باغۋەن112 |
2014-03-30 00:28 |
غەزەل
17 .غەزەل ئاماننىساخان (باي ناھىيە ياتۇرئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خالىدەم ھاجى) ئوقۇتۇش مەزمۇنى: 9. -يىللىق 1-قىسىم تىل –ئەدەبىيات‹‹17.غەزەل››نىڭ بىر سائەتلىك دەرىس لايھەسى شائىر ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە ۋە سەئىدىيە خانلىقى ھەققىدە چۈشەنچەبىرىلىدۇ،غەزەل ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىلىم-ئىقتىدار نىشان ئوقۇغۇچىلارنى ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ۋە سەئىدىيە خانلىقى ھەققىدە چۇشەنچىگە ئىگە قىلىش. غەزەلنى ھېسىياتلىق دىكىلماتسىيە قىلىپ، غەزەل ئۇستىدە تەھلىل ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۇش. غەزەلدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مەنىسنى ‹‹چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››دىن پايدىلىنىپ چۈشۈنۈش. جەريان ۋە ئۇسۇل نىشان سەئىدىيە خاندنلىقى ۋە ئامانىنساخان ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ،تېكس ئوقۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە غەزەل ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىندۇ. ھېسىيات،پوزىتسىيە،قىممەت قارىشى ئامانىننساخاننىڭ ئۆز ھاياتنى ‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››نى رەتلەش،سەئىدىيەخانلىقى ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ گۇللەپ ياشىنىشى ئۇچۇن ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىدەك ئىرادە پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىش.ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسك مەدەنيىتىمىزگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن پەخىرلىنىش. مۇھىم نوقتا ئامانىنىساخاننىڭ ھاياتى پائالىينى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئامانىنساخاننىڭ ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش. قىيىن نۇقتا ئابدۇرەشىتخان ۋە سەئىدىيە خانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بۇلۇش.غەزەلدە ئپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ھىسىياتنى ئىگىلەش. ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرۈنىشنى چۈشۇنۈش. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى لىكسىيە ئۇسۇلى،سۆھبەت ئۇسۇلى، كىتاب ئوقۇش،تەھلىل قىلىش،پەنجىگاھ مۇقامىنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىش. ئوقۇتۇش قورالى ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى دەرىسلىك يۇمشاق ماتېريالى. دەرىسلىك كىتاب. ‹‹كۈيلەر شاھى-ئامانىنىساخان››دېگەن كىتابچە.مۇقام پىلاستىنكىسى. ئوقۇتۇش جەريانى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش . پەنجىگاھ مۇقامدىن بېرىلگەن ئارىيەنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. 1.يۇقىردا بىز پەنجىگاھ مۇقامىدن ئارىيەنى ئاڭلىدۇق، ‹‹ئۇيغۇر ئون ئككى مۇقامى›› نى رەتلىگۇچى كىم؟ سىز مۇزىكا دەرىسىدە ئامانىنساخان ھەققىدە نىمىلەرنى ئاڭلىغان؟ (ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ.) تۆۋەندە بىز يەركەن خانلىقى دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم شەخىس مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز،شۇنداقلا يەركەن خانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرغا ئىگە بولىمىز. بىلىۋېلىڭ: 1. 1514-يىلى سەئىدىخان 4700دىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ،ئاتۇشقا كېلىپ،زالىملىقى چېكىدىن ئاشقان قانخور پادىشاھ مىرزا ئابابەكرىنى مەغلۇپ قىلىپ،1514-يىلى 8-ئاينىڭ21-كۈنى‹‹قەشقەر سۇلتانلىقى››نى قۇردى .