查看完整版本: [-- تۆھپىكار باغۋەن ـــــ ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> تۆھپىكار باغۋەن ـــــ ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان 2014-03-29 16:50

تۆھپىكار باغۋەن ـــــ ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات

تۆھپىكار ئاپتۇرلىرىمىز ــ ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات O{P@fv%~(o  
 /y2)<{{I  
ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات 1962-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھيىسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۇتتۇرۇپ مەزكۈر مەكتەپتە قالغان. 2004-يىلى دوستېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «فارابىشۇناسلىق، دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرىك تاتقىقاتى»، «قۇتادغۇبلىك تەتقىقاتى»، «قوچۇ ئۇيغۇر مەدەنيىتى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ژانىر تەتقىقاتى»، «سۆھبەتشۇناسلىق» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتكەن. 2001-،2002-يىللىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيلەش لايھەسى»نى، «كەسپى ئوقۇتۇش لايھەسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك تەتقىقاتى»، «فارابىشۇناسلىق»، «قوچۇ –ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ژانىر تەتقىقاتى»، «سۆھبەتشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسىلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىراگىراممىسىنى ئىشلىگەن. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى»دەرسلىكىنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»قىسمى،  «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»، «ئۇيغۇر ئىسىم –فامىلە قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە، «يېزىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ۋە «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەشكە، «دۆلەتلىك، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەن فوندى تەتقىقات تۈرى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش»ناملىق كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ «ئەسىرلەر ئابىدىلىرى-ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»ناملىق مەخسۇس تەتقىقات كىتابى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق نەشىر بۇيۇملىرى سۈپىتىدە نەشىر قىلىنغان. «قۇتادغۇبىلىكتىكى يارقىن تەسەۋۋۇر، ئۈچ تۈۋرۈكلۈك ھاكىمىيەت باشقۇرۇش شەكلى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىغا دائىر ئون چوڭ مەسىلە»، «تۇرپانشۇناسلىق ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە» قاتارلىق 100 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋايى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە -قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق ماقالىلىرى ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر نەچچە پارچە شېئىرى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە، تەرجىمە ماقالىلىرى «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. ئۇ يازغان «ئەبۇ نەسىر فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبىلىئوگرافىيەسى»، «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. «ئا.ۋ.گابائىن سىنا ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيەسى»، «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيەسى»، «خېۋىر تۆمۈر ئەپەندى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگرافىيەسى» قاتارلىق بىبلىئوگرافىيەلەر ئېلان قىلىنغان. ئۇ 2010-يىلى ئۈرۈمچى خەلق رادىئۇ ئىستانىسى باھالاپ چىققان «100 تۆھپىكار»قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىرنەچچە پارچە ماقالىسى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمىئىيتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنيىتى ئىلمىي جەمىئىيىتى، جۇڭگو شىنجاڭ تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز. Ah_,5Z@&R  
\ytF@"7  
VM.4w.})_E  
VuU{7:  

مىېھرىما 2014-04-07 15:17
ياخشى ماتريال ئىكەن تىما ئىگىسىگە  رەھمەت !!

ئارزۇيۇم 2014-06-16 12:48
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.

ئەكبەرنىياز 2014-08-16 22:27
ياخشى ماتىريالكەن ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- تۆھپىكار باغۋەن ـــــ ئەشىرەپ ئابدۇللا قۇتزات --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled