاستىغا سىزىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەنە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. 0w+hf3K+:  
جاۋاب: 1) بېشىنى تاشقا ئۇرماق. ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئامال قىلالماسلىق. 8 6L&u:o:  
2) خورىكى ئۆسۈپ قالماق. يوغانچىلىق قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، چوڭچىلىق قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش. QyHUuG|g  
3) مېغىزىنى چاقماق. ھۇزۇر – ھالاۋىتىنى كۆرمەك، پايدىسىنى كۆرمەك، پايدىلانماق دېگەن مەنىدە. %{}Jr`  
4) قولى ئۇزۇن. ھوقۇقلۇق، كۈچ- قۇۋۋىتى تولۇقلۇققا، باي، ئىقتىسادى كۆپلۈككە ئىشارە. J puW !I  
5) كۆڭلى تۈز. كۆڭلى ياخشى، باشقىلارغا يامانلىق قىلمايدىغان. M/1Q/;0P  
-14 كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىللەرنى تولۇقلاپ يېزىڭ. (بېرىلىشى بىلەن جاۋابى بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى.) #Jm_~k  
1))مەرد بىر قېتىم ئۆلەر، نامەرد مىڭ قېتىم. w:umr#  
2) )قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. ?L'k2J  
3)) ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ، يامان كۆپۈپ. C&5T;= 
4)) بىلىم ــ بىلگۈچىدە، ماھارەت- ئۆگەنگۈچىدە. }XXE hO O  
5))يېمەيدىغان ھەسەل بار، يەيدىغان زەھەر. X,OxvmDm  
6) )پالتا چۈشكىچە، كۆتەك ئارام ئاپتۇ. 3aDma/   
7) )قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ. KK] >0QAY  
8)) ئېغىزدا بار، ئەمەلدە بار. I+<`}  
9) )كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت، چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى. 6Edqg   
- 15كۆنۈكمە: ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئالتىنى توپلاڭ. |BW956fBU  
ئۈلگە: ئىلھام ــ ھۇرۇننى يوقلاشنى ياقتۇرمايدىغان مېھمان. ,2cw 9?<  
                                                        ـــ چايكوۋىسكى DMf9wB  
m0 #hG x  
تاپشۇرۇق: 12-،15- كۆنۈكمە -5qO}^i$a  
دوسكا لاھىيىسى:                             لېكسىكا ھەققىدە چۈشەنچە zH_q6@4  
Wu}Co  
سۆز             ئەسلى مەنا      كۆچمە مەنا     قارمۇ قارشى مەنا      مەنىداش      كۆپ مەنىلىك        شەكىلداش F0!r9U((  
ئوچۇق  - ئىشىك ئوچۇق،   قولى ئوچۇق  ،  تۇتۇق  ،         ئاشكارا،روشەن    ،  قولى ئوچۇق ،     ئۇچۇق پىيالە     af_zZf!0  
ئاق     -ئەق رەڭ   ،    ئاق كۆڭۈل      ،    قارا      ،      داغسىز،ئېۋەنسىز،   ئاقيول،            سۇ ئاقتى ENmo^O#,u  
0N}5sF  
دەرىستىن كىيىنكى ئويلىنىش: \x+DEy'4;5  
+-Dd*yD6<  
OBZ|W**N"  
.x x#>Y-\  
5A)w.i&V  
q5 A+%#  
گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى bDkE*4SRX  
Yyo|W;a]  
                                     يىل         ئاي          كۈن RmQt%a7\{  

مىېھرىما 2014-03-31 10:59
كامالىدىن كۆپ ئەجىر قىپسىز ! 0%F.]+6[O4  
gk1S"H  
ئەتراپلىق ياخشى بوپتۇ. سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!

گېرمان 2014-04-01 12:14
ئەجرىڭىزگە رەھمەت كۆپ تىىرشىپسىز


查看完整版本: [-- لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled