查看完整版本: [-- خىزمەت تەكشۈرۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> خىزمەت تەكشۈرۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-03-30 11:07

خىزمەت تەكشۈرۈش

        
خىزمەت تەكشۈرۈش   Fx6c*KNX3  
  (ھېكايە) 3PmM+}j 3  
ئابدۇللا  ئېلى
,;&j*qFi  
ــ ئويتاغ يېزىلىق ئوتتۇار مەكتەپمۇ؟ n (#|  
ــ ھە! apz) 4%A  
ــ ‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە چەك تارتىپ دائىرە بېكىتىشتە،چەك سىلەرنىڭ مەكتەپكە چىقىپتۇ.شۇڭا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى جىددىي تۇتۇپ،پۇختا ئىشلەڭلار.ئىككى كۈندىن كېيىن ۋىلايەتلىك مائارىپ كومۇتىتىدىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى چىقىدۇ. xF/u('A  
   ناھىيىلىك مائارىپ كومىتىتىدىن بۇ جىددىي تېلېفون مەكتەپ مۇدىرىنى ساراسىمگە  سېلىۋەتتى. چۈنكى مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىپ ماڭمىغاچقا،ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ ئىدى.زۆرۈر بولغان ئەسلىھەلەر،ھەرقايسى ئىشخدنىىڭ مۈلۈكلىرى،ئارخىپلار چالا ئىدى. HX)oN8  
   مەكتەپ مۇدىرى مۇئاۋىن مۇدىر بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە جىددىي يىغىن ئېچىشنى قارار قىلدى-دە،كاتىپنى دەرھال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىغىن زالىغا يىغىشقا بۇيرىدى.بارلىق خىزمەتچىلەر نېمە ئىشلىكىنى بىلەلمەي،ھەرقايسى ئىشخانىلاردىن،سىنىپلاردىن چىقىپ يىغىن زالىغا يىغىلىشتى. S S)9+0$  
    ئۆگۈنلۈككە ۋىلايەتتىن مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹ئىككى ئاسا سەن››خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىدىكەن،شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق: s*g`| E{M  
1.ئەمگەك تېخنىكا ئۆيىگە ھەر بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 10دىن گۈرجەك، كەتمەن، ئورغاق، بولقا،ئوتىغۇچ،ئەكىلىدۇ.مۇزىكا ئەسلىھەلىرى ئۆيىگە بىردىن داپ،دۇتتار ئەكىلىدۇ. c :d.mkF\  
2.مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا ھەر بىر ئوقۇغۇچى بەش پارچىدىن،خىزمەتچىلەر 10پارچىدىن كىتاپ تاپشۇرىدۇ. j;7:aM"BQW  
3.ساقلىقنى ساقلاش،داۋالىنىشقا ئائىت قوراللارنى يېزىلىق دوختۇرخانىدىن ئارىيەت ئېلىشقا مۇئاۋىن مۇدىر مەسئۇل بولىدۇ. u3G.xlHH[  
4.بۈگۈن،ئەتە ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە تەشكىللەپ قويۇپ،بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي مۇدىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارخىپ ئىشلەيدۇ.كەچ سائەت12گىچە ئىش قوشۇلىدۇ. +~7x+6E  
5.سىياسىي خىزمەت بۆلىمى ،ئىتتىپاق كومىتىتى،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ،ئاياللار تەشكىلاتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تارماقلار دوكلات، پىلان،خۇلاسە،پرئالىيەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ. ~VKuRli|m  
6.تەكشۈرۈش تۈگىگىچە ھەممە ئادەم جىددىي ھالەتتە تۇرۇش شەرت.رۇخسەت سوراشقا ،ئاغرىپ قېلىشقا بولمايدۇ. F*Y]^9]  
   مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،يىغىننىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئوقۇتقۇچىلار غۇدۇراشقىنىچە زالدىن تارقاشتى.  r .`&z  
   ئىككى كۈن ‹‹جاپالىق كۈرەش›› ئارقىلىق تەييارلىق خىزمەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى. O:{N5+HVG  
   تەكشۈرۈش ئۆمىكى يېتىپ كەلدى.ئۇلار ئىشخانىلارنى،ئارخىپلارنى،پائالىيەت خاتىرلىرىنى كۆرۈپ ئويباغ مەكتەپنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. [sXn B$  
   ئاخىرىدا،تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئويباغ مەكتەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «جاپاغا چىداپ ئىشلەش» روھىغا مەدھىيىلەر  ئوقۇپ،خىزمەتلەرگە يوقۇرى باھا بېرىپ،تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ مېڭىشتى. k++"  
  مەكتەپ مۇدىرى ماشىنىنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يەلكىسىدىن ئېغىر يۈك ئېلىپ تاشلانغاندەك ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلدى. ,7n8_pU  
  ئەتىسىدىن باشلاپ،ئىشلار يەنە  ئۆز يولىدا داۋاملىشىشقا باشلىدى.ھەرقايسى ئىشخانىلار يەنىلا قۇرقدىلىپ قالغانىدى.پەقەت بىرلا يېڭىلىق بولدى،ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىغا ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدە لاياقەتلىك ئورۇن››دېگەن شەرەپ تاختىسى ئېسىلغانىدى. S rom@c  
     مەنبە:مائارىپ گېزىتى 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سانىدىن ئېلىندى. QR\2 %}9b  

مىېھرىما 2014-03-30 15:52
ھەجەپمۇ ياخشى ھىكايە ئىكەن . دىمەك ھەممە يەردە باشلىقلارنىڭ كۆزنى بوياپ ئاخىردا ئۆزىمىزنى ئالداپلا ئۆتۈشتەك بۇنداق ئىللەت مەڭگۈ داۋام قىلسا كېرەك!!!

رەيھانگۇل 2014-03-30 16:05
شۇ، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلقى تۆت...

نادىرە 2014-03-31 18:18
  بۇنداق يالغانچىلىق ،كۆز بويامچىلىق ھەممىلا يەردە بار


查看完整版本: [-- خىزمەت تەكشۈرۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled