ياسىنجان510 |
2014-03-29 19:07 |
ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟
ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ ئەدەبىيات رېئال تۇرمۇش ھەققىدىكى ئىزدىنىشتۇر.بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا رېئاللىقنى سادىقلىق بىلەن خاتىرلىگۈچىلەرگە مۇھتاق.گەرچە ستاتىستىكىلىق رەقەملەر،مەلۇمات جەدىۋەللىرى،ئاخبارات ماتىرياللىرى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى ئۆزگۈرۈشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىسىمۇ،لېكىن مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگۈرىشى،تۇرمۇش شەكلىدىكى ئالمىشىش ۋە ئەخلاقنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.كېيىنكى دەۋرلەرگە بارغاندا ئەۋلادلىرىمىز ئەجداتلىرى ياشىغان دۇنيانى،ئەينى دەۋردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق چۈشىنىدۇ. iK
s/8n بالزاك:‹‹ناپاليۇن قىلىچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى مەن قەلەم بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇم››دېمىگەنمىدى. ئۇنىڭ ‹‹ئىنسان كومىدىيىسى››نامىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى فرانسىيە تارىخىدىكى ئاشۇ دەۋرنى بىزگە قايتىدىن نامايەن قىلىپ بەردى.جۇڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر بالزاكنىڭ ‹‹ئىنسان كومىدىيىسى››دەك رولغا ئىگە بولسىمۇ،ئەمما سەنئەت سەۋيىسى جەھەتتە بالزاكنىڭ ئەتىراپىدا چۆگلەپ يۈردى. WpWnwQY`# ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ ?6; +.h\ ئەدەبىيات مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى ئىزدىنىش، بىز نەدىن كەلدۇق،نەگە بارىمىز، بىز زادى كىم؟ ئىنسانىيەت ئورماندىن چىقىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇدىيىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن باشلاپلا،ئىختىيارسىز ھالدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان.تەبىئەتشۇناسلار مەسىلىنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىزدەنسە، ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزدى. ئەدەبىياتچىلار سەنئەت تىلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەشنى سىناپ باقتى.نيۇتۇن ئاخىرقى ھېساپتا دىنغا ئىشەندى. شۇپېنخاۋېر ئۈمىدسىزلىككە پاتتى. جوڭگۇلۇق ۋاڭ گوۋېي ئۆزىنى كۆلگە تاشلاپ ئۆلىۋالدى. لېكىن، پەن ،پەلسەپە يەنىلا مەۋجۇت، ئەدەبىيات يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە. mflH &Bx9 بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز چەكسىزدۇر.ئەدەبىيات ئىجادىيىتى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىشىلىك تۇرمۇشنى ئىپادىلەپ، كىشىلەرگە ھاياتنىڭ سەۋەپ، نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.دوستوۋىسكىنىڭ روھنى قىيناپ سوراققا تارتىدىغان ھېكايىلىرى، پورسېتنىڭ سۇدەك ئۆتكەن ئۆمرىنى ئەسلەشلىرى مەۋجۇدىيەتنىڭ چۇقان سېلىشى ۋە خۇرسىنىشى ئەمەسمۇ ؟ %mAgE\y25 ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ [2a*TI ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ پانارگاھى. رېئال دۇنيا ئىنتايىن چەكسىز، بىزگە ناتونۇش بولغان دۇنيامۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق. پەقەت ئەدەبىياتلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىن دۇنيارىڭىزدا ياشىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. سەنئەت بېغىدا نەپىس ،كۆركەم بولسىڭىزمۇ، قانغۇدەك كۈلۈپ ئوينىۋالسىڭىزمۇ، پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالسىڭىزمۇ ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. ئۇلۇغ گىيوتى مۇھەببەتتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، « ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى » دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خەتىرىدىن قۇتۇلغان. جوڭگۇلۇق ئەدىب ئەمەلدارلىقنى تاشلىغاندىن كېيىن، تاغ ئارىسىغا كىرىپ تەركىدۇنيا بولۇپ، شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پاتقان قەلبىنى بەزلىگەن. سىز ئالدىراشچانلىققا تولغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ ھېرىپ چارچاپ كەتكىنىڭىزدە، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ ماھارىتىڭىزنى نامايەن قىلسىڭىز، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالىي بولۇپ، ئۆزىڭىزنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. W8'cAY ئەدەبىيات ھەققىدە سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ياش ئەدىبلەرچۇ؟ &s>HiL>f بەزى ياش ئەدىبلەر ئەپسۇسلىنىپ، بىزندەك ياش ئەدىبلەرنى ئالقىشلايدىغانلار يوق، دېيىشىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئەدەبىياتقا ھەقىقىي ئىشتىياقىڭىز بولسا، باشقىلارنىڭ ئالقىشلىرىنى كۈتمەڭ. }2:/&H' بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن ئۆزى ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ كەلگەن. بالزاك تارىخنىڭ خاتىرلىگۈچىسى بولۇشتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان؛تولىستوي مىللەتنىڭ چىقىش يولى ئۈسىتىدە تىرىشىپ ئىزدەنگەن؛ سارتىر ھاياتلىق يولىنى تېپىشنى ئويلىغان بولغاچقا، بارا-بارا مەشھۇر يازغۇچىلاردىن بولۇپ چىققان، ئۇلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى باشقىلارنىڭ مەدھىيە،ئالقىشلىرىغا ھېرىسمەن بولغانلىقتىن بولماستىن ، بەلكى قەلبىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ھېس قىلغانلىقتىن بولغان. -(V]knIF ئاۋىستىريىلىك كافكانىڭ بىر جۈپ مەيۈس كۆزلىرى ئۇزاقتىن بۇيان كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان سادانىڭ يىغىندىسى ئانچە قېلىن بولمىغان « كافكا ئەسەرلىرى توپلىمى » بولسىمۇ، لېكىن سىز بىلسىڭىز كېرەك، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا دوستىغا ئېلان قىلمىغان پۈتۈن ئەسەرلىرىنى يىغدۇرۇپ بىراقلا كۆيدۈرگۈزۈۋەتكەن. نام چىقىرىش ۋە ئالقىشلار كافكا ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىشلار بولۇپ ئۇ، بۇ ھەقتە قىلچە ئويلاپ باقمىغان.
{Hm0 Q بەزى ياش ئەدىپلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتى مەنىسىز،كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاز بولغاچقا،يازغان ئەسەرلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىدىن ھەسرەت چېكىدۇ-يۇ،قىممەت رىقابىتى ھەققىدە سۆز ئاچمايدۇ. ئومۇمەن ھەرقانداق ئادەم بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئەدەبىي تالانتقا ئىەە بولىدۇ.كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى رومانتىك ھېسياتقا باي،مەلۇم دەرىجىدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.لېكىن ھەقىقى قەلەم ئىگىسى بولۇپ چىقىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز.ماقالە يېزىلغان ئىكەن ئۇ تارقىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغانلىرىمۇ،ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ.ئەدەبىيات كۆچ سەرپ قىلىشقا ۋە تەجىربىگە مۇھتاج.لېكىن ئەدەبىيات پەقەت ئۇنىڭغا تاينىپلا ۋۇجۇتقا كەلمەيدۇ.ئەمما تەبىئىي تالانت بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ياش ئەدىپلەر شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ،يەنىلا يېزىپ چىققانلىرى پۈچەك بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ. lp3 A B سىز ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن رەنجىسىڭىز،مەن چوقۇمسىزنىڭ يېزىقچىلىق مەقسىتىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن.ئۇنداق بولغاندا سىز ھەرگىز ياش ئەدىپ بولالمايسىز.ئەدەبىيات بەلكىم نام-مەنپەئەت ئەكىلىشى مۈمكىن،لېكىن ئەدەبىياتنىڭ نام-مەنپەئەت ئەكىلىشى مۇقەررەر ئەمەس.ھەقىقىي بۈيۈك ئەدىبلەرنىڭ قايسى بىرسى پۇلغا ئىنتىلگەن.بالزاك پۇل ئۈچۈن تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقى مەقسىتى پۇل ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ئەگەر سىز ئەدەبىياتنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانسىڭىز،مەن سىزگە كاپالەت بېرىمەنكى،سىز مەڭگۈ چىقىش يولى تاپالمايسىز. pMnkh}Q# بۈگۈنكى دەۋردە بىر قىسىم يازغۇچىلار قەلەمنى تاشلاپ‹‹دېڭىز››غا چۈشتى.مۋنىڭچە بۈگۈنكى دەۋردە ھەقىقىي يازغۇچىلار چىقىدىغان دەۋر.قېپقالغانلىرى ھەقىقىي،ساپ،ئايرىلغانلىرى ساختا،چالا موللىلاردۇر.يامىنى شاللىنىپ ياخشىسى قالغان بۇ دەۋردە ياش ئەدىپلەر نام-مەنپەئەتنى كۆزلىمەي ئەدەبىيات سېپىگە كىرڭلار.مەيلى مۇۋەپپىقىيەت قازنىڭلار ياكى مەغلۇپ بولۇڭلار،سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. aRPgo0,W1 مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 1992-يىل 3-ئاي سانى.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت تەرجىمىسى. UhQ [|c
|
|