查看完整版本: [-- چىش ئاغىرقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> چىش ئاغىرقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yaxar 2014-03-29 08:30

چىش ئاغىرقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى

نەچچە كۈندىن بىرى چىشىم ئاغرىپ پەقەتلا ئارام بەرمىدى، چىز ئاغرىقىنىڭ ئازاۋى تۈنۈگۈن كەچتە يۇقرى پەللىگە چىقىپ، زادىلا ئۇخلىيالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن يىتىپ ئۇخلىيالماي ئازاپلانغاندىن كۆرە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سەل دىققىتىمنى چاچاي دەپ، بۇ بىر كىچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدۈم، يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا ئەقلىم ئىشلەپ قالدىمۇ قانداق توربەتلەرنى ئارىلاپ مەخسۇس چىش ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ رىتسىپلىرىنى ئىزلىدىم، توپلىغان رىتسىپلاردىن ئائىلە شارائىتىدا دەرھال سىناپ باققىلى بولىدىغان تۇخۇم، شىكەر ۋە ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرسەم خىلى ئۈنۈمى بولدى، شۇڭا چىش ئاغرىقىنىڭ ئازاۋىنى تارتىۋاتقان دوسلارغا ئازراق بولسىمۇ يارىدىمى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن نىيەتتە بۈگۈن كەچتە توپلىغان رىتسىپلارنى مۇنبەرگە يوللاشنى توغرا تاپتىم.

چىش ئاغىرقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى
  
يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىشىڭىز ئاغرىغاندا ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ تەكرار قوللانسىڭىز ، مېنىڭچە ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز :
توخۇ تۇخۇمى . بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر ، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ ، كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ .
ئۆرۈك مېغىزى . بىر دانە ئۆرۈك مېغىزىنى ئوتقا قاقلاپ ، قىزىقىدا ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
سامساق . ئاقلانغان بىر باش ئۇيۇل سامساقنى ئوتتا پىشۇرۇپ ، قىزىقىدا ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
غولپىياز . تەڭ مىقداردا غولپىياز بىلەن سامساقنى ئېزىپ ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
يېسىۋىلەك يىلتىزى . بىر تۈپ يېسىۋىلەك يىلتىزىنى ئېزىپ ، چىققان شىرنىسىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
ئاپتاپپەرەس چېچىكى . ئاپتاپپەرەس چېچىكىنى قازاندا سۇ بىلەن قاينىتىپ تىلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ، سۈيىدىن بىر قېتىمدا يېرىم چىنە ( 300 مىللىلېتر ) ئىچىۋەتسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

         قىزىق لۆڭگە . لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ سۈيىنى سىقىۋەتكەندىن كېيىن ، گەدەنگە تۆت - بەش مىنۇت قويۇپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       روخۇ ئۆتى . بىر دانە توخۇ ئۆتىگە بىر .ئاز ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       پىياز ئۇرۇقى . بىر چىمدىم پىياز ئۇرۇقىنى كۆك رەختكە ئوراپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ، چىققان تۈتۈنىدە چىشنى ئىسلاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      ئاشتۇزى . بىر ئاز ئاشتۇزىنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ ، توختىماي ئۇۋىلاپ بەرسە ياكى ئاشتۇزىنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، بىر دەمدىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       سىركە . ئۈزۈم سىركىسىنى قاينىتىپ ئۇنىڭدا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       جىگەر . جىگەرنى كاۋاپ قىلىپ قىزىقىدا چىشلەپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       خام زەنجىۋىل . خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا قويۇپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       قارىمۇچ . بىر مىسقال قارىمۇچنى تالقانلاپ ، سىركە بىلەن قاينىتىپ ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       بىر تال كاۋاۋىچىننى ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر دەم چىشلەپ تۇرسا ياكى كاۋاۋىچىننى ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       تېتىتقۇ . چوكىنىڭ ئۇچىغا تېتىتقۇ ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشقا تەگكۈزۈپ قويسا ، چىش ئاغرىقى تېزلا توختايدۇ . زەمچە . ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقىدىكى زەمچىنى يېرىم پىيالە قايناقسۇدا ئېرىتىپ چىشنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

