تارانچى |
2014-03-29 19:52 |
‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك ››تىكى شېۋىت خاراكتېرى
دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك ››ناملىق كىتابىدا شېۋىتلارنىڭ خاراكتېرى ئوخشىتىش ئارقىلىق ياخشى يورۇتۇلغان بىر ئابزاس ئېسىڭىزدىمۇ؟ IPk4
;, مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بۇدۆلەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان كۆك كۆز،سېرىق چاچ بۇ خەلقنىڭ خاراكتېرىدىكى قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن سوغۇق كەيپىيات ھەمدە جاندىن ئۆتىدىغان تەنھالىق بەزىدە ئادەمنىڭ غەشلىكىنىمۇ قوزغايدۇ.ئۇلار بىلەن ناھايىتى تەبىئىي ۋەقىزغىن مۇئامىلىدە بولۇشقا تىرىشسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ بەزىدە ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمەيۋاتقانلىقىنى،قانداقتۇر بىر يوشۇرۇن پەردىنىڭ ئارىنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.شۇنداق،ئۇلار سوغۇق ۋە تەنھا خەلق.ئۇلارنىڭ سوغۇقلۇقى شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاراڭغۇ ۋە سوغۇق قىش پەسلىگە ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ تەنھالىقى شىمالىي مۇز ئوكياندا يالغۇز ياشايدىغان قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ تەنھالىقىغا ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچ مىجەزلىكى ئۆلۈك دېڭىزنىڭ سۈكىناتىنى ئەسلىتىدۇ.ئۇلارنىڭ تارتىنچاقلىقى ھامان ئۆزىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان قارا تۇپراقتىكى سازاڭ قۇتىغا ئوىشايدۇ. ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك ››69ـ70ـ بەتلەر M+>u/fldV bsX[UF ئەسئەت سۇلايمان |
|