ئۇزاق ئۆتمەي خانلىق مەركىزىنى يەركەنگە يۆتكىشى بىلەن بۇ خانلىقنىڭ نامى‹‹يەركەن خانلىقى››دەپ ئاتالدى. سەئىدىخان خانلىقنىڭ تۇنجى سۇلتانى بولدى،شۇڭا بۇخانلىق ‹‹سەئىدىيە خانلىقى››دەپمۇ ئاتىلدۇ.1533-يىلى سەئىدىخان كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇپ،ئورنىغا ئوغلى ئابدۇرەشىتخان ئولتۇرىدۇ،ئابدۇرەشىتخان ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەدەنىي ھاياتى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ،ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەن يەنەبىر‹‹ئالتۇن دەۋرى ››ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرەشىتخان شىكار قىلىش جەريانىدىكى بىر قېتىملىق ئەل ئىچى خۇپيانە زىيارىتىدە ئاماننىساخاننى يولۇقتۇرۇپ،ئۇنىڭ مۇزىكا ،شېئىريەت،خەتتاتلىقتىكى ماھارىتىگەمەپتۇن بولۇپ،ئۆزئەمرىگە ئالىدۇ. ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن،يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن بىللەئوقۇمۇشلۇق كىشلە بىلەن بىللە‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››نى رەتلەش ئىشىنى ئېلىپ بارغان. بۇ دەۋىردە ئابدۇرەشىتخان ،ئاماننىساخان،مىرزا مىرەك چالىش ،ئاياز بېك قۇشچى،مىرزا مەھمۇتجوراس،مىرزا ھەيدەر،قىدىرخان يەركەندى ،مەۋلانە خۇلقى...قاتارلىق مەشھۇر سىياسىيونلار،شائىرلار،مۇزىكا شۇناسلار،ئالىم ئەدىبلەر يېتىشىپ چىققان. 2.ئاتاقىلق مۇزىكىشۇناس،تالانتلىق شائىر ئامانىنساخان خېنىم 1534-يىلى مەركىتنىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا مەھمۇد ئىسىملىك كەمبەغەل ئوتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئامانىنساخاننڭ ئاتىسى قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىكانىت ۋە ئۇستا مۇقامچى ئىدى.ئۇنىڭ ئۆيىگە دولاننىڭ شۇ زاماند ىكى مەشھۇر سازەندىللىرى كېلىپ مۇزىكا ئۆگىنەتتى ۋە مۇزىكا ئولتۇرۇشلىرىنى ئۇيۇشتۇراتتى بۇ خىل مەدەنىي ھايات زېرەك ئامانىساخانغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇ 14ياشقا كىرگەندە ساتارۋە تەمبۇرنى ماھىرلىق بىلەن چالالايدىغان بولغان بۇ ۋاقتىقا كەلگەندە،ئامانىساخان شېئر يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇلىنىپ يازغان شېئرلىرىنى ‹‹نەفىسە››دېگەن تەخەللۇس بىلەن تارقاتقان. ئامانىنساخېنىم ئۆز ھاياتىدا‹‹دىۋان نەفىسى››، (نەفىسە شېئرلارتوپلىمى) ‹‹ئەخلاق جەمىلە›› (گۇزەل ئەخلاق) ،‹‹شورھۇل قۇلۇب›› (قەلىبلەرشەرھى قاتارلىق شېئر كىتابلارنى ۋە رىسالىلەرنى يازغان.‹‹ئىشرەت ئەنگىز››ناملىق بىرمۇقامنى ئۆزى ئىجاد قىلغان.شائىر ۋە مۇزىكاشۇناس ئاماننىساخان ئۆز ئۆمرىدە مۇزىكا، خەتتاتلىق، شېئىرىيەت جەھەتلەردە ئۆز دەۋرى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۇچۇن ئۆچمەس توھپىلەرنى ياراتقان. 1567-يىلى 34يېشىدا تۇغۇتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 3.تېكىسىت ئوقۇش يۇقۇردا بىزئامانىنىساخانىنڭ ھاياتى پائالىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق ئەمدى ئامانىنىساخان يازغان‹‹غەزەل››ناملىق كىلاسسىك شېئرى بىلەن تونۇشىمىز. (ئۈلگە قىلىپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىلىدۇ،ئاندىن ئوغۇللاربىرگۇرۇپ قىزلاربىر گۇرۇپ بۇلۇپ ئايرىم-ئايرىم دىكىلماتسىيە قىلىدۇ.) 4.دەرىسخانىدىكى مەشىق 1.بۇ غەزەل ئامانىنسا خېنىم ئابدۇرەشىدىخان بىلەن ئۇچرشىشتىن بۇرۇن يازغان ۋە ئاھاڭغاسالغان. غەزەل مەزمۇندىن ئابدۇرەشىدىخاننڭ قانداق پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟ 2.تۆۋەندىكى مەشىقنى ئىشلەڭ (1)‹‹ساڭا يۇز شۇكۇر يارەپ ،بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ ، فەقىر-مىسكىنگە ئابدۇرەشىدىخاننى پەناھ قىلدىڭ›› دېگەن بىيىتتىكى ‹‹ فەقىر- مىسكىن ›› ( )كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹پەناھ››دېگەن سۆزھازىر قى زامان ئۇيغۇر تىلىدامۇنداق ( )يېزىلىدۇ. (2)بۇ شېئرنى غەزەل دېيشىمىزدىكى سەۋەب:( ). (3)‹‹غەزەل››دىكى‹‹تەڭرى تەقدىرروسىغە››دېگەن بىرىكمىنڭ مەنىسى:( ) 3.