koksangun |
2010-11-11 01:34 |
ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش يۇقىرى
ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش يۇقىرى ساپالىق مائارىپ مەمۇرىي خادىملىرىغا ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىگە مۇھتاج [B3RfCV{ تۇرسۇن ئېزىز @nf`Gw ; ھازىر ساپا مائارىپى رايۇنىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىغا خېلى بولغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتنى نازارەت قىلىپ،سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ،ئارتۇقچىلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ساپا مائارىپىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى ياكى ئەمەلىيلەشمەيۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ كىمدىلىكىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ھەر دەرىجىلىك مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم رەھبەرلەر ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى خەلقنىڭ جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىۋاتماقتا،بولۇپمۇ بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتەپنى قوغدىمايدىغان ۋە سۆيمەيدىغان،ئوقۇتقۇچىلارنى قوغدىمايدىغان ۋە سۆيمەيدىغان،ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىمايدىغان ۋە سۆيمەيدىغان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغاچقا ئۇلار خەلقتىن ئايرىلىپ خەلقنىڭ نارازىلىقىن قوزغاپ قويماقتا،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى بويىچە مەكتەپ رەھبىرىنى سايلاپ بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز ئارا قوللاپ ۋە قۇۋەتلەپ،ساپانى ئاۋۋال ئۆزلىرىدە تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈشتىن باشلاپ شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشى تولىمۇ زۆرۈر بولۇۋاتماقتا.ھازىر بىر قىسىم مائارىپ تارماقلىرى رەھبەرلىرى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزگىنى ئويلىماي ئۆزىنىلا ئويلاپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئۇلارغا (ئوقۇتقۇچىلارغا) بولغان روھىي بېسىمنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرۇپ،نەتىجە يارىتىپ كارامەت كۆرسىتىپ نەمۇنىچى بولامدۇ؟بۇ تەرىپى قاراڭغۇ،لېكىن شۇ ئېنىقكى،ئەمگەك قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي ھەقسىز ئارتۇق ئەمگەك قىلدۇرىدىغان،ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىدىن سۆز ئېچىپ ئىللەت ئىزدەپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر ساپاسىز،سۈپەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەي ۋە سۈرۈشتە قىلماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتىگە تەھدىت سېلىپ ۋە زىيانغا ئۇچرىتىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇمۇشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىۋاتقان مەكتەپ رەھبەرلىرى قايتا خەلقنىڭ تاللىشىدىن ۋە سايلىشىدىن ئۆتكۈزۈلسە خەلقنىڭ ئارزۇسى قېنىپ خەلق ئۆز كۆڭلىدەك ساپالىق مەكتەپ رەھبىرىنى سايلاپ چىققان بولاتتى.شۇنداق بولغاندا پۇل،ھوقۇق ۋە مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ئىللەتتىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ قۇتۇلغان بولاتتۇق.بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇللىرى يەنە ھەم خەلقنىڭ سايلىمىسىزلا ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغانلىرى ساپاسىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئوقۇتۇشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تازا چۈشەنمەمدۇ؟ ئىشقىلىپ بۇنىسى خەلققە مەلۇم ياكى نامەلۇم،ئۇلار ھە دېسىلا 1) ئوقۇتقۇچىلاردىن قەستەن ئىۋەن ئىزدەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم ۋە پۇرسەت بەرمەي جازالاش. 2) ھە دېگەندە ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش دۇمبىقىنى داراڭلىتىپ بىلىمنىڭ ۋە تەربىيە بەرگۈچىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ،خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش. 3) زور كۆلەمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قالايمىقان يۆتكەپ ئۆز ئەتراپىغا قاپاق بولمىسىمۇ باراڭلارنى يىغىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھېچكىم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىگە بولمايدىغان،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ،تىنچ سۇدىن پاتقاق چاچراپ چىقىدىغان بىر خىل «كۆچ-كۆچ» ھالىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ. 4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەخسۇس ئىشتىن ئايرىلىپ بىلىم ئېلىشىغا ئالاھىدە توسقۇنلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيلىنىپ ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە پاسسىپ رول ئوينىماقتا. 5) ئوقۇتقۇچىلار ئېلىشقا تېگىشلىك ئۇنۋانلارغا تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر كۆرسىتىپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋانىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق ھەتتا ئۇنۋان ئېلىشتىن ۋاز كېچىش،ھالەتلىرى شەكىللەنمەكتە. يىغىپ ئېيتقاندا، خەلقتىن ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئايرىلغان سۈپەتسىز،ساپاسىز بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك مائارىپقا مەسئۇل خادىملار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى،خەلق جۈملىدىن ئۆزلىرى كېرەك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن قايتا تاللاپ ئىش ئورنىغا قويۇلسا ساپا مائارىپى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ ئەمەلىيلىشىپ ساپالىق رەھبەرلەرگە،ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارغا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېرىشكىلى بولاتتى. 31)&vf[[
|
|