ياسىنجان510 |
2014-03-30 23:02 |
يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟
يېڭىچە پروزا ئېقىمى دېگەن نېمە؟ Xlp $xp" ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى N5%Cwl6i 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «ئاسىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار پەيدا بولدى. بۇ يازغۇچىلار جەمئىيەتتىكى جىمى ئەنئەنىگە، جۈملىدىن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە گۇمانلىنىش، ھەتتا ئۇنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتتى. ئالان روب گىرىللېت، ناتالى ساروت، مىچىل بۇتور، كلائۇد سىمون مۇشۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچىلاردۇر. ئۇلار، 19- ئەسىردىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى، بولۇپمۇ بالزاك ۋە تولستوي ۋەكىللىكىدىكى رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئوقۇرمەنلەرنى پەقەت «تاشقىي چىنلىق» دۇنياسىغىلا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى داۋالغۇش، ئەنسىزلىك، تۇترۇقسىزلىق، بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ روھىدىكى مەنىسىزلىك ۋە بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. كونىچە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن ئادا- جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، پروزىدا يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى، يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى، يېڭىچە ئەركىنلىككە ئىنتىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇ يازغۇچىلارنى «ئەنئەنىگە قارشى يېڭى ئېقىم» ياكى «يېڭىچە پروزا ئېقىمى» دەپ ئاتاشتى. >vny9^_ بۇ ئېقىمدىكى ئىجادىيەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار: 6
h%%? ۋەقەلىكنىڭ لوگىكىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. ئاپتور پەقەت پاكىتنىلا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، يەكۈن قىسىمىغا كەلگەندە مۇشۇ پاكىتلارنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى خۇلاسە چىقىرىشىغا تاشلاپ بېرىدۇ. gd=gc | |