مىېھرىما |
2014-03-29 21:15 |
ئويغات : دېھقىنىم
ئابدۇشۈكۈر قاسىم دېھقىنىم ئەھۋال سورسا تەكشۈرۈش دېگەنلىرىڭ راستمىدۇ، چىرايىڭدا شاد كۈلكە،كۈلگەنلىرىڭ راستمىدۇ. كۆردۈم سېنى دېھقىنىم تېلېۋىزوردا خەۋەردە، پەچەت ئىكەن ئۈستىۋاش كەيگەنلىرىڭ راستمىدۇ. مال باھاسى ئۆسمەكتە شىددەت بىلەن كۈنسېرى، ئوتتۇز كويغا بىر جىڭ گۆش يېگەنلىرىڭ راستمىدۇ، خام قىش ئۆيدىن قۇتۇلۇپ،كۆچۈپ يېڭى بىناغا، شۇ تۇرمۇشقا ماسلىشىپ كەتكەنلىرىڭ راستمىدۇ. ئۆچ كۆرەتتىڭ ھەممىدىن كەيپ-ساپا ئىشرەتنى، كوچىلاردا مەست-ئەلەس يۈرگەنلىرىڭ راستمىدۇ. دېھقان دېگەن ئەسلىدە تايىناتتى ئۆزىگە، قۇتقۇزۇش دەپ ھەر خىل پۇل ئالغانلىرىڭ راستمىدۇ. ئىجادىيىتىم
بۇ شېئىرىڭىزنى يوللاپ قويدۇم قېنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ.
|
|