بۇ غەزەلدە پەقىر- مىسكىن ئاۋام خەلىقنىڭ ۋەكىلى بولغان ئامانىساخاننىڭ قانداق ئىدىيىۋى ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن؟غەزەلنىڭ مەيدانغا كېلىش ئارقا كۆرۈنىشىگە باغلاپ قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ . 4 .بۇ غەزەلدە ئامانىنساخان ئۆز پىكىرىنى نېمە ئۈچۇن تەڭرىگەشۇكىرئېيتىش بىلەن باشلايدۇ ؟ بۇنىڭدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭز؟ 5.ئادەتتە كىلاسسسىك شېئرلارنىڭ تىلىنى چۈشۈنۈش بىر قەدەر قىىيىن.بۇ ئەسەرمۇ كىلاسسىك شېئرغا تەۋە ئەمماغەزەلنىڭ تىلى ئىنتايىن چۇشۇنىشلىك بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ مۇستەھكەملەش باسقۇچى بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ (1)سەئىدىيە خانلىقى ( )-يىلى قۇرۇلغان ئۇنىڭ قۇرغۇچ ىسى( )دەسلەپ خانلىقنىڭ مەركىزى( )بولغانلىقى ئۇچۇنيەركەن خانلىقى دەپمۇ ئاتالغان . (2) ئاتاقلىق( )تالانتلىق( )ئامانىنساخېنىم ( )-يلى( )تىزناپ دەرياسى بويىدىكى( )مەھەللە يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ( )- يىلى قازا قىلغان.( ) ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. ئامانىنساخان ئۆزى ئىجادقىلغان مۇقامنىڭ نامى( )بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى( ) دېگەنلىك بولىدۇ. 3)ئامانىنساخاننىڭ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى رەتلەشتىكى تۆھپىسىى ناھايىتى زور سىز ‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››نىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ دەرىستىن قىسقىچە خۇلاسە: بۇ غەزەلدە ئادىل پادىشاھ ئابدۇرەشىدىخاننىڭ ئاددى خەلق قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازى نامايەن قىلىنغان. تاپشۇرۇق لاھىيىسى: 1.مەشىق 2. ‹‹غەزەل ››نى نەسرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ بېقىڭ. دوسكا لاھىيىسى: 17.غەزەل ئاماننىساخان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى 1514-يىلىدىن 1678- يىلىغىچە دەۋران سۇرگەن. سۇلتان سەئىدىخان – يەركەن سەئىدىيەخانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇ 1514-1533-يىلغىچە ھۆكۈم سۇرگەن. سۇلتان ئابدۇرەشىدىخان–سەئىدىخاننىڭ چوڭ ئوغلى سەئىدىيە خانلىقىنڭ ئككىنچى سۇلتانى 1533-يىلدىن 1559-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئامانىنىساخان– (1534-1567)داڭلىق مۇقامشۇناس ۋە شائىر اغەزەل- ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا لىرىك شېئرلار غەزەل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئەرەپچىدىكى ‹‹ ئويغىنىش ››، ‹‹ ئىشقى تۇيغۇ ››، ‹‹ كۆيۇش ››،‹‹ئىشقىنى بىلدۇرۇش››مەنسىدىكى سۆز. ‹‹12مۇقام››نىڭ نامى– 1›راك مۇقامى 2›چەببىيات مۇقامى3 ›مۇشاۋىرەك مۇقامى 4›چارىگاھ مۇقامى 5›پەنجىگاھ مۇقامى 6›ئۆزھال مۇقامى7›ئەجەم مۇقامى 8›ئوشاق مۇقامى9›بايات مۇقامى 10›ناۋا مۇقامى 11›سىگاھ مۇقامى 12›ئىراق مۇقامى ‹‹12مۇقام››نى بىرلەشتۈرۈپ ئورۇنداش ئۈچۈن 24 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قېتىم ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن،تولۇقلانغان، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ‹‹12مۇقام››-- 360 ئاھاڭ، 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان. نۇرغۇن قېتىم تەكشۈرۈش سېلىشتۇرۇش داۋامىدا‹‹ 12 مۇقام›› دۇنيا قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىۋاستە قوغدايدىغان ياخشى نەتىجىگەئېرىشتى. تاپشۇرۇق لاھىيىسى: 1.‹‹مەشىق›› تىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار. 2. ‹‹ غەزەل››نى يادلىۋېلىڭ ھەم نەسرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ بېقىڭ. مەنبە ئۆزۈم |
|