       دانكا . مۇۋاپىق مىقداردا دانكا ، زەمچە ، توغرىغۇ ، تۇزنى تالقانلاپ ، ئاغرىۋاتقان چىشقا باسسا ياكى سۇيۇلدۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      ئېقىل قارا . كىچىك چىلاننىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان ئېقىل قارىنى ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىپ ، ئېغىزغا سۇ ئېلىپ غەر - غەر قىلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      ئاسپىرىن . بىر تال ئاسپىرىننى ئېزىپ ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ ، ئۈستىگە پاختا قاپلاپ قويسا ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

      ھىڭ . ماياق چوڭلۇقىدىكى بىر پارچە ھىڭنى قۇرت يېگە چىشنىڭ كاۋىكىغا سېلىپ چىشلەپ تۇرسا ، چىش ئاغرىقى پەسىيىدۇ ، قۇرتنى چۈشۈرىدۇ .

      زوڭ ئولتۇرۇش . چىش قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە ، زوڭ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسە ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تېز كۆرۈلىدۇ .


ياسىنجان510 2014-03-29 22:15
بەكمۇ ئىھتىياجلىق ماتىريال  يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت ،سىناپ باقاي.

yaxar 2014-03-29 22:22
خاتىرجەم بولۇپ سىناپ بىقىڭ، چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ، ئاخشام مىنىڭ سىنىقىمدىن ئۆتتى

تارانچى 2014-03-29 22:34
yaxar:خاتىرجەم بولۇپ سىناپ بىقىڭ، چوقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ، ئاخشام مىنىڭ سىنىقىمدىن ئۆتتى (2014-03-29 22:22) 

قايسى رېتسىپ سىنىقىڭىزدىن ئۆتتى؟

yaxar 2014-03-29 22:37
توخۇ تۇخۇمى . بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنى قاچىغا چېقىپ ، ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق ئاق شېكەر ، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ ، كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ .

يۇقارقى رىتسىپ سىناقتىن ئۆتتى، قايتا قوزغالمىسىلا.

alga~nap 2014-03-30 02:19
ماۋۇ ئۇسۇللار بولۇپ قالىدىكەن. ئۈلۈشكۈن بىر ئوقۇغۇچۇم چىشىم ئاغرىۋاتىدۇ دەپ يېنىمغا كىرىپتىكەن. قولۇمدىن بىر ئىستاكان قايناق سۇ قويۇپ بېرىشتىن باشقىسى كەلمىدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ساۋاقداشلىرىم ئاغرىۋاتقان چىشىمغا ئىسپىرىتقا چىلانغان پاختىنى چىشلەتكۈزۈپ ھوشۇمدىن كەتكۈزۋەتكىنىنى ئۇنتىيالمايمەن.

ئەلدىيار 2014-03-30 22:55
چىش ئاغرىقىنى ھەقىقى ئاغرىق دىسە بولىدۇ.رەھمەت

مىېھرىما 2014-03-30 23:09
«چىش ئاغرىقىنى كىشى كۆرمەس ، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس »دېگەن ماقال بار .

ياشار مۇئەللىمنىڭ بۇ يوللانمىسىدىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۋالدىم رەھمەت سىزگە !!

ئەكبەرنىياز 2014-04-01 00:04
ئەسلىدە تىۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرىم بار دەڭ مۇدىر ، كۆپ رەھمەت ، ئەمدى بىزمۇ بىلىۋالدۇق !!!

ئاچچىقگۈل 2014-04-01 08:30
پۇل،ۋاقىت كەتمەيدىغان،ھەركىم سىناپ باقالايدىغان رېتسىپلار ئىكەن. رەھمەت.

tawpek 2014-04-01 23:08
ھەممىمىز مۇشۇنداق ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى يوللاپ ماڭساق ئۆزگىلەرنىڭ بىشىغا كەلگىنى بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگەندە قىينالمىغۇدەكمىز.

چىشىڭىزنىڭ ئاغرىغىنىمۇ ياخشى بولدىمۇ نىمە بىر ھىساپتا.

zulala2001 2014-05-23 12:21
ناھايتى  ياخشى ،ساقلاپ قويغۇدەك رىتسپلار ئىكەن .باش ئاغرىقىنىڭ  يوقمىدۇ؟  


查看完整版本: [-- چىش ئاغىرقىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled